ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئالتە ئىش
-
ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئالتە ئىش
ۋاقتى: 2016-06-28 ئاۋاتلىقى: 6534 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كېسەللىك ھەرگىزمۇ سەۋەبسىزلا كېلىپ چىقمايدۇ، بىر كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار، بولۇپمۇ ئىممونىتېت كۈچى ئاجىز بولغان ئاياللارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئاياللار بىلىشى كېرەككى، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى تۇرمۇش ئادىتى ھەرگىزمۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرگەندە ساغلام بولۇپلا قالماي، يەنە گۈزەل بولغىلىمۇ بولىدۇ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
1. چىشنى چوتكىلاش، يۈزىنى يۇيۇش ۋە بەدەننى سۈرتۈش: ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى چىش چوتكىلاش ئەتىگەنلىكى چىش چوتكىلىغاندىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا ئېغىزدىكى قالدۇق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپلا قالماي، يەنە چىشنى ئاسراپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ. تېلىۋىزور كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن يۈز يۇيۇش ۋە بەدەننى سۈرتۈش ئارقىلىق تېرىنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلىغىلى، شۇنداقلا راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
2. چاچ تاراش: ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، باشتىكى پەللىلەرنىڭ سانى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە چاچ تاراپ بەرگەندە باش تېرىسىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىكەن، چاچ يىلتىزىنىڭ ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلاپ، چاچنى ئاسراپ، چاچ چۈشۈشنى ئازايتىش ۋە چوڭ مېڭىدىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىش رولى بار ئىكەن.
3. ئاستا سەيلە قىلىش: كۈندە 20-10 مىنۇتقىچە مېڭىپ ھەرىكەت قىلىش بەرگەندە قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ. ياتقاندىن كېيىن كىتاب كۆرمەسلىك، مەسىلىلەرنى ئويلىماسلىق، شۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيىتىنى ئازايتىپ، تېزراق ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
4. بىر ئىستاكان ھەسەل قوشۇلغان سۈت ئىچىش: چەتئەل ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، سۈتنىڭ تەركىبىدە ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان ترىپتوفان_1 بار ئىكەن. ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بەرسە، ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولى بار ئىكەن. ھەسەلنىڭ رولى قان قەنتتىنىڭ مىقدارىنى تولۇقلاپ، بالدۇر ئويغىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.
5. دەرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش: بۇ ئارقىلىق ئۆي مۇھىتىنىڭ ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بىراق ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېپىۋېتىشىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.
6. پۇتىنى يۇيۇش: جوڭيى تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، پۇتتىكى 60 نەچچە پەللە ئادەم بەدىنىدىكى بەش ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىلمان سۇدا (℃50-40) پۇتىنى يۇيۇپ بەرگەندە، پۇتنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، بەدەن ھالىتىنىڭ تەڭشىلىشىگە پايدىلىق.يۇقىرىقىلار گەرچە كىچىك ئىشلار بولسىمۇ، بىراق شۇ ئايالغا ۋە شۇ ئائىلىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللارنىڭ دائىم چارچىغاندەك ھېس قىلىشىدىكى سەۋ
2016-02-04 19:28:162502ئاياللار بۆلۈمىدە كۆپ كۆرىلىدىغان ياللۇغلىنىشلىق
2015-11-12 18:46:001932قىزلار نېمە ئۈچۈن تۇنجى يىگىتىنى ئۇنتۇيالمايدۇ؟
2015-12-08 12:10:535851[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 13:21:4210633جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن ھامىلدار بولغان بولمىغا
2016-01-23 14:06:307136[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 14:13:162548ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ؟
2016-01-29 13:44:082340بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالماڭ
2016-02-05 18:18:493580
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-