بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمەت: مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەت تەربىيەسى
-
[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمەت: مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەت تەربىيەسى
ۋاقتى: 2016-07-26 ئاۋاتلىقى: 6186 قېتىم2. مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەت تەربىيەسىيانفوندا كۆرۈش
يەر شارىلىشىش ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات بىزنىڭ تۇرمۇش شەكلىمىزگە ئاز بولمىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئاياللارنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇش، ئەرلەرگە ئوخشاش تۈرلۈك ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتى كېڭىيىپ، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇقلاشتى. بۇنىڭ بىلەن كەسىپ ۋە خىزمەتنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغان، ئائىلە ۋە پەرزەنتكە بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىزلاشقان ئاياللار ئارىمىزدا كۆپىيىشكە باشلىدى. ئاياللار ئائىلىدە ھېرىپ-چارچايدىغان، ئىچى پۇشىدىغان، بالىسىنىڭ تۈگىمەس جاپالىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئايىغى چىققۇدەك بولغاننى يەسلىگە، يەتتىگىمۇ توشمىغاننى ئالدىراپ تەييارلىق سىنىپقا بېرىپ ئارام تاپىدىغان، ياسىنىپ-جابدۇنۇپ، سىرتقا چىقسا، چايغا بارسا باشقىچە روھلىنىپ خۇشاللىنىدىغان غەيرى نورمال پىسخىكا ئاياللىرىمىزدا ئاۋۇپ قالدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى مۇشۇنداق نورمالسىز قىلمىش ئىجابىي ئەھۋال سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلدى. ئائىلىسىنى تاشلاپ، ئۆزىنى كەسىپكە، خىزمەتكە ئاتىۋەتكەن ئاياللار شەرەپ مۇنبەرلىرىدىن ئورۇن ئالدى. ئاكتىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بىلەن جەمئىيەتتە تونۇلغان بىر ئايالنىڭ پالەچ بولۇپ قالغان ئېرىنى ئۆيدە قويۇپ، كېسەل كۆتۈش خىزمەتچىسى ياللاپ، كۈنبويى ئۇ پائالىيەت، بۇ يېغىن دەپ تالادا يۈرىدىغانلىقىنى ماڭا بىرسى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ھالبۇكى شۇ ئايال ئانىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، رادىيو ، تىلىۋېزوردا ئائىلە، پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە سۆزلەپ يۈرەتتى.
دۆلەتنىڭ خارابلىقى جەمئىيەتنىڭ بۇزۇقلۇقىدىن باشلىنىدۇ. جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى ئۆز رولىنى يوقاتقان ئائىلىنىڭ كۆپىيىشىدىن باشلىنىدۇ. ئائىلىنىڭ ئىللىتى ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيەتتىن باش تارتقان ئايالدىن باشلىنىدۇ. ئەرنىڭ ھەققىنى تونۇغان ۋە جايىدا ئادا قىلغان ئايال ئىنسابسىز ئەرنى كوچىدىن تارتىپ ئەكىرىپ ئائىلىنىڭ بېجىرىم تۈۋرۈكىگە ئايلاندۇرالايدۇ. ئانىلىق بۇرچىنى ۋايىغا يەتكۈزەلىگەن ئايال ئىنساب-دىيانەتلىك، غەيرەت-شىجائەتلىك، بىلىملىك پەرزەنتلەرنى ئۆز ۋەتىنىگە تەقدىم ئېتەلەيدۇ. ئايال ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇلۇغلۇق مەقامى ۋە مۇۋەپپەقىيەت بولامدۇ؟
ھاياتتا قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بولىدۇ. ئەمما بۇلار مۇھىملىقتا، قىممەتتە، ئەھمىيەتتە، ئوخشاش دەرىجىدە ئەمەس. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم دەل ئىشلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ ئەڭ زۆرۈرنى باشتا، ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەكىنى كەينىگە تىزىپ بېجىرىشنى بىلگەن ئادەمدۇر. ئەگەر ئۇنداق قىلماي تۆتىنچى ئورۇندىكىسى ئۈچىنچىسىنىڭ ئالدىغان ئۆتۈۋالسا، بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشقا تېگىشلىكى ھەممىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ قالسا، راۋاج تاپالماي سۆرىلىپ يۈرگىنىمىز يۈرگەن. بىر –بىرىنى تولۇقلاپ، ھاياتنى تاكامۇللۇققا ئىگە قىلغان ئەر بىلەن ئايالنىڭ يارىتىلىشتا تەقسىم قىلىنغان مەجبۇرىيىتى بار. ئەر ۋە ئايالنىڭ فىزولوگىيەلىك ۋە خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئاجايىپ ماس كەلگەن بۇ تەقسىماتتا ئىلاھى ھېكمەت چاقناپ تۇرىدۇ. قارىسىڭىز بۇنىڭ باشقىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھەقىقەت شۇكى، جەمئىيەت قانچە تەرەققىي قىلسۇن، ئايالنىڭ ئاياللىق ۋە ئانىلىقتەك مۇقەددەس ۋەزىپىسى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ قىممىتى ۋە تۆھپىسى ھەرقانداق كەسىپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىموننىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيتقاندا، بىز ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا تۇرۇپ، خىلمۇخىل خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. لېكىن ئانىنىڭ ئائىلە ۋە ئەۋلادلارنى بېقىپ تەربىيەلەشتىكى مۇھىم رولى ئۆزگەرمەيدۇ. ئاياللار مۇناسىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا، ئۇنى پۇختا ئىگىلەش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگەنسە بولىدۇ، ئەمما شەرت شۇكى، بۇ ئائىلە بەختى، پەرزەنت تەربىيەسىنى زايە قىلىۋېتىش ھېسابىغا بولماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ ناھايىتى چوڭ خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. ئاياللىق ۋە ئانىلىقنى ئالى شەرەپ بىلگەن، ئۇنى ھاياتتا ئېرىشكەن بەختى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئۆلچىمى قىلالىغان ئاياللار كۆپ يەردە بەرىكەت ۋە خاتىرجەملىك قارار تاپىدۇ. ئۇنداق جەمئىيەت پەزىلەتلىك ۋە ئىناق جەمئىيەت بولىدۇ، ئۇنداق ئائىلە بەخت شولىلىرى پارلىغان ئائىلە بولىدۇ.
رۇسىيەلىك پېداگوك سوخۇمۇلىنىسكى مۇنداق دېگەن: «ئىنسان بېشىدا ئۈچ كۈلپەت بار، ئۆلۈم، قېرىلىق ۋە يامان پەرزەنت. قېرىلىق ۋە ئۆلۈمدىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بىراق يامان پەرزەنتلەردىن ياخشى تەربىيە بىلەن ساقلىنىش مۇمكىن.» ھاياتتا مەغلۇبىيەتنىڭ تۈرى كۆپ. بىرى سودىدا زىيان تارتىدۇ، بىرى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ. بىرى كەسىپتە ھېچبىر نەتىجە قازىنالمايدۇ، يەنە بىرىنىڭ تۇرمۇشتا تەلىيى چىقمايدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئورنىنى تولۇقلىغىلى بولىدىغان، باشقا بىر يول ئىزدىسە يول تاپقىلى بولىدىغان ئىشلار، ئەمما بىزنىڭ يۈرەك-باغرىمىزنى ئۆرتىۋېتىدىغان، يورۇق كۈنلىرىمىزنى قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلىدىغان، ئورنىنى تولدۇرغىلى، قايتىدىن باشلىغىلى بولمايدىغان تولىمۇ ئەلەملىك بىر مەغلۇبىيەت بار. ئۇ بولسىمۇ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى مەغلۇبىيەت. يارامسىز، ناكەس بالىنىڭ خاپىلىقى ئاتا-ئانىنىڭ ئازابى بىلەن تۈگىمەيدۇ، بەلكى شۇ ئاتا-ئانا يەنە ئەل-جامائەتنىڭ: «نەدىمۇ چوڭ بولغان بولغىيتىڭ؟ ۋاي ئىسىت سېنى باققان ئاتا-ئاناڭغا!» دېگەندەك لەنەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. پەرزەنت تەربىيەسى نۆۋەتتە بىز ئەستايىدىل ئويلانمىساق بولمايدىغان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇنى ئاۋۋال ئاياللىرىمىزغا ئانىلىق مەسئۇلىيەتنىڭ بۈيۈكلۈكى ۋە ئېغىرلىقىنى ئېنىق تونۇتۇشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
بىر سالىھ ئايال ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى: «مېنىڭ ئەڭ قورقىدىغان ۋە داۋاملىق پاناھ تىلەيدىغان ئىشىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ مەن بالىلىرىمنى تەربىيەلەشتە مەغلۇپ بولۇشتىن ئەڭ قورقىمەن، مەن ئۈچۈن جېنىمنى يېنىمغا ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ تۇغقان، ياشلىقىمنى، ۋاقتىمنى، زېھنىمنى، ئىلكىمدىكى سەرپ ئەتكىلى بولىدىغان جىمى نەرسەمنى خورىتىپ تۇرۇپ بېقىۋاتقان بالىلىرىمنىڭ يارامسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇنچلۇق ئىش يوق. شۇڭا مەن ياخشى تەربىيە ھەققىدە توختىماي ئىزدىنىمەن. باش قاتتۇرىمەن. ۋاقتىمنىڭ كۆپ قىسمىنى بالىلىرىم بىلەن بىللە ئۆتكۈزىمەن.» ئارىمىزدا مۇشۇنداق دېيەلەيدىغان ئانىدىن قانچىسى باردۇ؟ خىزمەت ئاز كەلگەندەك توي-تۆكۈن، چاي-ئولتۇرۇش، ئادەمگەرچىلىك، بازار چۆگىلەش دېگەنلەر ئاياللىرىمىزنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئىگىلەپ كىتىگلىك. ئەمما بۇلاردىن ئېرىشكەن تايىنى يوق خۇشاللىق، ھۇزۇركەلگۈسىدە يارامسىز پەرزەنت ئۈچۈن تۆككەن بىر تامچە ياشقىمۇ دال بولالمايدۇ. مەن خېلى تۈزۈك ھېسابلايدىغان بىر ئانا گەپ ئارىسىدا سەككىز ياشلىق ۋە 13 ياشلىق ئىككى قىزىنى ئوينىتىپ كېلىش ئۈچۈن سۇ ئۈزۈش كۇلۇبىغا ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنىڭ چەكچەيگەن كۆزۈمگە قاراپ: ۋاي، قورقماڭ، ئەرلەر سەل نېرىراقتا چۆمۈلىدۇ، ئاياللار بىلەن بىر كۆلچەكتە ئەمەس، دېگەن ئىدى. ئاز كۈندىن كېيىنلا ماڭا 13 ياشلىق قىزىنىڭ بىر ئوغۇل بىلەن يۈرۈۋالغانلىقى، تېلېفونىنى تارتىۋېلىپ، كومپيۇتېرنى تىقىۋېتىپ، مەن، دادىسى ئۇرسىمۇ گەپ ئاڭلىماي، يەنە شۇ بالا بىلەن ئۆينىڭ ئالدىدىمۇ سۆرىشىپ يۈرگەنلىكىدىن دادلاپ بەردى. ئەجەپلەنمىدىم. شەرمى –ھايا، ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىشكە تېگىشلىك ئانا قىزلىرىنى كەينىگە سېلىپ، ئەر-ئاياللار يالىڭاچ دېگۈدەك يۈرىدىغان يەرلەرگە ئاپارغاننىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە شۇنداق بولاتتى.
بالىلىرىمىز بىزنىڭ ھاياتىمىز، كەلگۈسىمىز، ياخشى تەربىيە بىزنىڭ بەختلىك ھاياتىمىز، نۇرلۇق كەلگۈسىمىز. يامان تەربىيە بولغۇسى قايغۇ-ئەلەملىرىمىز، كۆز ياشلىرىمىز، ۋەتەن ئالدىدىكى، باشقىلار ئالدىدىكى خاتالىقىمىز. دېمەكچى بولغىنىم، ئاياللىرىمىزنىڭ ھايات مىزانىدا ئەڭ مۇھىم ۋە بىرىنچى بۇرۇچ ئاياللىق ۋە ئانىلىق بولسۇن.
ئاياللىرىمىز ئايالغا بولغان ئىززەت- ھۆرمەت، مەرتىۋە ۋە بەخت ھۇزۇرىنىڭ ھالاللىق ۋە دىيانەت بۆشۈكى قىلىپ قۇرۇپ چىقالىغان ئائىلە، ئەل-ۋەتەن مەمنۇن بولغۇدەك قىلىپ تەربىيەلىگەن پەرزەنت بىلەن بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتسۇن ۋە شۇ ئۇلۇغلۇق مەقامىغا يىتىش ئۈچۈن جىمى نەرسىسىنى سەرپ ئەتسۇن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى
2015-11-08 00:09:522029داڭلىق پىسخىلوگنىڭ دۇنيا قىزلىرىغا قىلغان 5 ئېغى
2015-12-24 12:48:474947بالىياتقۇ زىدىسى
2015-10-22 18:21:432853ئاياللار ھەققىدە ھىكمەتلەر
2016-01-29 13:28:181725قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك
2015-12-23 14:37:307412ئاياللارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش
2016-02-05 19:18:1713889بالىياتقۇ تۆۋەنلەش ۋە ئاياللار ساغلاملىقى
2015-10-27 15:59:582564ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى جەلپ قىلىدىغان 12 خىل چارىس
2016-01-26 14:50:374539
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-