ئاياللار ئەقىللىق ، ئەمما ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇنچە ئەقىللىق ئەمەس
-
ئاياللار ئەقىللىق ، ئەمما ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇنچە ئەقىللىق ئەمەس
ۋاقتى: 2016-07-09 ئاۋاتلىقى: 1946 قېتىميانفوندا كۆرۈش
«ئاياللارنىڭ چىچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا» دىگەن ئەقلىيەگە ھازىرقى زامان قىز-ئاياللىرىمىز، ئۆز تىرىشچانلىقلىرى بىلەن قاتتىق رەدىيە بېرىپ كەلمەكتە. ھەتتا «ئەر-ئاياللار ھەممىدە باراۋەر» شۇئارلىرى ھەممە ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىردى. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن بىچچارە قىز-ئاياللىرىمىز گۈزەللىك ۋە يۈز-ئابروي قوغلىشىش جەريانىدا دائىم ئەقىلسىزلىك قىلىپ قويىدۇ. بۈگۈن بۇ ھەقتە سىلەرگە بىر قىسقا ھېكايە سۆزلەپ بېرەي. دىققەت : ئاياللار يېرىمىنى، ئەرلەر تولۇقىنى ئوقۇڭلار !
بىر ئايال باغچىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر قۇتا ئىچىگە كىرىپ قالغان پاقىنىڭ سۆزلەۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ، پاقا ئۇ ئايالغا:
«مىنى بۇ قۇتىدىن چىقىرىپ قويغۇچىنىڭ ئۈچ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ قۇيىمەن» دەپتۇ.
ئايال پاقىغا ياردەم قىلىپ ئۇنى قۇتىدىن چىقىرىپ قۇيۇپتۇ،
پاقا ئۇنىڭغا: «رەھمەت ساڭا، ئەمما بايام دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، سېنىڭ ئارزۇيۇڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بىر تەلەپ قۇيۇلغان، يەنى سېنىڭ يولدىشىڭ سەن ئېرىشكەننىڭ ئون ھەسسىسىگە ئېرىشىدۇ»
ئايال:
« بولىدۇ، بىرىنچى ئارزۇيۇم مېنى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالغا ئايلاندۇر»، پاقا ئەسكەرتىپ: « سەن بىلىشىڭ كېرەك، بۇ ئارزۇيۇڭ يولدىشىڭنى دۇنيادىكى ئەڭ جەلىپكار ئەرگە ئايلاندۇرىدۇ» دەپتۇ،
ئايال:
« بولىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ئايال مەن بولغاندىكىن ئۇنى ھەرقاچان ئۆزۈمگە مەھلىياھ قىلىۋالالايمەن»، پاقا بىرنى ئۇسۇپلا ئۇ ئايالنى ئارزۇسىغا يەنى – دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالغا ئايلاندۇرۇپتۇ.
ئايالنىڭ ئىككىنجى ئارزۇسى: دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار ئايالغا ئايلىنىش ئىكەن، بۇنى ئاڭلىغان پاقا ئۇ ئايالنى ئەسكەرتىپ: «ئېسىڭدە بولسۇن سېنىڭ بۇ ئارزۇيۇڭ يولدىشىڭنى دۇنيا بويىچە ئەڭ پۇلدار كىشىگە ئايلادۇرىدۇ!».
ئايال:
«ھېچقىسى يوق، مېنىڭ دەل ئۇنىڭ، ئۇنىڭ دەل مېنىڭ»، پاقا بىرنى ئۇسۇپلا ئۇ ئايالنى يەنە بىر ئارزۇسىغا يەنى – دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار ئايالغا ئايلاندۇرۇپتۇ.
پاقا ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنى ئېيتىشنى دەپتۇ،
ئايال:
«مىنىڭ يېنىكىرەك يۈرەك كېسلى بولغۇم بار!» ……….
بۇ ھىكايىنىڭ مەنىسى شۇكى ئاياللار بەك ئەقىللىق، ئايالىڭىزنى رەنجىتىپ قويماڭ. ئايال ئوقۇرمەنلەر سىلەرگە نىسبەتەن بۇ ھېكايە مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى.[ ئەر ئوقۇرمەنلەر داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇڭلار … ]
پاقا بىرنى ئۈسسۈپلا ئۇ ئايالنى ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىغا يەتكۈزۈپتۇ، يەنى – ئۇنىڭ ئېرى ئايالىدىن ئون ھەسسە يىنىك بولغان يۈرەك كېسىلىگە مۇپتىلابوپتۇ.
بۇ ھېكايىنىڭ مەنىسى شۇكى ئاياللار دائىم ئۆزىنى بەك ئەقىللىق چاغلايدۇ، بوپتۇلا ئۇلار ئاشۇنداق ئويلالىۋەرسۇن…… ھاھا ھا
مەنبە: تورخۇمار بىلوگىدىن
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىش ۋە ئۇنىڭ ئالام
2015-12-10 19:02:033221بالىياتقۇ تۆۋەنلەش ۋە ئاياللار ساغلاملىقى
2015-11-28 00:59:571936ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئالت
2015-08-10 00:46:396506[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 14:36:332943بىر ئايال ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى نېمە
2016-01-06 19:20:331558ئايالىڭىزنىڭ (قىزلارنىڭ) بۇ يىرىدە مېڭى بولسا...
2016-01-04 11:42:255506قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 4-سان
2016-03-19 20:24:101945دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل لايىھە، قايسى ئايالنىڭ كىيگۈ
2016-01-16 15:53:482425
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-