بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئەرلەر ئاياللارنى قولغا كەلتۈرۈۋالغاندن كېيىن مۇنداق ئويلايدىكەن
-
ئەرلەر ئاياللارنى قولغا كەلتۈرۈۋالغاندن كېيىن مۇنداق ئويلايدىكەن
ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 3556 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەرلەر ئاياللارنى قولغا كەلتۈرۈۋالغاندن كېيىن مۇنداق ئويلايدىكەن
بىرىنچى خىل پىسخىكا
ھەممە ئادەمدە ئاچكۆزلۈك بولىدۇ، ئەرلەر، ئاياللار يوق چاغدا ھەممىنى ئۆزى قىلىدۇ، ئۆيلەرنى رەتلىك، پاكىز تۇتىدۇ، ئاياللار بار بولغاندىن كېيىن ھەممە نەرسىنى قالايمىقان تاشلايدۇ، ئەرلەر ھورۇن بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئايالىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۆي يىغىشتۇرۇپ بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قاقشىشىنى بەخت دەپ بىلىدۇ.
ئىككىنچى خىل پىسخىكا
ئەرلەر ئايالى يوق چاغدا ئاغرىپ قالسا چىداپ ئۆتكۈزۈۋىتىدۇ، پەقەت ئامالى بولمىغاندا ئاندىن دوختۇرغا بارىدۇ؛ لېكىن ئەرلەر ئايالى بولغاندىن كېيىن، ئازراقلا ئاغرىپ قالسا ئايالىغا دەيدۇ، ئەرلەر ئاجىزلاپ كەتمىدى، بەلكى ئەرلەر ئايالىنىڭ ئۆزىدىن ئەنسىرىگەن ھالىتىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەرلەر بۇنى بەخت دەپ بىلىدۇ.
ئۈچىنچى خىل پىسخىكا
ئەرلەر ئايالى يوق چاغدا، تاماقنى يالغۇز يەۋېرىدۇ؛ ئايالى بولغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ قورسىقى ئاچمىسىمۇ ئايالىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ كىچىك بالىغا ئوخشاش تاماق يېيىشىگە قاراپ تۇرۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەرلەر بۇنى بەخت دەپ بىلىدۇ.
تۆتىنچى خىل پىسخىكا
ئەرلەر ئايالى يوق چاغدا، قانچە چارچىسىمۇ ھاردىم دېمەيدۇ؛ لېكىن ئايالى بولغاندىن كېيىن ھارمىسىمۇ ھېرىپ كەتتىم دەيدۇ، ئۇلار ئايالىنىڭ ئىللىق قوللىرى بىلەن بەل-پۇتلىرىنى تۇتۇپ قويۇشىنى ئويلايدۇ، ئۇلار بۇنى بەخت دەپ بىلىدۇ؛ ئىللىق پەپىلەشلەر ئۇلارغا ئانىسىنىڭ مېھرىبانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.
بەشىنچى خىل پىسخىكا
ئەرلەر ئايالى يوق چاغدا، ئۆزى ئىشتىن چۈشۈپ يالغۇز ئۆيگە قايتىدۇ؛ ئايالى بولغاندىن كېيىن ئەگەر تەساددىپىي ئىشتىن چۈشۈپ ئايالىنى كۆرمىسە ئۆزىنى ناھايىتى يالغۇز ھېس قىلىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئەرلەر ئاياللاردىن بەكرەك يالغۇزلۇقتىن قورقىدۇ، جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا، بۇ خىل تەنھالىقتا ئايالىم ماڭا ھەمرا بولسىكەن دەپ ئويلايدۇ.
ئالتىنچى خىل پىسخىكا
ئەرلەر ئايالى يوق چاغدا داۋاملىق ئېغىزىدا« ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن قان ئاقسا ئاقىدۇكى ياش ئاقمايدۇ» دەيدۇ؛ لېكىن ئايالى بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى ناھايىتى ئاجىز ھېس قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ غەمخورلىقىغا مۇھتاج بولىدۇ، ئۇلاردىن تېخىمۇ كۆپ مۇھەببەت تەلەپ قىلىدۇ.
مەنبە: پىسخىكا سالونى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (6)
2014-11-16 14:19:062572نىكاھتىن ئاجراشقان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئون تۈرلۈك قا
2015-12-18 19:25:431736شەيتان ئازدۇرغان ئايال‹توي قىلغان ئاياللارغا
2015-10-25 16:35:332819ئاياللارغا ماس كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى
2015-08-18 12:21:202225ئاياللار قايسى خىل جىنسى مۇناسىۋەتكە ئەڭ ئىنتىلى
2016-01-23 14:03:588346نىكاھنى بۇزىدىغان غەلىتە ئامىللار
2016-01-21 15:01:332085ئەر كىشىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق ب
2015-12-24 12:53:313849بالىياتقۇ سۇلۇق ئىششىقى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-11-28 01:12:133132
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-