ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

    خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

يۈزىڭىزدىكى 10 خىل قورۇق بەدىنىڭىزنىڭ بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى

يۈزىڭىزدىكى 10 خىل قورۇق بەدىنىڭىزنىڭ بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى

ۋاقتى: 2016-10-25 ئاۋاتلىقى: 2889 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يۈزىدە قورۇق بارلار بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ!


يۈزىڭىزدىكى 10 خىل قورۇق بەدىنىڭىزنىڭ بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى
1. پىشانىدىكى قورۇق: پىشانىدىكى قورۇق خامۇشلۇق كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پىشانىدىكى توغرىسىغا كەلگەن قورۇق تەپەككۈر يۈرگۈزۈشكە ماھىر ياكى ئەمەسلىكنىڭ بەلگىسى، بىر كىچىككىنە قورۇق شۇ كىشىنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنىڭ، تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنىڭ بەلگىسى. ئەگەر پىشانىدىكى قورۇق تۇتۇشۇپ كەتمىگەن، دولقۇنسىمان كەلگەن بولسا بۇ كىشىدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا كەيپىياتىدا ئۆزگۈرۈش بولىدۇ، روھى جەھەتتىن ئازاپقا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل كىشىلەر ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى: ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش، ئۆزىدىكى بېسىمنى يېنىكلىتىش، بىكار ۋاقىت تاپسىلا پىشانىنى ئۇۋلاپ بېرىش كېرەك.

2. ئىككى قاش ئوتتۇرىسىدىكى قورۇق: ئىككى قاش ئوتتۇرىسىدىكى قورۇق بېسىمدىن جىددىيلەشكەنلىكنىڭ ئىپادىسى. ئىككى قاش ئوتتۇرىسىدىكى قورۇق غەزەب قورۇقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كىشىلەر ئادەتتە پۈتۈن زېھنى بىلەن بىر ئىشنى خىيال قىلىۋاتقاندا ياكى غەزەبلەنگەن ۋاقتىدا، غەزەپ قورۇقى شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە غەزەب قورۇقى بۇرۇن يان كاۋىكى كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى: ھەركۈنى 10~5 تال ئۈرۈك مېغىزى يەپ بەرسە نېرۋىغا ئەڭ پايدىلىق.

3. قاڭشار قورۇقى: ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قاڭشار قورۇقى بار كىشىلەر دائىم ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا، قاڭشار قورۇقى بار كىشىلەرنىڭ ئاسانلا بېشى ئاغرىيدۇ. ئەگەر قاڭشاردىكى قورۇق قوشۇش شەكلىدە بولسا، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياكى بۆرەكتە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇنداق قورۇقى بار كىشىلەرنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ شەكلىدە روشەن ئۆزگىرىش بولىدۇ. تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى: مېڭىنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.

4. ئېغىز گىرۋىكىدىكى قورۇق: ئاشقازان كېسىلىنىڭ ئالامىتى. ئېغىز گىرۋىكىدىكى قورۇق ئېغىز ئەتراپىدىن باشلىنىپ تۆۋەنگە قاراپ ئۇزىرىغان بولىدۇ. ئوڭ تەرەپتىكى قورۇق جىگەر بىلەن ئۆت خالتىسىنىڭ بېسىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، سول تەرەپتىكىسى بولسا تالدا كېسەللىك كۆرۈلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. جاۋغىيىدا كىچىك قورۇقلار بولسا، بۇ ھاكاۋۇرلۇقنىڭ، ئاشقازان كېسىلى بارلىقىنىڭ ئىپادىسى. تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى: كاشتان يەپ بەرسە جىگەر، تالغا پايدىلىق.

5. كۆز ئەتراپىدىكى قورۇق: كەيپىياتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. كۆز ئەتراپىدىكى قورۇق ئىنتايىن يۇمران كېلىدىغان بولۇپ، بۇ قورۇق تەبەسسۇم قورۇقى، كەيپىيات قورۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەيلى كەيپىياتىڭىز ياخشى ياكى ناچار بولسۇن كەيپىيات قورۇقى ئوخشاشلا كۆز ئەتراپىڭىزدا پەيدا بولىدۇ. ئۈمۈدۋار كىشىلەرنىڭ كۆز ئەتراپىدىكى قورۇق يايسىمان كېلىدۇ، بۇ خىل قورۇق ئىچكى توقۇلمىلارنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، بۇنداق كىشىلەر بوۋاسىر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. قاپىقىدا قورۇق زىچ بولسا، يۈرەكتە مەسىلە بارلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. كۆزنىڭ قۇيرۇق ئەتراپىدىكى قورۇق زىچ بولسا، ئاڭلاش سېزىمى تۆۋەنلىگەنلىكىنىڭ، باش دائىم ئاغرىيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى: كەيپىياتنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇش كېرەك.

6. مەڭزىدىكى قورۇق: قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتى. مەڭزىدىكى قورۇقنىڭ كېسەللىك ئالامىتى: ئەگەر ئوڭ مەڭزىدىكى قورۇق سول تەرەپتىكىدىن كۆپ بولسا، جىگەرنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەڭزىدىكى قورۇق قىيپاش كەلگەن بولسا، قان بېسىمى بار-يوقلىقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش زۆرۈردۇر، مەڭىز سۆڭىكىدە ئورغاق شەكىلدىكى قورۇق پەيدا بولسا، بۇ پۇتتا مەسىلە بارلىقىنىڭ ئىپادىسى.
تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى: تاماقتا گۆش بىلەن كۆكتاتلارنى تەڭشەپ يېيىش كېرەك، ھەرىكەتنى كۆپرەك قىلىش كېرەك. يۈز تېرىسىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ بېرىش كېرەك.

7. كۆز ئاستىدىكى قورۇق: زەھەرنى ھەيدەش ئىقتىدارىنىڭ بەلگىسى كۆز ئاستىدىكى قورۇقنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسا: بۆرەك بىلەن دوۋساقنىڭ زەھەرنى ھەيدەش ئىقتىدارىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، كۆز خالتىسى چوڭ بولسا بۆرەكنى ئاسراش كېرەكلىكىنى، كۆز ئاستىدا ئورغاقسىمان قورۇق كۆپ بولسا، بۆرەك، يۈرەك، دوۋساقتا كېسەللىك بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى: ئىشقارلىق تاماقلارنى كۆپ يېيىش، كۆپ سۇ ئىچىش كېرەك. بۇغداي ئۇنى تاماقلىرىنى كۆپ يېيىش كېرەك، چۈنكى بۇغداي ئۇنى تاماقلىرىنىڭ بۆرەكنى تازىلايدىغان رولى بار.

8. ئېغىزدىكى تىك سىزىقلار: ھورموننىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئېغىزدىكى تىك سىزىقلار كېلىماتېرىيە دەۋرى ۋە كېلېماتېرىيە دەۋرىدىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدە ئانىلىق ھورمون كەملىگەنلىكتىن ئېغىزدا تىك سىزىقلىق قورۇق پەيدا بولىدۇ. دېمەك بۇ تىك سىزىق ھورموننىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى. ئېغىزنىڭ ئۈستىدە، بۇرۇننىڭ ئاستىدا قورۇق بولسا، بۇ خىل كىشىلەر مۇتەئەسسىپ، ئانچە دوستانە ئەمەس كېلىدىغان بولۇپ، بۇمۇ ھورمۇننىڭ ئاجىزلاپ بارغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەر بۇ خىل سىزىق يانتۇ بولسا، يۈرەكتە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى: دادۇر، بۇغداي، كۆكتاتلار ھورمۇننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق.

9. لەۋنىڭ يېنىدىكى قورۇق: ئاشقازان كېسىلىنىڭ ئالامىتى. لەۋنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قورۇق جىگەر بىلەن ئۆتنىڭ بېسىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، سول تەرەپتىكى قورۇقلار بولسا تالنىڭ ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى: كاشتاننى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.

10. ئېڭەكتىكى قورۇق: پۈتكۈل بەدەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئېڭەكتىكى قورۇق بەدەننىڭ ئومومىي ساپاسىنى يەنى بولۇپمۇ ئۈچەي، ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر لەۋ بىلەن ئىڭەك ئوتتۇرىسىدا قورۇق پەيدا بولسا بۇ بوۋاسىر كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر ئېڭەكنىڭ ئاستىدا «مۈشۈكنىڭ پەنجىسى» شەكلىدە قورۇق پەيدا بولسا تېرىدىكى ماي قەۋىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. لەۋ جاۋغىيىدا، ئېڭەكتە چوڭقۇر قورۇق بولسا، ئۈچەي، ئاشقازاننى تەكشۈرتۈپ بېقىش زۆرۈردۇر.
تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى: دائىم ئىڭەكنى كۆتۈرىدىغان ھەرىكەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ بېرىش، كوللاگېنلىك ئاقسىلنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.


ئاياللار يانبىلوگىدىكى سەرخىل مەزمۇنلار سىز گە روھى ئوزۇق ۋە تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى بولغۇسى.


ھەر خىل ئاياللار كىسەللىكى ھەققىدىكى ساۋاتلار،جىنسىيەت بىلىملىرى ۋە تۇرمۇش مەسلىلىرىگە قىزىقسىڭىز دائىم ئاياللار يانبىلوگىنىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن بەھېرلىنىڭ.


ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ ھەمبەھېرلەشنى ئۇنۇتماڭ.


پىنھان تىۋېشلار يەنىلا ئاياللار يانبىلوگىدا :
ayallar.yanbilog.com


بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 18699161170 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئالاقىلىشىش ئۈندىدارى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى