بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىر ئايال ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى نېمە
-
بىر ئايال ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى نېمە
ۋاقتى: 2016-08-17 ئاۋاتلىقى: 1735 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بىر ئايال ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى نېمە
1. ئاقكۆڭۈللۈك
بۇ ئاياللارغا نىسبەتەن قويۇلىدىغان ئەڭ تۆۋەنكى چەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەخسىيەتچى، خىزمەتتە رەھىمسىز بولسا بۇ ئايال قانچىلىك مۇۋەپپىقەت قازانغان بولسۇن ياكى قانچىلىك چىرايلىق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئاقكۆڭۈللۈكنى يوقاتقان ھامان ئۇ ئېرىشكەن بارلىق نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالىدۇ
2. ئۆزىنى قەدىرلەش
ئادەم بىلەن ئادەم باراۋەردۇر، بىز ئوخشاش كۆزقاراش ۋە ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىلىنىشىمىز لازىم. ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئۆزىنى قەدىرلىمىگەنلەر، سىرتقى قىياپىتىنى قانچىلىك چىرايلىق بېزىگەن بىلەنمۇ باشقىلارنىڭ بىزار بولۇشىغا ئۇچرايدۇ.
3. تەربىيەلىنىش
ئاياللار چىرايلىق بولمىسىمۇ بولىدۇ، خۇي-قۇلىقى نازۇك، مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەنرەك بولسىمۇ بولىدۇ، ئەمما چوقۇم تەربىيە ئېلىشى لازىم.
4. مۇلايىم
ياخشى ئايالدا مۇلايىملىق كەم بولسا بولمايدۇ، مۇلايىملىق ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزەل كىيىم-كېچىكىدۇر.
5. سەۋىرچانلىق
ئاياللار بۇ ئۆمرىدە قىز، ئايال، كېلىن، ئانا دىگەندەك روللارنى ئېلىشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ روللارنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم سەۋىرچان بولۇش لازىم، بولمىسا نۇرغۇنلىغان زىدىيەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
6. قىزغىن بولۇش
ئەگەر ئەرلەر قىزغىنلىقنىڭ كۆپرەكىنى خىزمەتكە ئىشلەتسە، ئۇنداقتا ئۇلار دۇنيانىڭ ماددىي جەھەتتە ئىلگىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاياللار قىزغىنلىقىنىڭ كۆپرەكىنى ئائىلىگە سەرىپ قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئەسلىدە بار بولغان ئىلگىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
7. پاكىزە بولۇش
پاكىزە بولۇش دىگەن بۇ سۆزنىڭ ئىككى قاتلاملىق مەنىسى بار. بىرى ئائىلە مۇھىتى ۋە ئۆزىنى پاكىزە ۋە رەتلىك تۇتۇش، يەنە بىرى بولسا روھىي تۇرمۇشتىكى پاكىزلىقنى كۆرسىتىدۇ.
8. مۇستەقىل كۆز قارىشى بولۇش
بۇ يىللار بىلىمى باي ۋە مول كىشىلەرنىڭ دەۋرىدۇر، بىلىم بىۋاسىتە ھالدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىلىمنىڭ ئۆزى كىتاپتىن كېلىپ قالمايدۇ بەلكى كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاستا-ئاستا يىغىلىشىدىن كېلىدۇ.
9. تەڭپۇڭ بولۇش
ياخشى ئايال تەڭپۇڭ بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى ئۆگىنىشى لازىم، بۇلار كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئۆز ئەقلىي ئىقتىدارى، ئىقتىساد-پۇل مۇئامىلە، پسىخىكىلىك ھالەتنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبە: سەنەم سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كۆك چاينىڭ ئاياللارغا ۋە تېرىگە بولغان شىپالىق ر
2016-01-18 17:14:222113ساختا قىزلىقنى قانداق پەرقلەندۈرىدۇ؟
2015-12-12 11:46:2413977نېمە ئۈچۈن قىزلارغا ئەيدىز ئاسان يۇقىدۇ؟
2016-01-22 18:20:312737ئاياللار بۆلۈمىدىكى ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر ن
2015-11-22 01:13:361380بالىياتقۇدىكى قالدۇق ئەخلەتلەرنى تازىلاشتىكى ياخ
2015-10-04 23:05:254702يالغان قىزلىق بىلەن ئېرىنى ئالدىغان قىز
2016-02-09 14:15:369718نىكاھتىن ئاجراشقان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئون تۈرلۈك قا
2015-12-18 19:25:431921بېسىم ئاياللارنى ئاسانلا ھاڭۋاقتى قىلىپ قويىدۇ
2015-08-10 00:30:242554
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-