بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەردىن مۇھىم ئۇزۇندىلەر
-
ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەردىن مۇھىم ئۇزۇندىلەر
ۋاقتى: 2016-07-22 ئاۋاتلىقى: 3788 قېتىم* ئايالنىڭ ئۇششاق نۇقسانلىرىنى كەچۈرەلمىگەن ئەر ئۇلارنىڭ بۈيۈك پەزىلەتلىرىدىن بەھرىمەن بۇلالمايدۇ. ـــــ جىبران.يانفوندا كۆرۈش
* تالانتلىق ئاياللار ئەرلەرنى جەلپ قىلىدۇ، ئاقكۆڭۈل ئاياللار ئەرلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، چىرايلىق ئاياللار ئەرلەرنى ئازدۇرىدۇ، چارە-تەدبىرلىك ئاياللار ئەرلەرنى چارچىتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ــــــ رومىن روللان.
* دۇنيادىكى ھەممە گۈزەللىكلەر ئايالغا بولغان مۇھەببەت سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن. ـــــ م . گوركىي.
* قىز بالىنىڭ ھەممە بايلىقى ئۇنىڭ نومۇسى، ئۇ بايلىق ھەرقانداق مىراستىن قىممەتلىك. ـــــ ۋ . شىكىسپىر.
* ئانىنىڭ قەلبى قىزلار ئۈچۈن بىر دەرسخانىدۇر. ـــــــ بېكون.
* سېنى سۆيىدىغان ئايال چوڭ خاتالىقلىرىڭنى كەچۈرىدۇكى، كېچىككىنە ۋاپاسىزلىقىڭنى كەچۈرمەيدۇ. ـــــــ لارۇشىخوكى.
* ئايالنى ئازاپقا قالدۇرغان ئەر بەخىتلىك بۇلالمايدۇ. ــــــ ھىيوگۇ.
* ئايالنى سۆيۈشنى بىلمىگەن كىشى دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل سىرلىرىدىن بىخەۋەر ئۆتىدۇ. ــــــ سىتىندال.
* تەبىئەت ئايالغا مۇراجىئەت قىلىدۇ: ھۆددىسىدىن چىقالىساڭ گۈزەل بول؛ خالىساڭ ئاقىل بول؛ ئەمما، دىتىڭ بولسۇن. ـــــــ پ. يامارىشى.
* ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئايالنىڭ گۈزەل بولۇشى ئەمەس، ئەقىللىق بولۇشى مۇھىم. ــــــــ ئا. پ. چېخوپ. * ياخشى ئايال بىر مەكتەپكە ئوخشايدۇ، ياخشى ئەر شۇ ئايال ئارقىلىق دۇنياغا قەدەم تاشلايدۇ. ــــــــ لىياڭ شىياۋشىڭ.
* ياخشى خوتۇننىڭ كۆڭلى ئوچۇق، ھەرىكىتى توغرا بولىدۇ، ئۇنى نازارەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. يامان خوتۇننى نازارەت قىلىشمۇ كارغا كەلمەيدۇ، ئۇنى توسۇۋالغىلىمۇ بولمايدۇ. ــــــ گورىسى.
* ئانا سىز يۆلىنىۋالىدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى يۆلىنىۋېلىشقا مۇھتاج بولماسلىقنى ئۆگىتىدىغان ئادەم. ـــــــ فىشىر.
* مەن ھاياتلىق دۇنياسىدا بىر دېڭىزنى كۆردۈم، مانا ئۇ ـــــ ئانا. ـــــــ گىيوتى.
‹‹ئاياللار ھەققىدە ھېكمەتلەر›› ناملىق كىتابتىن ئابلەت ئابلىز سەردارى تەييارلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەكتىپىدە
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-12-06 13:58:5912243ساغلام ئاياللار قانداق نورمالسىزلىقلار كۆرۈلسە د
2015-12-06 14:00:568006بەدەن يۇيۇش سۇپۇنى ۋە بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ پ
2015-11-27 23:27:582735ئاياللار بۆلۈم ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكىنى قىسقىچ
2015-11-12 18:43:391492ئاياللارنىڭ تېرىسىنى ئاسراشتىكى خاتا قاراشلار
2015-08-19 11:52:413582ئاياللارنى قېرىتىدىغان بەش سىگنال
2015-10-18 11:47:363154شارپا ئورايدىغان خانىم-قىزلار دىققەت چوڭ چاتاق چ
2015-12-15 18:03:264389[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 13:48:216233
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-