ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

    خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمەت: كىتاب ئوقۇش تەربىيەسى

[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمەت: كىتاب ئوقۇش تەربىيەسى

ۋاقتى: 2016-07-09 ئاۋاتلىقى: 2868 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

3. كىتاب ئوقۇش تەربىيەسى
كىتاب __ ھاياتنىڭ ئەڭ جۇلالىق ۋە شېرىن نېئمەتلىرىنىڭ بىرسى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلۇغ خەزىنىسى. بىر ئادەمنىڭ بىلىم ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى شۇ ئادەمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كىتاب ئوقۇشىغا باغلىق بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بىر مىللەتنىڭ ساپاسىمۇ خېلى زور دەرىجىدە شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. قاراپ باقساق كىتاب ئوقۇشقا ھېرىس مىللەتلەر دەل ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، رىقابەت ئېڭى كۈچلۈك مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. 2011- يىلى ئېلىپ بېرىلغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتى ھەققىدىكى ئىستاتىسكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەھۇدىيلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 64 پارچە، رۇسلار 55 پارچە، ئامېرىكىلىقلار 50 پارچە، ياپونلار 40 پارچە، كورىيەلىكلەر 11 پارچە كىتاب ئوقۇيدىكەن. فىرانسىيەدە ئاياللار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 12 پارچە، ئەرلەر 9 پارچە كىتاب ئوقۇيدىكەن. جۇڭگولۇقلار بولسا 2.8 پارچە كىتاب ئوقويدىكەن. ئەمىسە ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتى قانچىلىكتۇ؟ ئائىلىنى ئىدارە قىلغۇچى، پەرزەنتنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئەھۋالىچۇ؟ قولىمىزدا بۇ توغرۇلۇق ئېنىق سانلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، جاۋابنىڭ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان.
ئائىلىنى ئىدارە قىلىشمۇ خۇددى بىر ئەلنى ئىدارە قىلغانغا ئوخشايدۇ. ئەلنى باشقۇرۇش كىشىدىن قانچە چوڭقۇر ئىلىم، ئەقىل-پاراسەت، چارە-تەدبىر ۋە سەۋرچانلىق تەلەپ قىلسا، ئائىلىمۇ ئايالدىن بىلىملىك، پاراسەتلىك بولۇشنى، ھەر ئىشتا ئەستايىدىل، سەۋرچان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق پاراسەت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ. ئۇ پەقەت ئايالنىڭ ھەرۋاقىت كىتاب ئوقۇپ تۇرۇشى، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۆزىنى داۋاملىق تولۇقلاپ، يېڭىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ تۇرۇشىدىن كېلىدۇ. شۇندىلا ئۇ ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە ئادا قىلالايدۇ. مەكتەپ مائارىپى ئۆگىنىش مەنزىللىرىنىڭ پەقەتلا بىر ھالقىسى. ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلى مەكتەپنىڭ بىر ئادەمگە ئۆگىتىدىغىنى ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ، ئەمما ئۆگىنىش ئۇ مەڭگۈلۈك جەريان، ئۇ ئۆمۈر بۇيى داۋاملىشىدۇ، ئاياللار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. ئالجىرىيە ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر رەھبىرى، ئىسلاھاتچى (1888~1940) ئىبنى بادىس مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر ئەرگە ئىلىم ئۆگىتىدىكەن، ئۇ پەقەت بىر ئادەمگە ئۆگەتكەن بولىدۇ. كىمكى بىر ئايالغا ئىلىم ئۆگىتىدىكەن، ئۇ بىر قەۋمگە ئۆگەتكەن بولىدۇ.»
تەننىڭ ئوزۇقى تائام بولسا، روھنىڭ ئوزۇقى ئىلىم–ھېكمەت. ئانىنىڭ قەلبى پەرزەنتنىڭ مەكتىۋىدۇر. كىتابقا ھېرىس ئانىنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇغان ئىلىم-مەرىپەت زىياسى پەرزەنتكە ئەڭ ياخشى تەربىيەنى بېرىپ، ئۇنىڭ ھايات يوللىرىنى يورىتىدۇ. ئاي ئۆتۈپ، يىل ئۆتۈپ قولىغا كىتاب ئالمايدىغان ئانىنىڭ قەلبى قۇپ-قورۇق بولۇپ، نە ئۆزىنى يورۇتۇشقا، نە پەرزەنتىنى توغرا يولغا سېلىشقا يارىمايدۇ.
ئۇيغۇر ئاياللىرىدا كىتاب ئوقۇماسلىق مەسىلىسى ھەقىقەتەن ئېغىر. ھەتتاكى كىتاب ئوقۇماسلىق ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. مەيلى ئاران ساۋاتى بارلار بولسۇن، ياكى ئالى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەنلەر بولسۇن، بىز ئاياللاردا كىتابقا بولغان ئىشتىياقنى كۆرەلمەيمىز. قاراپ باقساق خىزمەت تەلىپى ، ئۇنۋان ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەمەس، مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن، ئىنسانىي كامالەت ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيدىغان ئاياللار بەك ئاز. كۆڭلۈمىزنى بەكمۇ يېرىم قىلىدىغىنى ئاياللار سورۇنىدا ئىلىم بىلەن كىتابتىن بۆلەك جىمى گەپ–سۆزلەر بولىنىدۇ. بىزدەك جامائەتچىلىك ئېڭى كۈچلۈك مىللەتلەردە چاي-ئولتۇرۇشلار بەك كۆپ. نېمىشقا ھېچ بولمىسا مۇشۇ يەپ-ئىچىش، بىھۇدە پاراڭدىن باشقا ئىش يوق سورونلىرىمىزنى ئىلىم سورۇنىغا، ياخشى كىتابلارنى ئۆزئارا تەۋسىيە قىلىشىدىغان، مۇلاھىزە قىلىدىغان سورۇنغا، پەرزەنت تەربىيەلەش ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، بۇ ھەقتىكى ياخشى كىتاب، ياخشى چارە-ئۇسۇل، تەجرىبىلەرنى تونۇشتۇرىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرمايمىز؟ مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقىدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچى، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى، قىممىتى، ئۇنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇپ يېتەلمەسلىك. ئىككىچى، كىتاب ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، تۈرتكە بولىدىغان، قوللايدىغان، ئىجتىمائىي مۇھىت، شەرت-شارائىت ۋە رىغبەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ بولماسلىقى. مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىمدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا كىتاب ئوقۇش، ماقالە يېزىش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرى دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. بىز زور ئىشتىياق بىلەن ئۆزىمىز يازغان ماقالىلەرنى ئۆزىمىز جانلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ، بىرىنچى، ئىككىنچىلىكنى تالىشاتتۇق. ئويلىسام كىتابقا بولغان ئاشۇنداق رىغبەت بالىلارنى دەسلەپتىلا كىتابقا باغلايدىكەن.
رۇسىيەلىك لونا چارسكى مۇنداق دېگەن: «كىتاب ئوقۇمايدىغان ساۋاتلىق ئادەم نېمىگىمۇ ئەسقاتار؛ بۇنداق ئادەم يەنە تەكرار ساۋاتسىزلىققا مەھكۇمدۇر.» ھەقىقەتەن كىتاب ئۇقۇماسلىقنى ساۋاتسىزلىقنىڭ يەنە بىر تۈرى دېيىشكە ھەقلىقمىز.
ئاياللار ئۆزىنى ۋە دۇنيانى بىلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ھەرۋاقىت ئەرنى ئۆزىگە باغلاپ تۇرىدىغان پاراسەتلىك، مېھىرلىك خوتۇن بولۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ياراملىق پەرزەنت تەربىيەلەش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ئائىلىنى بەخت قورغانىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بىر كىشىلىك ھەسسە قۇشالايدىغان، جەمئىيەتنىڭ تىرىك ھۈجەيرىسى بولۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ئەگەر مۇشۇ تەرىزدە يازساق كىتاب ئوقۇشقا بولغان مىڭلاپ ئېھتىياجنى يېزىش مۇمكىن. ئايالنىڭ ۋاقتى چەكلىك ۋە تولىمۇ قىممەتلىك. شۇڭا خۇددى دوستنى تاللاپ تۇتقاندەك، كىتابنى تاللاپ ئوقۇش، قايسى مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئوقۇشمۇ تەكىتلەشكە تېگىشلىك مەسىلە. مەن بىر قىسىم ئاياللارنى تونۇيمەن. ئۇلارنى كىتاب ئوقۇمايدۇ دېسەم يالغان ئېيتقان بولىمەن. بىراق ئوقۇغاندىن ھېچبىر مەنپەئەت-ئۈنۈم ھاسىل قىلالماسلىقتا ئۇلار كىتاب ئوقۇمىغانغا باراۋەر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوقۇيدىغىنى پۈتۈنلەي سۈنئىي توقۇلما بىلەن يېزىلغان ئاددىي تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرىدىكى ئىشقى مۇھەببەتتىن ئۆزگە پاراڭ يوق ھېكايە، رومانلار، كىتاب ئوقۇشتىكى ئەڭ چوڭ مەقسەت ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش، كىتابتىكى ئىلىم-ھېكمەت، ئىلغار ئىدىيە، ئاكتىپ تەپەككۇرنى ئۆگىنىش ۋە ھاياتىمىزغا تەتبىقلاش. ئەمما ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا كاللا كەتمەيدىغان، بىزنى ئويلاندۇرالمايدىغان، تەپەككۇرغا باشلىيالمايدىغان كىتابلارنى ئوقۇش ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا ھەزىم قىلىش ئاسان، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېردىكى كىتابلار ئاياللىرىمىزنىڭ تاللاش دائىرىسىدىن نېرى تۇرۇشى كېرەك. كىلاسسىك ئەسەرلەر، ئەدەپ-ئەخلاق، پەرزەنت تەربىيەسى، تارىخ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تېما قىلىنغان، شۇنداقلا مەشھۇر يازغۇچى-ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىزگە ھەقىقىي نەپ بېرىپ، ئەقىل قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرىدۇ. بىزدە ئەڭ گۈزەل ئارزۇ-تىلەكلەرنى ئويغىتىدۇ. بىزگە ئالىيجاناب مەسلىھەت بېرىدۇ. كىتاب بىزنىڭ ئىللەتلىرىمىزنى خۇددى ئوت ماينى ئېرىتكەندەك ئېرىتىۋېتىدۇ. چۈنكى كىتابنىڭ ئادەم تەربىيەلەش كۈچى ھەتتا مۇنتىزىم مەكتەپلەردە ئالغان بىلىمنىڭ قۇدرىتىدىن چوڭ. ئابدۇراھمان جامىنىڭ كىتاب ھەققىدىكى مۇنۇ مىسرالىرى ئاياللىرىمىزغا ئۆرنەك بولسىكەن دەيمەن:
كىتابتىن ياخشىراق دوست يوق جاھاندا،
غەمخورۇڭ بولغان ئۇ غەملىك زاماندا.
ئۇ بىلەن قال تەنھا، ھېچ بەرمەس ئازار،
جېنىڭغا يۈز راھەت بەرگۈسى تەكرار.
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 18699161170 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئالاقىلىشىش ئۈندىدارى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى