بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئەقىللىق ئاياللار «دۆت» بولۇۋىلىپ، ئەرلەرنى كۆڭلىنى ئۇتالايدۇ
-
ئەقىللىق ئاياللار «دۆت» بولۇۋىلىپ، ئەرلەرنى كۆڭلىنى ئۇتالايدۇ
ۋاقتى: 2016-07-24 ئاۋاتلىقى: 2902 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەقىللىق ئاياللار «دۆت» بولۇۋىلىپ، ئەرلەرنى كۆڭلىنى ئۇتالايدۇ
مۇنداق بىر گەپ بار« ئەقىللىق ئاياللار ئەقىللىق ئەرلەرگە ئۇچرىغاندا جەڭ بولىدۇ؛
ئەخمەق ئەرلەر ئەقىللىق ئاياللارغا ئۇچرىغاندا، گەپ بولىدۇ؛
ئەقىللىق ئەرلەر ئەخمەق ئاياللارغا ئۇچرىغاندا، توي بولىدۇ.
بۇ يەردىكى ئەخمەقلىق راست ئەخمەق بولۇش ئەمەس، بەلكى تۇغۇلۇشىدىنلا ئەقىللىق ئاياللار بەختكە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن، مۇۋاپىق ۋاقىتتا «ئەخمەق» بولۇۋىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشىنىسىز، لېكىن مەڭگۈ ئۇنىڭدىن كۆپ بىلىدىغانلىقىڭىزنى، يىراقنى ئويلىيالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيسىز؛ ئۇنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرىسىز، لېكىن يۈزىگە سالمايسىز، ئۇنىڭغا يۈز بېرىسىز، ئەپچىللىك بىلەن گەپ تېمىسىنى يۆتكىۋىتىسىز، بۇ تۇرمۇشتىكى چوڭ پاراسەت.
ئەرلەرنىڭ ھەممىسى «دۆت» ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئەقىللىق ئاياللارنىڭ ئالدىدا، ئۇلار ئۆزىنى ئاجىز، ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان ھېس قىلىپ قالىدۇ. لېكىن «دۆت» ئاياللار ھەرۋاقىت ئەرلەرگە چوقۇنۇش نەزىرى بىلەن قارايدۇ، ئۆزىگە يۈز بېرىدۇ، ئۆزىنى ھەقىقىي ئەركەكتەك ھېس قىلدۇرىدۇ.
شۇڭا، ئاياللار، بەك ئەقىللىق بولۇپ كەتمەڭ،سىزنىڭ ئەقىللىقلىقىڭىز ئۇلارنىڭ نەزىدە پەقەت «مەمەدانلىق»، «ھاكاۋۇرلۇق» دەپ قارىلىدۇ، ئەرلەر سىزنىڭ بۇ ھالىتىڭىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
بەلكىم سىز مەن مۇشۇنداق سەمىمىي، بىلىدىغاننى بىلىمەن دەيمەن، بىلمەيدىغاننى بىلمەيمەن دەيمەن، بۇنىڭ نەرى خاتا، ئەرلەر ئۈچۈن ئارتىس بولسام بولامتى دەپ ئويلايسىز، لېكىن بەختلىك تۇرمۇش، ئىناق ئائىلە ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنىڭ ئېرىنىڭ قەدىر-قىممىتى، ئىززەت-ھۈرمىتى ئۈچۈن ئازراق قۇربانلىق بەرسىڭىز نېمە بولۇپتۇ؟
ئۇ سىز بىلەن «ئەقىللىق» لىقتا مۇسابىقىگە چۈشكەن ئادەم ئەمەسقۇ؟ سىز ئۇتۇپ چىقسىڭىز مۇكاپات بۇيۇمى نېمە بولار؟ ئەرنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرۇپ ئۇتۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
شۇڭا، ئاياللارنىڭ ھەقىقىي ئەقىللىقى، مەڭگۈ «دۆت» بولۇۋىلىشنى بىلىدىغانلاردۇر، ئۇلار ئەرلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالمايدۇ، ئايرىم چاغلاردا، ئۇلارغا مۇۋاپىق مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىدۇ.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ياخشى ئەر گاس بولۇۋالىدۇ، ياخشى ئايال گاچا بولۇۋ
2016-01-21 11:36:093599بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تورت ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز
2015-12-02 05:14:461374قىزلارغا 100 نەسىھەت: ئۈچىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:55:572266بوۋاقلارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى ۋە ماتكىسىنىڭ ق
2015-10-07 12:53:262652ئاياللارنىڭ تەلىپىنى مۇنداق قاندۇرۇڭ
2015-10-18 11:43:374454قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 5-سان
2016-03-19 20:24:413993خانزادىلەر گۆھىرى دېگەن نېمە؟ قانداق ئالاھىدىلىك
2015-12-11 21:18:414464بىر كېلىنىڭ قېيىنئانىسىغا ئېيتقان سۆزلىرى
2016-01-08 14:33:305826
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-