ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئاياللار ئەقىللىق ، ئەمما ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇنچە ئەقىللىق ئەمەس

ئاياللار ئەقىللىق ، ئەمما ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇنچە ئەقىللىق ئەمەس

ۋاقتى: 2016-07-09 ئاۋاتلىقى: 1946 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ئاياللارنىڭ چىچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا» دىگەن ئەقلىيەگە ھازىرقى زامان قىز-ئاياللىرىمىز، ئۆز تىرىشچانلىقلىرى بىلەن قاتتىق رەدىيە بېرىپ كەلمەكتە. ھەتتا «ئەر-ئاياللار ھەممىدە باراۋەر» شۇئارلىرى ھەممە ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىردى. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن بىچچارە قىز-ئاياللىرىمىز گۈزەللىك ۋە يۈز-ئابروي قوغلىشىش جەريانىدا دائىم ئەقىلسىزلىك قىلىپ قويىدۇ. بۈگۈن بۇ ھەقتە سىلەرگە بىر قىسقا ھېكايە سۆزلەپ بېرەي. دىققەت : ئاياللار يېرىمىنى، ئەرلەر تولۇقىنى ئوقۇڭلار !


بىر ئايال باغچىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر قۇتا ئىچىگە كىرىپ قالغان پاقىنىڭ سۆزلەۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ، پاقا ئۇ ئايالغا:
«مىنى بۇ قۇتىدىن چىقىرىپ قويغۇچىنىڭ ئۈچ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ قۇيىمەن» دەپتۇ.
ئايال پاقىغا ياردەم قىلىپ ئۇنى قۇتىدىن چىقىرىپ قۇيۇپتۇ،
پاقا ئۇنىڭغا: «رەھمەت ساڭا، ئەمما بايام دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، سېنىڭ ئارزۇيۇڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بىر تەلەپ قۇيۇلغان، يەنى سېنىڭ يولدىشىڭ سەن ئېرىشكەننىڭ ئون ھەسسىسىگە ئېرىشىدۇ»
ئايال:
« بولىدۇ، بىرىنچى ئارزۇيۇم مېنى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالغا ئايلاندۇر»، پاقا ئەسكەرتىپ: « سەن بىلىشىڭ كېرەك، بۇ ئارزۇيۇڭ يولدىشىڭنى  دۇنيادىكى ئەڭ جەلىپكار ئەرگە ئايلاندۇرىدۇ» دەپتۇ،
ئايال:
« بولىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ئايال مەن بولغاندىكىن ئۇنى ھەرقاچان ئۆزۈمگە مەھلىياھ قىلىۋالالايمەن»، پاقا بىرنى ئۇسۇپلا ئۇ ئايالنى ئارزۇسىغا يەنى – دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالغا ئايلاندۇرۇپتۇ.
ئايالنىڭ ئىككىنجى ئارزۇسى: دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار ئايالغا ئايلىنىش ئىكەن، بۇنى ئاڭلىغان پاقا ئۇ ئايالنى ئەسكەرتىپ: «ئېسىڭدە بولسۇن سېنىڭ بۇ ئارزۇيۇڭ يولدىشىڭنى دۇنيا بويىچە ئەڭ پۇلدار كىشىگە ئايلادۇرىدۇ!».
ئايال:
«ھېچقىسى يوق، مېنىڭ دەل ئۇنىڭ، ئۇنىڭ دەل مېنىڭ»، پاقا بىرنى ئۇسۇپلا ئۇ ئايالنى يەنە بىر ئارزۇسىغا يەنى – دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار ئايالغا ئايلاندۇرۇپتۇ.
پاقا ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنى ئېيتىشنى دەپتۇ،
ئايال:
«مىنىڭ يېنىكىرەك يۈرەك كېسلى بولغۇم بار!» ……….
بۇ ھىكايىنىڭ مەنىسى شۇكى ئاياللار بەك ئەقىللىق، ئايالىڭىزنى رەنجىتىپ قويماڭ. ئايال ئوقۇرمەنلەر سىلەرگە نىسبەتەن بۇ ھېكايە مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى.

[ ئەر ئوقۇرمەنلەر داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇڭلار … ]


پاقا بىرنى ئۈسسۈپلا ئۇ ئايالنى ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىغا يەتكۈزۈپتۇ، يەنى – ئۇنىڭ ئېرى ئايالىدىن ئون ھەسسە يىنىك بولغان يۈرەك كېسىلىگە مۇپتىلابوپتۇ.
بۇ ھېكايىنىڭ مەنىسى شۇكى ئاياللار دائىم ئۆزىنى بەك ئەقىللىق چاغلايدۇ، بوپتۇلا ئۇلار ئاشۇنداق ئويلالىۋەرسۇن…… ھاھا ھا

مەنبە: تورخۇمار بىلوگىدىن

بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى