بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
قىزلار چوقۇم تاشلاشقا تېگىشلىك 9 نەرسە
-
قىزلار چوقۇم تاشلاشقا تېگىشلىك 9 نەرسە
ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 2777 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قىزلار چوقۇم تاشلاشقا تېگىشلىك 9 نەرسە
يۈزى چۈشۈشنى تاشلاڭ
نۇرغۇن قىزلار يۈزۈم چۈشىدۇ دېمەكلىك بىلەن توغرا يولدا مېڭىشتىن قايتىدۇ-دە، كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلمەيدۇ. ئەمما ئاخىرىدا ئۆزى پۇشايمان قىلىدۇ. توغرا يولدا مېڭىشتا نومۇس يوق.
بېسىمنى تاشلاڭ
بولىدىغان ئىش ئاخىرى بولىدۇ. نېمە قىلىسىز ئۆزىڭىزنى تۈگەشتۈرۈپ، تىرىشىڭ، ھامان ئاخىرى ئارزۇيىڭىزغا يىتەلەيسىز.
ئۆتكەن ئىشنى تاشلاپ قويۇڭ
بىزدە كونا خاماننى سورىماڭ دەيدىغان گەپ بار. بولىدىغان ئىش بولۇپ بولدى، ۋاي ئىسىت دېگەننىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوق، ئالدىڭىزغا قاراڭ مېڭىڭ.
ئۆزىڭىزنى كەمسىتىشنى تاشلاڭ
قىزلاردا ئەڭ ئېغىر بولغىنى ئۆزىنى كەمسىتىش. ئازراقلا ئازار يىسە مەن يارىماس، مەن كۆرۈمسىز...... دېمەكلىك بىلەن تۈگىشىپلا كىتىدۇ. شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن سىزدە بار ئىقتىدار، قابىلىيەت دۇنيادا ھېچكىمدە يوق.
ھورۇنلۇقنى تاشلاڭ
ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرمايدىغىنى ھورۇن قىزلار، ئۇنىڭغا يارايمەن، كۆيىنىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم تىرىشچان، قەيسەر بولۇشىڭىز كېرەك.
پاسسىپلىقنى تاشلاڭ
دۇنيادا ھىچ ئىش ئادەمنىڭ كۆڭلىگە باقمايدۇ، بەزىدە قىلغۇمىز يوق ئىشلارغا ئۇچراپ قىلىشىمىز مۇمكىن، لىكىن يەنە شۇ ئىشنى داۋاملىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئىشلارغا ئاكىتىپ بولۇڭ.
ئاغرىنىشنى تاشلاڭ
توختىماي باشقىلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرۈش ياخشى خىسلەت ئەمەس، خاتالىقنى كۆپرەك ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ.
ئىككىلىنىشنى تاشلاڭ
ھېچقانداق ئىش قىلماي تۇرۇپلا پۈتمەيدۇ، ئالدى بىلەن سىناپ قىلىپ كۆرۈڭ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ چوقۇم قىلالايسىز.
ئىچى تارلىقنى تاشلاڭ
ئىسىڭىزدە بولسۇن، ئىنسان كۆڭلى قارنى كەڭ، ئەپۇچان، سېخىيلىق بىلەن ئاندىن گۈزەل. سىزنىڭ شۇ ئازراقلا ئىچى تارلىق قىلىپ قويۇشىڭىز ۋاقتى كەلگەندە ئەڭ يىقىن ئادىمىڭىزدىن ئايرىپ قويۇشى مۇمكىن.
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار گۈزەللىكى ۋە يېمەكلىك
2015-08-09 20:07:042895ئەرلەر نېمە ئۈچۈن گۈزەل ئاياللارغا ئامراق؟
2015-11-29 14:41:472243كىيمەيدىغان كىيىملىرىڭىزنى گىلەمگە ئايلاندۇرۇشنى
2015-10-28 22:46:492784بالىياتقۇ بوينى راكى قانچە خىل بولىدۇ؟
2015-12-09 20:44:152665ئەرلەر نىمىشقا ئاشنىسى بىلەن توي قىلمايدۇ؟
2015-11-22 01:57:302441دۇنيانىڭ بىرىنچى گۈزىلىمۇ قېيىنئانا خاپىلىقىنى ت
2016-02-05 18:51:563046ئايالىڭىز پەرىشتىمۇ ياكى ئالۋاستىمۇ؟
2015-10-23 16:37:331887بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-12-06 13:58:5912222
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-