بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قانداق ئاياللاردا ئاسان يۈز بىرىدۇ؟
-
بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قانداق ئاياللاردا ئاسان يۈز بىرىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 1789 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قانداق ئاياللاردا ئاسان يۈز بىرىدۇ؟
بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى بولسا ئاياللاردا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر كېسەللىك بولۇپ، بىراق ھەربىر ئايال چوقۇم بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالمايدۇ، نەچچە يىللىق تەكشۈرۈش، ئىستاتىستىكا ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بالىياتقۇ بوينى ئۆسمىسى بىمارلىرىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، مەسىلەن، بالدۇر كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويغانلار، مىجەز خاراكتېرى غەمكىن ئاياللار، جىنسى تۇرمۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدىغان ئاياللار قاتارلىق، بۇ خىل كىسىلەرنىڭ بالىياتقۇ بوينى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى.
1. تېخى تۇغۇپ باقمىغان ئايال بالدۇرلا كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويغان بولسا.
ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىلىرى چەكلىك بولىدۇ، تۇخۇم قۇيۇپ بېرىش ۋاقتى تەخمىنەن 30 يىل ئەتراپىدا، تۇغۇپ باققان ئاياللار ھامىلىدارلىق ۋە ئېمىتىش مەزگىلىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ، تۇخۇمدان ۋاقىتلىق تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىشتىن توختايدۇ، ئېمىتىش مەزگىلىنىڭ 4-6ىنجى ئېيىدا ئاندىن ئەسلىگە كېلىدۇ، تۇخۇمدان مەلۇم ساندىكى تۇخۇم قۇيۇپ بېرىشنى كەينىگە سۈرىدۇ، شۇڭلاشقا تۇغۇپ باققان ئاياللار كېلىماكتېرىيە دەۋرىگە كېيىن قەدەم قۇيىدۇ. تۇغۇپ باقمىغان ئاياللار ھامىلىدارلىق ھورمۇننىڭ ئۈنۈملۈك قوغدىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوڭايلا كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ مەسىلەن بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى
2. غەمكىن ئاياللار ئوڭايلا بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولىدۇ.
30 -50 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ياشتىكى ئاياللار، خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدا، ئوڭايلا غەم بېسىۋالىدۇ، ھەمدە ھەيز توختاش دەۋرىنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل غەمكىن ھېسسىيات ئوڭايلا ئاياللىق ھورمۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، ھەمدە رولى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، بەزىدە بۇ ئەھۋال نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىل داۋاملىشىدۇ، نەتىجىدە بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. جىنسى تۇرمۇشنىڭ نورمالسىزلىقى بالىياتقۇ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەر ئايال ئارىسىدىكى نورمال جىنسى تۇرمۇشنىڭ غىدىقلىشى، نېرۋىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇنلارنىڭ نورمال ئاجرىتىلىپ چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ ، بىراق ئۇزۇن مەزگىل جىنسى تۇرمۇشتا ماسلىشالماسلىق كۆرۈلگەندە، ئوڭايلا ھورمۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، داس بوشلۇقىغا ئاستا خاراكتېرلىك قان تولۇش كېلىپ چىقىپ، ئوڭايلا بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولىدۇ.
مەنبە: ئەلداۋا سالونى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئىپپىتىنى ساتقان قىز - (ئىبرەتلىك ھىكايە)
2015-10-25 12:07:132302بۇ تۆت خىل ئاياللار ئاسانلا باشقىلارغا ئاشنا بول
2016-01-18 16:53:483612تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىكى ئاساسل
2015-10-23 12:29:443699ساغلام ئاياللار قانداق نورمالسىزلىقلار كۆرۈلسە د
2015-12-06 14:00:567987قىزلارغا 100 نەسىھەت: بەشىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:59:451395ئاياللار گۈزەللىكى ۋە يېمەكلىك
2015-08-09 20:07:042895بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قانداق ئاياللاردا ئاسان
2015-12-21 16:28:241789ئەرلەر بىلەن ئاياللار پوزىتسىيەسىدىكى پەرقلەر
2015-08-10 20:47:323245
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-