ئاياللارنى يۇقىرى قاتلاملىق خىزمەتتىن توسۇپ قالىدىغان 3 ئامىل
-
ئاياللارنى يۇقىرى قاتلاملىق خىزمەتتىن توسۇپ قالىدىغان 3 ئامىل
ۋاقتى: 2016-06-13 ئاۋاتلىقى: 3588 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللارنى يۇقىرى قاتلاملىق خىزمەتتىن توسۇپ قالىدىغان 3 ئامىلئەلدوست تەرجىمىسىھەر قېتىم خىزمەتچى ئاياللارنىڭ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىش يولىنى تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا، بۇرۇن ئاياللارنىڭ خىزمەت جەريانىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقى توغرىلىق كۆپرەك تەكلىپ بېرەتتۇق. بىراق يېقىندا بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى، ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
باشقۇرۇشتىن مەسلىھەت بېرىش شىركىتى Bain &Co. ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلات «ھەقىقەتتىكى ھەر بىر كۈن»دە: ئالدىنقى سەپتىكى باشقۇرغۇچىلار ئاياللارنىڭ كەسىپ غايىسىنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى، دېگەن. دوكلاتنىڭ يازغۇچىسى جۇلى كوفمان (Julie Coffman) بىلەن بىل نۇنفېلت (Bill Neuenfeldt) بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: «گەرچە نۇرغۇنلىغان يۇقىرى مەلۇماتلىق ئاياللار تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا قاتلامدىكى خىزمەت ئورنىدا ئۇتۇق قازانغان بولسىمۇ، بىراق ئىنتايىن ئازساندىكى ئاياللارلا يۇقىرى قاتلاملىق خىزمەت ئورنىدىن ئورۇن ئالالايدۇ» دېگەن. بۇ دوكلات ئوخشاش بولمىغان شىركەت قۇرۇلمىسىدىكى ئاياللارغا قارىتا چوڭقۇرلارپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
دوكلاتتا ئاياللارنى يۇقىرى قاتلاملىق خىزمەتتىن توسۇپ قالىدىغان 3 ئامىل كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار:
1. ئەنئەنىۋى غالىبىيەتچى رەھبەر ئوبرازىنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن ھېچقانچە تارتىشكۈچى يوق
نۇرغۇنلىغان ئاياللار شىركەتنىڭ قىممەت قارىشى ۋە نىشانى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولغان كەسپىي نىشانغا يېتىشىدە ھېچقانداق رول ئوينىيالمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
«سىزنىڭ چوقۇم ھەر ۋاقىت بۇيرۇق ساقلاش ھالىتىدە تۇرۇپ، ئالىي خېرىدارلارنى كۈتۈش ياكى ئىش كۆرگەن ئالاقىلاشقۇچى بولۇش ئويىڭىز، ئۆسۈشنىڭ ئۆلچىمى بولالىشىمۇ مۇمكىن، بولالماسلىقىمۇ مۇمكىن. گەرچە بۇ كەسىپنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر پايدىلىنىش مەزمۇنى بولسىمۇ، بىراق، بۇنىڭ خىزمەتچى ئاياللارغا نىسبەتەن ھېچقانداق تارتىش كۈچى يوق» دېدى، ئۆتكەنكى 5 يىلدا بايىن كاپىتالىنىڭ دۇنياۋى ئاياللار رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسىلىكىنى ئۆتىگەن ئۆلىما كوفمان، «ئۇلار ئۆزىنى ئاشۇنداق يۇقىرى ئورۇنغا ئۆسەلەيدۇ دەپ قارىمايدۇ، چۈنكى شۇ خىزمەتتە ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ ئوبرازى بەكمۇ چەكلىك.»
2. ئۇلار خوجايىنلىرى بىلەن ئاكتىپ قوللاش مۇناسىۋىتى ئورنىتالمايدۇ
«سىز باشلىقىڭىزنى سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ دەپ ئويلامسىز؟» دېگەن مەسىلىگە قارىتا، ئاكتىپ جاۋاب بەرگەن زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ پاسسىپ جاۋاب بەرگەن زىيارەت قىلىنغۇچىلارغا قارىغاندا يۇقىرى قاتلامغا ئۆسۈش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەن.
باشقۇرغۇچىنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قىلىشى، خىزمەتچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆسۈشكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاشتا ناھايىتى ئەمەلىي رول ئوينايدۇ. ئەر خىزمەتچىلەرمۇ ئوخشاشلا باشلىقىنىڭ ياردىمىگە ۋە مەدەت بېرىشىگە موھتاج بولىدۇ، بىراق، باشلىقنىڭ ياردىمى بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئاساسەن تەسىر قىلىپ كەتمەيدۇ. كۆچۈرۈلمە قوللاش سىستېمىسىنى قوللىنىش خىزمەتچىلەرنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك خىزمەت ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ، ئاخىرىدا شۇ ئارقىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.
3. ئۇلار شىركەتتە ئۆزىگەئۈلگە قىلغۇدەك ئادەم تاپالمايدۇ
«ئۇلار باشلىقلىرىنىڭ مۇئامىلىسى ياكى قايتۇرغان ئىنكاس ئۇسۇلىنىڭ ئىنسانىيلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايقىيالامدۇ؟» كوفمان سورىدى: «ئۇلار چوڭ باشلىقلار قاتارىدىن ئۆزىگە ئۈلگە قىلغۇدەك بىرەر رەھبەرنى تاپالامدۇ؟»
ئادەتتە، خىزمەتچى ئاياللار ئوخشاش ساھەدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئايال رەھبەرلەرنى تاپالمايدۇ، بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ كۈرەش نىشانىنى تىكلىشىگە ناھايىتى زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. نەتىجىدە، بۇ خىل ئۈلگىسىز شارائىت ئاستىدا، باشلىق بىلەن بىرگە بىر خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، شۇئارقىلىق ئازادىلىك بىلەن يۇقىرىغا ئۆرلەش نىشانىغا يېتىش ۋە قوللاشقائېرىشىش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.
«مېنىڭچە، نۇرغۇنلىغان ئاياللار ئانچە تونۇلمىغان خىزمەت ئورنىنى قوغلىشىدۇ» دېدى، كوفمان خىزمەتتىكى ئۈلگىنى تىلغا ئېلىپ: «چوڭ باشلىقلار قاتارىدا ئاياللار ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، ئەگەرسىزنىڭ ئائىلە شارائىتىڭىز بىلەن ئوخشاش شارائىتتىكى، ياكى سىز بىلەن يۇرتداش ۋە ياكى سىز بىلەن مەكتەپداش ئۈلگىنى تاپىمەن دېسىڭىز، مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا، پەقەت دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەنلىك بولىدۇ، خالاس. ئەكسىچە، ئاجايىپ قالتىس بىر ئۈلگىگە ئېسىلىۋالغاندىن كۆرە، ئۆزىڭىزگە خاس بولغان تۇرمۇش يېتەكچىسى --- ئوخشاش بولمىغان ساھەدە ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدار ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، سىزگە ناھايىتى چوڭ ئىجابىي تەسىر قىلغان، ھەمدە سىز موھتاج بولغان بارلىق ئارتۇقچىلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، سىز ئىزدەۋەتقان ئوبرازنى ياراتقان ئۈلگە --- تاپقىنىڭىز ياخشى.»
بۇ دوكلات خىزمەتچى ئاياللار ئوتتۇرا قاتلاملىق خىزمەتتىن يۇقىرى قاتلامغا ئۆرلىگەندە، قانداق بولۇپ ئۆزىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئىشەنچىسى تۇيۇقسىز يوقاپ، ئورنىنى ئۆزىدىن گۇمانسىراش ئىگىلەيدىغانلىقى توغرىلىق ئۇزۇنراق توختالغان. بىراق، بۇنىڭدىنمۇ روشەن گەۋدىلەنگىنى ئۇلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشى. شۇ خىل روھنى قايتىدىن ئۇرغۇتۇش ئاياللارنىڭ ئۆزىگىلا باغلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىدۇر.
مەنبە: ئېنگلىز تىلى سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى
2015-11-08 00:09:522032ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ يەڭگىشنىڭ ئانا بىلەن بالىغا
2016-01-07 01:55:563779زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (5)
2014-11-16 14:18:033600ئېرىڭىز ياكى يىگىتىڭىزگە بۇ گەپنى قىلىپ سالماڭ،
2015-12-11 13:01:032979قىش پەسلىدە تېرە قۇرغاقلاشسا نېمىگە دىققەت قىلىش
2015-12-21 15:59:401979ئەرلەرنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى ئاياللار
2016-01-21 11:13:473883ئەر-ئايالنىڭ ئۇخلىغان ھالىتىگە قاراپ ...
2015-12-05 17:33:302060سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى
2015-10-22 18:32:211701
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-