بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
سىز زىنا قىپ باققانمۇ؟ زىنا قىلسا قانداق بولىدۇ؟
-
سىز زىنا قىپ باققانمۇ؟ زىنا قىلسا قانداق بولىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-05 ئاۋاتلىقى: 8255 قېتىميانفوندا كۆرۈش
سىز زىنا قىپ باققانمۇ؟ زىنا قىلسا قانداق بولىدۇ؟
ئاي قىزىم، ئۆز ئۆيۈڭنىڭ، ئەۋلادىڭنىڭ، مىللەتنىڭ شانى، يۈزى قىزىم، يۈرۈكىڭنىڭ شەرم-ھايا دېگەن جايىغا ئويۇپ يېزىپ قوياي. شەھۋانىي نەپىس ئېنىقكى ئايال زاتى ئۈچۈن ئەڭ ئۇياتلىق، غايەت ئۇياتلىق گۇناھتۇر. بۇ مۇھەببەت ئەمەس، ياقتۇرۇشمۇ ئەمەس، ياخشى كۆرۈشمۇ ئەسلا ئەمەس! بۇ شەيتاننىڭ چاقىرىشى، تەپەككۇرنىڭ چىكىنىشى، ئىنسان قىسمىتىنىڭ بۇلغىنىشىدۇر. بۇ زىنا، بۇ ھارام ئەمەل نەپىسلەرنىڭ ئەڭ خۇنىكى. ئەستايىدىل تىلەش كېرەككى، ئەركەك ۋە ئايالنىڭ شۇ نەپىسىنى يوق قىلسۇن. شۇ گۇناھتىن ئۆزىنى توختاتقان ئادەم ياخشىزاتنىڭ بالىسى بولغۇسى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئەمدى پاكىزە پەلەك باشلانغۇسىدۇر.
ئۆمرۈڭ داۋامىدا كۆرۈپ، ئوبدان تەن بېرىپ بارىسەن. كىمكى شەھۋانىي نەپىسكە ئەركىن بېرىدىكەن، بېرىپ-بېرىپ بەختى قارا بولىدۇ، كۆڭلى ئالا بولىدۇ. ئېنىقراقى، تۈنىمۇ، كۈنىمۇ، يېگەن-ئىچكىنىمۇ قارا بولىدۇ. بۇنىڭغا مىساللار كۈرمىڭ، ئەمما ئۆزى كۆيۈپ تۇرغاننىڭ يارىسىنى تاتىلىماي قوياي! چۈنكى، بۇ خىل ئادەم سىرتتىن قارىماققا ھەممە قاتارى كۆرۈنسىمۇ، كۆرگەن كۈنىنى ئۆزى بىلىدۇ. دەھشەتلىكى شۇكى، بۇنداقلارنىڭ كاساپىتى پەقەت بالىسىغا ۋە يەنە بالىسىغا يۈرىدۇ.
يەنە شەھۋانىي نەپس خۇسۇسىدا، ھاياتتا يەڭگىلتەك ئەرلەرنىڭ سانى شۇ خىلدىكى ئاياللار سانىدىن كۆپرەكتۇر، بەلكى.
ئەمما، قىز ئايىم، بىزنىڭ زات ئۈچۈن ئەڭ ئار-نومۇسلۇق ئىش شۇكى، ئەخلاقىي چاتاقلىق بىرىنچى بولۇپ ئاياللاردىن باشلىنىدۇ. ھەئە، ھەمىشە شۇنداق. چۈنكى ئايال ئىزنى بەرمىسە، ئىمكانىيەت ياراتمىسا، ئەڭ سۇيۇق ئەركەكمۇ چىگرادىن چىقالمايدۇ. نىيىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
يەنە شۇ نەپس خۇسۇسىدا. پەلەكنىڭ قارغىشى بىلەن بىر نەچچە ئەشەددىي سۇيۇق ئەركەككە بىر ئاقىل ۋە پاك ئايال ھەمراھ بولدى دەيلى، ئايال كىشىدە شۇنداق قۇدرەت باركى، ئەگەر ئۇنىڭ نىيىتى، پېئىلى پاك بولسا ئۆزىگىمۇ چاڭ يۇقتۇرمايدۇ. يىنىدىكى چاتاق ئەرلەرنىڭ بارىنى شەيتاندىن خالاس قىلىپ، ئىنساپ ۋە ۋىجداننى ئىلىپتەك تىكلەپ قويىدۇ. بىر كۆيدۈرەي دەپ گىرىمنى قىنىق قىلىپ ئۆزۈڭنى ھەددىدىن زىيادە پەردازلاپ، ھېلىقى يىگىت تۇرىدىغان جايدىن ئەتەي مەقسەتلىك ئۆتتۈڭ ياكى لەپپىدە بىر قاراپ قاش لىڭشىتىپ پىسسىڭڭىدە بىر كۈلدۈڭ شۇ خالاس. ئەنە شۇ ئىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مۇجۇمەل. سەن بىر ياخشى قىزسەن، مەلۇم بىر ئائىلىسى بار كېلىشكەن يىگىتكە ئىشتىياق باغلاپ قويدۇڭ، لېكىن ئۆيىنى بۇزۇش خىيالىڭ يوق، ئەمما ئاۋۇ يىگىت بىلەن ئايالى ئارىسىدىن ئىللىقلىق كېتىدۇ! نەچچە ۋاقىت يىگىتنىڭ قەلبىدە سېنىڭ ئىشىق زارىڭ زىلزىلە قوزغاپ ئايالىدىن سوۋۇشقا سەۋەب بولىسەن، بۇ بۇزغۇنچىلىق بولماي نېمە؟
زىناكەشلىك___ بالاكەسلىكتۇر! بەزىلەر "پالانچىنىڭ شەرھى-نىكاھىغا ئۆتتۈم"، "پۇستانچى خىنىمغا نىكاھ ئوقۇتۇۋالدىم" دەپ گۇناھلىرىنى ئاقلىماقچى بولىدۇ. بىر موللىنىڭ ئالدىغا نەچچە بولاق قەنت بىلەن ئىككى تۆت تال پۇلنى قويۇپ، شەكلەن نىكاھ ئوقۇتۇپ قويۇش ھەقىقىي ئەر-خوتۇنچىلىق ئەمەس. نىكاھ بىراۋنىڭ بەختىنى، ئاتىسىنى، بىر ئائىلىنىڭ رىزقىنى مەخپىي ھېچكىمگە بىلدۈرمەي دالدىدا قايرىپ ئېلىش ئەمەس. بۇ ھالەتنىڭ ئېتى پەقەتلا زىنالا ئەمەس، يەنە ئوغۇرلۇقتۇر.
نىكاھ مۇقەددەستۇر دەيلى، ئەر بىرىنچى نىكاھىدا بەرگەن قەسەملىرىنى تېخى ئادا ئەتكىنى يوق، ھەقدار بولغان ئاتا-ئانىسى ياكى ئاتا-ئانا ئورنىدىكى چوڭلىرى، ھامىيلىرى بۇ ئىشقا رازىمۇ؟
ئۇلاردىن يوشۇرۇنچە ھەرقانداق ھەرىكەت بولسا زىنادۇر. بۇ زىناكەشلەر باشقىلارنىڭ قارغىشىغا نىشاندۇر.
بىز ئەخلاقلىق مىللەتمىز. ئاياللارنىڭ شەرم-ھاياسى، سۆيگۈ-ساداقىتى، ۋاپادارلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان ئىسىل خەلق بىز. ئەل بىشىغا نېمىلەر چۈشمەيدۇ دەيسىز. ئۆتمۈشتە سۈپۈرگە قوناقنىڭ نىنى يەپ، ئاچارچىلىق بولغان ئاشۇ يىللاردىمۇ ئاياللىرىمىز شۈكرى قىلىپ، سەۋرىنى ساقلاپ ئولتۇرغان. نامەھرەم يول بىلەن جان باقمىغان، ئۆزلىرىنى بۇلغىمىغان، ئار-نومۇسلىرىنى ساقلاپ، ھايانى ئاسراپ، نىيەتلىرىنى پاك تۇتۇپ ياشىغان.........
مەنبە: شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى (قىزلارغا ئاتالغان نەخ گەپلەر) دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
20ياشلىق ئاياللار گىلاسقا ئوخشايدۇ، 30ياشلىق ئاي
2015-12-08 17:53:093351ئاياللارنىڭ تاشقى جىنسىي ئەزاسىنىڭ قىچىشىشىدىكى
2015-10-07 19:40:225226ئاق خۇن دېگەن نېمە؟ نورمالسىز بولغان ئاق خۇن قان
2015-11-22 01:22:423385قانداق قىلغاندا ئابرويپەرەسلىكتىن ساقلانغىلى بول
2015-11-29 14:34:181116[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 14:36:332945ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا زىيانلىق ئادەتلەر
2015-08-18 12:30:466686ئەگەر مەن بىر ئەركەك بولسام بىر قىزنىڭ يۈرەكنى ت
2015-12-29 16:42:362588ئاياللار شىپالىق دورا
2015-08-10 00:03:572581
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-