ئەرلەر نىمىشقا ئاشنىسى بىلەن توي قىلمايدۇ؟
-
ئەرلەر نىمىشقا ئاشنىسى بىلەن توي قىلمايدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-06 ئاۋاتلىقى: 2451 قېتىميانفوندا كۆرۈش
1. ئاشنىسى ھەر قانچە مۇنەۋۋەر، چىرايلىق بولسىمۇ، يولدىن چىققان ئەرلەرگە ئاش بولمايدۇ. ئاشنا بولۇشقا مەلۇم مەبلەغ كېتىدۇ، چىرايلىق بولۇشى ياكى ئەقىللىق، قابلىيەتلىك بولۇشى ۋە ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك، ئەمما ئۇلار تاپتىن چىققان ئەرلەرگە ئاش بولۇشى ناتايىن، ئۇلار پەقەت تاپتىن چىققان ئەرلەرنىڭ نىكاھتىن سىرتقى تەم تەڭشىگۈچى، كۆڭلىنى خۇش قىلىشقا ئىشلىتىدىغان ئۇششاق يېمەكلىكى، خالاس. 3-شەخىسلەر قېرىپ ھالىدىن كەتكەندە، ياشلىق باھارىنى يوقاتقان ئاشۇ كۈندە ھەقىقىي ئايالغا ئايلىنىدۇ. تاپتىن چىققان ئەرلەر ئاشنىسىنى ھەرگىزمۇ خوتۇنىدەك مۇھىم ئورۇنغا قويمايدۇ.
2. خوتۇنى ھەر قانچە قېرىپ، سەتلىشىپ كەتسىمۇ، يەنىلا ياخشى ھېسابلىنىدۇ. ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ئەرلەنىڭ كۆپىنچىسى خوتۇنى سەۋەبلىك تاپتىن چىقىدۇ، ئۇلار بىر بولسا ئېرىگە پەرۋا قىلمايدۇ ياكى ئۆزىنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، لېكىن تاپتىن چىققان ئەرلەنىڭ كۆڭلىگە شۇنىسى ئايانكى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئاشۇ ۋاپادار خوتۇنى بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئىشلىرى ئۇنداق روناق تاپالمايدۇ، ئۇ خوتۇنىغا ئاسىيلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، كۆڭلىدە يەنىلا ئازاب ۋە ناماقۇللۇق مەۋجۇت بولىدۇ. خوتۇنى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ئېرىگە ھەرقانچە يولسىزلىق قىلسىمۇ، ئېرىنى سىرتقا ئىتتىرسىمۇ، كۆپلىگەن ئەرلەر يەنىلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە نىكاھتا يەنىلا ئەسلىي جورىسى ياخشى.
3. قەلبىدە ھېيىقىش بولىدۇ، ئاجىرىشىش كەسىپ، ئىستىقبالغا زور زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇ خىل سەۋەب ئوبيېكتىپ بولسىمۇ، ئەرلەر تاپتىن چىققاندىن كېيىن قەلبىدە ھېيىقىش بولىدۇ. ئۇلار نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ ئىشلىرىغا توسالغۇ بولۇشىدىن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەيىبلىشىدىن، ئىستىقبالىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. 3-شەخسلەر ئۇلارنى تار يولدا قىستاپ، ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئارىغا قىستۇرۇلماقچى بولغاندىمۇ، ئۇلار يەنىلا قايتا-قايتا ئويلىنىپ ئىش كۆرىدۇ، ئاسانلىقچە خاتا قەدەم ئالمايدۇ. 3-شەخىسلەر ئەرلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۇنىڭ ئىستىقبالىدىكى پۇتلىكاشاڭغا ئايلانسا، ئۇلار قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنى تۇرمۇشىدىن سىقىپ چىقىرىۋېتىدۇ.
4. تاپتىن چىققان ئەرلەر ئاشنىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ناھايىتى ئېنىق ئايرىيدۇ، ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشۈپ قالغان تەقدىردىمۇ، نىكاھنىڭ ئۇلىنى سالمايدۇ. تاپتىن چىققان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاۋۋال 3-شەخسىنىڭ تەقى-تۇرقىغا مەستانە بولىدۇ، كېيىن ئۇلار ئارىسىدا مەلۇم ھېسسىيات شەكىللىنىشى مۇمكىن، لېكىن بۇنداق ئەرلەر بۇ خىل ھېسسىياتقا مەڭگۈ مەلۈم مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئارلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.
5. خوتۇندىن كۆڭلى سوۋۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، تاپتىن چىققان ئەرلەر پەرزەنىت ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ. تاپتىن چىققان ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى: «ئاياللار باشقىلارغا تەۋە بولسا بولىدۇ، لېكىن بالا مەڭگۈ مېنىڭ » دەپ قارايدۇ.
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
2014-11-07 01:03:1134459بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-12-06 13:58:5912267شەيتان ئازدۇرغان ئايال‹توي قىلغان ئاياللارغا
2015-10-25 16:35:332833زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (12)
2014-11-16 14:29:461850ئەرلەرنى ھەقىقىي مەھلىيا قىلىدىغىنى بۇ 8 خىل ئاي
2015-12-29 18:11:512662ئوخشىمىغان ياشتىكى ئەرلەر زوقلىنىدىغان ئاياللارم
2016-01-01 15:56:242426زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (10)
2014-11-16 14:26:551569قىز-يىگىتلەرنىڭ ئايرىلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى
2015-12-21 16:12:272610
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-