بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىر كېلىنىڭ قېيىنئانىسىغا ئېيتقان سۆزلىرى
-
بىر كېلىنىڭ قېيىنئانىسىغا ئېيتقان سۆزلىرى
ۋاقتى: 2016-08-02 ئاۋاتلىقى: 5846 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بىر كېلىنىڭ قېيىنئانىسىغا ئېيتقان سۆزلىرى
كىلىننىڭ قىيىن ئاپىسىغا ئېيتقان سۆزىدىن كېيىن، قىيىن ئاپىسى بىر كىچە ئۇخلىيالمىدى......
1. سىزنىڭ ئوغلىڭىز ئادەتتىكى بىر ئادەم، سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا قالتىس ئادەم ئەمەس، ئائىلىدە ئوغلىڭىزنى كىلنىڭىزدىن ئۈستۈن ئورۇندا قويۇۋالماڭ، كىلنىڭىزنىڭمۇ قەدىرىنى قىلىڭ.
2. ئوغلۇم ئالدىراش ئائىلە ئىشلىرىنى كىلىنىم قىلىشى كېرەك دېمەڭ، ئوغلىڭىز ئۈندىداردا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشامدۇ؟ ياكى ئويۇن ئوينامدۇ؟ ھەممىسى ئۆزىگە ئايان، كىلنىڭىزنى ئائىلە ئىشلىرىنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالمىغان.
3. كىلنىڭىزنى مەن ئوغلۇمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك ئوغلۇمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشى كېرەك دېمەڭ. ئۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىز، كىلنىڭىزنىڭ ئوغلى ئەمەس.
4. ئوغلىڭىزنىڭ ئالدىدا كىلنىڭىزنىڭ يامان گىپىنى قىلماڭ، مۇشۇنداق قىلىۋەرسىڭىز كىلنىڭىز بىلەن ئوغلىڭىز ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت شەكىللىنىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ بەخىتلىك ئائىلىسىنى بۇزۇشقا سەۋەبچى بولۇپ قالىسىز، سىزنىڭچە بۇنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
5. كىلنىڭىز يەڭگىپ قىرىقى توشۇپ كېتىدىغان چاغدا ئەلۋەتتە سىزنىڭ ياردەم قىلىشىڭىز مەجبۇرىيتىڭىز ئەمەس، لىكىن سىزنىڭ كىلنىڭىزگە ھاجىتىڭىز چۈشكەندە ئۇنىڭمۇ سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشى كىلنىڭىزنىڭمۇ مەجبۇرىيتى ئەمەس.
6. ئوغلۇم ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ ئۇۋالچىلىق تارتتى دەپ قارىماڭ، بىلىشىڭىز كېرەككى بىر ئائىلىنى ئىككى ئادەم ئورتاق قۇرىدۇ، ئەلۋەتتە ئوغلىڭىزنىڭمۇ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش مەجبۇرىيتى بار.
7. كىلنىڭىزنىڭ ئالدىدا باشقىلارنىڭ كىلنىنى ئۇنداق ياخشى بۇنداق ياخشى دەپ ماختىماڭ، ياخشى بىر كىلىنىم بولسۇن دېسىڭىز ئاۋۋال ئۆزىڭىز بىر ياخشى قىيىن ئانا بولۇڭ، يوق ئىشلارغا كوتۇلدىماڭ.
8. ئوغلىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز بولىدۇ بىراق كىلنىڭىزنى ئۆزىڭىزگە قەرىزدەك مۇئامىلە قىلماڭ. ئەگەر مىنىڭمۇ ياخشى، ۋاپادار كىلىنىم بولسۇن دېسىڭىز كىلنىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، سەن ياخشى مەن ياخشى، تونۇرغا قىززىق نان ياخشى دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟
9. كىلنىڭىز ئاتا-ئانىسىنى كۆرگىلى بارىدىغاندا بىر نەرسىلەرنى ئالغاچ بارسا ھەسەت قىلماڭ، چۈنكى ئۇلارمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى ئەمەسمۇ؟ سىز كىلنىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، كىلنىڭىزمۇ سىزنى ئۆز ئاتا-ئانىسىدەك كۆرىدۇ.
10. قىزلار توي قىلسا ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆيىگە مېھمان، قىيىن ئانىسىنىڭ ئۆيۈڭلاردا يات ئادەمگە ئايلىنىدۇ، ھەممە كىشلىرىدىن ئايرىلىدۇ، ئەگەر سىز كىلنىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، كۆيۈنۈپ، ئاسرىسىڭىز كىلنىڭىز ھىچقانداق يۆلەنچۈكى يوق ئۆزىنى يالغۇز غىرىپسىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونىتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دىققەت! ئەرئاياللارنىڭ ئاسانلا سىرتقا قاراپ قېلى
2016-01-29 18:14:384042ئەر-ئاياللار ئاسان تالاغا قاراپ قالىدىغان مەزگىل
2015-08-10 00:43:583856دادىسى باققان بالا بىلەن ئانىسى باققان بالىنىڭ پ
2015-12-02 05:25:483641ئېسىل كۆز گىرىمى قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ
2016-02-02 16:52:207760ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئۇچلۇق نەم مېڭى دېگە
2015-11-22 01:19:184624ئاياللارنىڭ يولدىن چىققانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
2015-12-04 13:15:023646دىيانەتلىك ئاياللار ھەققىدە
2016-01-23 12:23:451877شاكىلات ئاياللارنىڭ جىنسى تۇرمۇش ساپاسىنى ياخشىل
2015-08-10 00:40:409185
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-