ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەقىللىق ئايالنىڭ 6چوڭ ئالاھىدىلىكى

    ئەقىللىق ئايالنىڭ 6چوڭ ئالاھىدىلىكى

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  •  قىز ئاياللار سورۇنغا چىقالايدىغان، ئاشخانىغىمۇ كىرەلەيدىغان بولۇشىڭىز كېرەك

    قىز ئاياللار سورۇنغا چىقالايدىغان، ئاشخانىغىمۇ كىرەلەيدىغان بولۇشىڭىز كېرەك

  • ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەردىن مۇھىم ئۇزۇندىلەر

    ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەردىن مۇھىم ئۇزۇندىلەر

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئاياللار ۋە ئاچچىقسۇ

ئاياللار ۋە ئاچچىقسۇ

ۋاقتى: 2016-09-03 ئاۋاتلىقى: 6753 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاياللار ۋە ئاچچىقسۇ

ئاياللار ئاچچىقسۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسا، ئاچچىقسۇ ئۇلارغا ساغلاملىق، گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ. ئاچ قورساققا بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ھەرخىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولغاچقا، ئۈچەي يوللىرىنىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، ئۈچەي يولىدىكى ئېكولوگىيەلىك باكتېرىيە توپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. قەۋزىيەت ئېغىرراق بولسا، كۈندە ئەتىگەندە ئاچ قورساققا بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىپ بولۇپ، بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىشنى بىرھەپتە داۋاملاشتۇرسا، ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ.

ئورۇقلاش ئاياللارنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 15 مىللىلىتىر ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە ئورۇقلايدۇ. ئاچچىقسۇدا 20 نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، قەنتنىڭ ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. دائىم ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسە، بەدەندىكى ياغنى خورىتىپلا قالماي، قەنت، ئاقسىل قاتارلىق ماددىلارنىڭ راۋان ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنى ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىدۇ. شۇڭا ئورۇقلىماقچى بولغانلار كۈندە كەچ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 10 – 15 مىللىلىتىر ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئاچچىقسۇنىڭ بەدەندىكى خىلىتلارنى ھەيدەپ، يېڭى ماددا ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى بولۇپ، تېرىدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىش رولى بار ئىكەن. ھازىرقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئاچچىقسۇنىڭ يەنە ئوكسىدلىنىش، بالدۇر قېرىشقا قارشى تۇرۇش ۋە قورۇقنى يوقىتىش رولى بار ئىكەن. كەچتە يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، بىر قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، پەلكۈچ بىلەن يۈزدىكى قورۇقلارغا سۈرتۈپ ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بوشراق ئۇۋىلاپ، يۈزنى ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتسە، قورۇقنى يوقىتىشقا پايدىسى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت بەدەنگە ئاق ئاچچىقسۇ سۈرۈپ ئۇۋىلىسا، قورۇق ۋە بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئىسسىتىپ پۇتنى يۇسا، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 18699161170 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئالاقىلىشىش ئۈندىدارى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى