بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
دۇنيانىڭ بىرىنچى گۈزىلىمۇ قېيىنئانا خاپىلىقىنى تارتتى
-
دۇنيانىڭ بىرىنچى گۈزىلىمۇ قېيىنئانا خاپىلىقىنى تارتتى
ۋاقتى: 2016-02-05 ئاۋاتلىقى: 2913 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دۇنيانىڭ بىرىنچى گۈزىلىمۇ قېيىنئانا خاپىلىقىنى تارتتى
ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى ئابىشىكنىڭ ئاپىسى جايا باچان بىلەن ئاشۋارىيا ئەپ ئۆتەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك.
2007-يىلى توي قىلغاندىن تارتىپ جايا بىلەن ئاشۋارىيانىڭ ئىناق ئەمەسلىكى يېڭى خەۋەر ئەمەس، بولۇپمۇ بۇلتۇر ئاشۋارىيا كىنو ساھەسىگە قايتىپ كېلىپ خىزمىتىگە دىققىتىنى بۇرىغاندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ سۈركىلىشى يۇقىرى پەللىگە يەتتى. ئىگەللىنىشىچە، جايا ئاشۋارىيادىن كىنوچىلىققا قايتماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ بېسىم قىلغان، خۇددى ئىلگىرى ئامىتابنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا بېسىم قىلغاندەك، لېكىن ئاشۋارىيا جايانىڭ گېپىگە كۆنمەي كىنوچىلىققا قايتىپ قالماستىن بىراقلا نەچچە فىلىمنى توختام ئىمزالاپ ۋاقىت جەدۋىلىنى كىنو ئىشلەش بىلەن تولدۇرۇۋەتكەن.
بۇلتۇر ئاشۋارىيانىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى تۇنجى فىلىمى قويۇلغاندا، ئاشۋارىيا فىلىم تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايپېتەك بولدى، باچچان ئائىلسى بولسا باشتىن ئاياغ قول قوشتۇرۇپ تۇردى. فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغۇ ئاشۋارىيا ئاتا-ئانىسى بىلەن قاتناشتى. شۇ مەزگىلدە ئاشۋارىيا زىيارەت قوبۇل قىلغاندا «ئاتا ئانام ۋە قىزىم ئارادىيا مېنىڭ بارلىقىم» دەپ ئابىشىكنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى بۇ سابىق «دۇنيا گۈزىلى» نىڭ بەختسىز نىكاھىغا قاراتقان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئاشۋارىيانىڭ نىكاھى ۋە باچچان ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاللىقاچان يىمىرىلگەن بولسىمۇ لېكىن ئاشۋارىيا يېقىن مەزگىلدە ئاجراشمايدىكەن. «ئاشۋارىيا ئەنئەنىۋى ئايال، ئۇ ھازىر باچچان ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ بىر تەرەپتىن كىنو ئىشلىگەچ، قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئاشۋارىيا ھەم نام-ئاتاققا ئامراق، ئۇ باچچان دېگەن فامىلىدىن بۇنچە بۇرۇن ۋاز كەچمەيدۇ».
مەنبە: تور دۇنياسى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ
2016-02-05 18:55:473795ئەڭ يېڭى چاچ ئۆرۈش ئۇسۇللىرى
2016-02-03 18:38:595514ئىگىز پاشىنلىق ئاياغ ئۆزىڭىزگە دۈشمەن
2016-01-05 16:10:571546ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس
2015-11-10 02:24:481800تۇخۇمداننىڭ يىگىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-12-11 14:31:192355ئاياللار كېسەللىكىنىڭ تېخىمۇ كەسپىي ھەم ئۈنۈملۈك
2015-10-04 23:17:042897قىزلىق پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە توغرا بولامدۇ؟
2016-01-07 02:18:407624ھەيىز مەزگىلىدە دىققەت قىلىڭ! تۇغماسلىق مۇشۇنداق
2016-01-30 19:05:364183
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-