ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەرلەرنىڭ كۆڭلى نەدە بولسا، پۇلنى شۇ يەرگە خەجلەيدۇ

ئەرلەرنىڭ كۆڭلى نەدە بولسا، پۇلنى شۇ يەرگە خەجلەيدۇ

ۋاقتى: 2016-08-13 ئاۋاتلىقى: 3752 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەرلەرنىڭ كۆڭلى نەدە بولسا، پۇلنى شۇ يەرگە خەجلەيدۇ

بىر ئەر پۇلىنى سىزگە بېرىشنى خالىسا ئۆز ئىقتىدارى ئارقىلىق سىزنىڭ ئارزۇلىرىڭىزنى قانائەتلەندۈرەلىسە،سىزگە بەخت ھېس قىلدۇرالىسا،بۇ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىك.
ئەرلەرنىڭ كۆڭلى قەيەردە بولسا پۇلنى شۇ يەرگە خەجلەيدۇ،بۇ گەپنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار ،يادىڭىزدا بولسۇن قىز سىز ئۈچۈن پۇل خەجلەشنى خالىمىغان ئەر سىزنى ئەسلا ياخشى كۆرمەيدۇ.


مەن ئەزەلدىن مۇھەببەت ئالدىدا پۇل توغرىسىدا سۆزلەشنى رەت قىلاتتىم ،پۇل بىلەن مۇھەببەتنى ئارىلاشتۇرۇپ قويسا مۇھەببەتكە تەسىر يىتىدۇ دەپ ئويلايتتىم.
مېنىڭ بىر دوستۇم بۇرۇنلا ماڭا بۇ ھەقتە كۆز قارشىنى سۆزلەپ ئۆتكەن سەن ئۈچۈن پۇل خەجلەشنى خالىمىغان ئەر ،سىنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيدۇ،بۇنداق ئەرنى ئۇچراتقان چېغىڭدا ۋاقتىدا ۋاز كەچكىن،ئەگەر بىر ئەر سېنى ياخشى كۆرسە ئۆزىنىڭ بايلىقىنى ھېسابلاپ كۆرىدۇ،سەن قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقىتتا ،ساڭا ياردەم قىلىشقا سەۋەب تېپىپ ياردەم قىلالايدۇ ئەمەسمۇ،مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشەنمەي،ئۇنىڭ كۆزى پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدۇ،مۇھەببەتنى قانداقمۇ پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولسۇن دەپ قارايتتىم.ئەمەلىيەت مىنىڭ بۇ قارىشىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بىر قىز ئىقتىسادى ئەھۋالى بىر قەدەر قىيىن ۋاقىتتا مەلۇم بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ،ساغلام ئورۇقلاڭ بىر ھەپتىدە ئون كىلو گىرام ئۇ ئەرنىڭ سودا ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى لېكىن ئۇ قىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغىنىنى ،ئۇ قىز بىلەن بىللە ئۆتكۈسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ،ئۇلار بىللە ۋاقىتلاردا ئىككىلىسى تېلېفونىنى ئېتىپ قىزمۇ ئىشقا بارماي ،ئەرنىڭمۇ شىركەت بىلەن كارى بولماي،ھەر كۈنى چاپلىشىپلا يۈرۈپتۇ،قىز مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاپتۇ،بىراق ئەر قىز ئۈچۈن بىر تىيىنمۇ خەجلىمەيدىكەن،بۇ قى ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ،ھازىر قىيىنچىلىق بولغاچقا يېنىدا پۇل يوق دەپ ئويلايدىكەن.


بىراق دوستۇم مەندىن ياخشى بىلىدىكەن.ئۇ ئەر قىزنى ئەسلا ياخشى كۆرمەيدۇ،سەۋەبى قىز پۇلنى ئۇنچە مۇھىم دەپ قارىمىغانلىقىدا،شۇڭا ئەر ئۇنى ئىزدەيدۇ،سەن ئويلاپ باق،خانقىزلارنى ئىزدىسە پۇل خەجلەيدۇ،ئۇ خانقىزلاردىن ياخشى ئەمەسمۇ،ھەم پاكىز ھەم ھېسسىياتنى چۈشىنىدۇ،بۇنىڭدا پۇلنى تېجىيەلەيدۇ ئەمەسمۇ.ئەر 2000يۈەن خەجلەپ ئۆزىگە بىر قۇر كىيىم ئالدى ،بىراق قىزغا70يۈەن خەجلەپ بىر قۇتا ئەتىر ئېلىپ بېرىشنى خالىمىدى....بىراق قىز ئۇنى مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىشقا رازى ئىدى،ھەتتا بىر قېتىم ئۇنىڭ يېنىدا 30يۈەنلا بارئىدى 20يۈەنگە ئوغۇل دوستىغا شورپا ئېلىپ بەردى،يىگىت ئۇنى پەس دەپ تىللىدى،قىز ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكتىن پۇشايمان قىلمايتتى يىگىتنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ،كىيىن يىگىتنىڭ ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈپ يەنە بىر قىزنى تاللىغىنىنى بايقاپ قالدى، لېكىن مۇشۇكەمگىچە يىگىتنى خاتا تاللاپ قالغىنىنى ئېتىراپ قىلمايتتى.


مەن يەنە بىر40ياشلىق ئايالنى تونۇيتۇم ،ساپاسى خىزمىتى يوق يۈرۈش تۇرۇشىمۇ رەتسىز،كىيىن34ياشلىق بىر ئەر بىلەن مۇھەببەتلىشىپتۇ،بۇ ئەرنىڭ ھەر ئايلىق مائاشى 800يۈەنلا،بىراق ھەممىنى ئايالغا بېرىپ،مىنىڭ جىق پۇلۇم يوق بىراق مەن سىزنى خۇشال قىلىشقا تىرىشىمەن........
بۇ ۋاقىتتا مەن پۇلغا مۇھەببەتنى تېگىشكىلى بولمىسىمۇ،ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.


ھەر بىرىمىز بۇ رېئاللىقنى تونۇشىمىز كېرەكمۇ قانداق،ئادەم ھېسسىياتچان بولىدۇ،شۇنداقتىمۇ رېئال ياشىشى كېرەك،نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ،بەلكىم بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بولسا كېرەك،ئاياللار ھېسسىيات ئىشىدا دائىم ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەڭ ھوسۇل ئالىمەن دەپ ئويلايدۇ،ئەمەلىيەتتە ،بۇنداق بولمايدۇ،كۆپىنچە ئاياللار مۇھەببەت ئۈچۈن ھەتتا ئۆز جېنىدىنمۇ كېچىدۇ،سىزچە يەنە پۇل بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرامدۇ؟
بىر ئوغۇل دوستۇم ماڭا ؛بىر ئەر سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ يوق ،سىز ئۈچۈن پۇل خەجلەيدىغان خەجلىمەيدىغىنىغا قاراڭ ،پۇل خەجلەشنىمۇ خالىمىسا ،يەنە مۇھەببەتتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ئويلاپ بېقىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار بۇ ھەرگىزمۇ پۇلدارلارنىڭلا ئاياللارنى ياخشى كۆرۈش سالاھىتى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بىر ئەر پۇلىنى سىزگە بېرىشنى خالىسا ئۆز ئىقتىدارى ئارقىلىق سىزنىڭ ئارزۇلىرىڭىزنى قانائەتلەندۈرەلىسە،سىزگە بەخت ھېس قىلدۇرالىسا،بۇ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىك.


ئەر كىشى بولسا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئايال ئۈچۈن پۇل خەجلەش كېرەك،پەقەت ئەخمەق ئاياللارلا ئەرلەرگە پۇل خەجلەيدۇ.....
بىر ئەر ماڭا قايسى كۈنى ؛نەرسە ئىزدەۋاتقاندا ئايالىنىڭ چېكىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى ،چەكتە ئالتە خانىلىق ئامانەت بارلىقىنى ،بۇ پۇلنى مەقسەتسىزلا كۆرۈپ قالمىغان بولسا ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغىنىنى ،ئەمەلىيەتتە ئايالىمۇ ئېرى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق ساقلىغانلىقىنى ئېيتتى.


مەن مۇشۇنداق ئايال كىشىنى ياقتۇرىمەن ،ھەم قايىل بولىمەن،گەرچە مەن ئۇنداق قىلالمىساممۇ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئىچكى ھېسسىياتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمەن،ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆزىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن.تۇرمۇش تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن ۋاقىتتا يەنە بىر مەزگىل تۇرمۇشىڭىزنى قامدىيالايسىز،ئۇنچە يار-يۆلەكسىز قالمايسىز،ئىشەنچ بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان ئۆزگىرىشكە يۈزلىنەلەيسىز،چۈشكۈنلەشمەي،ئۈمىدسىزلەنمەي ئۆتكۈزەلەيسىز.


جۇڭگولۇقلاردا بىر سۆز بار؛ پۇل ھېسسىياتقا دەز كەتكۈزىدۇ. ئاياللار تېخىمۇ شۇنداق ، مۇھەببەت ئۇلارنىڭ بارلىقى ، پۇل بەرىبىر.ئەرلەر ئاياللارنىڭ پۇلىنى خەجلىشى ئاياللار ئۆزى خالىغانلىقتىن. شۇڭا نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئەرلەرنى تىللىماڭ، ئاياللار ئۆزىنى ئۆزى نابۇت قىلىدۇ، ئاياللار ئويلىنىپ باقايلى پۇلىڭىز بولسا بۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى مۇداپىئە سىزىقىڭىز ، ئەگەر بۇنىڭدىنمۇ ۋاز كەچسىڭىز سىز يەنە ياشامسىز يوق؟
بۇ سىزگە مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىپ مال-دۇنيانىلا تونۇيدىغان كىچىك خوتۇن بولۇڭ دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ئايال بولغاندۇرسىز خاتىرجەم يۈرىكىنى يۈرىكىڭىزنى تاپشۇرالايدىغان بىرىنى ئۇچرىتىش سىزنىڭ ئامىتىڭىز ئەگەر ئۇنداق ئەرنى تاپالمىسىڭىز،ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سىزىقىنى تەييارلاڭ.
شۇڭا مەن ئاياللارغا سەمىمىي ھالدا دەيدىغىنىم؛ پۇل بىلەن ھېساپلاشمىسىڭىز ھېسسىياتقا تەسىر يېتىدۇ، سىز ئەركىشى بىلەن پۇلنىمۇ ھېساپلاشمىسىڭىز، مۇھەببەتتىنمۇ مەھرۇم قالىسىز.
مەنبە: دورىخانا سالونى
Tags:
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى