ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (10)

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (10)

ۋاقتى: 2016-08-18 ئاۋاتلىقى: 1575 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سۇبات ھېچقاچان سېنى بۈگۈنكىدەك سېغىنمىغان بولغىيتتىم ؟بىلەمسەن مەن ئەرلەرگە بەك ئۆچ بوپ كەتتىم .قولۇمدىن كەلسە ئەشۇ پەسكەش شەخسىيەتچى ئەرلەرنى مەڭگۈ كۆرمىسەم ، ئەمەلگە ئامراق بۇ تەخسىكەشنى بىر يەرگەئەمىلىنى ئۆستۈرۈپ ئەكەتسىمۇ مەيلىتى ، مەن ئۈچۈن بەرىبىر كۆزۈم كۆرمىسىلا ،ئۆزۈمنى خاپىلىقتىن ئېلىپ قاچقانسېرى خۇددى خوتۇن كىشىدەك مەن بىلەنلا ئېيتىشىپ ئارم بەرمەيدۇ ، ئالدىمدا قىلغان ئىشلىرىمدىن قۇسۇر ئىزدىسە يوق يېرىمدە تىنماي غەيۋىتىمنى قىلىدۇ .« يوغانچى ،» دەپ بېرىپتۇ .بۇنداق دېگنىدىنغۇ رەنقىمىدىم «سۇيۇق ، شالتاق » بولغاندىن بۇنداق لاتا كۇسكۇس غۇرۇرىنى ئىشت يەپ كەتكەن ئېتىقادسىز ئەرلەرگە يوغانچىلىق قىلغان ئەلۋەتتە توغرا ،شۇنداققۇ ؟! بۈگۈن غەزىۋىم پەلەككە يېتىپتىكەن ،بىكاردىنلا ئەتتىگەندە كوچا خوتۇنلىرىدەك ۋاتىلدىغانتى ، مىجەزىمگە ماس كەلمىگەن ھالدا ھازازۇل خوتۇنلاردەك جاۋىلداپ يىغلاپ سۆزلەپ ، قىلمىشلىرىنى بىر ئاشكارىلاپتىكەنمەن ، ئاغزىم ئېچىلىپتۇ كۆزۈم يۇمۇلۇپتۇ … سۆزلەپتىمەنكى ئىچىم بوشاپ يەڭگىللەپ قاپتىمەن . نەچچە ۋاقتىن نومۇس قىلىپ ،گەپ قىلمىسام مېنى بەك گۇمۇش كۆرگەن چېغى مانا ئەمدى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئالدىمدا پاي-پېتەك بوپ كەتتى .توۋا ھازىر نېمىشكە ئارلەر جىق ئەركەكلەر ئاز قالدى ؟ ئاشۇنداق زەيپانە ئەرلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئاياللىرىمىزنىڭ كۈنى قانداق بولار ؟ شۇڭا ئاياللىرىمىز كوچىغا چىقىپ كېتىۋاتمامدۇ ؟! ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرگەن بولساممۇ يەنىلا ناھەق خاپىلىققا ئۇچرىغىنىم ئۈچۈن قەلبىم ئازار يىدى . ئىشخانىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ ئۈمچىيىپ يىغلىدىم .سەن يېنىمدا بولغان بولساڭ مەن مۇشۇنداق بولارمىدىم ؟ مېنى ئېرى يوق تۇل خوتۇن دەپ تومۇرۇمنى تۇتۇپ باقماقچىمىكىنە ؟ توۋا مەن ئۇنداق ئەرلەردىن ئوننى ئەكەپ بەرسىمۇ سېنىڭ ئېلىۋەتكەن تىرنىقىڭغا تەڭ قىلمايمەن سۇبات ! ئەگەر سەن يېنىمدا بولغان بولسام بۇنداق ناھەقچىلىككە يولۇققۇنىمنى بىلسەڭ ماڭا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۈگىتەتتىڭ ھەمدە چولپان سېنىڭ يېنىڭدا مەنلا بولىدىكەنمەن ھېچكىم سېنى تاك ئېتىپ چېكەلمەيدۇ ،كۆز يېشىڭنى سۈرتۈپ سېلىقى كۈلكەڭنى كۈلىۋېتە ؟!_دەپ مېنى كۈلدۈرەتتىڭ .مەن سېنىڭ مۈرەڭنى نۇقۇپ تۇرۇپ :_پوچى دەپ ئەركىلەپ كۈلەتتىم ،كۈلەتتىم .يەنە كۈلەتتىم ….!
خاتىرىلەرنى ئوقۇپ مۇشۇ بەتلىرىگە كەلگەندە قۇلۇغۇمغا مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى .چۈچۈپ سائىتىمگە قارىدىم .3تى 15 مىنۇت ئۆتۈپتۇ .شۇ چاغدىلا كۆزلىرىمنىڭ قۇم قۇيغاندەك چىڭقىلىپ ئىچىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم ،خاتىرەمنى تاتمامغا سېلىپ قويۇپ ،بامدات نامىزىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئورنىمدىن تۇردۇم .
بۈگۈن شەنبە ئەتىگەندە ئۇيقۇمغا قېنىپ تۇرۇپ گۈلنىگارنى يۇيۇپ بولۇپ، تالادا ئوينىغىلى چىقىرىۋېتىپ، ئۆيلەرنى بىرەر قۇر تازىلاپتىمەن. ئەمدى كىر – قاتلارنى يۇيۇش ئۈچۈن، كىرئالغۇنىڭ قېشىغا كېلىشىمگە تېلېفونۇم جىرىڭلىدى.
_ ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم؟
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھەدە تېچلىقمۇ؟ – بۇ سىڭلىمنىڭ ئاۋازى ئىدى.
_ ئاللاغا شۈكرى ، ئۆزۈڭچۇ؟
- مەنمۇ ياخشى، ھەدە نېمە قىلىۋاتىسەن؟
_ ئەتىگەندە ئۆيلەرنى بىرەر قۇر تازىلاپتىمەن، گۈلنىگارنى يۇيۇپتىمەن، ئەمدى كىر يۇيۇش ئۈچۈن كىرئالغۇنىڭ يېنىغا كېلىشىمتى، سەنچۇ؟
_ ئاخشام، 12 گە ( 3 – سېمىنىغا ) چىققانىدىم، چۈشلۈك تاماق ئېتىش پەقەت خۇشياقمىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلشاتمۇ بىر ئاغىنىسىنىڭ تويىغا قارشىمەن دەپ ئەتتىگەنلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . چېھرايغا تېلېفون قىلسام ئۇمۇ تېخى تاماققا تەمشەلمەپتۇ،ئۇنىڭ يولدىشىمۇ بۈگۈن سىمىنا قوشۇپ ئىلەپ چۈشتە قايتمايدىكەن ، بالىلارنى ئېلىپ تېز تاماقخانىغا بېرىپ كۆڭلىمىز تارتقان تاماقلاردىن ئېغىز تەگكەچ بىرەردەم مۇڭدىشىپ كېلەيلىمىكىن ، دەپ ساڭا تېلېفون قىلىشىمتى.
_ بۇ پىلانىڭلار ماڭىمۇ خۇش ياقتى، نەگە بارىمىز؟
- مارسقا بارايلى، شۇ يەرنىڭ تامىقى ياخشى.
_ بولىدۇ، شۇ يەردە ئۇچرىشامدۇق؟!
_ ھەئە، سائەت 12 گە ئۈلگۈرۈپ، خاننى ئېلىپ بارغىن.
مەن سىڭلىم چىنارنىڭ تېلېفونىنى قويۇپ بولۇپ، سائەتكە قارىسام نەق 11 بوپتۇ، كىرلەرنى كەچتە يۇيۇپ، ھازىر يۇيۇنۇۋېلىشنى توغرا تاپتىم. ئۆزۈم يۇيۇنۇپ بولۇپ، گۈلنىگارنى چاقىرىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدىم. قىزىم كىيىملىرىنى كىيگەچ توختىماي سۇئال سورايتتى:
_ ئاپا نەگە بارىمىز؟ باغچىغىمۇ؟
_ ياق قىزىم، چىنار ئاپىڭىز، چېھراي ئاپىڭىز، مېھراي، زىھناي ھەدىلىرىڭىز بىلەن رېستورانغا تاماق يېگىلى بارىمىز.
_ پاھ، مەن مېھراي ھەدەم بىلەن ئوينايمەن، زېھناي ھەدەم بىلەن ئوينىمايمەن. . . ! – دېدى گۈلنىگار كىيىم كىيگەچ.
_ نېمىشكە؟ ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش نەۋرە ھەدىلىرىڭىزغۇ؟ ئۇلار سىزگە بەك ئامراققۇ؟
- شۇ زېھناي ھەدەم مېنى كۆرسىلا چېچىمنى تاراپ قويىمەن دەپ ئاغىرتىۋېتىدىكەن. . . سىز دەپ قويۇڭە، بۈگۈن ئۇنداق قىلمىسۇن!
_ بولىدۇ، ئۇماق قوزام، سىزنىڭ چېچىڭىز بۈدرە، چىرايلىق بولغاچقا سىزگە ئامراقلىق قىلىپ، سىزنى ياساپ قويغۇسى كېلىدىكەن. بولىدۇ، مەن دەپ قوياي.
بىز ئانا – بالا ئىككىمىز شۇنداق پاراڭلاشقاچ جابدۇنۋاتساق،ئىشىكىم يېنىك چېكىلدى. ئىشىكنى ئاچسام ئۇدۇل قوشنام مەرەمنىسا ھاجىم.
_ ھە، كېلىڭ، ھاجىم!
_ بىر يەرگە جابدۇنغانمۇ نېمە؟ – دېدى ھاجىم بىزگە قاراپ.
_ ھە، سىڭىللىرىم بىلەن چۈشلۈك تاماققا سىرتقا چىقماقچىتۇق، شۇڭا. . .
_ قاچان كېلەرسىز؟
_ قانداق بىرەر ئىش بارمىتى؟
_ بۈگۈن پىشىن نامىزىدىن كېيىن ئۆيۈمدە خەتمە ئۆتكۈزەي دەپ بۈۋۈملەرنى چاقىرىپ قويغانىتىم، شۇڭا سىزنىمۇ قاتنىشىپ بېرەمدىكىن دەپ كىرىشىمتى.
__ ۋاي خۇدا بۇنداق ساۋابلىق ئىشقا قاتناشمامدىغان، مەن تاماقنى يەپ بولۇپلا، ھايال بولمايلا كېلىمەن، ئاندىن كىرەي.
قوشنامنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ، قىزىم بىلەن رېستورانغا ماڭدىم. تاماق ئۈستىلىگە كۆڭلىمىز تارتقان نەچچە خىل غىزالاردىن بۇيرۇتۇپ، يەپ بولغاندىن كېيىن، قىزىم سىڭىللىرىمنىڭ قىزلىرى بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ كەتتى. بىز ئاچا – سىڭىللار ئۇ ياق – بۇياقتىن پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق.
_ ھەدە، ھېلىقى سەن بىلەن ئارىلىشىدىغان روشەن ھەدەم نېمە بولۇپ كەتتى؟ – دېدى چىنار قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ.
_ نېمە بولۇپ كېتىپتۇ؟
_ تۈنۈگۈن بانكىت چېيىمىز بار ئىدى. رېستورانغا بارغان، قارىساق ئۇ شۇنداق چاكىنا كىيىۋاپتۇ، تانسا باشلىنار – باشلانماستىن سىرتلىقمىكىن، كۆرمىگەنلا بىر ئەر بىلەن تانسا ئويناۋاتىدۇ، مەستلىكىدىن پۇتلىرىنى ئاران -ئاران يۆتكەيدۇ- ھە؟ ! ئىسىت، ئايدەك چىرايى بىلەن كۆزەمگە پوقتەك كۆرۈنۈپ كەتتى، يېشى 30 دىن ئاشقان ئايالمۇ شۇنداق سەتلىشەمدۇ؟ «ئۇنىڭ ئېرى گەپ قىلمامدىكىنا؟’ دەپ ئەتراپتىكىلەر لەنەت ئوقۇپ كەتتى.
_ چىنار ھەدە، سەن تېخى بىلمەمسەن؟ ھازىر ئۇ دېگەن ئادەتتىكى ئىشلار بولۇپ قاپتۇ، ئۆتكەندە بىزنىڭ سېختىكى بىر سەتەڭ ئاچاشمۇ دوستلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ تازا ئىچىشىپ مەس بولۇپ قاپتۇ. دوستلىرى بىر تاكسىنى توسۇپ، سېلىپ قويۇپتۇ. ئۇ تاكسىغا چىقىپلا ئۇخلاپ قاپتۇ. تاكسى شوپۇرى خەنزۇ بولغاچقا ئۇ ئويغىتالماي، نەگە ئاپىرىشىنى بىلەلمەي، ئۇدۇل ساقچىخانىغا ئاپىرىپتۇ. ئۇيغۇر ساقچىلار ئۇ ئايالنى تونۇپ، ئېرىگە تېلېفون قىپتىكەن. ئېرى كېلىپ ئايالىنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئاچاش بۇ گەپنى« قىزىق ئىش بولدى » دەپ سېمىنىدىكىلەرگە سۆزلەپ بەرگەنتى، مەن ھەيران بولۇپ:
« ئېرىڭىز ئۆيگە بېرىپ سىزدىن رەنجىمىدىمۇ؟» – دېسەم، « شۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنىدىم، ئېرىم ئەتىسى مەندىن ئەپۇ سورىدى. – دەيدۇ.
_ ئۇ نېمىگە ئەپۇ سورىدى ؟ – دېسەم _ ئېرىم 15 مىڭ يۈەن پۇلنى قىمارغا ئۇتتۇرۋېتىپتىكەن مەن شۇنىڭغا يامانلاپ چىقىپ جىق ئىچىۋاپتىمەن ، ئۇ بۇندىن كېيىن قىمار ئوينىمايمەن دەپ ئەپۇ سورىدى – دەيدۇ. » سېخىمىزدىكى بەزىلەر:
« ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ » دېگەندەك ئېرىڭىزنى تازا جايلاپسىز، جايىدا ئۆچ ئاپسىز! دەپ قۇۋۋەتلىدى.
_ ھەدە، مەرۋان ھەدەممۇ بەك ئېشىپ كەتتى جۇمۇ، ئىشلەۋاتقاندۇ، يېغىنلاردىمۇ قولىدىن تېلېفون چۈشۈرمەيدۇ، كىچىك قىزلاردەك، ئۇچۇر يوللاپلا ئولتۇرغان ،ئېرى تۇرۇپ كىچىك بالىلار بىلەنمۇ ئارىلىشىۋېرىدىكەن دېسە؟!
_ جېنىم سىڭىللىرىم، ئاخبارات يەتكۈزۈش يىغىنىغا چاقىرىلغاندەك سۆزلەپلا كەتتىڭلارغۇ؟ خەقنىڭ گېپىنى قىلمىساق ئۆزۈمىزنىڭ مۇڭى يوقمىدى؟ خەقنى قويۇپ ئۆزىمىز توغرىسىدا مۇڭدىشايلى . – دېدىم تېرىككەندەك تەلەپپۇزدا.
__ « كالىنىڭ مۆڭگۈزىگە ئۇرسا تۇيىقى سىرقىرايدۇ ‘ دېگەندەك دوستلىرىڭنىڭ گېپىنى قىلىپ قويساق ھەجەپ تېرىكىپ كەتتىڭ! ئۇنچىۋالا رەنجىگىدەك سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولمىساڭ!
__ جېنىم .ئۇكام، ئۇلارنىڭ گېپىنى قىلغانغا ئەمەس، باشقىلارنىڭ گېپىنى قىلىپ نېمە قىلارمىز دەيمەنغۇ؟ ھازىر مەنمۇ ئۇلارغا ئانچە ئارىلاشمايمەن. – دېدىم ئىچىم ئاچچىق بولۇپ. قول تېلېفونوم سايرىدى. ئالسام قوشنام ئىكەن.
_ بۈگۈن مەرەمنىساخان ھاجىمنىڭ ئۆيىدە خەتمە بار ئىدى، مەن قارىشىپ بەرمەكچى ئىدىم، مەن قايتاي دېدىم ، ئۇلاردىن ھوزۇر سوراپ.
_ يائاللاھ، ئەمدى بىر جەم بولغاندا، ھەدە سەن پەقەت بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالدىڭ جۇمۇ؟ ئەمدى ئۇ ھاجىمغا ئەگىشىپ بۈۋۈم بولۇپ كەتمە يەنە ! – دېدى چىنار كىنايە قىلىپ.
- ۋاي، ئۇكام ھاجىمغا ئەگىشىپ بۈۋۈم بولسام تېخى ياخشى ئەمەسمۇ؟ – دېدىم جىددىي ھالدا.
_ ۋاي، مەن شۇ ھاجىملارغا ئۆچ، ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ يەنە ھەممە گۇنالىق ئىشلارنى شۇلار قىلغان ! ئۇنىڭدىن بىزدەك ناماز ئوقۇمىسىمۇ يامانلىق ئويلىمايدىغانلار ياخشى!
- بولدى، بىلمەي تۇرۇپ ئاغزىڭغا كەلگەنچە بىلجىرلىما ! مەن قىزىمنى چاقىرىشىمغا قىزلار چۇقۇرۇشۇپ ھەممىسى كىرىشتى.
- ئاپا، مەن يەنە بىردەم ئوينايچۇ؟ – گۈلنىگار ماڭا يېلىنغان ھالدا ئەركىلىدى.
_ ھەدە، سەن كېتىۋەر، گۈلنىگار بىز بىلەن قالسۇن! ھەدىلىرى بىلەن ئوينىۋالسۇن، ئەتە ئاپىرىپ قويايلى – دېدى چىنار.
_ ئاپا، ماقۇل دەڭە؟ بولمىسا مەن يەنە سىزنى كىتاب ئوقۇغۇزماي، خەت يازغۇزماي خاپا قىلىپ سالىدىكەنمەن ؟ ! – گلنىگارنىڭ تاتلىق گەپلىرىگە سىڭىللىرىم كۈلۈپ كەتتى. ئۆزۈمنىڭمۇ ئىچىم كۆيۈپ مەڭزىلىرىگە تويماي سۆيدۈم .
- ئەمىسە ھەدىلىرىڭىز بىلەن ئۇرۇشماي، گېپىنى ئاڭلاپ ئويناڭ! – دەپ تاپىلاپ ئۆيگە قايتتىم.
قوشنامنىڭ ئۆيىگە كىرسەم، يوغان ياغلىق چېگىپ، ئۇزۇن كۆينەك كىيىشكەن بۈۋىملەردىن 9 – 10 دەك ئاياللار ئولتۇرۇپ، تەسۋىلىرىنى تۇتۇپ، خەتمە باشلايمىز دەپ ئولتۇرۇشۇپتىكەن.
_ بۈۋۈم ئاۋۋال بىرەر پىيالىدىن ئۇسسۇزلۇق ئېچىپ ئاندىن باشلىمامدۇ؟ _ دېدى ھۆرنىسا ھاجىم ناھايىتى سىپايە ئاۋازدا ئاۋازىنى سوزۇپ.
_ ھاجىم ھازىرلا چۈشلۈك تاماق يىدۇق، چاي ئىچكىدەكمۇ ئۇسساپ كەتمىدۇق. ئاۋۋال خەتمىنى ئوقۇيلى، ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئىچسەكمۇ بولار،- دېدى يۈزلىرى سۈزۈك، چىرايى پارقىراپ تۇرىدىغان ۋىجىككىنە كەلگەن پاتەمخان بۈۋۈم ھەممە ئاياللارنىڭ بېشى سۈپىتىدە سالماق ئاۋازدا جاۋاب بېرىپ.
دەل شۇ چاغدا ئاشخانا ئۆيدىن چۆگۈننىڭ قاينىغانلىق ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ئالدىراپ ئاشخانىغا چىقىپ، گاز ئوچاقنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ قايناقسۇنى چايدانلارغا ئېلىۋەتتىم. شۇ ۋاغدا بۈۋۈملەرنىڭ ئومۇمىي خوردەك سوزۇپ ئوقۇغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاڭغىچە ھاجىمنىڭ چوڭ قىزى كىرىپ: _ چولپان ھەدە، سىز كىرىپ خەتمىگە قاتنىشىڭ، بۇ يەردىكى ئىشلارنى مەن قىلاي ، – دە پ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي مېھمانخانا تەرەپكە ئىتتەردى. كىرسەم كەڭ گىلەم سېلىنغان ئۆيدە يەكەنداز ئۈستىدە ئولتۇرغان بۈۋۈملەر ئىككى قولى بىلەن ياقىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، يىغلاپ بىر نەرسە دەۋىتىپتۇ. پاتەمخان بۇۋۇمنىڭ ئاۋازى سۈزۈك، جاراڭلىق چىقىدىكەن. قالغانلىرى شۇ بۈۋامگە ئەگىشىدىكەن. ھاجىم ماڭا ئولتۇرپ ئەگىشىشنى ئىشارەت قىلدى. مەن پەگادىكى كۆرپىدە ئولتۇرۇپ قوللىرىم بىلەن ئۇلارغا ئوخشاش ياقىلىرىمغا ئېسىلدىم.
__ خۇدايا، خۇدا بەندەڭ ئاسىي، گۇناھكار، گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن، توۋا قىلدىم، توۋا قىلدىم، توۋىلىرىمنى قوبۇل قىلغايسەن، قۇلۇم بىلەن تۇتۇپ قىلغان گۇناھلىرىمغا توۋا قىلدىم، پۇتلىرىم بىلەن مېڭىپ قىلغان گۇناھلىرىمغا توۋا قىلدىم، كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ قىلغان گۇناھلىرىمغا توۋا قىلدىم، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىلغان گۇناھلىرىمغا توۋا قىلدىم، زىناغا قارىغان كۆزلىرىمگە قوغۇشۇن قويۇلسۇن، غەيۋەت قىلغان تىللىرىمغا ئوتلار يېقىلسۇن، ئىبارا خۇدايا، خۇدابەندە، بەندەڭ ئاسىي گۇناھكار، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت . مۇستاپانىڭ ھۆرمىتىدىن رەھمەت قىلغايسەن. بەندەڭنىڭ بېشىغا كەلگەن بالالارنى كۆتۈرۋەتكەيسەن. . .
ھۇ. . . بىز ئاجىز. . . بىز ئاسىي. . . ھۇ. . . ئەمدى ھەممىسى ئىچ-ئىچىدىن ئېسەدەپ يىغلاشقا ، ئاۋازلىق يىغلاشقا باشلىدى. مېنىمۇ ئىختىيارسىز يىغا باستى، كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياشلار يۈزلىرىمدىن ئېقىپ، ئېڭەكلىرىمدە قوشۇلۇپ ، ئېتەكلىرىمگە تۆكۈلمەكتە. . . يائاللاھ گۇناھ. . . راستىنلا گۇناھلىرىم ئىككى يەلكەمنى بېسىۋالغاندەك مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆكتۈم. خەتمە داۋام قىلماقتا ئىدى. ئەمدى بۈۋۈملەر يىغىدىن توختاپ ئازراق ئېسىگە كېلىۋالغاندىن كېيىن پاتەمخان بۈۋۈمنىڭ بۆلۈپ بەرگەن ئايەرلىرىنى سانىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تەسىلەرنى ساناپ جىددىي ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. مەن ھاجىمنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلاپ: – مەن ئاشخانىغا چىقىپ تاماققا قارىشاي، سىز خاتىرجەم ئولتۇرۇڭ، – دەپ قويۇپ، ئورنۇمدىن تۇردۇم. ھاجىمنىڭ چوڭ قىزى مانتىغا خېمىرلارنى ئۈزۈۋېتىپتىكەن. _ يېنىپ چىقىپسىزغۇ؟
_ ئەمدى ئوقۇيدىغان ئايەتلەرنى بىلمىگەندىكىن ئاستا چىقىۋالدىم سىزگە قارىشاي دەپ – دېدىم.
_ سىزمۇ يىغلىغان ئوخشىمامسىز؟ كۆزلىرىڭىز قىزىرىپ كېتىپتۇ.
_ سىز كىرسىڭىزمۇ يىغلايسىز، ئادەم ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىكەن،- دېدىم.
_ چولپان ھەدە، سىز ئىشىنەمسىز، مۇشۇ خوتۇنلارنىڭ مۇشۇنداق خەتمە ئوقۇغۇنىغا سىڭلىمنىڭ خىزمىتى ھەل بولۇپ ياخشى يەرگە خىزمەتكە بۆلۈنەرمۇ؟ – ھاجىمنىڭ چوڭ قىزى ئېڭەكلىرى بىلەن مېھمانخانا ئۆينى ئىشارەت قىلدى. قولۇمدا خېمىر، ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مەنسىتمەسلىك، ئىشەنمەسلىك ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى.
_ بىز دېگەن ئاجىز بەندە، ئاللاھتىننېمە تىلىسەك بېرىدۇ، – دېدىم ئىشەنچ قىلىپ.
_ توغرا ، ئاللاھ بېرىدۇ، بىزگە ھەممە نەرسىنى ئاللاھ بەرگەن، ئەمما شۇ تىلەشنىڭمۇ يولى باردۇ؟
_ سىڭلىم، سىز نېمە دېمەكچى، مەن چۈشۈنەلمىدىمغۇ؟
_ قاراڭ ئاۋۇ ئاپامنىڭ ئەتىۋارلىق قىزىغا،- مەن ئۇ شەرەت قىلغان ئىشىك تەرەپكە بويۇنداپ قارىسام ھاجىمنىڭ ئالىي مەكتەپنى بۇلتۇر پۈتتۈرۈپ كەلگەن كىچىك قىزى چاچلىرىنى ساپ- سېرىق بويىۋالغان ، يۈزلىرى ، قاش – كۆزلىرى ھازىر سەھنىگە چىقىدىغاندەكلا بويالغان ، ئۇچىسىغا ئاسما مايكىدەكلا بىر نەرسە بىلەن پادىچىلار رەختىدىن چوڭ يوتىسىغا كەلگۈدەك يوپكا كىيىۋالغان ، پۇتىدا غەلىتا بىر ساپما كەش، ئۆستۈرۈۋالغان تىرناقلىرىنى ھەر خىل رەڭلىك لاك بىلەن بويىۋالغان، بوينىدا تېلېفون، قولىدا سومكا … مەن بىر قاراپلا مىكسىكىنىڭ كىنولىرىدىكى ھېلىقىدەك ئاياللارنى كۆرگەندەك بوپ قالدىم . ئۇ بىزگە قاراپ غەمسىز كۈلۈپ تۇراتتى. ھەدىسى سىڭلىسىغا قاراپ: – نەگە بارىسەن؟ – دېدى.
_ تالاغا، ئايلىنىپ كىرەي.
_ ئاپام سېنى ھېچيەرگە بارمىسۇن، ھېلى خەتمە ئاخىرلاشقاندا دۇئاغا قاتناشسۇن دېگەنتى،- دېدى.
_ توۋا دېگىنە، ئىمانىمنى ئۇچۇرماي، مەن ئاشۇ قېرى خوتۇنلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ دۇئاغا قاتنىشامدىكەنمەن؟
شۇنداق قىلسام مۇشۇ خوتۇنلار مېنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويامدىكەن؟ئۇخلاپ چۈشى، ئاۋۇ باشلىقلارغا ئارقا ئىشىك قىلسا بولىدىغان ئىشنى، خۇراپىلاشتۇرۇپ، بولدى مەن بىر باشلىق بىلەن كۆرۈشۈپ قويدۇم، « ئىشىڭىزنى پېچەت پۈتتۈرۈپ بېرىمەن ‘ دېدى، سىلەر غەم قىلماڭلار! – ئۇ شۇنداق دېگىنىچە پېشىنى قېقىپ چىقىپ كەتتى.
_ چولپان ھەدە ئەمدى چۈشەنگەنسىز؟ بۇ مۇشۇنداق ئاللاھ لەنەت قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە، بۇلار بۇ يەردە يىغلاپ ئاللاھقا يالۋۇرسا، ئاللاھنى تەڭقىسلىقتا قويماسمۇ؟. . .
بىز مۇشۇنداق پاراڭلارنى قىلىشقاچ مانتىنىمۇ تۈگۈپ كورىغا سېلىپ بولدۇق. خەتمىمۇ ئاخىرلىشىپ ھاجىمنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ دېگەن ھاجەتلىرىنى پاتەمخان ھاجىم قايتا – قايتىلاپ ئاللاھدىن تىلىدى. ئاخىرىدا تاتلىق تۈرۈملەر بىلەن چاي قويۇپ بولۇپ، قورداق، پولو، مانتا دېگەندەك نەچچە خىل تاماقلار بىلەن تاماقلاندۇرۇلدى. ئاخىرىدا ئۇلارغا بىر مۇنچە رەخ ياغلىق دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن رەھمەت، ھەشقاللا ئېيتىپ ئۇزۇتۇپ قويدۇق.
مېھمانلارنى ئۇزىتىۋەتكەندىن كېيىن ھۆرنىسا ھاجىم قىزى ھەنىپە ئۈچىمىز ئولتۇرۇپ قايتا داستىخان سېلىپ چاي ئىچىشكەچ پاراڭغا چۈشتۇق.
_ يائاللاھ، بېشىمدا بىر تاغ باردەك ، مۇشۇ خەتمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغۇچە بەك غەم يەپ كەتتىم، ئەمدى ئۇھ دەرمەن، قۇيە قىزىم چېيىڭنى، جۈمبىلدىكى ئىسسىق مانتىدىن ئەكەل، يەيلى – دېدى.
_ مۇشۇ خوتۇنلارنىڭ ئىككى سائەت ئوقۇپ يىغلاشلىرى بىلەن ھۆر قىزىڭىزنىڭ خىزمىتى ھەل بولۇپ كېتەرمۇ؟ بۇلارنى مېھمان قىلىشقا چىقىم قىلغان پۇللارنى ئاۋۇ سوۋغا – سالام ئالغان پۇللارنى كەمبەغەل – بىچارىلەرگە سەدىقە قىلغان بولساڭچۇ؟ كاشكى! – ھەنىپە بىزگە چاي قۇيىۋاتقاچ شۇنداق دېدى.
_ بۇ نېمە دېگىنىڭ قىزىم، ھەر ئىشنىڭ يولى بار، سەدىقىنىمۇ يولى كەلسە قىلىۋاتىمىزغۇ؟ خەتمە ئوقۇشمۇ كاتتا ساۋاب ئىش. سەن بىلمەيسەن! خاتا گەپ قىلساڭ گۇناھ بولىدۇ! – دېدى ھۆرنىسا ھاجىم تەنبىھ بېرىپ.
- ئاپا ، سېنىڭ نەرىڭنىمۇ ھاجىم دەرمىز، ھەرەملەرگە بارغاندىمۇ كۆزۈڭ ئېچىلمىغانمىدۇ؟
_ نېمە بولدۇڭ بالام، قايناپلا كەتتىڭغۇ؟ – ھاجىم قىزىغا رەنجىمەستىن سۇئال قويدى.
_ ماۋۇ ئەتىۋارلىق قىزىڭنىڭ كىيىنىشىگە قاراپ دەيمىنا؟!
ھاجىمنىڭ چىرايى سەل قىزارغاندەك بولدى – دە، دەقىقە ئىچىدە ئەسلىگە كەلدى.
_ بالام، دېگىنىڭغۇ توغرا، شۇنچە گەپ قىلساممۇ يا گەپكە كىرمىسە، ئاللاھدىن .ئىنساۋىنى تىلەۋاتىمەن، قانداق قىلاي، بىر كۈنى ئىنساۋىنى بېرەر ، ئەلگە كىرسەك ئىلىڭچە، سۇغا كىرسەك بىلىڭچە’ دەپتىكەن، زامان شۇنداق بولغاندىكىن. . .
- ئۇنداق بولسا سەنمۇ ھەرەمگە بېرىپ نېمە قىلاتتىڭ، ئاۋارە بولۇپ.
_ بۇ نېمە دېگىنىڭ، ئىككى پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلغىلى تۇردى، بېرىپ توۋا قىلىپگ گۇناھلىرىمنى يۇمىسام، ئۇ دۇنياغا ، ئاللاھنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن بالام! ؟
_ ئۇنداقتا قېرىغاندا ھەرەمگە بېرىپ، توۋا قىلىۋالساق بولىدىكەندە !
_ ئاللاھ يەتكۈزمىسە مۇشۇنداق گۇناھكار ھالەتتە ئۆلىمىز دېگىنە؟! سەن جەننەتتە پەيزى سۈرسەڭ، بىز دوزاختا ئازاب چېكىمىز شۇنداقمۇ؟
_ ئاغزىڭنى ئۈشتمە! نېمە شۇم ئېغىزلىق قىلىدۇ ما بالا!
_ ئاپا، خاتىرجەم بول جۇما، سەن جەننەتكە كىرسەڭ، بىز دوزاختا تۇرۇپ، سېنى توۋلاپ تولا ئاۋارە قىلارمىزمىكىن، بولۇپمۇ ئاۋۇ ياۋروپالىشىپ كەتكەن ئەركە قىزىڭغا پەقەت چىدىمايسەن، ئۇنىڭ ئاشۇ يوغان يوتىلىرى ئوتتا كۆيسە سەن چىدارسەنمۇ؟ !
_ يائاللاھ، ماۋۇ بالىغا نېمە بولدى، شۇم ئېغىزلىق قىلىپ، ئۇنداق بولماس، ئاللاھ سىلەرگىمۇ توۋا قىلىش پۇرسىتى بېرەر، ھەج ھەرەم قىلىپ ماڭا ئوخشاش خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشەرسىلەر.
ھاجىمنىڭ گەپلىرى قولاشماي مېنىڭ ئالدىمدا قىزىنىڭ گەپدانلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەپسىز بولىۋاتاتتى.
_ ھەنىپە ھەجەپ تاماققا ئۇستىكەنسىز، قورىمىلىرىڭىز شۇنداق تەملىك بوپتۇ، نەچچە خىل تاماقنى قىلغۇچە قورسىقىڭىزمۇ ئېچىپ قالغاندۇ؟ ! – دېدىم ئۇلارنىڭ گېپىنى بۆلۈش ئۈچۈن.
_ بۇ بالام بەزىدە مۇشۇنداق گەپدانلىق قىلغىنى بىلەن قولىدىن خېلى ئىش كېلىدۇ، مېنىڭ دۇئايىمنى ئالىدۇ – دەپ ئەركىلەتكەندەك ماختاپ ، قىزىغا يەر تېگىدىن قاراپ قويدى ھاجىم .
مەن قوشنامنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ چىققاندا ئاللىقاچان ناماششام بولغان ئىدى.كىرئالغۇغا كىرلەرنى سېلىۋېتىپ، تېلېۋېزورنى ئاچتىم. كۆڭۈلنى ئېلىشتۈرىدىغان يەنە شۇ ئېلان:
يالىڭاچ قىزلار، ئاياللار كېسىلى، ئەرلەر كېسىلى، ھامىلىنى ئاغىرتماي چۈشۈرىدىغان دورىلار، مەزى بېزى كېسەللىكى. . . ئەنە ئاۋۇ چىرايلىق قىز تەپتارتماستىن تۈك چۈشۈرۈش دورىلىرىنىمۇ ئېلان قىلىپ : « بەدىنىڭىزنىڭ ھەرقانداق يېرىنىڭ مويىنى پاك – پاكىز تازىلايدۇ » دەپ ئۇخلاش كۆينىكى بىلەنلا ھىجىيىپ تۇرۇشىنى. . .
مۇشۇنداق ئېلانلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھازىر قارا سۆڭەكلىك توخودىن ياسالغان خۇيرىن كومۇلىچىنىڭ ئاياللارغا دورا بولىدىغانلىقىنى چوڭلارلا ئەمەس، كىچىك بالىلارمۇ بىلىپ كەتتى. ئۆتكەندە بىر خىزمەتدىشىمىز تېلېفوندا دوستىغا « ئاياللار كېسىلى بولۇپ قاپتىمەن ‘ دەپ ھال ئېيتىۋاتسا بەش ياشلىق ئوغلى « ئانا سىزمۇ تېلېۋېزوردىكى قارا توخو كۇمۇلىچىنى ئېلېىپ يىمەمسىز؟ » دېگىدەك. ئۆتكەندە سىڭلىم « بەك سەمىرىپ كېتىدىكەنمەن، شۇڭا كەچلىك تاماقنى يېمەيمىكىن؟! » دېۋىدى. مەن جاۋاب بەرگۈچە گۈلنىگار « چىنار ئاپا، سىزچۇ سەمىرىپ كەتسىڭىز، چىن گۈزەل دېگەن كىيىمنى كەيسىڭىز ئورۇقلايسىز » دېمەسمۇ ؟… كۆپ قىسىملىق تۇرمۇش كىنولىرىنى كۆرسەكقۇ خۇددى جاھاندا مۇھەببەت، ئەر – خوتون زىددىيىتىدىن باشقا .ئىش يوقتەك، شياڭگاڭ، تەيۋەنلەرنىڭ فىلىملىرىدىغۇ ئۆچ ئېلىش، بىر – بىرىنى قەستلەشتىن باشقا .ئىش يوقتەكلا تەسىراتقا كېلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئاللىقاچان « ئاشنا » دېگەن سۆزنىڭ ئۇقۇمىنى چۈشۈنۈپ بولدى. ئۇلار ھازىر بىئولوگىيىلىك جەھەتتىن يېتىلىشتىن بۇرۇنلا، پىسخىك جەھەتتە « زاكىسىدىن قېرىپ قالدى » ئۆتكەندە بىر ئوقۇتقۇچى بالىلار توغرىسىدا سۆزلەپ « 8 ياشلىق قىزىمنى مەكتەپكە ئېلىپ بارسام نەچچە مۇئەللىمەلەر، مەن 1 – ئاپىڭىز، ئاۋۇ 2 – ئاپىڭىز دەپ » ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرسا، قىزىم سىرتقا چىققاندا ناھايىتى رەنجىگەن ھالدا، « دادا، ئاشۇ ئاپاشلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئاشنىڭىزمۇ » دەپ سورىغانتى، قىزىمغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. ئۆيگە كېلىپ ئايالىمغا « بالا بار يەردە گەپ – سۆزگە دىققەت قىل » دەپ رەنجىسەم، « بىزغۇ بالىلار بار يەردە دىققەت قىلىمىز، بۇ بالىلار ھەممىنى تېلېۋېزوردىن ئۈگىنىدىكەن ‘ دېدى. بۇ ئىشلارنى زادى قانداق قىلساق بولاركىن؟ » دەپ ھەسرەت بىلەن باش لىڭشىتتى. بۇ مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋېتىپ،قايسى كۈنى تور ئارىلاۋېتىپ ، ئەل سۆيەر شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ « تېلىۋىزور »دېگەن شېئىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى .
ئېلان بېرىپ زىرىكتۇردۇڭ تېلىۋىزۇر،
زىرىككەننى تېرىكتۈردۇڭ تېلىۋىزۇر.
يالغان بىلەن لاپنى قوشۇپ يۇغۇرۇپ،
ئىكرانىڭدا بىرىكتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر
تېلىۋىزۇر ساختا دورا سەندىن ئالدى مەدەتنى،
ساختا سۈرەت كىرىشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
بولىۋېلىپ پۇل بەرگەنگە قۇل-دىدەك،
ساختا كەسىپ يۈررۈشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
بولۇۋالدىڭ ھاراقكەشكە گۇپپاڭچى،
بۇ ئىشنىمۇ كىلىشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
زادى داۋا يوقتەك ماختاپ ھەممىنى،
چىشىمىزنى قىرىشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
ياخشى ئىدىڭ ياش چىغىڭدا ئەجەپمۇ،
ئۇنى نەگە يىغىشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
يەڭ ئىچىدە قىلغىنىمنى بىلمەس دەپ،
بىزنى كىمگە سىلىشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
‘ ئىكرانڭىدا ساختا چولپان كۆپەيتىپ،
كۆڭلىمىزنى ئىلەشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر
پاختەك بىلەن قارىغۇجىنى بۇلبۇل دەپ،
شەرەپ-شانغا ئىرىشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
پۇلغا سېتىپ ناخشىلارنى بىسوراق،
(تەلەپ-تەقدىم) ئويۇشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر
كىمدىن بىزار بولساق، بىزنى شۇنىڭغا،
كۈندە يۈز رەت كۆرۈشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
باغاق يېزىپ تەكلىپ قىلسا سەھراغا،
ئاۋال پۇلنى سۈرۈشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
پىكىر يازساق پەرۋايىڭ يوق زەررىچە،
كالپۇكىڭنى پۈرۈشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
دەپ تۇرساقمۇ ئەگەشمە، دەپ شەيتانغا،
كۈندە قەدەھ سوقۇشتۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر
كۆرۈپ قالغاچ بۇ كەسىپتىن پايدىنى،
تىللىساقمۇ، تىنچ تۇردۇڭ، تېلىۋىزۇر
ئېلانچىنى يالغۇز ئۆزەڭ سۆيمەستىن،
بىز بىلەنمۇ سۆيۈشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
ئەل ياقتۇرماس شۇ يايمىنى، ئېيتقىنا،
سەن نىمىشقا يىتىشتۈردۇڭ، تېلىۋىزۇر.
قاراڭ ، شائىرىمىز بۇ شىئېرىدا تېلۋىزور توغرىسىدا ئىچىمىز بوشىغىدەك چىن گەپلەرنى قىپتۇ ،توۋا شۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغانلار ماشىنا ئادەم بولمىغاندىكىن ،زاۋۇتتىن چىققان پېتى ئىشلەيدىغان ،ئاۋۇئاللاھ ئاتا قىلغان كۆز -قۇلاق ،مىڭە ،قەلپ دېگەن نەرسىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ، بىز كىم ،كىم ئۈچۈن ،نېمە ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمىز ؟ دېگەننى ئويلاپ باقسا بولمامدىغاندۇ ؟مەن ئويلاپ قالدىم ئەمدى ئۇلار ئويلىمىغاندىكىن بىز مۇسۇلمانلار ھالال-ھارامنى ئايرىپ يەيدىغان قەۋم بولغاندىكىن تېلېۋېزور كۆرۈشتىمۇ،ھارام -ھالالنى ئايرىپ ، ئېتىقادىمىزغا، كىيىنىشىمىزگە، ئۆرپ- ئادىتىمىزگە توغرا كەلگەنلىرىنى تاللاپ كۆرسەك، قوبۇل قىلساق بولىدۇ. بولمىسا بىزنىڭ باشقا تائىپلاردىن نېمە پەرقىمىز؟ ! ئەنە تېلېۋېزوردىن كىيىنىشنى قوبۇلقىلغان كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز قوشنامنىڭ قىزىدەك ياۋروپاچە كىيىنىپ پاھىشەلەرگە ئ.وخشاپ قېلىشتىن سىرت چوڭ قوينىڭ گەۆشلىرىنىمۇ ئورۇقلىتىدىكەن ،ياكى تېرىڭىزنى گۈزەللەشتۈرۈپ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدىكەن ، ياكى ياشلىقىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن دەپ ئېلان بەرسە لزىغا مىلاپ يەۋېرىشتىن يانمىغىدەك …

ئەگەر داۋامىغا قىزىقسىڭىز ئاياللار دۇنياسى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: ayal888) غا z11 نى قايتۇرۇپ كۆرۈڭ!
Tags:
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى