بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
نىكاھتىن ئاجراشقان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئون تۈرلۈك قايغۇسى
-
نىكاھتىن ئاجراشقان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئون تۈرلۈك قايغۇسى
ۋاقتى: 2016-08-17 ئاۋاتلىقى: 1738 قېتىميانفوندا كۆرۈش
نىكاھتىن ئاجراشقان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئون تۈرلۈك قايغۇسى
1. ياش ئاياللار نىكاھتىن ئاجرىشىپ كۆڭۈلدىكىدەك ئەر تېپىشنى ئويلىسىمۇ، ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن، بولۇپمۇ بالىسى بار ئاياللار. چۈنكى نۇرغۇن ئەرلەر قارشى تەرەپ ئېلىپ كەلگەن بالىنى "قوشۇمچە يۈك" دەپ قارايدۇ.
2. نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن بالىنى بېقىش، تەربىيەلەشتەك ئېغىر يۈك ئادەتتە ئانىغىلا چۈشىدۇ.
3. ئانا بالىنىڭ رايىغا بېقىپ قايتا نىكاھلانمىسا، بالا چوڭ بولۇپ تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن ئۆزى تەنھا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.
4. ياش ئەرلەرنىڭ نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن، كۆڭۈلدىكىدەك خوتۇن تاپالىشىمۇ ناتايىن.
5. بالا نىكاھتىن ئاجراشقان ئانا بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرسە، ئانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دادىسىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ، دادا بولغۇچىمۇ شۇ سەۋەبتىن ئېچىنىدۇ.
6. نىكاھتىن ئاجراشقان ئەرلەر تەنھا ياشىسا، ئاسانلا كېسەل بولىدۇ ھەمدە ئۆلۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
7. ھەممە كەلگۈلۈك ئەڭ ئاۋۋال بالىغا بولىدۇ، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىنىدۇ.
8. بالا ئانا مېھرىدىن مەھرۇم بولسا، مىجەزى ھامان غەلىتە، غەمكىن بولۇپ قالىدۇ.
9. دادىسىز بالىلار تەربىيە ئىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلار بىلەن چىقىشىپ كېتىشىمۇ ئاسان ئەمەس، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ياخشى بولمايدۇ.
10. نىكاھتىن ئاجراشقان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى چوڭ بولغاندىمۇ ئەر-خوتۇن كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئاسانلا نىكاھتىن ئاجرىشىدۇ. نىكاھتىن ئاجرىشىش ئىككىنچى ئەۋلادقا تەسىر قىلىپلا قالماستىن، ئۈچىنچى ئەۋلادقىمۇ تەسىر قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ياش دوستلار نىكاھ-مۇھەببەت مەسىلىسىدە چوقۇم تەمكىن بولۇشى كېرەك.
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەردىن مۇھىم ئۇزۇ
2015-08-06 01:45:563786قىزلار چوقۇم تاشلاشقا تېگىشلىك 9 نەرسە
2015-12-21 12:17:162778بالىياتقۇ تۆۋەنلەش ۋە ئاياللار ساغلاملىقى
2015-10-27 15:59:58259320ياشلىق ئاياللار گىلاسقا ئوخشايدۇ، 30ياشلىق ئاي
2015-12-08 17:53:093357ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېل
2015-11-05 01:26:5520988قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 4-سان
2016-03-19 20:24:101985ئاياللار ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
2016-01-30 18:45:293609ئاياللار شىپالىق دورا
2015-08-10 00:03:572589
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-