سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى
-
سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى
ۋاقتى: 2016-08-01 ئاۋاتلىقى: 1712 قېتىميانفوندا كۆرۈش
سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى بىمارلىرى ئۈچۈن پايدىلىق كۆرسەتمىلەر سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ئۆتكۈر بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ۋاقتىدا ساقايماسلىقى، داۋالاشقا سەل قاراش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان، بىماردا ئاق خۇن كۆپىيىش، بەزىدە قويۇق يىرىڭسىمان ياكى قان ئارىلاش ئاق خۇن كېلىش، بەل تىلىپ ئاغرىش، قورساق ئاغرىش، قورساق ئېغىرلاشقاندەك مەلۇم بولۇش، ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە، بالىياتقۇ بوينىغا قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق، خالتىلىق ئىششىقلار شەكىللىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. بۇ خىل كېسەللىك نۆۋەتتە پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئاياللار كېسەللىكىنىڭ بىرى بولۇپ، ۋاقتىدا داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئىنتايىن زۆرۈر. مەن بۇ كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئائىلىدە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
ئالدىنى ئېلىش:
1.1 . يېمەك – ئىچمەكنى تەڭشەپ ئىستىمال قىلىش لازىم.بۇ جەھەتتە تەستە سىڭىدىغان، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەك- ئىچمەكلەردىن كالا گۆشى، ئاچچىقسۇ، لازا، جۇۋاۋا، تونۇر كاۋىپى، تۇزلانغان بېلىق، لەڭپۇڭ، راڭپىزا، تەييار چۆپ، داپەنجىگە ئوخشاش غىدىقلىغۇچى، قوغۇن، تۇخۇمغا ئوخشاش يەللىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىش لازىم. چۈنكى بۇنداق يېمەك-ئىچمەكلەر ئۆزىنىڭ غىدىقلاش تەسىرى ئارقىلىق ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا ياللۇغنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، لەتىف غىزالاردىن توخۇ گۆشى شورپىسى، باچكا گۆشى شورپىسى، شوۋىگۈرۈچ، نارىن چۆپ، ئۈگرە، شويلا، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە- چېۋىلەر قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى لازىم. تاماق تاللىماسلىق، يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
2.1.تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. مەيلى شەخسىي تازىلىق ياكى تۇغۇت، چىللە مەزگىلدىكى تازىلىق بولسۇن ھەممىسى سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ پەيدا بولىشىدا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كۈنى ئىسسىق سۇ بىلەن سىرتقى جىنسىي ئەزالىرىنى يۇيۇپ بېرىشى، يۇغاندا بۇلغانغان سۇنىڭ جىنسىي يولغا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئىچ كىيىم ۋە كىرلىكلەرنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، پاختا ئىچ كىيىملەرنى كىيىش، سۈنئىي تالالىق ئىچ كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىش لازىم. ياتقان ئويىنىڭ مۇھىتىنىڭ پاكىزە، تىنچ، ئازادە، ئىسسىق، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
3.1. جىنسىي تۇرمۇشىنى تەرتىپكە سېلىش لازىم. بۇ كېسەللىك ئۈچۈن قالايمىقان، تەرتىپسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئىنتايىن زىيانلىق. ئادەتتە سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىدا يەرلىك ئۇرۇن ياللۇغلانغان بولغاچقا، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ نورمال، تەرتىپلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرمەي، قالايمىقان، تەرتىپسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلسە، بالىياتقۇ بوينى ئاسانلا زەخمىلىنىپ، بالىياتقۇ بوينى زېدىلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان بىمارلار قالايمىقان، تەرتىپسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن قەتئىي ساقلىنىشى لازىم.
4.1 .دوختۇرخانىلاردا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋابلىرىنى سالغۇزغاندا، بالىياتقۇنى قىرغاندا، بالىياتقۇ بوينى سىرتقى ئېغىزى ۋە بالىياتقۇ بوينى كانىلىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. مەشغۇلات جەريانىدا دېزىنفېكسىيەگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش سايمانلىرى ماس كەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن ھامان دەرھال ئالدۇرۇۋېتىش ھەمدە جىنسىي ئەزالاردا يۈز بەرگەن باشقا كېسەللىكلەرنى ئاكتىپ داۋالىتىش كېرەك.
مەنبەسى: 阿依孜巴 سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ماتكىنىڭ نېمە ئىقتىدارى بار؟ ئۇ قانداق شەكىللەنگ
2015-10-04 23:28:393069ئاياللار كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ «قارا ئىككىلەمچى ساغل
2015-12-06 13:58:4211882سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى دېگەن نېمە؟
2015-11-01 01:14:495682ئاياللار: جىنسىي ئالاقىدىكى ئاغرىش
2016-01-25 16:24:495626ئىلمىي ئۇسۇلدا كىر يۇيۇش
2016-07-02 19:16:412140ئاياللارمۇ ئەرلىك ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرامدۇ؟
2015-12-06 14:01:041587قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 4-سان
2016-03-19 20:24:101976زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (10)
2014-11-16 14:26:551568
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-