ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (11)

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (11)

ۋاقتى: 2016-07-15 ئاۋاتلىقى: 1689 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىرئالغۇنىڭ كىر يۇيۇلۇپ بولدى دەپ بەرگەن سىگنالى بىلەن تېزگىنەكنى بېسىپ ، مەززىسىز كۆرۈنۈشلەرنى ئۆچۈرۋېتىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كىرلەرنى ئېلىپ، يېڭى كرلەرنى سېلىۋېتىپ، قول يۇيۇش جۈمىكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئالدىمدىكى تامغا چاپلاقلىق چوڭ ئەينەككە كۆزۈم چۈشتى. ئەينەكتىن ئۆزۈمگە قارىسام دولامغا چۈشۈپ تۇرغان قارا، قۇيۇق بۈدرە چاچلار، مەيدىلىرىم ئوچۇق ھالدا كورىيەنىڭ كالتە يەڭ تار مايكىسى ، تىزىمنى بېسىپ تۇرىدىغان داڭلىق ماركىلىق يوپكا، پاچاقلىرىم پايپاقسىز. . .
مېنى مۇشۇ ھالەتتە كىممۇ مۇسۇلمان ئايال دەر؟ !
سېنىڭ نەرىڭ مۇسۇلمان؟! بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن سۇئال قەلبىمنىڭ تەكتىدىن چىقىۋاتاتتى. مەن ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ بىر ئىستاكان قەھۋە دەملىدىم. قەھۋەنى ئوتلاپ ئۆزۈمنى كىرىسلوغا تاشلاپ ئولتۇرۇپ يەنە شۇ سۇئالغا جاۋاب ئىزدەۋاتاتتىم. « نېمە ئامال، ۋەزىيەت شۇنداق تۇرسا؟ ھازىرچە ئاۋۋال بىر ۋاق ناماز بىلەن ئىشلەپ تۇر، دەم ئېلىشقا چىققاندا ئاندىن . . . قاچانمۇ دەم ئېلىشقا چىقارمەن؟ ئەمدى 36 ياشقا كىرسەم؟ خىزمەتكە كىرگىلى 12 يىل بوپتۇ! پۇلى جىق ئەر بولسا مېنى ئىشلەتمەي، مۇسۇلمانچە يۈرۈشكە يول قويسا. . . سۇباتچۇ؟ ئۇ شۇنداق قىلالارمۇ؟ . . . . . .
مەن كىرلەرنى يۇيۇپ بولۇپ، تاختايلارنى بىرەر قۇر ئېيتىپ، سائەتكە قارىسام سائەت 10 بوپتۇ. ئورنۇمغا كىرىپ ياتقىنىمدىمۇ شۇ سۇئاللار بىلەن مۇنازىرلىشىۋاتاتتىم. كۆزۈم قانداق ۋاقىتتا ئۇيقۇغا باردىكىن چۈش كۆرۈپتىمەن: « ئۆيۈمنىڭ ئارقىسىدىكى نەچچە بىنالار ئۆزلۈكىدىن ئۆرۈلۈپ كېتىۋاتقۇدەك، مەھەللىلەر بىردەمدە تۈپتۈز ئۇرۇشتىن كېيىنكى خارابىيلىقتەك بولۇپ قالغۇدەك. » تېلېفوننىڭ جىرىڭلىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغاندىم. بۇ كېچىدە نېمە بولغاندۇ؟ گۈلنىگار كېچىدە قىزىپ قالغانمىدۇ؟ » مەن شۇنداق خىياللار بىلەن تېلېفوننى قولۇمغا ئالدىمدە :_ ۋەي، ‘ دېدىم پەس ئاۋازدا.
_ چولپان ، سەن بارمۇ ئاداش ؟ – بىرسىنىڭ يىغلامسىراپ چىققان ئاۋازى مېنى چۆچۈتىۋەتتى.
_ ۋەي، كىمۇ، نېمە بولدى؟
_ مەن ئايشەم ئاداش، سەن قورقۇپ كەتمە، كېچىدە شۇم خەۋەر يەتكۈزىدىغان بولدۇم.
_ تىلىڭنى چاينىماي تېز گەپ قىلە ، نېمە بولدى؟
_ روشەن، روشەن قاتارلىق قىزلار قارامايدىن كەلگۈچە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپتۇ. روشەن تۈگەپ كېتىپتۇ!
_ نېمە! – مۇشۇ مۇنۇتتا ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ مۇنچىلىك قورقماسمەنمىكىن، قورقۇناشتا بىر پەس پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تاشتەك قېتىپ قالدى. تىلىم تۇتۇلۇپ بۇتتتەك تۇرۇپ قالدىم . تېلېفوندىن ئايشەمنىڭ يىغىسى ئاڭلىنىۋاتاتتى.
_ ئايشەم، ئەمدى بىز قانداق قىلىمىز؟ – دەپتىمەن بىر چاغدا.
_ سەن پەسكە چۈش، مەن مەلەڭگە باراي، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۆيلىرىنى رەتلەپ تۇرايلى – دېدى ئايشەم.
_ ئايشەم ، مەن قورقىۋاتىمەن، پەسكە چۈشەلمەيمەن، دېدىم. مەن ئۆلۈمنىڭ خەۋىرى بىلەنلا مېنى سۈر بېسىۋالغان ئىدى .
_ مەن مەلەڭگە بېرىپ، ئىشكىڭنى قۇڭغۇرىقىنى باساي، ئاندىن چۈش، گۈلنىگارنى قانداق قىلىسەن؟
_ گۈلنىگار سىڭلىمنىىڭ ئۆيىدە.
مەن چىراقنى يېقىپ كىيمىمنى تېپىش ئۈچۈن، كىيىم .ئىشكاۋىنىڭ ئەتراپىنى قانچە قېتىم ئايلانغاندىمەن، ئىشكاپنى تېپىپ ئىچىنى قانچە قېتىم ئاختۇرغاندىمەن،ئۇزۇن يەڭ كىيىملىرىمنى ئىزدىگۈچە تەرلەپ كەتتىم. كىيىملىرىمنى كىيىپ، بېشىمغا ياغلىق تاپالماي، ئۆزۈمنى شۇنداق تىللىدىم. توۋا چولپان ، ئۆلمەيدىغاندەك ھەجەپ ياشاپتىكەنسەن؟ بىرەر ياغلىق تېپىشمۇ مۈمكىن بولمايۋاتامدۇ ئەمدى؟ ئاخىر قولۇمغا مەرھۇم دوستۇم چىمەننىڭ ئۆلۈمىدە چىگكەن تېگى قارا ئاق گۈللۈك شايى ياغلىق قولۇمغا چىقتى. ئاڭغىچە ئايشەممۇ ئىشىكنىڭ قوڭغۇرىقىنى باستى. ئاياقلىرىمنى كىيىپ، زالنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ پەسكەچۈشتۈم. زالنىڭ ئاشىكىنى ئېچىشىمغا ئايشەم بوينۇمغا ئېسىلىپ ئۈنسىز ئېسە دېدى.
_ بۇ كېچىدە قوشنىلار نېمىدەپ قالىدۇ؟ بولۇڭلار ماشىنىغا چىقىڭلار! – ئايشەمنىڭ يولدىشىنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن ماشىنىغا چىقتۇق.
دوستۇم روشەن ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ساددا بولۇشتىن سىرت جەمىيىتىمىزدىكى ھەشەمەتچىلىك رىقابىتى ئەڭ يۇقۇرى كۈچلۈك ، پۈتۈن خوشاللىقىنى مال-مۈلكى ،كىيىم -كېچىكى ،زىبۇ -زىننەت … دېگەندەك نەرسىلەردىن ئىزلەيدىغان ، باشقىلارغىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن باھا بېرىدىغان خارەكتىرى كۈچلۈك ئىدى .، ئۇ تەڭتۇشلىرىمىز ئارسىدىكى ھەشەمەتچىلىكنى ئابرويپەرەسلىكنى قوغلىشىش بەيگىسىدە ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئايال چەۋەندازلارنىڭ بىرى دېسەكمۇ ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى زىننەتلىگەن 85 كۇۋادىراتلىق ئۆيىگە قانائەت قىلماي ،يېڭى ئولتۇراق ئاھالىلار قوروسىدىن 120 كۇۋادىرات ئۆي ئېلىپ ،يۇقۇرى ئىستىمال سەۋىيىسىدە زىننەتلەپ ، جاپدۇق ئېلىپ ،ياسىغان بولسا ،ماشىنا ئېلىش بەيگىسى باشلىنىش بىلەن ماشىنا ئېلىپ ،ئاياللار ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىپ ماشىنا ھەيدەپ ھەممىسىنىڭ ئۆزىدەك ھەشەمەتپەرەسلەرنىڭ ئۆچىگە ئوت يېقىۋەتكەن ئىدى . ئۇ شۇنداق سۆزلەر بىلەن ماختىناتتى ، ئۆزىنىڭ بەختىنى كۆز-كۆز قىلاتتى … بىچارە دوستۇم ئۆمرىنىڭ مۇشۇنچىلىك قىسقا بولىشىنى بىلگەن بولسا شۇ نەرسىلەرنى ساۋاپلىق ئىشلارغا ئىشلىتىۋالماسمىدى ، ئۇ تېخى دەم ئېلىشقا چىقىپ ئاندىن ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىپ گۇناھلىرىمنى يۇيىمەن دېگەن ئەمەسمىدى ؟ ! ئاللاھ قۇدرىتىڭ ئۇلۇغ ئاللاھ توۋا قىلىپ گۇناھلىرىمنى تونۇۋالغىچەماڭا پۇرسەت بەرگىن ! شۇنداق نىدا بىلەن كۆزلىرىمدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلگەن ياشلىرىم يۈزلىرىمنى يۇماقتا ئىدى .يېنىمدا ئولتۇرغان ئايشەمنىڭمۇ ماڭا قارىغىدەك ،ئۆلۈمنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەرگىدەك ئەھۋالى يوق ، ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى .روشەننىڭ ئۆيىگە ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ ئىشىكنى چەكسەك گۈلناز ئىشىكنى ئاچتى ، بىز ئۈنسىز قۇچاغلىشىپ يىغلاشتۇق .ئۆزۈمىزنى شۇنچە باسساقمۇ ئاۋازلىرىمىز بىزگە بويسۇنمايتى .
_ئۆيگە كىرىڭلار ،ھازىر كېچە سائەت بىر بولدى ،قولۇم -قوشنىلارنىڭ بەزىلىرى بىلىپ بولمىدى ، ئەڭ ياخشىسى مىيىتنى ئەكەلگىچە قوشنىلارنىڭ بىلمىگىنى ئۇيقۇسىنى بۇزمىسۇن ،چوڭلارغۇ مەيلى كىچىك بالىلىرى بولسىمۇ ئارام ئالسۇن !-ئايشەمنىڭ ئېرى شۇنداق دەپ بىزنى ئۆيگە ئىكىرگەچ بەزلىدى .
_مەمەت سىز ئەھۋالنى ئېنىقراق بىلدىڭىزمۇ ؟_دېدى گۈلناز ئېسەدەپ تۇرۇپ ،
_ماڭا پەقەت مەخمۇتنىڭ تېلفۇندا «روشەن قارامايدىن كەلگىچە يولدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىپتۇ ،مەن ئاكام بىلەن شۇ يەرگە ماڭدىم ،چوڭلارغا ھازىرچە ئۇقتۇرماي تۇرايلى ، سەن ئايشەمنى ئېلىپ ئۆيگە بېرىپ تەييارلاپ تۇر دېگەن تېلفۇنىنى ئېلىپلا سىلەرنى ئېلىپ كېلىشىم _مەمەت غەمكىن ھالدا يەرگە قارىدى .
_سەن ئۆزۈڭچۇ ؟كىمدىن ئاڭلاپ كەلدىڭ ؟_دېدىم گۈلنازغا
_مەخمۇتنىڭ ھەدىسى قوشنام مەرزىيە ھەدەم ماڭا تېلفۇندىلا پەسكە چۈشۈڭ روشەن ھادىسكە ئۇچراپتۇ دېدى ،ئۆيگە كەلسەك رامىلە ئۇخلاۋېتىپتۇ .مەرزىيە ھەدەم ھېلى يىغا -زارە بولۇپ كەتسە بالا چۈچۈپ كەتمىسۇن دەپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يولدىشى بىىلەن كۆتۈرۈپ ئېچىقىپ كەتتى ، مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئولتۇرۇشۇم ئىدى .ئۇ يەنە مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى .
_ بولدى ،بىز ئاۋۋال ئۆيلەرنى سەل نېرى-بېرى قىلىۋېتەيلى ،ھەر قاچان روشەننى ئۆيگە ئەكىرىدۇ بىز ئاۋۇ چوڭراق ھوجرىنى بىكارلاپ قويامدۇق ؟!_دېدىم .بىز شۇنداق قىلىپ قويغان تۇتقىنىمىزنى بىلمىگەن ھالدا بىر ئىشلارنى قىلىپ ئۆينى ھازىدارلار ئولتۇرىدىغان ،پەتىچىلەر كىرسە پۇتلاشمايدىغان شەكىلگە ئەكەلدۇق .
_مەمەت سىز يەنە بىر تېلفۇن قىلىڭە ،روشەننىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرغان باشقىلارنىڭ ئەھۋالى قانداقراقتۇ ؟…!ئايشەم ئېرىگە يېلىنغاندەك تەرىزدە قارىدى .
مەمەت تېلفۇننى قولىغا ئالدى،بىزنىڭ كۆزىمىز مەمەتنىڭ چىراي ئىپادىسىدە ،يۈرەكلىرىمىز ئەنسىز دۈپۈلدىمەكتە …
_ھە ،ۋاي خۇدا ، ھە،ھە قانچىسى ؟ ! قالغانلىرىچۇ ؟! ھە بىلدىم ، بوپتۇ ئالدىرىماي كېلىڭلار ! مەمەت تېلفۇننى قويۇۋېتىپ بىر ھازا چىرايلىرى تاتارغان ھالدا تۇرۇپ كەتتى ،لەۋلىرىى سۇس تىترەيتتى … كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشقاندەك بىر ھالەتتە مەمەتكە قاراپ قېتىپ تۇراتتىم گۈلناز بىلەن ئايشەممۇ شۇ ھالەتتە مەمەتنىڭ لەۋلىرىنىڭ يەنە نېمە شۇم خەۋەر يەتكۈزىشىدىن قورقۇپ تىترەپ تۇراتتۇق .
ئەر كىشىدىن ھامان بىزگە قارىغاندا جاسارەتلىك بولىدىكەن ، ئۇ دەقىقە ئىچىدە ئۆزىنى سەل ئوڭشىۋالغاندەك بىر ھالەتتە پەس ئەمما ئۇرغۇلۇق قىلىپ :_ھامان بولغىلىق بوپتۇ ، ئۆلگەننىڭ ئارقىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ ،ئۆزۈڭلارنى قاتتىق تۇتىۋېلىڭلار ، روشەننىڭ ماشىنىسىدا يەنە نادىرە ،زەيتۇنە لەرمۇ ، كېتىپ قاپتۇ !-دېدى
كۈتۈلمىگەن بۇ ئېچىنىشلىق قوش پاجىئە ئەقلىمگە سىغمىغاندەك ، مەن خۇددى خىيالى دۇنيادا تۇرىۋاتقاندەك ،بەدىنىمگە ناركوز ئۇكىلى ئۇرغاندەك دەقىقە ھېچنىمىنى سېزەلمەي قالغاندەك گاراڭ بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . كەڭ بالكون بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن ئەينەكلىپ دېرىزە ئالدىغا كېلىپ سىرتقا قارىدىم .تاشقىرىدا دەھشەتلىك شىۋىرغان ھۆكۈم سۈرەتتى.تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلىشكە باشلاۋاتاتتى ،بوش كوچىلاردا يېنىقلىق تۇرغان كوچا چىراقلىرىنىڭ سۇس شەپەق نۇرلىرىغا ئۆزىنى ئۇرىۋاتقان پەرۋانىدەك ئۇششاق ھاشارەتلەرنىڭ پىرىلداپ چۆرگىلىگىنىدەك بىر شەكىللەر كۆزلىرىمنى تورلاشتۇرغاندەك نېم بولدۇم ؟ ئەنە كوچىلار بىردەمدىلا ھۆل بوپ كەتتىغۇ ؟ئانىسىز قالغان بەش نارسىدىنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن سەل بولۇپ ئېقىۋاتامدىغاندۇ ؟!
-ۋاي جېنىم دوستلۇرۇم بۇ قوش ئازابلارغا قانداق چىدارمىز ، قايسىڭلارغا باشتا -قايسىڭلارغا ئارقىدا يىغلارمىز ! … دېگەن يەر تېگىدىن چىققاندەك بوش بىر مۇڭلۇق يىغا مېنى ئېسىمگە ئەكەلدى .مەن كۆزلىرىمنى چىمچىقلىتىپ بېشىمنى سىلكىدىم ، شىۋىرغاندىن كېيىن سىم-سىم يېغىۋېتىپتۇ . ئارقامغا ئۆرۈلدۈم ، گۈلناز بىلەن ئايشەم ئالقانلىرى بىلەن يۈزلىرىنى توسۇپ يىغلاۋاتاتتى .مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىككىسىنىڭ بېشىنى قۇچاغلىغىنىمچە ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ يىغلىدىم .
شۇ چاغدا ئىشىك چېكىلىپ مەھمۇتنىڭ ھەدىسى مەرزىيە ھەدەم ،،روشەننىڭ ھەدىسى رابىيە ،سىڭلىسى رىزۋانلار ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ ئۆي ئىچى يىغا زارىگە تولدى .
_يائاللاھ ئۇكام «چېچىڭنى سۈپۈرگە ،قولۇڭنى كۆسەي »قىلىپ تۇتقان جاھانلىرىڭ قالارمۇ ؟! بۇ جاھان ھەجەپ ۋاپاسىزكەنغۇ قېرىندىشىم ، شۇنچە كۆپ ئادەم سىققان مايتاققا سەن پاتمىدىڭمۇ قېرىندىشىم ، تېخى سەن ياشتىڭغۇ ، ئون گۈلۈڭنىڭ بىرسىمۇ ئېچىلمىغانتىغۇ سىڭلىم !… ھۇھۇ
_ۋاي ئاچام ،چىرايلىق ئاچام ،كۆيۈمچان ئاچام ، ھىچكىم كىيمىگەننى كىيىدىغان ئاچام ،ھېچكىم ئالالمىغان نەرسىلەرنى ئالىدىغان ئاچام ، سېنى كۆرەلمەيدىغانلار جىقتىغۇ ئاچام ،سېنىڭ ئۆلۈمىڭ شۇ كۆرەلمەسلەرنى خوش قىلغانمىدۇ ئاچام !…
ئىچ-ئىچىمدىن شۇنداق ئېزىلىپ يىغلاۋاتقانتىم، روشەننىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ قاملاشمىغان نادانلارچە قوشاقلىرى بىلەن كۆز ياشلىرىم توختاپ ، ئۆزۈمنى سەل بېسىۋېلىپ :
_ رابىيە ھەدە ،ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىڭلار ، تېخى مىيىتنى ئەكەلمىدى ،ھەم بەك ئەتتىگەن سەبرە قىلىڭلار !دېدىم . شۇنىڭ بىلەن سەل پەسكويغا چۈشۈپ ئۆلۈمنىڭ جەريانلىرىنى سوراشقا باشلىدى .
_ بىچارە سىڭلىم ئۆيدىن ،ئېرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچكەن بولسا ، ئۇ تويغىمۇ بارماي ئۆيدە ئولتۇرار بولغىيدى ؟ئۆيدە جىدەل قۇرىمىغاچقا ، كۆڭلىنى تالادا بولسىمۇ خوش قىلىپ كېلەي دەپ ماشىنىنىنى ھەيدەپلا كەتكەندۇ ! ۋاي بىچارە سىڭلىم ! ئىسىت سىڭلىم ! رابىيە ھەدە يەنە قوشاق قېتىشقا باشلىۋىدى .
_بالام ،روشەنگۈل بىلەن مەھمۇتنىڭ نېمە جىدىلى بارتى ؟ _دەپ سورىدى مەھمۇتنىڭ كىچىك ئاپىسى كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ :_ شۇ «ھاراقكەش قېرىسا ئىمام بوپتۇ ،بىرنەرسە قېرىسا بۈۋۈم بوپتۇ » دېگەندەك ، مەھمۇتاخۇن نەچچە يىلدىن ھاراق ئىچىپ تانسا ئويناپ رېستۇراندىن كەلمەي رەڭلىك ئولتۇراش ئوينىدى . ئەمدى بىر يىلدىن ئاشتى جىن چاپلاشقاندەكلا ،تۇيۇقسىز ناماز ئوقۇپ ساقاللىقلارغا ئارلىشىپ تالىپ بولىۋېلىپلا ،روشەنگۈلنى ناماز ئوقۇمۇدۇڭ ،ياغلىق چېگمىدىڭ ، ئايېرىڭنى ئوچۇق قويدۇڭ ،ما يېرىڭنى ئوچۇق قويدۇڭ دەپ ،زادى ئارام بەرمىدى ،بىر ئايدەك بولدىغۇ دەيمەن ناماز ئوقۇمىغان ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇرسا بولمايدىكەن دەپ ياتاقلىرىنىمۇ ئارىۋاپتىكەن ،مەھمۇت مۇسۇلمان ،مېنىڭ سىڭلىم مۇشرىكمىش .. .توۋا ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇسۇلمان دەپ ياراتسا ، بۇ سېرىق تۈكلەر ئەمدى مۇشرىك ،كافىر ،غەيرى مۇسۇلمان دەپ ئايرىپ كېتىدىكەن دىسە …! ئىسىت ،سىڭلىم مۇشۇنداق نائەھلىگە قىلغان ئەقىدىلىرىڭ …!
_ رابىيە گەپ سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىۋالسىڭىز بوپتىكەن بالام ، مەھمۇت سىڭلىڭىزنى يامان ئىشقا زورلىماپتۇ ،ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرىپتۇ ،رەھمەتلىك مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك بۇ يولغا ماڭماپتۇ ،ئەگەر ئۆمرۈنىڭ بۇنداق قىسقا بولىشىنى بىلگەن بولسا مەھمۇتنىڭ ئىسلامغا ماڭغىنىڭ ئۇنىڭ ئامىتى كەنتۇق ! ئىسىت بىچارە قىز ئەمدى تازا پۇشايمان قىلىۋاتقاندۇ ھەقاچان !-دېدى مەھمۇتنىڭ كىچىك ئاپىسى ئۇرغىلىق قىلىپ .
_ۋاييەي شۇنداق دەيدىكەنسىلەر ،ھامان ئۆلىدىغان بولغاندىكىن بىر كۈن بولسىمۇ خوشال ياشاش كېرەكقۇ ؟! مەھمۇتنىڭ يولى توغرىمۇ روشەننىڭ توغرىمۇ ئاللاھ بىلدى !_رابىيە ھەدە قوپاللا جاۋاپ قايتۇردى .
_ مىيىتنى ئەكەلدى ،مىيىتنى قايسى ئۆيگە ئەكىرىمىز ؟! ئەرلەر كىرىپ گەپلەر ئۆزۈلۈپ ھەممە قالايمىقانلاشتى بىز ھېلى بىكارلاپ قويغان چوڭ ھوجرا ئۆينى كۆرسەتتۇق .روشەننىڭ مىيىتىنى ئەكىرىشى بىلەن تەڭ ئۆي ئىچىدە قايتا ھازا باشلاندى .كىم ،كىمگە ئېسىلىپ يىغلاۋاتىدۇ بىلىشمەيتۇق .دوستلار ،ساۋاغداشلار ،ئۇرۇق -تۇققانلار ،قولۇم-قوشنا ،خىزمەتداشلار بىلەن ئۆي لىق تولغان ئىدى .يىغا-زارە ئىچىدە تاڭ ئېتىپ كەتكەننىمۇ بىلمەي قاپتۇق ،بىر چاغدا چوڭلار روشەننىڭ ئانىسى بىلەن ئاتىسىنى ماھمۇتنىڭ ئاتا-ئانىسىنى باشلاپ كىردى . چوڭلار بۇ پاجىئەگە بەرداشلىق بېرەلمىگەندەك مۈكچىيىشىپلا قاپتۇ .ئاھ خۇدا بۇلارغا قاراپ ھەر قانداق باغرى تاش ئادەممۇ ئۆزىنى تۇتالمايتتى .يىغا زارە يەنە شۇنداق پەريات چېكىشلەر ئارىسىدىن روشەننىڭ قىزى رامىلەنىڭ بىر بۇلۇڭدا يىغلاپ ھېقىقداپ تىلىقىپ قالاي دەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ،بېرىپ ئۇنى باغرىمغا باستىم ، جېنىم قىزىم ،بەختسىز قىزىم ،يىتىم بوپ قالدىڭمۇ قىزىم … چولپان ئاپا ئاپامغا نېمە بوپتۇ !ئاپامغا نېمە بوپتۇ !؟ مەن قانداق قىلاي ئەمدى ،مەن ئەمدى كىمنى ئاپا دەيمەن ؟چىرايلىق ئاپا ،تاتلىق ئاپام ،ئوماق ئاپام !كىچىككىنە رامىلەنىڭ بۇ يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان نالىلىرى بىلەن ئۆيدە يەنە بىر ھازا كۆتۈرۈلدى .ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىدا چىرايى تامدەك تاتىرىپ لەۋلىرى تۆمۈردەك كۆكۈرۈپ ئولتۇرغان مەھمۇت ئورنىدىن ئىختىيارسىز سەكرەپ تۇرۇپ قىزىنى قولۇمدىن يۇلۇپ ئېلىپ باغرىغا باستى .
_جېنىم قىزىم ،ئاپپاق قىزىم ،بىزگە ئاللاھ بار مەن ساڭا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولىمەن … ھۇ ،ھۇ ئاللاھىم ماڭا مۇشۇ نارسىدە قىزىمغا سەبرە بەر ! يائاللاھ نەچچە سائەتتىن يىغلاۋاتقان پۈتۈن ئاياللارنىڭ يىغىسىغا مۇنۇ بىر ئەرنىڭ نەچچە مىنۇتلۇق پىغانلىق ھازىسى يەر-زىمىننى تىترەتكەندەك ھەممىمىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزنى زىل-زىلىگە سېلىۋەتتى .
_ سەبرە قىلىڭلار قېرىندىشىم سەبرە !ماھمۇتنىڭ نەچچە ئاغىنىسى سالماق ئاھاڭدا شۇنداق تەسەللى بېرىپ ئۇنى قىزىدىن ئاجراتتى .شۇ ئارلىقتا مىيىتنى يۇغۇچى بۈۋۈملەر كىرىپ كېلىشتى ،ئۇلار ھازىدارلار بىلەن كۆۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن پاتەمخان بۈۋۈم ئۈنلۈك ئاۋازدا
بۈگۈن ئۇزىتىدىغان ئۈچ شۇڭا ئالدىراش تۇتۇش قىلمىساق كۈننىڭ ئىسسىقىدا بولمايدۇ .شۇڭا يىغا-زارىنى ئاز قىلىپ مىيىتنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ تەييارلىقىنى تېز پۈتتۈرۈپ مەسچىتكە ئېلىپ ماڭايلى _دېدى .ئەرلەر مىيىتنى ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن تەختىراۋاننى ئەكىرىپ ھازىدارلار مىيىت بار ئۆيگە ئۆزىنى ئېتىپ يىغا-زارە باشلاندى .
بۈۋۈم مېنىڭ بىر تەلىۋىم ،شۇنداقلا بۈگۈن قازا قىلغان ئايالىم روشەنگۈلنىڭ بىر ۋەسىيىتى بار ئىدى شۇنى سىلىگە يەتكۈزىدىغان _دېدى مەھمۇت بۈۋۈمنىڭ ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ يەرگە قاراپ .ماھمۇتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان يىغلاۋاتقانلار يىغىسىدىن ،سۆزلەۋاتقانلار سۆزدىن ،ئىشقىلىۋاتقانلار ئىشىدىن توختاپ ماھمۇتقا قاراشتى .
_ئايالىمنىڭ بىر ئارززۇسى بار ئىدى .تۈنۈگۈن ئايالىم مۇشۇ ئۆيدىن چىققىچە يەنە بىر تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن دېمىسەم «ئامانەتكە خىيانەت » قىلغان بولىمەن . مۇشۇ يەردە تۇرغان ئاتا-ئانام بولسۇن ھەممىڭلار بىلىسىلەر مەن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ھەقنى چۈشەنمەستە جاھالىيەت پاتقىقىغا پېتىپ ئاللاھ ئالدىدا بىلىپ -بىلمەي نۇرغۇن گۇناھلارنى قىلغان گۇناھكار بەندىمەن ،ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەم ھەقنى تونۇغان بۇرادەرلىرىمنىڭ دەۋىتى بىلەن ھەقنى تونۇدۇم .قايتىدىن مۇكەممەل مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىنى ئورۇنداپ چەكلىگەنلىرىدىن ئۆزۈمنى تارتتىم .ئايالىمنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ھەم ئاشۇ بىر تال قىزىمنىڭ ئانىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىمۇ مۇشۇ توغرا يولدا مېڭىشقا دەۋەت قىلدىم .ئاللاھنىڭ ئاياللارغا پەرىز قىلغان ئەۋرەتلىرىنى يېپىش پەرزىنى ئادا قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا پۈتۈنرەك كىيىم كىيىپ بېشىغا ياغلىق ئارتىشقا بۇيرۇدۇم .ئەمما بىچارە ئايالىم پەقەت كۆنمىدى .ئەكسىچە بۇنىڭغا قارشى ئىشلارنى ماڭا كۆرسۈتۈپ قىلدى .مەن ئاللاھتىن ئۇنىڭغا ھىدايەت تىلىدىم ،بىر تال قىزىمنى يىتىم قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ياتاق ئايرىپ تۇرغان بولساممۇ يەنە سەبرە قىلىپ ئۇنىڭ ئىنساۋىنى كۈتىۋاتاتتىم . تۈنۈگۈن ئۇ يەنە يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ سىرتقا ماڭدى .مەن ئۇنىڭغا :_روشەن ئايال كىشى ئېرىنىڭ رازىلىقىسىز سىرتقا چىقسا بولمايدۇ ،ئاشۇ بىر تال قىزىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئاللاھتىن قورق!-دېدىم .
_مەن ئاللاھتىن قورقىمەن ،ئەمما سەندىن قورقمايمەن ،ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇستەققىل ياراتقان ئەركىن ياشىغۇم بار ،ئۇنداق يوغان ياغلىق چىگىپ ئۇزۇن كۆينەك كىيمىسەممۇ ،گۇناھلىق ئىشلارنى قىلمىدىم،بىرسىگە قارا سانىمىدىم ،مەن ئاللاھنى دىلىمدا ياد ئېتىمەن .مەن بەرىبىر ياغلىق چەگمەيمەن ،مەڭگۈ ياغلىق چەگمەيمەن ،ئەگەر تاسادىپىي سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆلۈپ كەتسەم بىلىپ قال ئۆلۈكۈممۇ ياغلىق چەگمەيدۇ،مەن يەرلىكىمدىمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق گىرىملىرىم بىلەن يېتىشنى ئارزۇ قىلىمەن ، بۇ مېنىڭ ئاخىرقى قارارىم !_دەپ چالۋاقىغىنىچە قىزىمنىڭ ئاپا نەگە بارىسىز ؟ دەپ توۋلىشىغىمۇ قارىماستىن چىقىپ كەتتى .مەھمۇتنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگە مۇنچاقتەك ياشلار يۈزلىرىدە دومىلايتتى . ئاۋازلىرى بوغۇلۇپ قالغاندەك ھىقىقداپ بىر دەقىقىدىن كېيىن :_بۈۋۈم مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئۇنىڭ تەلىۋى بويىچە ئۇنى كېپەللىگەندە بېشىغا لىچەك سالماي يەڭسىز كىپەنلەڭلار !_ئۇنىڭ ئاۋازلىرى دەرتلىك ئىشتىياقتا تىترەپ كەتتى .
ئۆي ئىچى سۈكۈتكە چۆمدى ،ھەممىمىز بۈۋۈم نېمە دەركىن دەپ تۇراتتۇق ، روشەننىڭ ھەدىسىنىڭ يېقىمسىز ھازا قوشاقلىرى سۈكۈتنى بۇزدى .
_ۋاي قېرىندىشىم تىرىكلىكىڭدە ساڭا سالغان ئەلەملىرى ئازدەك ،ئەمدى ئۆلۈكىڭگىمۇ ئارام بەرمەيدىغان بولدىمۇ بۇ دەيۈز ، ياغلىق چەگمەيمەن دېسەڭ چەگ دېدى ئەمدى ئامالسىز چېگەي دېسەڭ ياغلىق چەگمىسۇن دەيدىغۇ قېرىندىشىم ،ياغلىقسىز ،يەڭسىز كىيىملەر گىرىم بىلەن كېپەنلىگىچە گۇئەنسەيگە سالىمەن دېسە بولمامدۇ ئوچۇق قىلىپ ! ئەمدى ئۆلۈكىڭگىمۇ ئىگە بولماقچىمىكەن بۇ مەرەز ! _دەپ جارسالسا سىڭلىسى رىزۋان :_ۋاي ئاچام تۇتقان جاھانلىرىڭ كىملەرگە قالار ئاچام ،كورىيەنىڭ پەردىلىرى ئېراننىڭ گىلەملىرى ،فىرانسىيەنىڭ خرىستاللىرى ھەممىسى خەققە قالارمۇ مەن چىدىمىدىم ئاچام ،بۇ يۈرەكلەر زارداپ بوپ كەتتىغۇ ئاچام !_دەپ قاملاشمىغان قوشاقلارنى قېتىپ ئېچىنىپ يىغلاۋاتقان جامائەتنى مەسخىرلىك كۈلۈشكە مەجبۇرلاۋاتاتتى .
_بولدى قىلىڭلار ، قانداق يىغا بۇ ! يىغلىدۇق دەپ شۇنداقمۇ قاملاشمىغان يىغىنى يىغلامدۇ ؟ ئۆلۈم دېگەننى ئاللاھ بىزگە ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن بېرىدۇ . دېمىسىمۇ ئېرى بار ئاياللار تۇرۇپ ئېرىنىڭ رازىلىقىسىز شەھەر ئاتلاپ تويغا بارغان ئىش ئىسلام شەرىئىتىمىزگە چۈشمەيدۇ .گۇناھ بولىدۇ گۇناھ ! مۇشۇ كۈنلەردە قىز ئاياللىرىمىز بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى . قاراڭلار مۇشۇ ئۆلۈمگە كەلگەن ئاياللارمۇ قىسقا يەڭ ،يۇتىسىنى ئېچىپ چىرايلىرىنى بويۇشۇپ تۇرۇشقان ، ئۆلۈمگە بۇنداق كەلگىچە كەلمەڭ !مەرھۇمنىڭ گۇناھى ئازدەك قاملاشمىغان قوشاق قېتىپ قېرىندىشىڭىزنى يەنە قىينىماقچىمۇ ؟ بولدى بەس بۇ دۇنيادىكى ھېلىغۇ ئۇ ئۆي جابدۇقىكەن ئالتۇن-يامبۇسى بولسىمۇ قىلچىلىك پايدىسى يوق ،پەقەت بۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىلا ئەسقاتىدۇ .قالايمىقان قوشاق قېتىپ زىددىيەت تاپماي، مەرھۇمنى چىرايلىق ئۇزۇتىپ قويۇڭلار ،ھاياتلىرىڭلار بۇ ئۆلۈمدىن ئىبرەت ئېلىڭلار ! پاتەمخان بۈۋۈم جاراڭلىق ئاۋازدا غەزەپلىك ئاھاڭدا شۇنداق دېگەندىن كېيىن ،ئۆزىدىن جاۋاپ كۈتۈپ تۇرغان مەھمۇتقا قاراپ :_ئوغلۇم ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇپ توغرا يول تاپقىنىڭىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! ئەمدى ھاياتلىقىدا ئەيشى-ئىشرەتتىن كەلمەي بىرەر قېتىم مەسچىتكە كىرىپ باقمىغان ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغانلارمۇ ئۆلۈپ كەتسە يەنە شۇ مەسچىتكە مىيىتىنى ئەكىرىپ يۇيۇپ تاراپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئۇزۇتۇپ قويىۋاتىمىز ،ئايالىڭىزمۇ شۇنىڭ قاتارىدا ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ قاتارىدا ئۇزىتىپ قويايلى ،قالغان ئىشلارنى ياراتقۇچى ئىگەم ئاللاغا تاپشۇرايلى _دېدى .
_بالام شۇنداق بولسۇن بۈۋۈمنىڭ دېگىنى دۇرۇس بىز ھەممە ئىشلارنى ياراتقان ئىگىمىز ئاللاھقا تاپشۇرايلى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭ رەھمەتلىكنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن !_دېدى مەھمۇتنىڭ ئانىسى مىشىلداپ تۇرۇپ .
_شۇ ،ئەمەسمۇ ھەممىنى ئاللاھ بىلدى مېنىڭ قىزىمنى ئۇنچىلا ئەيىپلەپ كەتكەنلەرنىڭمۇ جەننەتكە كىرىپ كېتىشى تايىنلىق ،ۋاي بالام ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى يوقكەنغۇ بالام ،ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى بولغان بولسا مەن بالام دېمەي ،سەن ئانام دەپ قالساڭ بولاتتىغۇ بالام ،باغرىم بالام ،جىگىرىم بالام يۈرىكىمنى بىر نەرسە يەپ كەتتىغۇ خېنىم ،ئوتتۇڭىزدا كۆيەمەنمۇ خېنىم ،سۈيىڭىزدە ئاقارمەنمۇ خېنىم ،شۇ بىر تال قىزىڭىزنى كىمنىڭ ئالدىدابويۇن قىسسۇن دېگەنسىز خېنىم …!دەپ يىغلاپ ھەممىمىزنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېزىۋەتتى .
_مىيىتنى ئېلىپ مېڭىڭلار ،بولۇڭلار … ئۆيدە يەنە يىغا كۆتۈرۈلدى .ئاتا-ئانىسىغا كۆرسەتمەمسىلەر ؟
_ياق بولمايدۇ !
روشەننىڭ مىيىتىنى كۆرۈپ چىققان ھەدىسى بىلەن سىڭلىسى ئۆزلىرى ئۇرۇپ پەريات چېكىپ ئايلىنىپ قېلىشتى . چوڭلار ئۆيدە قېلىپ ياشلار مىيىت بىلەن تەڭ مەسچىتكە مىيىتنى ئۇزاتقىلى مەسچىتكە ماڭدۇق .مەسچىتتە بۈگۈن ئۈچ مىيىت بىرگە ئۇزىتىلىدىغان بولغاچقا مەسچىت قوروسى ھازىدار ھەم جامائەت بىلەن لىق تولغان ئىدى .بىز مەسچىتنىڭ مەخسۇس ئاياللار كىرىدىغان چوڭ بىر زالىغا كىردۇق .بۇ يەردە ئۈچ ئۆلۈمنىڭ ھازىدارلىرى بىلەن پەتىچىلىرى ھەم ساۋاغداش دوسلار بىر-بىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ يىغا-زارە قىلىشتۇق .تولا يىغلاپ پۇت-قوللىرىمدا جان قالمىغاندەك ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتىم .بىز ساۋاغداش دوستلار يىغىدىن توختاپ بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇشتۇق .
_روشەن ماڭا ،قارمايغا تويغا بىرگە بارامدۇق دەپ تېلفۇن قىپتىكەن ،مۇھەممەتكە دېسەم ،مايتاغدىكى توي يېتىشمىگەندەك قارمايغا تويغا بېرىپ نېمە بوپتۇ ،ئۆيۈڭدە باللىرىڭغا تاماق ئېتىپ ئولتۇرە دېدى .شۇنىڭ بىلەن روشەنگە تېلفۇن قايتۇرۇپ ئېرىمنىڭ قوشۇلمىغانلىقىنى دېسەم ئۇ رەنجىگەن ھالدا «يائاللا ،قاچانغىچە شۇ ئېرىڭنىڭ قۇلى بولۇپ ئولتۇرارسەن ؟ بارساڭ كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ قالاتتى ،بوپتۇ خوش ئەمىسە !»دەپ تېلفۇننى قويىۋەتكەن ئىدى . شۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى خوشلىشىشىم بولۇپ قاپتۇ !-دېدى يىغلامسىراپ تۇرۇپ .
_ئۇ ماڭىمۇ نەچچە قېتىم «باشقىلار مېنى بەك ياسىنىدۇ ،گىرىم قىلىدۇ دەيدىكەن ،ئەمما مەن ھازىر ساق-سالامەت ياشاۋاتىمەنغۇ ،سەكراتتا يېتىپ قالساممۇ ،گىرىم بىلەن ياسىنىپ يېتىپ ئۇ دۇنياغا كېتەرمەنمىكىن »دېگەن ئىدى ،بايا ئۇنى كۆرگىلى كىرسەم ، ئاللاھ توۋا قىلدىم ئۇنىڭ گىرىم قىلغىدەك ئەمەس كۆرگىدەك ،تونىغىدەكمۇ چىرايى قالماپتۇ ،بەك قورقۇپ كەتتىم ، بىز ھوشىمىزنى تېپىۋالمىساق بولماپتۇ قىزلار !_گۈلناز ئالقانلىرى بىلەن يۈزلىرىنى توسۇپ يىغلاپ كەتتى .
_مەنمۇ بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن ،روشەنمۇ دەم ئېلىشقا چىقىپ ھەرەمگە بېرىپ توۋا قىلىمەن دېگەن ئىدىغۇ ؟نىسىپ قىلدىمۇ ؟ مانا بىزگىمۇ مۇشۇنداق ئۆلۈم كېلىپ قالسا قانداق قىلارمىز ؟ ياغلىق چگىپ ناماز ئوقۇماي تۇرۇپلا مۇشۇ ھالەتتە كەتسەك ئاللاغا نېمىمۇ دەرمىز ؟!مەن ئالدىراپ قالدىم -دېدىم يىغلاپ تۇرۇپ
_ماشىنا دەھشەت قاتتىق سوقۇلۇپتىكى كۆرسەڭلار ئىچىدە ھېچكىم ساق قالمىدى دەپ ئويلايسىلەر ئەمما ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ماشىنىدىكى تۆت ئادەمنىڭ ئۈچى ئۆلۈپ بىرى ھايات قاپتۇ ،نادىرەنىڭ مىڭىسىگە قان چۈشۈپتۇ بىز بارساق تېخى جان ئۈزمەپتىكەن ،مان بېرىپ ئۇنىڭ بېشىنى قولۇمغا ئالسام ماڭا قاراپ باللىرىم …دېگىنىنى ئاڭلىيالىدىم كۆزلىرى ئوچۇق ھالەتتە كېتىپ قالدى ،زەيتۇنەنىڭ جىگىرى ئېزىلىپ كېتىپتۇ ،ئۇ يېرىم يولدا بەك قانسىراپ كېتىپ كېتىپ قالدى . ئۇمۇ باللىرىمغاياخشى قاراڭ دەپ يولدىشىغا يىغلاپ ۋەسسىيەت قىلالىدى . روشەن شۇ يەردىلا تۇتقان رولىغا قىسىلىپلا جان ئۈزۈپتۇ ماشىنىنىڭ ئەينىكى چىرايىنى بۇزىۋېتىپتۇ ،مەرۋاننىڭ بىر قولى جەينىكىدىنلا ئۈزۈلىپ كېتىپتۇ ،پۇتى نەچچە قوۋۇرغىسى سۇنۇپتۇ ،ئەھۋالى خېلى ئېغىر بولسىمۇ قىزىنىڭ تەلىيىگە جېنى ئامان قاپتۇ . ھازىر دوىتۇرخانىدا جىددى داۋالىنىۋاتىدۇ .ئەڭ يامانى قاتناش ساقچىلىرى كېلىپ ئۇلارنى تەكشۈرگەندە ھەممىسىنىڭ قېنىدا ئىسپىرت چىقتى ._دوختۇر دوستىمىز رەيھان پەس ئاۋازدا شۇنداق دېدى .
_سەن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جايغا بېرىپسەندە ؟
_شۇ كۈنى مەن دىجورنى ئىدىم خەۋەرنى ئاڭلاپلا دوختۇرخانىنىڭ ماشىنىسىدا بارغانتىم ،ئەمما ئاللاھتىن كەلسە بىز بەندىنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىكەن ،ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىمدا جان ئۈزۈشلىرىگە قاراپ تۇرۇش ماڭا بەك ئېغىر كەلدى … رەيھان يىغلىۋەتتى .
_بۇلارغا كۆز تەگدى جۇمۇ ؟شۇ كۈنى تويدا ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ تانسا ئويناپ تويدىن چاڭ چىقىرىۋەتكەن ئىدى ،ئۇلارنىڭ كىيىملىرىدىن تارتىپ گىرىملىرىغىچە شۇنچە ئېچىپتىكەن ،تويدىكىلەر بۇ نېمانچە شوخ ،نېمانچە چىرايلىق چوكانلاردۇ ؟! دېيىشىپ سۆزلەپ كەتكەنتى !_دېدى بىزدىن چوڭراق بىر چوكان ھاياجانلىنىپ .
_سىزمۇ شۇ تويدا بارمىدىڭىز ؟_دېدى ئايشەم چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ،
-تويى بولغان لار ماڭا تۇققان كېلەتتى مەن تويدا بار ئىدىم .-دېدى
مەرھۇملارنىڭ يىراق-يېقىندىن كەلگەن تۇققانلىرى كىرگەندە يەنە يىغا -زارە بولاتتى .بۈۋۈم ياكى ھاجىم خېنىملار پات-پات« بولدى يىغلىماڭلار يامان بولىدۇ »دەپ تەسەللى بېرەتتى .
_يائاللا ،ميىتنى نەدىنمۇ مەسچىتكە ئەكىلىپ يۇيىدىغاننى چىقاردى مۇشۇلار ،بۇ يەردە يە كەڭ-كۇشادە يىغلىغىلى بولمىغان ،ئەسلى مەسچىتكە ئايال كىشى كىرسە يامان بولىدىكەنغۇ ؟!-دېدى سۇڭ ۋۇكۇڭنىڭ كىنوسىدىكى جىنلاردەك بويىۋالغان چاچلىرىنىڭ ئۈستىگە لېنتىدەكلا بىر گاز ياغلىقنى بوشلا چىگىپ يېشىنىڭ 40 يېقىنلاپ قالغىنى بىلەن ھېساپلاشمايلا تار پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن تار مايكا كىيىۋالغان ،چوكان ناھايىتى رەنجىگەن ھالدا قاش-قاپاقلىرىنى سۈزۈپ .
_مېنىڭچە مىيىتنى مەسچىتتە يۇغىنى توغرا بولدى ،ئۆيلىرىمىز بىنا بولغاچقا نەچچە قېتىن مىيىتنى تەختىراۋاندا ئېلىپ چۈشىۋاتقاندا يىقىتىۋالغان ئىشلار بولدى ،ئۆيلەر بەك تار بولغاچقا ،ئۆلۈم كۈنى مىيىتنى يۇغىچە قولايسىزلىقلار كۆپ بوپ كەتتى .مەسچىت دېگەن ئاللاھنىڭ ئۆيى تۇرسا ھەم پاكىز ھەم ئىسسىق سۇلىرى تەييا قولايلىققۇ ؟_دېدى بىر بۈۋۈم چۈشەندۈرۈپ .
_مەسچىتكە ئاياللار كىرسە بولمايدىكەنغۇ ؟بىز كىرىپ ئۆزۈمىزگە گۇناھ ئارتىپ يۈرۈيمىز مانا ،_دېدى ھېلىقى چوكان يەنە قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ .بۈۋۈم بۇ سۇئالغا دەماللىققا نېمە دېيىشى بىلەلمەي تۇراتتى .

ئەگەر داۋامىغا قىزىقسىڭىز ئاياللار دۇنياسى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: ayal888) غا z12 نى قايتۇرۇپ كۆرۈڭ!
Tags:
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى