ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

نېمە ئۈچۈن قىزلارغا ئەيدىز ئاسان يۇقىدۇ؟چوقۇم ئوقۇڭ تارقىتپ قويۇڭ

نېمە ئۈچۈن قىزلارغا ئەيدىز ئاسان يۇقىدۇ؟چوقۇم ئوقۇڭ تارقىتپ قويۇڭ

ۋاقتى: 2016-07-17 ئاۋاتلىقى: 2386 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نېمە ئۈچۈن قىزلارغا ئەيدىز ئاسان يۇقىدۇ؟چوقۇم ئوقۇڭ تارقىتپ قويۇڭ

سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يىرىمى دېگۈدەك 15~24 ياش ئارىسىدىكى ياشلار بولۇپ، 12~19 ياش دائىرىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ سانى بارغانسىرى ئۆرلىمەكتە. بۇلارنىڭ ئارىسىدا قىزلار كۆپ قىسمىنى ئېگەللەيدۇ.

پۈتۈن دۇنيادا كۈنىگە 6000 غا يېقىن ئەيدىز ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغان ياشلارنىڭ ئىچىدە ئايال، قىزلار كۆپ قىسمىنى ئېگەللەيدۇ. شۇڭا ياش قىزلارغا جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى كونترول قىلالماسلىق سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش، قانات يايدۇرۇش بەكلا مۇھىم.

نېمە ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟
1) ياش قىزلار قۇرامىغا يەتكەن خانىملاردىن تېخىمۇ ئاسان ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ئەرلەرنىڭكىدىن نازۇك كېلىدۇ ھەم ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ. يەنە كېلىپ ياش قىزلارنىڭ جىنسىي يولى ھەم بالىياتقۇ بوينى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا نازۇك ھەم ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. شۇڭلاشقا ياش قىزلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە، جىنسىي يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ، بولۇش نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن خانىملارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى.

2) ياش قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىش خەتىرى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللاردىن يۇقىرى. ئەگەر ھامىلدار بولۇپ قالغاندا، مەيلى ھامىلىنى چۈشۈرۋەتسۇن ياكى بالىنى تۇغسۇن، ئىككىلا ئەھۋالدا باشقا مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. مەسىلەن بالىياتقۇ زەخمىگە ئۇچراش، قان كۆپ چىقىپ كېتىش، ھامىلدارلىق مەزگىلى يۇقىرى قان بېسىمى، بالدۇر تۇغۇش ھەتتا تۇغۇت مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىمۇ بولىدۇ. بۇلارنىڭ نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن خانىملارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى. يەنە كېلىپ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ياش قىزچاق بالىنىڭ كېيىنكى كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. بۇ خىل بېسىم ئاسانلا يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ.

3) ياش قىزلار بالدۇر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقتىن، جەمئىيەتكە بالدۇر كىرىشتەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. لېكىن ياش قىزلاردا تۇرمۇش بىلىملىرى كەمچىل، ئۆزىنى قانداق قوغداشنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئاسانلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ.

4) ياش قىزلار يىگىتلەرگە قارىغاندا روھىي جەھەتتىن خېلىلا نازۇك كېلىدۇ. شۇڭلاشقا جىنسىي جەھەتتىن ھۇزۇرلىنىش ئېلىۋاتقاندا، ياش قىزچاق بەدەن جەھەتتىن ھەم روھىي جەھەتتىن زور بېسىم تارتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

شۇڭلاشقا ياش قىزلار ئۆزىنى تونۇشى، ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى، مۇناسىۋەتلىك جىنسىي بىلىملەر ھەم تۇرمۇش بىلىملىرى، ئەخلاق بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم.

قانداق قىلغاندا ئەيدىزدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟
1. تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش
تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ھامىلدار بولۇش، ھامىلىنى سۈنئىي چۈشۈرۈش، جىنسىي يولى كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى. تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇناسىۋەت بىر خىل مەسئۇلىيەتسىز مۇناسىۋەت، ھەرگىزمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇزۇنغا داۋاملاشمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتنى نىكاھتىن بۇرۇن بۇ قورال قوغداپ تۇرمىسا ئاسانلا ئىتتىك ئاخىرلىشىدۇ.

2. جىنسىي ئەركىنلىكنى تەشۋىق قىلماسلىق
ھازىر چەتئەلنىڭ يېڭى ئىدىيەسى مەملىكىتىمىزگە، دىيارىمىزغا كىرىش بىلەن بىرگە خىلمۇخىل چاكىنا ئىدىيەلەرمۇ تەڭلا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. جىنسىي ئەركىنلىك كىشلەرنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋېتىش، جەمئىيەت ئىستىلى بۇلغىنىشىنى ئېلىپ كېلىدۇ. يەنى ئېلىپ كەلگىنى شۇ ئەيدىز.
مەنبە: ئۇي دوختۇر سالونى
Tags:
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى