ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئالتە ئىش

ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئالتە ئىش

ۋاقتى: 2016-06-28 ئاۋاتلىقى: 6534 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كېسەللىك ھەرگىزمۇ سەۋەبسىزلا كېلىپ چىقمايدۇ، بىر كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار، بولۇپمۇ ئىممونىتېت كۈچى ئاجىز بولغان ئاياللارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئاياللار بىلىشى كېرەككى، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى تۇرمۇش ئادىتى ھەرگىزمۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرگەندە ساغلام بولۇپلا قالماي، يەنە گۈزەل بولغىلىمۇ بولىدۇ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
1. چىشنى چوتكىلاش، يۈزىنى يۇيۇش ۋە بەدەننى سۈرتۈش: ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى چىش چوتكىلاش ئەتىگەنلىكى چىش چوتكىلىغاندىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا ئېغىزدىكى قالدۇق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپلا قالماي، يەنە چىشنى ئاسراپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ. تېلىۋىزور كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن يۈز يۇيۇش ۋە بەدەننى سۈرتۈش ئارقىلىق تېرىنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلىغىلى، شۇنداقلا راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
2. چاچ تاراش: ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، باشتىكى پەللىلەرنىڭ سانى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە چاچ تاراپ بەرگەندە باش تېرىسىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىكەن، چاچ يىلتىزىنىڭ ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلاپ، چاچنى ئاسراپ، چاچ چۈشۈشنى ئازايتىش ۋە چوڭ مېڭىدىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىش رولى بار ئىكەن.
3. ئاستا سەيلە قىلىش: كۈندە 20-10 مىنۇتقىچە مېڭىپ ھەرىكەت قىلىش بەرگەندە قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ. ياتقاندىن كېيىن كىتاب كۆرمەسلىك، مەسىلىلەرنى ئويلىماسلىق، شۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيىتىنى ئازايتىپ، تېزراق ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
4. بىر ئىستاكان ھەسەل قوشۇلغان سۈت ئىچىش: چەتئەل ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، سۈتنىڭ تەركىبىدە ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان ترىپتوفان_1 بار ئىكەن. ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بەرسە، ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولى بار ئىكەن. ھەسەلنىڭ رولى قان قەنتتىنىڭ مىقدارىنى تولۇقلاپ، بالدۇر ئويغىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.
5. دەرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش: بۇ ئارقىلىق ئۆي مۇھىتىنىڭ ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بىراق ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېپىۋېتىشىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.
6. پۇتىنى يۇيۇش: جوڭيى تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، پۇتتىكى 60 نەچچە پەللە ئادەم بەدىنىدىكى بەش ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىلمان سۇدا (℃50-40) پۇتىنى يۇيۇپ بەرگەندە، پۇتنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، بەدەن ھالىتىنىڭ تەڭشىلىشىگە پايدىلىق.يۇقىرىقىلار گەرچە كىچىك ئىشلار بولسىمۇ، بىراق شۇ ئايالغا ۋە شۇ ئائىلىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى