ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئوخشىمىغان ياشتىكى ئەرلەر زوقلىنىدىغان ئاياللارمۇ ئوخشىمايدۇ

ئوخشىمىغان ياشتىكى ئەرلەر زوقلىنىدىغان ئاياللارمۇ ئوخشىمايدۇ

ۋاقتى: 2016-08-03 ئاۋاتلىقى: 2386 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوخشىمىغان ياشتىكى ئەرلەر زوقلىنىدىغان ئاياللارمۇ ئوخشىمايدۇ

ئوخشىمىغان ياشتىكى ئەرلەر زوقلىنىدىغان ئاياللارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ ئەرلەرنىڭ ئاسانلا تالاغا قاراپ قېلىشىدىكى سەۋەب...


25 ياشلار ئەتراپىدىكى يىگىتلەر
بۇ خىل ئەرلەر تېخى ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم قويغان، ھەتتا، ئۇلار تېخى پۈتۈنلەي بالىلىق ھالىتىدىن ئايرىلىپ بولالمىغان بولىدۇ. بۇۋاقىتتىكى ئەرلەر «ھەدە» لەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار بىلەن تەڭ قۇرامدىكى قىزلارمۇ ھەمىشە شۇنداق كېلىدۇ، ئۇلارمۇ ئاسرىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.


شۇڭلاشقا، ئەتراپىدىكى ياش قىز-يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتى ھەمىشە ئادەمنى شۇنچىلىك قىينايدۇ، كۆپچىلىك نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ. بۇ دەل ئىككىلا تەرەپنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىدىن بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى ئەرلەر، خۇشخۇي ۋە يېتىلگەن ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ. خۇددى كىچىك بالىلار داۋاملىق ئۆزىدىن چوڭ بالىلار بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش، چۈنكى ئۇلار ئۆزىگە ناتونۇش بولغان دۇنياغا نىسبەتەن قىزىقىدۇ ۋە ئىنتىلىدۇ.


ئوتتۇزغا يېقىنلاشقان، توي قىلمىغان ئەرلەر
بۇخىلدىكى ئەرلەر ئادەتتە خىزمەتتە ئازراق ئۇتۇق قازانغان ،شارائىتى ياخشىراقلىرىنىڭ ئادەتتە ئۆيىمۇ ماشىنىسىمۇ بار بولۇپ بولغان بولىدۇ. گەرچە داڭلىق ماشىنا ھەشەمەتلىك ئۆيلەر بولمىسىمۇ، لېكىن ئاياللار ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرسە يەنە ئاساسەن راھەت ۋە جاپاسىز تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.
ئادەتتە، ئاياللار ئېيتقان:«ئازراق پۇلى بار، پۇلى يوقمۇ ئەمەس»دېگىنى مۇشۇنداق ئەرلەر. لېكىن ئاياللار بۇلارنىڭ ئەڭ بەك تاللايدىغان ئەرلەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.


چۈنكى ئۇلار توي قىلمىدى، يەنە كېلىپ، ئۇلار يەنە ناھايىتى ياش، يەنە ئۇلار يەنىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. باشقا قىزلار ئۇلارنىڭ «قىممەتلىك»لىكىنى بىلمەيدۇ دەپ قالماڭ، ئەرلەرمۇ ئەقىللىق، ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىنى بىلىدۇ.
بۇ خىل ئەرلەر چىرايلىق، نەپىس، يەنە ئازراق ئاياللىق نازاكىتى بار ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ. ساددا ۋە ئوماق سىڭىلچاقلارنى ئۇلار ياخشى كۆرمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار توينى ئويلايدۇ، توي قىلىشنى ئويلىغان ئەرلەرگە پىشقانراق قىزلار كېرەك.
بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ئاياللارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىپادىسىگە قارايدۇ، سىز پەقەت چىرايلىق بولسىڭىزلا ھېساب ئەمەس، ئۇلار ھەممە جەھەتتىكى شارائىتى ياخشى بولغان قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ.


ئوتتۇز ياشتىن قىرىق ياشقىچە بولغان ئەرلەر
ئەرلەر بۇ ياشقا كەلگەندە، تولىسى توي قىلىپ بولغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ئەرلەر، نىكاھنى ئۆزىنى بوغۇپ قويغاندەك، تۇنجۇقۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئادەتتە بۇ ۋاقىتتا بالا كىچىك، ئايالى كۆپرەك زېھنىنى بالىغا قارىتىدۇ، ئۇلارغا نىكاھنىڭ ھېچ تەمى يوقتەك بىلىنىدۇ.
يەنە بىر ۋاقىتتا، خىزمەتتە ئەمدى كۆزگە كۆرۈنگەن بولغاچقا، زور بېسىم ھېس قىلىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ئەرلەر« مېنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ» دېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەرلەرگە بىر يات جىنىستىكى دوست لازىم، ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېرىدىغان، دەردىنى تۆكۈپ بېرىدىغان.
ئۇلار ئارقىغا يېنىپ ئەينى ۋاقىتتىكى تۇنجى مۇھەببىتىنى ياكى يوشۇرۇن ياخشى كۆرگەن شۇ قىزچاقلارنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار ئۇ قىزلارغا ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى نەتىجىسىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق، لېكىن ئۇلار يەنە تۇرمۇشتىكى قىزغىنلىقىغا جۆر بولىدىغان بىر ھەمرا تېپىشنى خالايدۇ. لېكىن ئاياللار بۇنداق ئەرلەر بىلەن ئارىلاشقاندا ھەرگىز ئۇزاققا بارمايدۇ، چۈنكى ئۇلار يەنىلا ئائىلىسىنى ئەڭ مۇھىم بىلىدۇ.


قىرىق ياشتىن كېيىنكى ئەرلەر
بۇ باسقۇچتىكى ئەرلەر، ھەمىشە تالاغا قاراپ قېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەرلەردۇر. ئەگەر بۇنداق ئەرلەرنىڭ يەنە پۇلى بولسا، خىزمەتتە ئازراق ئۇتۇقلارنى قازانغان بولسا، يېنىدىكى ئايالىدىن باشقا چوقۇم يەنە باشقا ئايال بار. چۈنكى ئۇلار ئۆزى تەشەببۇسكار بولمىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا چوقۇم باشقا ئاياللار ئۇلارغا تەشەببۇسكار. بۇ ۋاقىتتىكى ئەرلەر كىچىك قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ.


چۈنكى يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدۇ، ئۇلار ئۆزىدىن كىچىك قىزلارنى ھەتتا قىزىنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ ئەتىۋارلايدۇ. دادىسىدەك ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان ھەمدە ئۆزىگە تايىنىشنى خالىمايدىغان قىزلار بۇنداق ئەرلەرنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت، بۇ ياشتىكى ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئەسلى جۈپتى بىلەن ئاسانلىقچە ئاجراشمايدۇ، چۈنكى ئاجرىشىشنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولۇپ بولالمايدۇ.


شۇڭا، ياش قىزچاقلار، ئەگەر پۇل ئۈچۈن بولمىسا، بۇنداق ئەرلەردىن يىراقراق تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار سىزگە نىكاھ بېرەلمەيدۇ.
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى