بۇ تۆت خىل ئاياللار ئاسانلا باشقىلارغا ئاشنا بولۇپ قالىدۇ
-
بۇ تۆت خىل ئاياللار ئاسانلا باشقىلارغا ئاشنا بولۇپ قالىدۇ
ۋاقتى: 2016-05-16 ئاۋاتلىقى: 3560 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بۇ تۆت خىل ئاياللار ئاسانلا باشقىلارغا ئاشنا بولۇپ قالىدۇ
ھازىرقى جەمئىيەتتە، ئاشنا بەك نورمال ئىشقا ئايلىنىپ قالدى، بەلكىم ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەتراپىدا مۇشۇنداق بىر ھېكايىلەر بار بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا ئۇلار نېمىشقا ئاشنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەمنىڭ مىجەزى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، بەزى ئادەملەر نائىلاجلىقتىن ئۆزىنىڭ ئەقلىي ۋە ئەخلاقىنى يوقىتىپ، باشقىلارنىڭ نىكاھىنىڭ بۇزغۇنچىسى بولۇپ قالىدۇ، لېكىن بەزى ئادەملەر ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندە ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ ھەرگىز بۇ خىلدىكى ئادەملەر بولۇشنى خالىمايدۇ.
1. ئاجىز ۋە قابىلىيەتسىز ئاياللاربىر خىل ئاياللار بار، ئۇلار تۇغۇلۇشىدىنلا شۇنچىلىك ئاجىز، بۇ خىل ئاجىزلىق بەلكىم راست ياكى ئۆزىنى ئاجىز دەپ بىلىۋىلىش، ئىشقىلىپ ئۇلار ھېچنىمە قىلىشنى بىلمەيدۇ، ھېچنىمىنى ياخشى قىلالمايدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى ئاجىزلىق شىۋىرلاپ گەپ قىلىش ئەمەس.
بۇ خىل ئاجىز ئاياللار ئىقتىدارسىز كېلىدۇ، ئەگەر جەمئىيەتتە باشقىلارغا تايانمىسا بەلكىم ياشىشىمۇ بىر مەسىلە، ئۇلار يەنە ئۆزى بىلەن تەڭ قۇرامدىكى ئوغۇللار بىلەن بىللە جاپا تارتىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئىقتىسادىي شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان، يېشى بىر قەدەر چوڭ ئەرلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدۇ.
2. ھورۇن، تىرىكتاپ ئاياللاربۇ خىل ئاياللار ئەمەلىيەتتە ئولتۇرۇپ راھەت كۆرۈشنى ئويلايدىغان ئاياللاردۇر، ئۇلارنىڭ تاپماقچى بولغان ئەرلىرى ئۇلار ئۈچۈن شەرتسىز قۇربانلىق بېرىشنى خالايدىغان ئەرلەردۇر، ئويناپ، يەپ-ئىچىپ، يەنە بەزىدە تۇرمۇشىنى كۆز-كۆز قىلسا، ئۇلار ھەممە ئىش قىلىشتىن يانمايدۇ.
ئادەتتىكى ئوغۇللار ئۇلارنىڭ بۇ خىل شۆھرەتپەرەسلىكىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاسانلا بۇ يولغا كىرىپ قالىدۇ.
3. ئېچىرقاپ كەتكەن ئاياللاربۇ خىل ئاياللار كۆپچىلىك گېپىنى قىلىشىدىغان تۈلكە جىنلاردۇر، ئۇلار مەخسۇس ئايالى بار ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىل ئاياللارنىڭ بەلكىم پىسخىكىسى ساغلام ئەمەس، ئۇلار ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە قولغا كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن دەرھال تاشلىۋىتىپ كېيىنكى نىشاننى ئىزدەشكە ئۆتىدۇ.
بۇ خىل ئاياللارنىڭ ئەڭ يامان يېرى، ئۇلار نۇرغۇن ئەرلەرنى ئايالىنى تاشلىۋىتىشكە ئۈندەيدۇ، ئاندىن يوقاپ كېتىدۇ.
4. پايدا-مەنپەئەت قوغلىشىدىغان ئاياللاربۇ خىل ئاياللار خىزمەتتە كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى شەخس بولۇشتىكى مۇددىئاسى ناھايىتى ئېنىق، ئۇلار ئەرلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى ئىزدەيدۇ، ئۇلار ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرنىڭ ئورنى ۋە پۇلىنى كۆزلەپ ئۇلار بىلەن ئارىلىشىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «غايە»سىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ قەلبىدە، ھوقوقى ۋە پۇلى بار ئەرلەرنى تاپسا، ئۆزى ئەگرى-توقاي يوللارنى ئاز ماڭىدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ.
مەنبە: پىسخىكا سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەردىن مۇھىم ئۇزۇ
2015-08-06 01:45:563749ئاياللار ئۆلۈپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ مۇشۇ ئىشلار
2015-12-15 17:10:375218ئىلمىي ئۇسۇلدا كىر يۇيۇش
2016-07-02 19:16:411730يۈزىڭىزدىكى 10 خىل قورۇق بەدىنىڭىزنىڭ بۇ كېسەللى
8760سائەت ئىلگىرى2585ئەرلەر شەھۋەتپەرەس بولسا ئاياللار قالتىس بولىشى
2016-01-19 12:52:192768ياخشى ئەر ئەسكى ئايالنى ياخشى قىلدۇ، ئەسكى ئەر ي
2016-02-03 18:33:114378[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 14:36:332923ئاياللارنى يۇقىرى قاتلاملىق خىزمەتتىن توسۇپ قالى
2015-12-13 14:47:003557
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-