بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
شارپا ئورايدىغان خانىم-قىزلار دىققەت چوڭ چاتاق چىقتى تىز كۆرۇڭ
-
شارپا ئورايدىغان خانىم-قىزلار دىققەت چوڭ چاتاق چىقتى تىز كۆرۇڭ
ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 4395 قېتىميانفوندا كۆرۈش
شارپا ئورايدىغان خانىم-قىزلار دىققەت چوڭ چاتاق چىقتى تىز كۆرۇڭ
قىش پەسلىدە سىز بوينىڭىزغا شارپا ئوراۋاتامسىز؟ئېسىڭىزدە بولسۇن شارپىنى بۇنداق ئورماڭ ،ھاياتىڭىزغا خەتىرى بار.
ھاۋانىڭ سوۋشىغا ئەگىشىپ،كۆپلىگەن كىشىلەر شارپا تاقاپ ئىسسىق ساقلاشقا باشلىدى.بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شارپا تاقاش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر يۈز بەردى.
20 نەچچە كۈن ئىلگىرى جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھرىدىكى جوۋ فامىللىك خانىم ،ئىسسىق ساقلاش ئۈچۈن تاقىغان شارپا تەرىپىدىن ئۆلۈپ كەتكىلى قىل قالدى.
جوۋ خانىم مەلۇم بىر شىركەتنىڭ سېخقا مەسۇل باشقۇرغۇچى خادىمى بولۇپ ،11-ئاينىڭ 3-كۈنى،ئۇ ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا سىرىتنىڭ سوغۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ،بوينىغا شارپا ئورىۋالغان،شارپا بىر ئاز ئۇزۇن بولغانلىقتىن قورساق قىسمىغا كەلگەن.سېختا ئىش قىلۋاتقان ۋاقىتتا ،ئويلىمغان يەردىن شارپا ھەركەتلىنىۋاتقان ماشىنا تەرپىدىن يۆگىلىپ قېلىپ،جوۋ خانىمنىڭ گېلى بوغلۇپ قالغان.خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن ،دوختۇرخانىغا ۋاختىدا ئاپىرلغانلىقى ئۈچۈن جېنى ئامان قالغان.
ئالدىنقى يىلى 10ياشلىق بىر قىز مەكتەپكە بېرىشى يولىدا،ئانىسى مىنگەن توكلۇق موتۇنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ،بوينىغا چەگكەن شارپىسى توكلۇق ھارۋىنىڭ چاقىغا كىرىپ قېلىش سەۋەبىدىن ،بويۇن ئومۇرتقىسى ئۈزلۈپ كىتىپ ئۆمۈرلۈك مىيىپقا ئايلىنىپ قالغان.
2014-يىلى بىر ئايال خىزمەتدېشىنىڭ موتۇسكىلتىغا ئولتۇرۇپ خىزمەتكە بېرىش يولىدا،شارپىسى موتۇسكىلىتنىڭ كەينى چاقىغا كىرىپ قېلىپ،موتۇسكىلىت ئۆرۈلۈپ ئىككىلى ئادەم يارلانغان.
2012-يىلى11-ئايدا، بىر كىچىك قىزچاق ،لىفىتقا چىققاندا ،شارپىسى لېفىت ئېغزىغا قىستۇرلۇپ قېلىپ،بوينى بۇغلاپ ھوشىدىن كەتكەن.
2012-يىلى 10-ئايدا ،ئۈچ چاقىلىق موتىسكىلىت ھەيدەيدىغان بىر بوۋاي ،بوينىغا ئورىغان شارپىسى موتىسكىلىت چاقىغا كىرىپ قېلىش سەۋەبى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان.
2011-يىلى 1-ئايدا شاڭخەيدە،بىر ئانا بالا شارپا موتۇنىڭ چاقىغا كىرىپ قېلىش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان.
2014-يىلى مەلۇم بىر يەسلىدە ،3ياشلىق بىر قىزنىڭ بوينىغا چەگكەن شارپىسى يىشلىپ كىتىپ،دەسسەپ سېلىش سەۋەبى بىلەن يىقلىپ چۈشۈپ، بوينى بوغلۇپ، قۇتقۇزۇشقا ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
ئەزىز قېرىنداشلىرىم كىچىككىنە شارپا بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە ئېغىر تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.تۇرمۇشىمىزدىكى كىچىككىنە ئىشلارغا سەل قارمايلى.
شۇڭا ئەزىز قېرىنداشلىرمىز شارپا چەگكەندە تۆۋەندىكلەرگە دىققەت قىلساق:
1. شارپىنىڭ بەك ئۇزۇننى تاقىماڭ. شارپىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ تۇرۇڭ.
2. شارپىنى گېلىڭىز بوغلۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە چىڭ چەگمەڭ.
3. ئەگەر كۈتۈلمىگەندە نەپىسىڭىز بوغۇلغاندەك ھېس قىلسىڭىز ،بىرىنچى بولۇپ شارپىنى بوشتۇڭ.
4. شارپىنى ھەرگىز ماسكا ئورنىدا ئىشلەتمەڭ.
شارپىدىن باشقا يەنە مۇنداق نەرسىلەرنىڭمۇ خەتىرى بار:
ئاياغ بوغقۇچ،ئۇزۇن ئىشتان،پەلەيگە چىگىلگەن ئۇزۇن يىپ،پوپچىكى با مايكا قاتارلىقلار.
ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كىيىم كەيدۈرگەندە تۆۋەندىكلەرگە دىققەت قىلساڭلا:
1. پوسمىنىڭ شوينىسى بارنى كەيدۇرمىسەڭلا ياكى شوينىسىنى ئۈزۋەتسەڭلا.
2. پەلەينىڭ شوينىسى بارنى كەيدۈرمىسەڭلا.
3. ئاياغنىڭ بوغقۇچىسىنى قىسقا ھەم چىڭ چىگىپ قويساڭلا.
مەنبە: قىززىقچى سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھۆرمەتلىنىش دەسمايىڭىزنى ئۆلچەپ بىقىڭ
2015-12-15 18:32:302973مايۈننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تۇرمۇش
2016-01-04 13:05:494139ئەرلەر نىمىشقا ئاشنىسى بىلەن توي قىلمايدۇ؟
2015-11-22 01:57:302452ئەرلەر تۆۋەندىكىدەك ئاياللارغا بەك كۆيۈنىدىكەن
2015-12-06 23:31:451972ئېرىڭىز ئەتراپىدىكى ئايال
2015-12-21 17:05:561965گىرىم بىلەن بۇرۇننى قاڭشارلىق كۆرسەتكىلى بولىدۇ
2016-01-20 14:26:332062ئاياللار ئەۋرەت تۈكلىرىدىن ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قى
2015-08-18 12:43:086555ياخشى قېينئانا -لاياقەتلىك كېلىن مۇناسىۋىتى تۇغر
2016-01-16 14:36:462065
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-