بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مايۈننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تۇرمۇش مىزانى
-
مايۈننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تۇرمۇش مىزانى
ۋاقتى: 2016-05-26 ئاۋاتلىقى: 4124 قېتىميانفوندا كۆرۈش
مايۈننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تۇرمۇش مىزانى
مايۈننىڭ ئايالى مۇنداق دېدى: مايۈن ئىككىمىز ساۋاقداش، بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا توي قىلدۇق. مايۈن ئۇنچە كېلىشكەن ئەرلەردىن ئەمەس، لېكىن مەن ئۇنى نۇرغۇنلىغان كېلىشكەن ئەرلەر قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ دەپ قارايتىم. دەرۋەقە، مىنىڭ قارىشىم خاتا چىقمىدى، ئۇ تاۋباۋنى قۇردى، ئېنتېرنىت تورى ساھەسىدە مۆجىزە يارىتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىگىلىك تىكلەش نەمۇنىچىسى بولدى، كۆپچىلىك ئۇنى « ئىگىلىك تىكلەش ئۇستازى» دەپ ئاتاشقاندا،شۇنچىلىك پەخىرلىنىپ كېتىمەن.
ھەممە ئادەم «مۇۋەپپەققىيەت قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا ئېسىل بىر ئايال بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. قانداق ئايال «ئېسىل ئايال » ھېسابلىنىدۇ دېگەندە، مىنىڭچە پاراسەتلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، ئېرىنىڭ ئىشلىرىغا ھەمدەم بولىدىغان، ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەيدىغان ئايال « ئېسل ئايال » ھېسابلىنىدۇ.
ئانام مىنىڭ تويۇم بولىدىغان كۈنى ماڭا مۇنداق دېگەن: « قىزىم، بۈگۈن سەن ياتلىق بولىسەن، مەن ساڭا موماڭ ئەينى چاغدا ماڭا تاپىلىغان گەپلەرنى ساڭىمۇ تاپىلاي:
1. ئېسىڭدە بولسۇنكى، سەن باشقىلارغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ھەم خوتۇن ھەم ئانا بولىسەن، بۇرۇنقىدەك ئەركىن يۈرىدىغان ۋاقتىڭ كېتىدۇ، ياتلىق بولغان ئىكەنسەن، ئىرىڭنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەش، ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ۋەزىپىسى زىممەڭدە بولىدۇ.
2. شۇنىسى قەتئىي ئېسىڭدە بولسۇنكى، ئىرىڭىنى ياخشى كۆرىمەن دېسەڭ، چوقۇم ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىنىمۇ ياخشى كۆرۈشۈڭ كېرەك. ئېرىڭنىڭ ئاتا- ئانىسى بولمىسا سەن ياخشى كۆرگەن، سېنى كۆيدۈرگەن شۇ ئەر ساڭا نەدە تۇرۇپتۇ؟ قىيىن ئاناڭنىڭ ساڭا بولغان مۇئامىلىسىنى بىزنىڭ ساڭا بولغان مۇئامىلىمىزگە سىلىشتۇرمىغىن.
3. ئىرىڭگە ئالاكۆڭۈللۈك قىلما، ئۇنىڭ تاپقانلىرىنى بۇزۇپ چاچما. ئەر كىشى دېگەن ھەممە ئىشنى ساڭادەپ ئولتۇرمايدۇ، شۇڭا سەن ئۇنى بىلىشىم كېرەك، دەپ بەك زورىقىپ كىرىشىۋالما.
4. ئېسىڭدە بولسۇنكى، ئېرىڭنى باشقۇرىمەن دېسەڭ، ئۇ ئاغزىدا ساڭا ئىتائەت قىلغان بولۇپ ئۆز ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ، ئۇنىڭغا كۆيۈنسەڭ كۆڭلىنى ئۇتالايسەن. شۇڭا ئۇنى ھە دېسىلا باشقۇرىمەن دەپ ئويلا.
5. ئېرىڭنى ئۆزگەرتىمەن دېمەي، ئۇنىڭغا تەسىركۆرسەت. ئەر كىشى ئەسلىدىنلا ھورۇن كېلىدۇ ۋە ئانچە پاكىز بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇئۆيگە كەلگەندە ھەمىشە ئۇنى- بۇنى قىلىپ بېرىڭ، دەپ، ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارغائاۋارە قىلىساڭ، ئۇ خىزمەتتە زېھنىنى يىغالمايدۇ، بېسىمى ئارتىپ كېتىدۇ.
6. ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە سەنمۇ ئۆيدە بول، ئۇ ئۆيگە سېنى كۆرۈش، ئاۋازىڭنى ئاڭلاش، سەن بىلەن مۇڭدىشىش ئۈچۈن كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ سېنىڭ كوتۇلداشلىرىڭنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلمەيدۇ.
7. سەن ئۆز گۇمانىڭغا ئىشنىپ يۈرمە. بەزى ئىشلار سەن تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدەك بولۇشى ناتايىن، سەن ئەر كىشىگە گۇمانىڭ بويىچىلا گەپ قىلساڭ، ئۇنىڭغا ئېغىر زەربە بەرگەن بولىسەن، ھەم ئۆزۈڭگە ئىشەنمىگەن بولىسەن.
8. ئايال كىشى ھەرقانداق ئەھۋالدا ئەر كىشىگە قوپال تەگمەسلىكى كېرەك، ئەگەر قوپال تەگسەڭ، ئۇساڭا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنچىلىق قىلمايدۇ. ئىرىڭدىن ئاغرىنىپ يۈرمە، ئۇنى ھاقارەتلەيدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلما. ئاغرىنىش سېنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىشلەردىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ، ھاقارەت قىلىش ئەر كىشىنى سەندىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ.
9. مۇھەببەت ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ، شۇڭا ئىرىڭنى ئىلكىمگە ئېلىۋالىمەن دەپ ئويلىما. ئۇنداق قىلىشتىن كۆرە ئۇنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشقا تېرىشقىن. ئەر كىشى مال- دۇنيا ئۈچۈنلا ياشىمايدۇ، ئۇنىڭغا مال-دۇنيادىنمۇ بەكرەك ئابروي مۇھىم. پەزىلەتلىك ئېسىل ئاياللارنىڭ تەسىرى ئۈچ ئەۋلاد داۋاملىشىدۇ، ناچار ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ھېچقاچان تېنچ ئۆتكەن ئەمەس. بۇلارنى ھەرگىزمۇ ئېسىڭدىن چىقارما !
مېنىڭچە يۇقارقى 9 ئىشقا دىققەت قىلالىغان ئايال كىشى ئېرىنى ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت يولىغاباشلىيالايدۇ.
ئىزدەن سالونىدىن ئىلىندىتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دالانچە چوڭ بەز ياللۇغى دېگەن نېمە؟
2015-11-10 03:13:541494ئېرىڭىز ئەتراپىدىكى ئايال
2015-12-21 17:05:561954كۆك چاينىڭ ئاياللارغا ۋە تېرىگە بولغان شىپالىق ر
2016-01-18 17:14:221727دىققەت! ئەرئاياللارنىڭ ئاسانلا سىرتقا قاراپ قېلى
2016-01-29 18:14:384042ماتكىنىڭ نېمە ئىقتىدارى بار؟ ئۇ قانداق شەكىللەنگ
2015-10-04 23:28:393068ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ئۈزۈك سالدۇرسا
2015-08-12 16:46:154123ھاياتىڭىزنى مۇشۇنداق ئەرگە تاپشۇرۇڭ
2015-12-15 13:09:223253ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ؟
2016-03-08 14:06:454154
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-