ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ئۈزۈك سالدۇرسا

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ئۈزۈك سالدۇرسا

ۋاقتى: 2016-08-01 ئاۋاتلىقى: 4125 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۈزۈك سالدۇرۇش ئادەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى، شۇنداقلا بىر خىل كىچىك ئوپىراتسىيە ھېساپلىنىدۇ. ئوپىراتسىيە بولغانىكەن ، ئۆزنۆۋىتىدە يەنە ئەكىس تەسىرلىرى ، قوشۇمچە تەسىرلىرى بولىدۇ، ئەمما سىز دىگەندەك ھەممىلا ئايال كىشىنىڭ كىسەلچان بولۇپ قېلىشى ناتايىن. ئۈزۈكنىڭ ئەكىس تەسىرى ۋە قوشۇمچە تەسىرلىرى:ئادەتنىڭ قالايمىقان بولۇشى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەكىس تەسىرىدۇر . ئادەت كېلىدىغان كۈنلەر ئۇزىراپ، ئىككى قېتىمقى ئادەتنىڭ ئارىلىقى قىسقىرايدۇ، ياكى بولمىسا قالايمىقان خۇن كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۈزۈك سالدۇرۇپ يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپرەك بولىدۇ .بەزىلەردە ئېغىرراق، بەزىلەردە يېنىكرەك، ھەتتا بەزىلەردە ھىچقانداق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن.شۇڭا بۇنىڭدىن جىددىلىشىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بارا- بارا ئوڭلىنىپ قالىدۇ، ئەگەر ئېغىرراق بولسا ئېلىۋەتسىلا بولىدۇ.باشقا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى:1- گاندون: بۇ ئەرلەر قوللىنىدىغان ئۇسۇل، ھەر قېتىمقى جىنسى ئالاقىدە توغرا ئىشلىتىلسە ھامىلدارلىقتىن ساقلاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ،ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ھەر خىل جىنسى يۇقۇملۇق كىسەللەر بولۇپمۇ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشىنى ئۈنۈملۈك توساش(جىنسى ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش يولىنى )رولى بار.ئاياللىرىدا بالىياتقۇ بوينى يارا بولغانلار بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.2- ئاياللار سىرتتىن ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلاش دورىلىرى: مەسىلەن ھامىلدارلىقتىن ساقلاش پەردىسى، شامچىسى قاتارلىقلار. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئايال كىشى ھەر قېتىمقى ئالاقىدىن 5مىنىت بۇرۇن جىنسى يولغا سېلىۋالسا بولىدۇ،ئەمما ھامىلدارلىقتىن ساقلاش ئۈنۈمى بەك يۇقىرى ئەمەس.3- ئىچىدىغان دورىلار: قىسقا ئۈنۈملۈك دورا (كۈنلۈك دورا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك دورا دورا، ياكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئوكۇل قاتارلىقلار. بۇ خىل ئۇسۇلدا ھامىلدارل؛ىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمى بەك يۇقىرى بولسىمۇ ئەمما دورا توختىتىپ يەنە يېرىم يىلغىچە ھامىلدار بولۇشقا بولمايدۇ. دورا توختىتىپلا ھامىلدار بولساھامىلىنىڭ غەيرى تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ ئەكس تەسىرلىرىنىمۇ تولۇق كۆزدە تۇتۇش كېرەك. شۇڭا، بۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلمايمىز، پەقەت ئىلاج بولمىغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

4. ئۇنىڭدىن باشقا سىز تىلغا ئالغان تەبىئىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىمۇ بار . بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئىشەنچلىك بولۇش دەرىجىسى بىرقەدەر تۆۋەن، ھېساپلاش سەل قىيىن بولغاچقا ئادەتتە كۆپ ئەھۋالدا تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. كونكىرت ھېساپلاش ئۇسۇلى مۇنداق: ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش كۈنى كېلەر قېتىم كەلمەكچى بولغان ھەيىز كۈنىدىن 14 كۈن ئىلگىرىكى پەيتكە توغرا كېلىدۇ. يەنى كېلەر قېتىم كەلمەكچى بولغان ھەيىز كۈنىدىن كەينىگە 14 كۈن قايتۇرۇپ ھېسابلىساق ياكى 14 نى ئېلىۋەتسەك ، قايسى كۈنى تۇخۇم ئاجرىلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىشقا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، ئاجرىلىپ چىققان تۇخۇم 3 كۈنگىچە ئىسپىرما بىلەن بىرىكىش پۇرسىتىگە ئېرىشسە ھامىلە پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇنداق بىر قانچە نۇقتا بار:

1. ھەيىز دەۋرىنى چوقۇم توغرا ئىگىلەش كېرەك. ھەيىز دەۋرى مۇقىم - نورمال بولغان ئاياللارغا باب كېلىدۇ. ھەيىز دەۋرى قالايمىقان ياكى نىسبىي مۇقىم ئەمەسلەر ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇل خەتەرلىك ( كۈتمىگەن ھامىلىدارلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن ) .2. تۇخۇم ئاجرىلىش پەيتىنى توغرا ھېسابلاش كېرەك. يۇقىرىدا ھېسابلاش ئۇسۇلىنى دەپ ئۆتتۈق. مەسىلەن: بىر ئايالنىڭ ھەيىز دەۋرى مۇقىم 28 كۈن بولسا، بۇ ئايال 3- ئاينىڭ 1- كۈنى ھەيىز كۆرگەن بولسا، كېلەر قېتىملىق ھەيىز كېلىش كۈنى ( 2+28 ) 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى بولغان بولىدۇ. تۇخۇم ئاجرىلىش كۈنى بولسا ( 14 - 30 ) 3- ئاينىڭ 16 - كۈنى بولغان بولىدۇ. مۇشۇ كۈننىڭ ئالدىدىكى 5 كۈن ۋە كەينىدىكى 4 كۈن ئادەتتە خەتەرلىك مەزگىل ( مۇشۇ مەزگىلدە بىرگە بولغاندا ھامىلىدار بولۇپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى ) دەپ قارىلىدۇ. يەنى 3- ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە بىرگە بولماسلىق لازىم.3. ئادەتتە ھەيىز كۈنىگە قانچىكى يېقىن بولغان كۈنلەر شۇنچە بىخەتەر كۈنلەر دەپ قارىلىدۇ. يەنى ھەيىزدىن كېيىنكى 3 كۈن ۋە ھەيىز كېلىشتىن ئاۋالقى 5 كۈن.لىكىن تۇخۇم ئاجرىلىش ۋاقتىنىڭ تۇراقلىق بولۇشى ناتايىن . بالدۇر بولىشى ياكى كىيىن بولىشىمۇ مۇمكىن( بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ۋە ساقلىق ئەھۋاللىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ ) .بەزى ئاياللار 22-23 كۈندە بىر ئادەت كۆرسە بەزى ئاياللار 35-40 كۈندە بىر كۆرۈش مۇمكىن. شۇڭا تۇخۇم ئاجرىتىش ۋاختىنى ئۆزىنىڭ ئادەت كۆرۈش دەۋرىگە ئاساسەن بىكىتسە بولىدۇ.

بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى