قىز-يىگىتلەرنىڭ ئايرىلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى
-
قىز-يىگىتلەرنىڭ ئايرىلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى
ۋاقتى: 2016-08-01 ئاۋاتلىقى: 2613 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قىز-يىگىتلەرنىڭ ئايرىلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى
قىز-يىگىتلەرنىڭ جۈپتىدىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى
سوغۇق ۋە قوپاللىق كۆپلىگەن كىشلەرگە ناتونۇش بولمىسا كېرەك، بۇ ئەمەلىيەتتە ئايرىلىپ كېتىشنىڭ ئالامىتى. ئەگەر سىز ئاشۇ سوغۇق ۋە قوپاللىقنىڭ مەنىسىنى بالدۇرراق تونۇپ يېتەلىسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ ئازابتىن ياكى باشقىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئازابلاشتىن ساقلىنالىشىڭىز مۇمكىن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1-باسقۇچ: ئۇ تۇيۇقسىز شۇنداق ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. سىز قىزغىن مۇھەببەت دېڭىزىغا شۇڭغۇپ بولالمىغاندا، ئۇ تۇيۇقسىز ئالدراش بولۇپ كېتىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى بەزلەيسىز، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشتىن چەكلەيسىز، لېكىن ئۇ سىزنى بىر ئازمۇ خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ.
2-باسقۇچ: قارشى تەرەپتىن جاۋاب كۈتۈشكە باشلايسىز. 1-باسقۇچ بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئاراڭلاردىكى قىزغىنلىقنىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز، ئاخىر ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىپ قېلىۋاتقانلىقىنى سورايسىز، لېكىن ئۇ:« ئۇنداق ئەمەسقۇ، يېقىندىن بۇيان بىر ئاز چارچاپ قېلىۋاتىمەن ياكى بېسىمىم ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، قالايمىقان ئويلىماڭ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
3-باسقۇچ: 2-باسقۇچ بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئاراڭلاردىكى سوغۇقلۇق 1-باسقۇچتىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفون بېرىسىز، ئۇچۇر يازىسى، لېكىن ئۇ ئۆزى سىزنى ئىزدىمەيدۇ.
4-باسقۇچ: سىز ئايرىلىش توغرىسىدا گەپ ئېچىشقا باشلايسىز. بۇ ۋاقىتتا سىزگە سوغۇق، قوپال مۇئامىلە قىلىۋاتقان كىشى: «ئايرىلمايلى، ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ» دەيدۇ. ئاخىردا سىزنى يەنىلا يېنىدا ئەپقالىدۇ.
5-باسقۇچ: ياخشىلىنىش. 4-باسقۇچ سەۋەبلىك، ئۇنىڭ مۇئامىلىسى بىر ئاز ياخشىلىنىدۇ. سىز ئۇنى يېنىڭىزغا قايتىپ كەلگەندەك ھېس قىلىسىز، لېكىن بۇ كەيپىيات ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ.
6-باسقۇچ: مۇھەببەتنى يوقىتىپ قويسىمۇ، يەنە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. بۇ ۋاقىتتا ئۇ يەنە 3-باسقۇچقا قايتىدۇ.
7-باسقۇچ: ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىز. ئايرىلىش ۋە ئايرىلماسلىق ئارىسىدا ئارىسالدى بولىسىز، كۆزىڭىزگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ، گېلىڭىزدىن غىزا ئۆتمەيدۇ، ئەپسۇس، بۇ ئىشلارنى ئۇ بىلمەيدۇ.
8-باسقۇچ: ئايرىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىسىز، ئۇ سۈكۈتتە تۇرىدۇ. يەتتە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخىر بىر قارارغا كېلىسىز، ئۇنىڭغا ئايرىلىپ كېتىشنى ئېيتىپ يوللىغان ئۇچۇرىڭىز جاۋابسىز قالىدۇ.
مەنبە. جۇڭگۈ ئۇيغۇرچە رادىيوتورىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
خانىم-قىزلار ئۈچۈن 13 خىل مودا شارپا ئوراش ئۇسۇل
2015-12-13 18:21:049227يۈزىڭىزدىكى 10 خىل قورۇق بەدىنىڭىزنىڭ بۇ كېسەللى
2015-08-10 14:03:282628ئوقۇغۇچىلاردا بالا چۇشۇرۇش ئېغىرلاشماقتا
2015-12-16 12:37:534105تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىش ۋە ئۇنىڭ ئالام
2015-12-10 19:02:033245يالغان كىرپىكنىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز؟
2016-01-07 01:42:283318ئەرلەر تۆۋەندىكىدەك ئاياللارغا بەك كۆيۈنىدىكەن
2015-11-10 02:26:342372ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ
2016-02-05 18:55:473899قىزلار نېمىشقا بالدۇر يېتىلىپ قالىدۇ؟
2016-01-26 19:55:433151
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-