ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (6)

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (6)

ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 2569 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

(13)
_ سەن دېگەندەك ھازىر دىيارىمىزدائىسلام كۈچەيگەندىن بۇيان ، كوچىلاردا قارا كىيىملىك مۇسۇلمان خىنىملار ساقاللىق ھاجىملار كۆپىيىيكە باشلىدى ، ئەمما يەنە ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان بۇزۇق ئىشلارنى يەنە شۇ مۇسۇلمانلار قىلىۋاتىدۇ ،بۇنىڭغا نېمە دەيسىزكى ھاجى خېنىم…؟!-رابىيە سوتتا ئىشەنچىلىك ئىسپاتنى قولغا چۈشىرىۋالغان قارلىغۇچىى ئادۋۇكاتتەك ، زۇمرەتكە قاراپ مۇغەمبەرلىك بىلەن ھىجايدى .
_ سېنىڭ بۇ سۇئالىڭغا مەن يا ئۇنداق يا بۇنداق دەپ نەق دەپ ھۆكۈم چىقىرالمايمەن .چۈنكى ھۆكۈم چىقىرىش بىر ئاللاغا خاستۇر .ئەمما يەنىلا قۇرئان كەرىمنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ ساڭا جاۋاپ بېرىمەن ئاللاھ ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن : ئۇلار (ئاللاتائالا ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر ) ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ ، زىنا قىلمايدۇ . كىمكى بۇ ( گۇناھلار)نى قىلىدىكەن ،(ئاخىرەتتە )ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ .قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ .پەقەت ( ئۇلارنىڭ ئىچىدىن )( بۇ دۇنيادىكى چېغىدا )تەۋبە قىلغان ، ئىمان ئېيتقان ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ ، ئاللاھ تولىمۇ مەخپىرەت قىلغىچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغىچىدۇر . _سۈرە « فۇرقات »68-70ئايەتلىرى . مانا بۇ ئايەتلەردىن ئېنىق چىقىپ تۇرۇپتىكى ھەقىقى مۆھمىن ئۇنداق قەبىھ گۇناھ ئىشلارنى قىلمايدۇ . ئۇلار شۇنداق ئىسسىقتا باش-كۆزلىرىنى ئوراپ نېمە جاپا تارتىدۇ ؟ ئەۋرەتلىرىنى زىنادىن ساقلاش ئۈچۈن دوۋزاق ئوتىدىن قورقۇپ ، جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلغان مۇسۇلمان شۇنداق ئىشلارنى قىلارمۇ ؟ ئۇنىڭدىن ئۇلار ئىمان ئېيتماستىن ئورانماستىن يامانلىقىنى قىلىۋەرسە بولاتتىغۇ ؟ مەن ئۇلارنىڭ بەك قەبىھ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىرى ئىسلام تونىغا كىرىۋېلىپ ئىسلامنى سەت كۆرسىتىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىرى ، بەزىلىرى مۇسلمان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس مودا قوغلىشىپ ئىسلامچە كىيىنىۋالغانلار ، بەزىسى ئۆزىنى نىقاپلاپ يۈرۈپ پۇل تاپىدىغان پائىشەلەر دەپ جەزىم قىلىمەن . ،ئاز قىسىم ئىسلامنى ھەقىقى تۈردە چۈشەنمىگەن ، ئىلىم ئالمىغان مۇشۇنداق كىيىنسەكلا مۇسۇلمان بولىمىز دەپ چۈشىنىپ قالغان نادان خەلقنىمۇ يوق دېگىنى بولمايدۇ .ئەمما بۇنىڭ بىلەن ئىسلامنى يەنە مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلىشىڭ ، كەمسىتىشىڭ گۇناھتۇر .ئۇلارنى مۇسۇلمان دېمەيمىز مۇسۇلمانچە نىقاپلىنىۋالغانلار دەيمىز .ئىسلامنىڭ قانۇنى ئۇنداق ئىشلارنى قەتئىي چەكلەيدىغان تۇرسا ، ھەقىقىي مۇسۇلمانبولغان ئادەم جەمىيەتتىكى ئىسلامغا مۇخالىپ كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي قۇرئان بويىچە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈنىتىنى بويلاپ مېڭىۋەرسە ھەقىقىي نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ .
- ئەمىسە ھەرەمگە بېرىپ ھاجىم بولۇپ كېلىپ ئاق خىرويىن سېتىپ تۇتۇلۇپ قالغانلارغا نېمە دەيسەن؟!-رابىيەنىڭ پەقەت يېڭىلگىسى يوق ئىدى .
_ ئاق سېتىۋاتقانلار ھاجىملارلا ئەمەس ھەممە تائىپتىكىلەرغۇ ؟؟ ئۇلار ھاجىم بولۇپ تۇرۇپ شۇنداق قىلغان بولسا ئاللاھنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ قىيامەتتە ئاللاھ ئۇنىڭ جاجىسىنى بېرىدۇ ._ دېدى زۇمرەت قەتئىيي كەسكىن قىلىپ .
(14 )
—مەن دەيمەن زۇي خاۋ ( 最好 ) ماڭا ئوخشاش مىڭ كاۋخەن بولۇش ئىكەندە ؟ — دېدى ئايگۈل يەنە پوقاققا چىققان سۆگەلدەك گەپكە ئارىلىشىپ .
— ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئىنگىلىز تىلى ئەرەپ تىلى بىلەن تەڭ ئىشلىتىلىدىكەن ، يەسلى مائارىپىدىن باشلاپلا بالىلار ئىنگىلىز تىلى ئۈگۈنىدىغان بولسىمۇ ، مەن بىرەر ئەرەپ بالىسىنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن ئۆيىدە ياكى كوچىلاردا ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرمىدىم . ئەمما بۇ يەردە ھەر قەدەمدە بىر ئايگۈلدەك ئەبجەش سۆزلەيدىغانلارنى كۆرگىنىمدە ئىچىمنى بىر نەرسە تاتىلايدۇ . خەنزۇ تىلى ياكى چەتئەل تىلى بولسۇن تىل ئۈگۈنۈش دۇنياغا يۈزلىنىشتىكى زۆرۈرىيەت ، ئەمما ئۇنى ئانا تىلنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش جىنايەت . ئەرەپلەردە ئۆز تىلىنى قەدىرلەشتەك بۇ ئىسىل خىسلەت مېنى تەسىرلەندۈردى ، — زۇمرەت سۆزىنى تۈگىتىپ ئايگۈلگە قاراپ :
— ئايگۈل ، سىزنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئوقۇدۇم دەپ ئانا تىلىڭىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىڭىز ئۇنچىۋالا خوش بولغىدەك ئىش ئەمەس ، سىز ھازىر يا خەنزۇ تىلىدا تولۇق ئەمەس يا ئۆز ئانا تىلىڭىزنى بىلمەيسىز ، سىزنىڭ خەلققە نىمە پايدىڭىز تېگەر ؟ — دېدى ناھايىتى ئەپسۇسلانغان ھالدا .
چاچلىرىنى ساپ – سېرىق بويىۋالغان ، ئاسما لەمپىلىك قارا كۆڭلەك ، پۇتىغا ساپما كەش كىيىۋالغان رابىيەنىڭ ئېغىر خىيالغا چۆككەن ھالدا ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ قىپ – قىزىل لاك سۈركىۋالغان بارماقلىرىدىن قاس چىقىرىپ ئولتۇرغان رابىيەگە قاراپ بۇندىن 15يىل بۇرۇنقى رابىيەنى ئەسلەپ قالدىم .
بىز ئالىي مەكتەپكە كەلگەن يىلى مەكتەپ رەسىمخانىسىغا كىملىككە رەسىمگە چۈشۈش ئۈچۈن زۇمرەت ، خەدىچە ، رابىيە ، رەھمەتلىك چىمەن بەشىمىز بىرگە چىققان ئىدۇق . رەسىمچى بىزنى بوينىمىزدىكى مارجاننى ، قۇلىقىمىزدىكى ھالقىنى ، رابىيە بىلەن چىمەننىڭ بېشىدىكى ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشنى ئېيتتى . رەسىمگە چۈشۈش نۆۋىتى رابىيەگە كەلگەندە ئۇ ھالقىسىنى ئېلىپ ، ياغلىقىنى ئېلىشقا پەقەت قوشۇلمىدى .
— ياق ، رەسىمگە چۈشمىسەم چۈشمەي بېشىمدىكى “ رومىلىمنى “ ئالمايمەن ، — دەپ بىزنى بىرەر سائەت ئاۋارە قىلغان ئىدى . شۇ چاغدا مەن كۆڭلۈمدە ، ھەجەپ ئېتىقادى كۈچلۈك قىز ئىكەن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم . ئەمما ئوقۇش باشلاپ ، بىر ئاي بولماستىنلا بىر كۈنى چاچنى كېسىپ مۈرىسىگە تاشلاپ ، تار پادىچىلار شىمىنى كىيىپ ، غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ ، سىنىپقا كىرگەن رابىيەنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي :
— ۋاي ، رومىلىنى ئالمايدىغان قىز نىمە بولدىلا ؟ — دېسەم ، ئەمدى << ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە ، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە >> دەپتىكەن ، — دېگەن ئىدى رابىيە تەمتىرىمەي .
ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭغا قاراپ پىخىلداپ كۈلۈشكەن ئىدى .
زۇمرەت ئۈرۈمچىلىك بولغاچقىمىكىن ، شۇ چاغلاردا ناھايىتى يارىشىملىق مودا يۈرەتتى . گىرىملەرنىمۇ ناھايىتى جايىدا قاملاشتۇرۇپ قىلاتتى . سىنىپلىرىمىزدا پائالىيەتلەر بولسا رىياسەتچى ، ئويۇن – تاماشا بولسا رەھمەتلىك چىمەنگۈل بىلەن ئىككىسى باشلامچى ، ناخشىچى ھەم ئۇسۇلچىلىرىمىز ، دەرسلەردىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈگۈنۈش ھەيئىتىمىز ئىدى . كېيىن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سۈرىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەن ساۋاقدىشى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئىدى . بىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندە فاكولتېتتا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان زۇمرەت بىر يىلدىن كېيىن مەردان بىلەن توي قىلىپ چەتكە بىرگە چىقىپ كەتكەن ئىدى . ئۇلار شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ ، ھەر ئىككىلىسى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋېتىپتۇ ، ئۈرۈمچىدە ئۆي – زىمىنلىرى ھەم ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئاتا – ئانىلىرى بولغاچقا يىلغا كېلىپ – كېتىپ تۇراتتى .
— سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشۈم مۇشۇ بولۇپ قالامدۇ ، تېخى ، پاسپورتۇم چىقسا << چۇگو >> ( 出国 ) قىلىدىغاندەك قىلىمەن ، — دېدى رابىيە .
— ئەييۇ تەي خاۋما ( 哎呀 ، 太好吗 ) ، نەگە ؟ — ئايگۈل ھاياجانلىنىپ رابىيەنىڭ يالىڭاچ مۇرىلىرىنى سىلاپ كۈچۈكلىنىپ كەتتى .
— ئوۋجۇ ( 欧洲 ) تەرەپلەرگە …
— ئېرىڭ ، بالاڭنى قانداق قىلىسەن ؟ — دېدىم .
— ئۇ قوشۇلمايۋاتىدۇ ، پاسپورتۇم چىقسا ، قوشۇلمىسا << لىخۇن >> ( 离婚 ) . بالامنى دادىسىغا بېرىۋېتىپ كېتىۋېرىمەن ، — ئۇنىڭ سۆز قىلىشلىرى ناھايىتى ئەركىن ، خۇددى رۇس ئاياللىرىدەك بىر خىل ھەركەتلەرنى قىلىۋاتاتتى .
— ئېرىڭنى ، بالاڭنى ، يۇرتۇڭنى تاشلاپ كەتكۈدەك چەتئەلدە تونۇشلىرىڭ بارمىدى ؟ — دەپ سورىدى خەدىجە .
— ھەئە ، مېنىڭ ئىنگىلىز مۇئەللىمىم ئەنگىلىيەدە مېنى ساقلاۋاتىدۇ … ھەي رەھىمەمۇ تۈركىيەگە چىقىپ كېتىپتۇ — ھە ؟
— مېنىڭچە ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ .
— سەن قانداق بىلىسەن ؟ — سورىدى خەدىچە .
— بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ ؟ چەتئەل دىگەن ئۇنىڭ توپىلىق يۇرتىدىن مىڭ ھەسسە ياخشى ئەمەسمۇ ؟ — رابىيە تىرناقلىرىنى كوچىلاپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى .
— ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ ، مەن قايتايمىكىن ئاداشلار ، — دېدى زۇمرەت رابىيەنىڭ لاۋزا قىلىقلىرىدىن سەسكەنگەندەك بىر خىل بىزارلىق ئاھاڭدا .
شۇنىڭ بىلەن رابىيەمۇ ، ئايگۈلمۇ ئورنىدىن قوزغالدى .
مېھمانلارنى ئۇزىتىپ قويۇپ قايتىپ كىرگەن خەدىچە بىلەن ئىككىمىز بىر ھازاغىچە ئىچىمىزگە تىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق .
— ئىككىڭلارغا تازا ھاردۇق يەتكەن ئوخشىمامدۇ ؟ — دىلشاتنىڭ ئاۋازىدىن بىز سۇبات ئىككىسىنىڭ قايتىپ كىرگەنلىكىنى بىلىپ ئورنىمىزدىن ئازراق مىدىرلاپ قويدۇق .
— دىلشات ، راستىنلا ھاردۇق يېتىپ قالغان ئوخشايدۇ ، سەن رەنجىمەي قىزىق چاي دەملىگىنە — دېدى خەدىچە ناھايىتى سىلىق تەلەپپۇزدا .
— يائاللا ، سۇبات بىلەن چولپاننىڭ ئالدىدا ھەجەپ مۇلايىملىشىپ كەتتىڭا ؟ چاي دەملەش مېنىڭ دائىملىق ۋەزىپەمتىغۇ ؟ — دېدى دىلشات ئاشخانىغا چىقىپ كېتىۋاتقاچ ، — چولپان ، گۈلنىگار قېنى ؟ — دېدى سۇبات بوشقىنا ئاۋازدا .
— بۈگۈن سىرتتا ئويناپ تازا چارچىغان چېغى ، ئاۋۇ ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قاپتۇ ، — دېدىم مەن جاۋابەن .
— سەنمۇ چارچاپ كېتىپسەندە ، روھىڭ بەك چۈشۈپ كېتىپتۇ ، بۇ ئۆلۈم ھامان بىر كۈنى ھەممىمىزگە بار ئەمەسمۇ ؟ — دېدى سۇبات .
— بۈگۈن چىمەننىڭ ئۆلۈمىدىنمۇ بەك ئېغىر كەلگىدەك بىر گەپ ئاڭلىدىم ، شۇ تاپ مېڭىلىرىم قوچۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ ، — دېدىم چېكىلىرىمنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ .
— نىمە بولدى ؟ –سۇبات ئەنسىز سورىدى .
— توۋا دەيمەن ، رابىيە خىرىستىئان مۇرىتى بولۇپ كېتىپتۇ .
— شۇنداقمۇ ؟ توۋا ئۇغۇ ئەسلىدىنلا شۇنداق دورامچى مىجەزى بار قىز ئىدى ، بۈگۈن شۇڭىزە قارا كۆڭلەك ، قارا شىلەپە ، ئاق پەلەيلەرنى كىيىۋېلىشى … توۋا قىلايلى … — دېدى سۇبات سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي ، — ئۆتكەندە بىر تويدا ئۇچرىشىپ قېلىپ قارىسام ، تازا ئىچىپ مەست بولغان چېغى ماڭا قولىنى سوزدى . قول ئېلىشىپ كۆرىشىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قول ئېلىشسام << قارا سېنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكىڭنى ، خانىملارنىڭ قولىغا سۆيۈشنى بىلمەمسەن >> دېگەن ئىدى ، مەست بولۇپ قالغان چېغى دەپ ئويلاپ كېلىپ خەدىچەگە دېسەم : << سەن بىلمەمسەن ؟ ئۇ خىرىستىئان بوپ كەتتى ؟؟ دەيدۇ . دىلشاتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ :
— سەن ماڭا بۇ گەپلەرنى دىمىگەنتىڭغۇ ؟ — دېدىم خەدىچەگە .
— ۋاي ئاداش ، ساۋاقداشلار ئىچىدىكى ئۇتۇق قازانغانلار بولسىكەن خوش خەۋەر دەپ يەتكۈزسەم … دېگۈم كەلمىدى .
—ئۆتكەندە مەن بىر تويغا قاتنىشىپ شۇنداق ھەيران قالغان ئىدىم . توي بولغۇچى ئايالنىڭ يېشى قىرىق نەچچە ياشلاردا بولۇپ ، يولدىشى يۇرتتىن ئېلىپ چىقىپ توي قىلىپ ئىككى بالىلىق بولغاندا ، باشقا بىرسىگە بۇزۇلۇپ ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى . يولدىشى بىلەن ياخشى چاغدا ئۇ چوكان ناھايىتى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان يۇۋاش ئايال ئىدى . كېيىن ئۇ ئايال ئىككى بالا بىلەن قېلىپ ئىقتىسادتىن قىينالدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدىشىنى بەك ياخشى كۆرەتتىكەن ، ماڭا ئۇچرىغانلا يەردە يىغلايتتى . ئاشۇنداق ۋاپاسىز ئەرلەر ئۈچۈن بىر نەرسە يېزىپ دەردىنى ئېلىپ بېرىشىمنى تاپىلايتتى . كېيىن تەشكىل ئۇ ئايالغا خىزمەت ھەل قىلىپ بەردى . ئارلىقتا نەچچە يىل بوپتىكەن كۆرمىگىلى ، تويىغا ئاتايىن باغاق ئەۋەتىپتۇ ، بىچارە ئايالنىڭ خوشاللىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇ تويغا ئاتايتىن باردىم . ئۇ توينى ئاساسەن سەتەڭ ياسانغان ، رەڭگارەڭ كىيىنگەن مۇنداقچە ئېيتقاندا ساپاسى تۆۋەن مۇنداق دىسەممۇ بولمىغۇدەك نىمە دەي …
— نېمە دىسەڭ دىگىن گېپىڭنى توختاتمىغىنا ، — دېدى سۇبات مېنى ئالدىرىتىپ .
— ھە ، مەكتەپتە تولۇق ئوقۇمىغان ، ياكى سىرتتىن توي قىلىپ كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان دېگەندەك بىر تۈركۈم ئاياللار ئىگەللەپتۇ . توي ئىگىسى چوكان مېنى كۆرۈپلا ئالدىمغا يۈگۈرۈپ دىگەندەك كېلىپ : << سىزنى كەلمەمدىكىن دەپتىمەن ، ھەرنىمە بولسا كەپسىز >> دېدى خوشاللىقىنى باسالماي . << مېنى كەلمەيدۇ دېگەن ئادەم نىمىشقا باغاق ئەۋەتكەن ؟ >> دېدىم كۈلۈپ . << شۇ كۆڭلۈم ئۇنىماي >> دېدى ئۇ . مەن ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن بۇ چوكاننى ئەمرىگە ئالىدىغان يىگىتىنى ئىزدىدىم . توينى ئاساسەن ئاياللارلا باشقۇرىۋاتاتتى ، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى مېھمانلار قاتارىدا ئولتۇرىشاتتى . ئاخىر تاقەت قىلالماي ، يېنىمدىكى چوكاندىن : << بۇ ھەدىمىزنى ئالغان يىگىت قايسى ئىكەن ؟ >> دەپ سورىدىم . << ئەنە ، ئاۋۇ ئۈستەلدىكى كەپكىلىك ئەر شۇ ئىكەن >> دېدى .
— << توي دىگەندە يىگىت ئولتۇرىۋالماي ئايالىنىڭ يېنىدا تۇرمامدۇ ، يا ئولتۇرسا ھەر ئىككىلىسى بىر ئۈستەلدە تەڭ ئولتۇرماپتىغۇ ؟ >> دېدىم يەنە قىزىقسىنىپ . << ۋاي سىڭلىم ، بۇرۇن يىگىتلەر يۇرتتىن ئايال ئاچىقىپ توي قىلاتتى ، مانا ئەمدى بۇ دوستىمىز پۇل تېپىپ ، ئۆزى يۇرتىغا بېرىپ يىگىت ئەكىلىپ ، تويىنى ئۆزى تۇرۇپ قىلىۋاتىدۇ ، شۇڭا ئەر ئولتۇرۇپ ئايال مېھمان كۈتۈۋاتامدىكىن >> دېدى كۈلۈپ . << مانا بۇ زامان ئاخىرىنىڭ بىشارىتى >> دېدى يەنە بىر ياشقا چوڭراق ئايال ياقىسىنى تۇتۇپ . بىر چاغدا قورۇمىلار تارتىلىپ بولغاندا ، تويى بولغان ھەدىمىز نەچچە دوستلىرى بىلەن قولىدا قىزىل ھاراق بار رۇمكىلارنى كۆتۈرۈپ ئۈستەللەرگە بېرىپ ، مېھمانلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ . مەن يەنە ھىلىقى يۇرتتىن ئايالىغا تېگىپ چىققان ئەرگە قاراپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالغان ئىدى . بۈگۈن مەن زۇمرەت بىلەن رابىيەنىڭ تالاش -تارتىشىدىن بىز ئۆزۈمىسنى مۇسۇلمان دەۋالغان بىلەن ئېتىقادىمىزنىڭ بەك سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سۇڭا باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ قېلىۋاتىمەن .
— ئۇنداق بولسا بىر كۈنى سەنمۇ سۇباتنى ئېلىپ قېچىپ كېلەمسەن نىمە ؟ — دېدى دىلشات كۈلمەي تۇرۇپ .
— تولا گەپنى بۆلمىگىنە ! — دېدىم دىلشاتقا رەددىيەنىڭ ئورنىدا كەسكىنلا قىلىپ .كاللامغا يېڭى سۇئاللار كىرىۋالغاچقا ئۇلارنىڭ چاق-چاقلىرىمۇ تېتىمايۋاتاتتى .
— بىز دىيىشىپ قويدۇق ، چولپاننى ئەتىلا قىزى بىلەن بىللە ئېلىپ قاچىدىغان بولىۋاتىمەن ، — دېدى سۇباتمۇ دىلشاتقا يەر تېگىدىن قاراپ .
— بۇ ياخشى پىلان بوپتۇ ، ئەمدى ئەقلىڭلارنى تېپىپسىلەر ، شۇنىڭ ئۈچۈن << ھەي ، ئۆلۈملۈك بولۇپ قالدۇقتە ؟ بولمىغان بولسا >> … دەپتۇ دىلشاتمۇ سۇباتقا .
— ھە يەنە شۇ ھەممە ئىش شۇ ئىچىشنىڭ گېپىمۇ ؟ سىلەر ئەرلىرىمىز مۇشۇنداق ئىچىپ تۈگەۋاتقاچقا ، بىز ئاياللارمۇ … خەدىچە گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمىدى .
— سەن دىمىسەڭمۇ ئاباينىڭياغى چولپان ئىككىڭلارنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭلارنى بىلدۇق ، ئاياللارنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ كېتىشىدە سىلەر ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دىمەكچىغۇ ؟ مېنىڭچە مەسئۇلىيەت ھەر ئىككى تەرەپتە ، ئەر بىلەن ئايال بىر نىيەتتە بولسا ، بىر ئائىلىمۇ گۈللىنىدۇ ، بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەت روناق تاپىدۇ . بىراق شۇ سىلەر بىز بىلەن تەڭ بەسلىشىپ چاتاق سېلىۋاتىسىلەردە ، بىر نىمە دىسە ، سىلەرنى قوغدايدىغان قانۇنلىرىڭلار ، ئاياللار بىرلەشمەڭلار تۇرسا ، گەپ ئۆزەڭلارنى ئۆزەڭلار بىلسەڭلار بولاتتى ، — دىلشات ئەمدى چاقچاقنى قويۇپ كۆڭلىدىكى گەپنى قىلىۋاتاتتى .
— مەن مۇنداق بىر ھىكايەتنى ئاڭلىغانمەن ، — دېدى سۇبات ناھايىتى سالماق ئاھاڭدا ، — بىرسى بىر دانىشمەندىن : << قاچان قىيامەت قايىم بولىدۇ >> دەپ سوراپتۇ . دانىشمەن : << ئېتىقاد يوقالغاندا >> دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . ئۇ كىشى : << ئېتىقاد قانداق ۋاقىتتا يوقالغان بولىدۇ ؟ >> دەپ سوراپتىكەن ، دانىشمەن جاۋاپ بېرىپ : << ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغاندا ، ھارام ھالالغا ھاكىم بولغاندا ، يالغان راستقا ئەمىر بولغاندا ، قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ >> دەپتۇ . مەن بەزىدە بىزنىڭ ساپاسى تۆۋەن ، ئانا بولۇش سالاھىيىتى توشمىغان ئاياللارنىڭ قولىغا ، ئوقۇتقۇچى ئۇستاز بولۇشقا لاياقىتى توشمايدىغان بەزى مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىغا قالغان ئەۋلاتلىرىمىز قىيامەت قايىمدا بولامدىكىن دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم . مېنىڭچە بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپ ئېتىقادىمىزنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىدا ، ئەنئەنە ، ئەدەپ – ئەخلاق مىزانلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئادەملىرىمىزنىڭ كېمىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدا ، بۇرۇنلاردا سەھەر تۇرۇپ ئۆي تازىلاپ ، جاينامازدا ئولتۇرۇپ ئېرىگە ، بالىلىرىغا ئىنساپ تىلەپ ، كېيىنكى ئەۋلادلىرى قەلبىدە ئۆلمەس ئېتىقاد مۇنارىنى تىكلەپ بېرىدىغان ئانىلارنىڭ ، ئەرلىرى بىلەن بەسلىشىپ ، ئۇلار ئاقنى ئىچسە بىز قىزىلنى ئىچىمىز دەپ يېرىم يالىڭاچ بەدەنلىرى بىلەن ۋاقتىنى ، زېھنىنى رېستۇرانلاردا ، غەيۋەت – شىكايەت ھەم ھاراق سورۇنلىرىدا ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىدا ، دېدى سۇبات ناھايىتى سالماق ئاھاڭدا .
— مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قېلىۋاتىمەن ، بىزدە ئېتىقاد سۇسلىشىپ كەتكەچكە ، دىنىمز ئىسلام بولغىنى بىلەن قىلغىنىمىز باشقا بولۇپ كېتىپتۇ . بەختسىزلىككە يولۇقساق ھاراق ئىچىپ ، ئاللاھ دەپ يىغلاپتۇق . بالزاكنىڭ << مىللەتنىڭ ئاچقۇچى ئانىلار قولىدا >> دېگەن سۆزىدىنمۇ نۇرغۇن مەسئۇلىيەتلەرنىڭ بىز ئايال ھەم ئانا بولغۇچىلاردا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم . بىز دائىم ئۆزىمىزنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قويۇپ ، بىز ئۇنداق خەق ، بىز بۇنداق خەق دەپ بىر – بىرىمىزگە قېيدايمىز ، ئۆزىمىزگە بىز قانداق ئادەم ؟ مەن قانداق ئايال ؟ مەن قانداق ئانا ؟ مەن نىمە قېلىۋاتىمەن ، نىمە قېلىشىم كېرەك دەپ ئويلاپ باقتۇقمۇ ؟ مەن ئەڭ ئاۋال ئۆزۈمدىن باشلايمەن ، — دېدىم ھاياجان بىلەن .
— قايسى جەھەتتىن ؟ — سورىدى خەدىچە .
— مەن ئاۋال مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمەن ، ئەخلاق ۋە ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەشتىن باشلايمەن . ئۆمرىدە خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەمۇ شۇ ھاراق سەۋەۋىدىن ئۆتكۈزۈپ قالىدىكەن . مېنىڭچە ئاياللارنى ئەڭ توغرا يولغا باشلايدىغان ئەدەپ – ئەخلاق بىلەن ئىمان – ئېتىقاد ئىكەن . بىز ئۇنىڭغا ئەمەل قىلساق جەمىيەت ئۈچۈن ، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىقكەن ، — دېدىم ئۇلارنىڭ قارىشىنى بىلمەكچى بولۇپ .
— سەن ناھايىتى توغرا ئويلاپسەن ، شۇنداق ئويلايتتىم ، ھازىر ئوقۇغان زىيالىيلىرىمىز ، پۇل ، يول تېپىۋاتقان نۇرغۇن كارخانىچىلىرىمىز ئەدەپ – ئەخلاقلىق پاك – ئىتىقادلىق ۋە دىيانەتلىك بولۇپ ، توغرا يولدا مېڭىپ ، ئىرادە ئېتىقادىمىزنى چېڭىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئۆز ئەمىلىيىتى بىلەن كۆرسىتىپ بېرىۋاتمامدۇ ؟

ئەگەر داۋامىغا قىزىقسىڭىز ئاياللار دۇنياسى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: ayal888) غا z7 نى قايتۇرۇپ كۆرۈڭ!
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى