قانداق قىلغاندا ئابرويپەرەسلىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
-
قانداق قىلغاندا ئابرويپەرەسلىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 1108 قېتىمئادەم ئابرويپەرەسلىكتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئاتالمىش ئابرويپەرەسلىك ماددىي قاتلام ۋە مەنىۋى قاتلامدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماددىي قاتلام كىيىم كېچەك، يېمەك ئىچمەك، تۇرالغۇ، ساياھەت قاتارلىق بىۋاستە كۆز كۆز قىلغىلى بولىدىغان ئىستېمالنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئىستېمال ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ. مەنىۋى قاتلام نام-ئابرويغا ھەدىدىن زىيادە بېرىلىش، ئۇنى ئىش قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ.يانفوندا كۆرۈش
ماددىي تۇرمۇش جەھەتتە، ئاساسىي ئېھتىياجنى قاندۇرسىلا قاناتلىدىغان پوزىتسىيەلا «راست»، ئۆزىنى كۆز كۆز قىلىش پوزىتسىيىسى «ساختا» دۇر. ئىككى خىل مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى پەرىقلەنمەيدىغان باھاسىمۇ ئوخشاش ئەھۋالدا داڭلىق ماركا قوغلاشماسلىق كېرەك، شۇندىلا ئابرويپەرەستىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
مەنىۋى تۇرمۇش جەھەتتە، جەريانغا ئەھمىيەت بېرىپ، نەتىجىگە پەرۋا قىلماسلىق پوزىتسىيەسى «راست»، نەتىجە قوغلىشىپ ئىش قىلىش «ساختا» دۇر. ئالايلۇق، ئەسەر يېزىش جەريانىدىكى ھوزۇرغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭ نەشردىن چىقىشى ۋە كىشىلەرنىڭ باھاسى قاتارلىقلارغا پەرۋا قىلماسلىققا ئوخشاش. ئابرويپەرەسلىك كىشىلەرگە كۆپۈك ئىناۋەت ۋە ساختا قىياپەت بېغىشلايدۇ، ئابرويپەرەسلىكتىن قۇتۇلغاندىلا چىنلىق ئىچىدە ياشىغىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
سىز ۋاپادار، كۆيۈمچان پەرزەنتمۇ؟ بۇنىڭدىن ئۆزىڭى
2015-08-21 12:35:3221225ئەرلەر بىلەن ئاياللار پوزىتسىيەسىدىكى پەرقلەر
2015-08-10 20:47:323211قىزلار دوستىنى مۇھەببەت ۋە نىكاھ تۇرمۇشىغا زىياد
2015-12-02 17:50:111924كۆك چاينىڭ ئاياللارغا بولغان شىپالىق رولى
2016-01-07 01:48:491997ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك 9خىل كىسەللىك ئ
2015-08-10 00:11:322288ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئالت
2015-08-10 00:46:396488ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ يەڭگىشنىڭ ئانا بىلەن بالىغا
2016-01-07 01:55:563778قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك
2015-12-23 14:37:307426
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-