ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (5)

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (5)

ۋاقتى: 2016-05-29 ئاۋاتلىقى: 3633 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

زۇمرەت قۇرئاننى ئېچىپ ، بوش ئاۋازدا قىرائەت قىلىشقا باشلىدى . زۇمرەت ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىمىزدا ناخشىنىمۇ ناھايىتى ياخشى ئېيتاتتى . مۇنۇ چىمەن ئىككىسى سىنىپىمىزنىڭ ناخشىچىلىرى ئىدى . مانا ئەمدى قۇرئاننىمۇ ناھايىتى مۇڭلۇق قىرائەت قىلىۋاتاتتى . قىرائەتنىڭ مۇڭى بىلەن تەڭ مېنى يەنە يىغا باستى . مەن چىمەنگە قارىدىم ، ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئازاپلارنىڭ ئورنىنى خاتىرجەملىك ئىگەللەپ ، خۇددى ئانىسىنىڭ ئەللەي ناخشىسىدا ئۇيقۇغا ماڭغان بوۋاقتەك كۆزلىرىنى يۇمۇپ ياتاتتى . بىز بىر كېچە چىمەننىڭ بېشىدا ئولتۇردۇق . سەھەردە خەدىچە ئىككىمىزمۇ زۇمرەتنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، زۇمرەت چىمەننىڭ باش تەرىپىدە ئولتۇرۇپ ، << ياسىن >> ئوقۇغاچ ئاغزىغا دەمىدە تېمىتىۋاتاتتى . چىمەن توساتتىنلا كۆزلىرىنى لەپپىدە ئاچتى ، بىردىنلا قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ گويا بىرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك ئەتراپقا ئەنسىزلىك بىلەن قارىدى .
— چولپان ، بالىنى ئېلىپ كېلە … — دىدى خەدىچە .
مەن دەرھاللا يان ئۆيدە بەخىرامان ئۇخلاۋاتقان قىزىمنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ چىقتىم ، چىمەنگە قاراپ :
— قارا ئاداش قىزىم تاتلىق ئۇخلاۋاتىدۇ ، — دىدىم ئۇنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بوشقىنە شىۋىرلاپ ، ئۇ بىر قىزىغا ، بىر ماڭا قارىغاندىن كېيىن كۆزلىرىدىكى ئەنسىزلىكنىڭ ئورنىنى خاتىرجەملىك ئىگىلىدى . ناھايىتى تەستە سۇس تەبەسسۈم بىلەن ماڭا قىزىنى تاپشۇردى بولغاي ، يەنە كۆزلىرى ئۇيقۇغا كەتتى .
— خۇشتار ، ئەكەل بالىنى مەن كۆتۈرىۋالاي …
— ئاستىراق توۋلا ، دىليار ئويغىنىپ كېتىدۇ … مەن قېشىڭغا كېتىۋاتىمەن … ۋاي – ۋۇي نىمانچە قاراڭغۇ بۇ يەر ؟ ! … دەرىزىنى ئېچىۋېتىڭلار …
چىمەن جۆيلەۋېتىپ ئويغانغاندەك كۆزلىرىنى غۇۋا ئېچىپ ئۆينىڭ دەرىزىسىگە قارىدى .
— خەدىچە ، دەرىزىنى ئېچىۋەتكىنە ، — دىدى زۇمرەت .
ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلار ئۇنىمۇ بىزنىمۇ بەك ئازاپلايدىغان ، يۈرەكلەرنى ئېزىدىغان مىنۇتلار بولدى . ئۇنىڭى چىرايىدا توساتتىنلا چەكسىز ئىتائەتمەنلىك ۋە مۇلايىملىق ئەكس ئېتەتتى . ئۇ كۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرىنى يىغىپ دەرىزە تەرەپكە قارىدى . بەلكىم ئۇ كۈننىڭ نۇرىنى ، قۇياشنى ، ھەممە-ھەممىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر كۆرۈۋالماقچى بولسا كېرەك ، پەردىنى قايرىۋەتكەن بولساقمۇ ، لېكىن ئەمدىلا سۈزۈلۈشكە باشلىغان ئاسمان ناھايىتى تۇتۇق بولۇپ خۇددى مۇشۇ بەختسىز دوستۇمنىڭ سەكراتتىكى ھالىتىگە ئوخشايتتى . سىم – سىم يامغۇر دەرىزە ئەينەكلىرىگە تېگىپ چىمەن ئۈچۈن ھازا ئېچىۋاتاتتى .
ھاياتنىڭ خوشاللىقىدىن خاپىلىقىنى كۆپرەك تارتقان دوستۇم چىمەننىڭ ئۆلۈمىنى ساۋاقداش ، دوستلار باش قوشۇپ تۇرۇپ ئۇزىتىۋالدۇق . بۈگۈن چىمەننىڭ ئۈچ نەزىرسىنى قىلىپ يۇغۇچىلىرىنى ئۇزۇتۇپ بولۇپ .ئوغۇل ساۋاقداشلار سىرتنى ئايلىنىپ كىرەيلى دەپ چىقىپ كېتىشتى . ئۆيدە زۇمرەت ، رابىيە ، مەن ، خەدىچە ۋە ساۋاقدىشىمىز ئادىلنىڭ ئايالى ئايگۈل بار ئىدى .
— قېنى ئالغاچ ئولتۇرۇڭلار نەچچە كۈندىن سىلەرمۇ كۆپ جاپا تارتتىڭلار ، — دىدى خەدىچە قىزلارنى داستىخانغا تەكلىپ قىلغاچ ئۆزرە قويۇپ .
— يەنىلا ئەڭ كۆپ جاپا چەككىنى سىلەر ، دىلشات ئىككىڭلار ساۋاقداشلىقنى تازا يەتكۈزدىڭلار ، مۇئەللىملەرمۇ ، باشقىلارمۇ بىزدىن بەك تەسىرلىنىپ كېتىپتۇ ، مەردانمۇ ماڭا << زۇمرەت ، سېنىڭ ئالتۇندەك ساۋاقداشلىرىڭ بار ئىكەن ، مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ئەسقاتقان دوستلارنىلا ھەقىقى دوست دىسە بولىدۇ >> دەپ كەتتى ، — دىدى زۇمرەت كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا .
— ئويلىسام ئوقۇپتۇق ، خىزمەتكە چىقىپتۇق ، توي قىپتۇق ، بالىلىق بوپتۇق … دىگەندەك ھاياتنىڭ رېتىملىق تەرتىپى بويىچە توختىماي كېتىۋېتىپتۇق . مۇشۇنداق ئالدىراپ ئىشلىشىمىز ، توختىماي ئىزدىنىشىمىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى يەنە شۇ ياخشى ياشاش ئىكەن ، ياخشى ياشاشنىڭ مەقسىتىچۇ ؟ ياخشى يەپ ياخشى كىيىنىش ئۈچۈنما ؟ ياق بىزنىڭ جاپا چېكىپ تەر ئاققۇزۇشىمىزدىكى مەقسەت مۇھەببەت ئۈچۈن ، ھاياتقا ، كەسپىمىزگە ، ئاتا – ئانىمىزغا ، باللىرىمىزغا ھەم دوستلارغا بولغان مۇھەببىتىمىز ئۈچۈن ئىكەن . ئەگەر دۇنيادا مۇھەببەت بولمىسا ئادەمنىڭ ياشىشىنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ ، بىزنى شۇ مۇھەببەتلا ھەرقانداق ئېغىر كۈنلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلالايدىكەن . رەھمەتلىك دوستىمىزنى ئېلىپ ئېيتايلۇق ، ئۇ خۇشتارغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى بىلەن كۆڭۈللۈك ياشاۋاتاتتى . خۇشتارنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ ئاشقازىنىدا راك پەيدا بولغان ، بالىسىنىڭ خاپىلىقى ئاخىرىدا پاجىئەلىك تەقدىرى چىمەننى بىراقلا ھالاك قىلدى . ئەگەر ئۇنىڭغا بېيجىڭدىكى ساۋاقدىشى مەتتۇرسۇننىڭ ياردىمى ، بۇ يەرگە كالگەندە بىزنىڭ غەمخورلىقىمىز بولمىغان بولسا … ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى بولغان قىزىنى باغرىغا باسىدىغان چولپاندەك ۋاپادار دوستى بولمىغان بولسا … ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردىكى جان ئۈزگەن چاغدىكى خاتىرجەملىكى بولارمىدى ؟ ئۇ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز بىلەن يەنە ھاياتقا قىيالمىغان ھالدا كۆز يۇمدى ، — خەدىچە كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى .
بىزمۇ كۆز يېشى قىلىۋاتاتتۇق .
— زۇمرەت ، تىيەنچى زېنما رې ( 天气怎么热 ) سىز شۇنداق ئورىنىۋالساڭ ئىسسىپ كەتمەمسەنكە ؟ — دىدى ئايگۈل يېڭى تىلى چىققان بالىدەك قىينىلىپ تۇرۇپ .
<< قچىشمىغان يەرنى تاتلىغاندەك >> بۇ نىمە دەيدىغاندۇ گەپنى بۆلۈپ دەپ غۇدۇرۇدم ئىچىمدە .
— سىزچۇ ، نەچچە كۈندىن بېرى شۇنچە كۆپ جامائەت ، ئانىڭىز ، دادىڭىزدەك كىشىلەر ئارىسىدا كىچىك بالىنىڭ قول ياغلىغىدەك گاز ياغلىقنى بېشىڭىزغا ئارتىۋالغان بىلەن ، يېڭى يوق ، چوڭ يوتىڭىز ئوچۇق ، قىسقا كىيىملەر بىلەن يۈرۈپ خىجالەت بولمىدىڭىزمۇ ؟ — دىدى زۇمرەت ئايگۈلنىڭ سۇئالىغا سۇئال قايتۇرۇپ .
— مەن نىمىشقا خىجىل بولغىدەكمەن ؟ مەن ئىشقىمۇ مۇشۇنداق بارىدىغان تۇرسام ، سىز دىگەن سا يىسى ( 啥意思 ) ؟ — دىدى ئايگۈل تىلىنى چايناپ .
— مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان ئايالمەن ، ھەم يېقىندا ھەج قىلىپ كەلدىم ، قۇرئان كەرىمدە بىز ئاياللارنى مۇشۇنداق ھىجاپلىنىپ يۈرۈشكە بۇيرىغان ، مەن مۇشۇنداق يۈرۈشنى خالايمەن ، — دىدى زۇمرەت ھەر بىر سۆزىنى ئۇرغۇلۇق قىلىپ .
— ئۇنداقتا ھاجى بولسا بەك مافەن ( 麻烦 ) ئىكەن ، مەن ھەرگىز ھاجى بولالمىغۇدەكمەن ، — دىدى ئايگۈل غازنىڭ بوينىدەك ئورۇق بويۇنلىرىنى ياپالمىغان شالاڭ چاچلىرىنى قوللىرى بىلەن ئوينىغاچ يالغان ھىجاراپ .
— ھاجى بولۇش ئېغىر كەلسە ، ماڭا ئوخشاش خىرىستىئان بولۇڭ ! قاراڭ ، — قارا يەڭسىز ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان رابىيە قولىنى شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن پىشانىسى ئاندىن ئىككى مۈرىسىگە يېنىك چېكىپ – بەخىرامان ئولتۇردى .
مەن رابىيەنىڭ بۇ چاقچىقى دەپ ئويلاپ :
— ھەي ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۆلۈمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ شۇنداق چاقچاق قىلامسەن ؟ يامان بولىدۇ ، — دىدىم ئۇنى بوشقىنا نوقۇپ .
— سەن شۇ يامان بولىدۇلارنى بىلگەن بىلەن ئەمەلىيىتىڭدە ئەمەل قىلىپ باقتىڭمۇ ؟ سەندەك ئېتىقادى يوق ئىسلام دىنىنىڭ چالا بەندىسى بولغاندىن ، ماڭا ئوخشاش مۇكەممەل بىر دىننىڭ مۇرىتى بولغان ياخشى ئەمەسمۇ ؟ — دىدى راببىيە بەخىرامان ھالدا .
– ھەي سەن راستىنلا خىرىستىيان مۇرىتى بولۇپ كەتتىڭ ؟ — مەن ئەنسىزلىك بىلەن ئۇنىڭ ساپ سېرىق بويىۋالغان چاچلىرى ، كۆرسەتكۈچ بارمىقىغا سېلىۋالغان ئۈزۈكىگە قارىدىم . .
_ ئەقىللىق ئادەم قايسى دىننىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشى كېرەك. توغرا مەن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدىم ، كىچىگىمدە ئانامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇيتۇم ،ئەمما نېمىگە كۈندە تاتلىق ئۇيقۇمىزنى بۇزۇپ ناماز ئوقۇيدىغىنىمىزنى بىلمەيتتىم ،ئانادىن سورىسام ناماز ئوقۇمىساق يامان بولىدۇ ،ئۆلۈپ كەتكەندە دوزاقتا كۆيىسەن دەيتتى .مەن پەقەت ئانام بىلەن ئاتامدىن قورقۇپلا ناماز ئوقۇيتۇم بېشىمغا رومال ئارتىتىم . ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن مېنىڭ رومال ئارتىشىم ناماز ئوقۇشلىرىم خوراپاتتەك بىلىندى ،مەن ھەممىنى تاشلىدىم .دەپ بېقىڭلار كىم بىزگە ئىسلام دىنىنى چۈشەندۈردى ؟ چۈشەندۈرىدىغان ئادەم يوق بەلكى بىزنى چەكلىدى يامان بولىدۇلا دەيدۇ ، ھەممە يامان ئىشلارنى يەنە شۇ موللا -ئىشانلار قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دېگىنىمىز بىلەن بۇ دىندىن بىلىپ-بىلمەي چىقىپ كەتتۇق؛ ئۆز خاھىشىمىز بويىچە ياشىدۇق. ئاخىر نېمە بولدى؟گۇناھلىرىمىز ئېغىرلىشىپ كەتتى شۇنداق ئازابلىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە، مەن بىر دوستۇم ئارقىلىق خىرىستىيان دىنىدىكىلەر بىلەن ئۇچراشتىم .ئۇلار بۇ دىننىڭ ئەڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈردى ، بۇ دىننى چۈشەنگەنچە ئۇنىڭغا مەھكەم باغلاندىم. ھازىر مەن شۇنچە خۇشال ياشايمەنكى، تەرىپلەپ بېرەلمەيمەن. سىلەرنىمۇ بۇ دىن بىلەن تونۇشۇپ باقسىكەن دەيمەن ، خالىساڭلار ماتىريال بىلەن تەمىنلەيمەن ._ رابىيە بىخارامان شۇنداق دەپ بىزگە تەكشى قارىدى .
_ ئەلھەمدۇللاھ مۇسۇلمانمەن ، قالايمىقان بىلجىرلىما ئۇنداق _ دېدىم مەن ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ .
__ مەن سېنى كافىر دېمىدىم ،ئەمما سەن ئۆزەڭنى مۇسۇلمان دەيسەنۇ ،مۇسۇلمانلىق قىياپىتىڭ قېنى ؟ زۇمرەتتەك ھىجاپلاندىڭما؟ بەش ۋاق ناماز ئوقۇۋاتامسەن ؟روزا تۇتىۋاتامسەن ؟يەنە نۇرغۇن باش ئاغرىيدىغان چەكلىمىلىرىدىن ئۆزۈڭنى چەكلىيەلىدىڭمۇ ؟
_ مەن بۇلارنى تولۇق قىلالمىساممۇ ئۆزۈمنى مۇسۇلمان دەپ قارايمەن _دېدى قەتئىيلىك بىلەن .
_سىلەر شۇنداق چالا مۇسۇلمان بولغاچقا شۇنداق بىچارە ھالەتتە ياشاۋاتىسىلەر !
_ مۇسۇلمانلار قانداق بىچارە بوپ قاپتۇق؟! _ ئاۋازلىرىم يىغلىغاندەك چىقىپ كەتتى .
_كۆرمەيۋاتامسەن ، مۇسۇلمانلار شۇنچىلىك يالغانچى بولۇپ كەتتىكى، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا موللام، ئۆز ئالدىغا پەرىشتە. لېكىن، ھەممىسى گۇناھقا پېتىپ كەتكەن، بۇ گۇناھىنى پاكلاشنى ئويلىمايدۇ؛ ئۆز-ئارا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىر-بىرىنىڭ ئارقىسىدىن غاجايدۇ، ئورا كولايدۇ، قويمچىلىق قىلىدۇ. خىروئىن ساتقانلارمۇ ھەرەمگە بارغان ھاجىلاردىن چىقىۋاتىدۇ .ئىشقىلىپ ھەممە رەزىللىك شۇ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋالغانلاردىن چىققاچقا ،مەن مۇسۇلمانلارغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن بىزار !شۇڭا خىرىسىتىئان دىنىنى تاللىدىم؛ بۇ دىننى تارقىتىش ئارقىلىق بۇرۇنقى گۇناھلىرىمنى يۇيىۋاتىمەن ،بۇ دىنغا سىلەردەك كاللىسى قاتماللار ئانچە كىرمىگەن بىلەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنكاسى تېز بولغاچقا كۆپ كىرىۋاتىدۇ . بۇ دىنغا كىرسە ھەر ئىككى دۇنيادا پايدا بار . . ئۆزەممۇ ھەيران، بۇمۇ مۇشۇ دىننىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن بولسا كېرەك، بۇ دىننى مەنچىلىك چۈشەنسەڭ ئىدىڭ، گېپىمنى راستكەن دەيتتىڭ.
— نىمە دەيدۇ ، مۇنۇ ئورۇس بولالمىغان ساراڭ ، — دىدى خەدىچە رابىيەنىڭ بېشىنى نوقۇپ، جۆيلىمە .
مەن ناھايىتى بىئارام بولغان ھالدا ئۆينىڭ تۆرىدە ، ئەرلەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ياغلىقلارنى يېشىۋېتىپ ئولتۇرغان زۇمرەتكە ئىلتىجا بىلەن قاراپ :
— زۇمرەت سەن نەچچە يىل ئىسلام دۆلەتلىرىدە تۇرۇپ بىلىم تەھسىل قىلىپ ، ھەج تاۋاپ قىلىپ كەلدىڭ ، بىز راستىنلا … دىدىم سۆزۈمنىڭ ئاخىرنى دىگۈم كەلمەي . زۇمرەتمۇ مېنىڭ شۇنداق دېيىشىمنى كۈتكەندەك، رابىيەگە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن بىرقاراپ قويغاندىن كېيىن : _رابىيە نەچچە كۈندىن بېرى مەن سەن بىلەن بىر پاراڭلىشىپ بېقىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنتىم ، بەلكىم بۇ ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇ ،سەن ئۆزۈڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدىغان بىر دىندىن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغان يەنە بىر دىنغا كىرگەنلىكىڭنى ئاجايىپ غالىپلارچە بايان قىلىپ ،ئۆزۈڭنىڭ مەغلۇبىيىتىڭ يەتمىگەندەك بۇ يەردىكىلەرنىمۇ شۇ مەڭگۈلىك مەغلۇبىيەت دوزىقىغا تەكلىپ قىلىۋاتىسەن ، نەۋزىبىللا ! ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﻰ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.ساڭا بەك ئىچىنىۋاتىمەن ، سەندىن بەك يىرگىنىۋاتساممۇ ،نەچچە يىل بىر سىنىپتا ئوقۇغاچقىمۇ يەنىلا مىھرىم باركەن ساڭا راستلا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ …ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻪﺧﺖ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﻪﻱ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﭖ- ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﻳﯜﻛﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯖﺩﯨﻦ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯚﻛﯜﻧﺪﯛﻡ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﻣﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﯞﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﮬﻪ؟ بايا سەن مۇسۇلمانلار بەك بىچارە دەپ بىلجىرلاپ كەتتىڭ ، ئەمەليەتتە سەندەك ئۆز ياراتقۇچىسىنى تونۇماي ، ئاسىلىق قىلغان ئادەمدىنمۇ بىچارە ئادەم بارمىدۇ بۇ دۇنيادا ؟! شۇ تاپتا ئۆزۈمنى دوستلىرىم ئالدىدا خىجللىق، ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قېلىۋاتىمەن . مەن دوستلۇرۇمنىڭ ھەر ئىككى دۇنيالىق بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان ھەق يولغا مۇكەممەل مېڭىشقا دەۋەت قىلماستىن ،سەن بۇلارنى مەڭگۈلىك دوزاقنىڭ يولىغا چاقىرىشىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ قالدىم .ئاللاھ مېنى كەچۈرسۇن !
_ۋاييەي خىرىستىيان دىنىدىكىلەر ئىشىنىدىغان ئىنجىلمۇ ئاللانىڭ كىتابىغۇ ؟ سىلەرنىڭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺶ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭغۇ ؟!_ رابىيە ناھەق رەت قىلىنىۋاتقاندەك زۇمرەتكە قادىلىپ قارىدى .
_خىرىستىيان دىنىنىڭ قول چۇماقچىلىقىنى قىلىمەن دەپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە پېتىنىپسەن-ھە؟!قۇرئاندا <<ﺋﯘﻻﺭ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻘﺎ ﯞﻩ ﺳﯩﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ>>ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ،ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻣﺎﯞﻯ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻨﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ بىلەن ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺶ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﻪﭖ، ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻣﺎﯞﻯ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺩﺍﻻﻟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﮔﯩﺸﺸﺘﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﻤﯩﺰ.
_ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻥﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺩﺍﮔﯜﻱ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟!ﺋﯩﻨﺠﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﯘﺳﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ 300ﻳﯩﻞ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتلار بار بۇنىڭغا نېمە دەيسەنكى ؟
_ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻧﻤﯘ؟ ﺳﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻼﻻﻣسەن، ﺩﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻣﺎﯞﻯ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺩﻟﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﺩﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻨﺠﯩﻠﻨﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﮬﻪﺭﯨﭙﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺗﻮﻟﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺩﻻﭖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻣﺴﯩەن ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﻮﭘﻼﺭﻣﯘ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻼﺭﺩﺍ ﻛﯩﺘﯩﯟﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺩې ﻴﻪﻟﻪﻣﺴﯩەن؟ ﺋﯘﻟﯘﻕ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺩﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 1400ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ، ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ئىنجىلنى ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﺎﺩﻟﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ 100 ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩڭ ﺗﻪﺱ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ دېيەلەيسەن ؟!
_مەن سەندەك دىندا مەخسۇس ئوقۇمىغان بولساممۇ ئەمما ئىشەنچىلىك دەلىللىرىم بار .سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلار ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﮔﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺋﻪﻳﺴﺎﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﺪﻯ ._ رابىيە بۇ سۆزلەرنى شۇنداق كەسكىن رەۋىشتە دېدى ،
_ توۋا قىلدىم ، مۇشۇ سېنىڭ دەلىلىڭمۇ ؟ ﺋﺎﺷﯘ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘﻣﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯘ ﯞﻩ ﺧﯘﺩﺍﻣﯘ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﻣﯩﺰﺍﻧﺪﺍ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯗ ، ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼ، ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ.ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ساڭا ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯜﮔﯜﻡ ﻳﻮﻕ، ﻣﯘﺷﯘ ﮔﯧﭙﯩﻢ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘ.
_ يېڭىلاي دىسەڭ گەپ قىلغۇڭ كەلمەيدىكەندە ؟!_ رابىيە مەنسىتمىگەندەك تەرىزدە زۇمرەتكە جىلمىيىپ قويۇپ :
_. خىرىستىئان دىنى ئىسلام دىنىدىن ئىلغار ! زامانىۋى دىن، ئادەمگە ئەركىنلىك بېرىدۇ، ياۋروپالىقلاردەك ئېسىل ياشىيالايسەن ؟خىرىسىتىئان دىنىغا كىرىش دېمەك دۇنياغا يۈزلىنىش دېمەكتۇر ! مۇسۇلمان دېگەن نېمە؟ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋىلىپ قىلغىنى يەنىلا خىرىستىيان ! ئۇنىڭدىن مەندەك ئوچۇق -ئاشكارا خىرىستىيانغا كىرسەڭلار بولمامدۇ ؟!! مەن ئۆزۈمنى مۇسۇلمان دەپ ئۇنداق ساختىلىق بىلەن ياشاشنى خالىمايمەن، شۇڭا مەن خىرىستىئان دىنىغا كىردىم، بۇ دىن مېنى ئازابتىن قۇتقۇزدى، كىشىلەرگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشنى،ساۋاب تېپىپ گۇناھىمنى يۇيۇشنى ئۈگەتتى . رابىيە ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ بويىۋالغان تىرناقلىرىنى ئوينىغاچ مۈرىلىرىنى ئېتىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى .
_ توغرا سەن ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دەۋاتقانسەن ،ئەمما ئىسلام تارىخىنى بىلگەن بولساڭ بۇنچە كۆرەڭلىمەيتىڭ ، ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېساپلانغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ بىر نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان مەدەنىيەت -مەرىپەت ساھەسىدىكى ئىزچىل گۈللىنىش مەزگىللىرى بولغان .بولدىلا بۇ يەردە ساڭا تارىخنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشىمنىڭ زۆرۈريىتى يوق ،خىرىستىيان دىنى بەرگەن ئەركىنلىكتىن ياۋروپالىقلار نېمىگە ئېرىشتى بىلەمسەن ؟ئۇلار ئاياللارنى ئەركىن قىلدۇق دەپ كوچىغا چىقىرىپ قويغانتى كوچا پائىشىلىرى تۈركۈملەپ مەيدانغا كەلدى ، جىنسىيەت ئەركىنلىكىنى قويۇپ بەرگەنتى ئەيدىز كېسىلى دۇنيانى قاپلاپ كەتتى ، ھارام بىلەن ھالالغا چەك قويمىغانتى خىرويىن چېكىدىغانلار كۆپىيىپ ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلدى ، بۇنىڭ نېمىسىنى ئارزۇلايسەن ؟مېىرى-شەپقەت يەتكۈزۈپ ساۋاپ تېپىپ گۇناھىنى يۇيۇش دېگىنىڭ بىر ياقتىن ئەسكىلىكنى قىلىپ ، پوپنىڭ قېشىغا بېرىپ گۇناھىڭنى تىلەيسەن ، پوپ گۇناھىڭنى كەچۈردۈم دەيدۇ .سەن يەنە قايتىپ گۇنا قىلىۋېرىسەن .بۇنىڭ نېمە ساۋابى بولسۇن ؟ ئىسلام دىنىدا قىلغان گۇناھىڭغا ئاللاھقا توۋا قىلىمىز ، ئۇ گۇنانى قايتا قىلمايمىز .
ئىشقىلىپ ئىسلام دىنىدا ئەر-ئاياللار باراۋەر ئەمەس !
_رابىيە تەن بەرمىگەندەك چالۋاقىدى .
_ بۇ سېنىڭ تېخىمۇ ئاساسى يوق بىلجىرلاشلىرىڭ ،
-دېدى زۇمرەت مەسخىرلىك كۈلۈپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :
_قەدىمكى جەمىيەتتە ئاياللار ئادەم قاتارىدا كۆرۈلمەي ، بازارلاردا مال-ماتادەك سېتىلغان ئاياللار : ئادەم ئازدۇرىدىغان شەيتان:ئۇلار گۆش يىمەسلىكى ، كۈلمەسلىكى ،سۆزلىمەسلىكى ئۆزىنىڭ بارلىق ۋاقىتلىرىنى ئىبادەت ۋە خىزمەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشى كېرەك دەپ قارالغان .بىر مىڭ سەككىز يۈز بەشىنچى يىلى خرىستىئان دىنىنىڭ ئالگېر پوروتسىتانتى قانۇنىدا ئەركىن ئايالنى سېتىش قانۇنلىق دەپ رۇخسەت قىلىنغان . ئەنگىلىيە پادىشاھى ھېنرى ئاياللارنى مۇقەددەس كىتاپلارنى ئوقۇشتىن چەكلىگەن ۋە ئاياللارنى دۆلەت پۇقراسى ھىساپلىمىغان . ئەمما ئىسلام دىنى تۇنجى بولۇپ ئاياللارنىڭ مۇستەقىل سالاھىيىتىگە ئىگە ، يارىلىش ۋە ئىجتىمائى بايلىق يارىتىشتا ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغاچقا ، ھوقۇق ۋە نېسىۋىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئوتتۇرغا قويغان . بۇ توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە مۇنشداق دېگەن :{ئەر-ئاياللاردىن مۆھمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ ( يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ )_ (سۈرە نىسا124-ئايەت )قۇرئاندا يەنە {ئى ئىنسانلار !سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر،بىر ئايالدىن ،(ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت )بىر ئاتا ، بىر ئانىدىن ياراتتۇق ، ئۆز-ئارا تونۇشىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق ، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېساپلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ )،ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگىچىدۇر ، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر . _( سۈرە ھۇجارات 49-ئايەت)
ئى ئىنسانلار ! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بىردۇر، سىلەرنىڭ ئاتاڭلار بىردۇر، ھەممىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىسى، ئادەم توپىدىن يارىتىلغان. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر. ئەرەپ غەيرىي ئەرەپتىن، قارا تەنلىك ئاق تەنلىكتىن، ئاق تەنلىك قارا تەنلىكتىن ئارتۇق ئەمەس. ئارتۇق دېيىلسە، پەقەت تەقۋادارلىق بىلەنلا ئارتۇق بولىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ھەقنى يەتكۈزدۈممۇ؟ _ ئېھ، ئاللا ! يەتكۈزگىنىمگە گۇۋاھ بولغىن__ بارلىرىڭلار يوقلىرىڭلارغا يەتكۈزسۇن! ( ئەھمەت رىۋايىتى )
يۇقىرىقى ئايەت – ھەدىسلەردە شۇنى چۈشۈنۈۋېلىشقا بولۇدىكى ئىسلام دېنىدا جىنسىي ۋە ئىرقى كەمسىتىلىشلەر بىردەك قامچىلانغان. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ( ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللانىڭ ئۇلارنى بەزىسىنى بەزىسىدىن ( يەنى ئەرلەرنى كۈچ – قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جگھەتلەردە ئاياللاردىن ) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر. ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل – ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر. ( يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زېممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر ) . __ سۈرە نىسا 34 – ئايەت.
ئاياللار ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار ( يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتنى ئۆتۈشى كېرەك ) . ( ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن ) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللا غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
__ سۈرە بەقەرە 228 – ئايەت.
مانا بۇ ئايەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ ھامىيلىقى بولۇشىدىكى ئارتۇقچىلىقى ئەرلەرنىڭ تەبىئىي ئارتۇقچىلىقىدىن كېلىپ چىققان. يەنى ئەرلەر جەم.ىيەتنىڭ، ئائىلىنىڭ ئاساسلىق ئېغىر يۈكلىرىنى ئۆز زېممىسىگە ئالىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى كۆتۈرۈشتە ئاياللارغا قارىغاندا قابىلراق ۋە كۈچلۈكرەك. ئەرلەرنىڭ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار. ئايالللار بولسا ھەيىز كۆرۈدۇ ۋە ھامىلدار بولىدۇ. بۇ جگرياندا ئۇلارنىڭ مىجەزىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. دېمەك ئاياللارنىڭ تەبىئىتى ئەرلەرنىڭ تەبىئىتىدىن روشەن ھالدا پەرقلەنگەچكە ئۇلار ئەرلەردەك ئېغىر يۈكنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا نىسبىي ھالدا ئاجىزلىق قىلىدۇ.
ئىسلام دىنى دەسلەپكى دەۋرلەردە ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئىنتايىن يۈكسەك دەرىجىدە نامايەن قىلغان ئىدى. لېكىن كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە نەچچە قېتىملىق ئەھلى – سەلىپ ئۇرۇشىدىن تۈزۈكرەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن غەرپ كۈچلىرىنىڭ ئىدولوگىيە جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشى، ئىسلام ئىدولوگىيىسىنى بۇرمىلاش ئىستراتىگىيىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، مۇسۇلمانلارنى چىرىتىش نەتىجىسىدە . ئىدولوگېيە جەھەتتىن زور كىرىزىسكە دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەر – ئاياللار باراۋەرلىك نەزەرىيىسى بۇ جەھەتتىكى پايدىلىنىش ، بۇرمىلاش ئوبىكتىلىرىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى قىلىندى. ئاياللار ئازادلىغى، ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكى، غەرپچە دېموكراتىيە تەرزدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ كىشىلەرنى بىر مەزگىل مەپتۇن قىلغاندەك كۆرۈندى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئازاتلىق ۋە باراۋەرلىك قىزغىنلىقى ئىنسان تەبىئىتىدە بىنورمال ھالەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
مۇشۇ قىزغىنلىق قۇرئان ھەدىسلەرنىڭ بۇرمىلىنىشى ۋە ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ توغرا چۈشەنمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئاياللار ئازادلىقى ،ئاياللار باراۋەرلىكى خاتا ،ياكى نۇقۇل ھالدا تەدبىقلىنىپ ، ئىنسان تەبىئىتى ئانچە كۆزدە تۇتۇلماي ، ماھىيەتتىن چەتنەپ كېتىلدى . نەتىجىدە ئەرلەرنىڭ قابىليەتسىزلىكى ، ئىرادىسىزلىكى ،ئاياللارنىڭ نادانلىقى ، باشناشتاقلىقى كېلىپ چىقتى .شۇنداقلا يارامسىز ئەرلەر ۋە بەڭۋاش ئاياللارنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
بىر قىسىم كۈچلۈك ئاياللارنىڭ بۇ خىل باراۋەرلىك ساددا ھېسياتىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇلارغا ئاياللىق تەبىئىتىگە ياتبولغان ئامىللارنى تاڭدى .ئۇلار ئېغىر ئىشلارغا سېلىندى . شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىملاردا ئاياللىق لاتاپەت ۋە نازاكەت ئەرلىك چىدام -غەيرەت يوقىدى ،ياكى ئۇ ئىككى جىنىسنىڭ خارەكتىرى بىر-بىرىگە ئالماشتى .
ئىسلام دىنى پۈتۈن كائىناتنى ، پۈتۈن ئالەمنى ،جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىياراتقان ۋە ۋە ئۇنىڭ خارەكتىرىنى ئوبدان بىلىدىغان ئاللاتائالا تەرىپىدىن كەلگەن ساماۋى بىر دىن بولغاچقا ،ئۇنىڭ قانۇن -پىرىنسىپلىرىدا ، ئەركان -ئەھكاملىرىدا ئىنسان تەبىئىتى ئالاھىدە كۆزدە تۇتىلغان . شۇڭا ئىسلام دىنى « ئىنسانىيەت دىنىياكى تەبىئەت دىنى»دەپ تەرىپلىنىدۇ ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ ،ئەرەپنىڭ ياكى ،قازاقنىڭ بولماستىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دىنى .ئاللاھتائالا ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئىنسان ۋە باشقا مەخلۇقاتنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتتى ..ئەر-ئاياللارنىڭ ھاياتتىكى ۋەزىپىلىرى چوڭ جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە بولسىمۇ ، بىراق ئىككى جىنىسنىڭ تەبىئىتىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاشمىغىنىغا قاراپ ، قىسمەن ئئوخشاشماسلىققىمۇ ئىگە . شۇڭا ھەر بىر جىنىسنىڭ ئۆزىگە خاس رولى بولىدۇ . قىسقىسى ، ئەر-ئاياللار ئىنسانى قىممەتتە ، تېگىشلىك ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇشتا، مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشتا باراۋەر .
ئىسلام دىنى شۇنچە باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ دىنى بولسا ،ئەمىسە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىدىن چىقىپ خىرىستىيان دىنىغا كىرىدۇ ؟ رابىيە بوشىماستى سۇئال سوراۋاتاتتى بىز باشقىلار ئىككىسىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئاڭلىمىغان تېپىشماقنى قايسى تاپاركىن دېگەندەك قىززىقىپ ئولتۇراتتۇق .سۇئال سورالغاندىن كېيىن جاۋاپ ئاڭلاش ئۈچۈن زۇمرەتكە قارىدۇق :
زۇمرەت ناھايىتى سالماق ھالدا قولىدا ھەممە ئىسپاتلىرى تولۇق ئادۋۇكاتتەك ، كەسپكە پىشقان ناتىق ئوقۇتقۇچىدەك تەمكىن ھالدا سۆزلىرىنى دانىمۇ-دانا قىلىپ سۆزلەۋاۋاتاتتى .شۇ تاپتا قەلبىمدە زۇمرەتكە نىسبەتەن پەخىرلىنىش ، قايىل بولۇش ،ھەۋەس قىلىش ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى كۈچەيگەنسېرى ،رابىيەگە بولغان ئاددى ساۋاقداشلىق مېھرىممۇ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ئۇنىڭ ھەممىنېمى ھەتتا ئاۋازلىرىمۇ خۇنىك ،يېقىمسىز ئاڭلىنىپ ، زۇمرەتنىڭ توختىماي سۆزلەپ، رابىيەنى مەغلۇپ قىلىشىنى تىلەش ئىستىكى مېنى ھاياجانلاندۇرۇپ يۈرەكلىرىم ئۆزۈم ئاڭلىغىدەك دۈپىلدەپ كېتىۋاتاتتى . . _ شۇنداق نۇرغۇن ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغىچى ئازغۇن ئادەملەر ئىسلامنى تاشلاپ خىرىستىيان دىنىغا كىرسە ،نۇرغۇن ئاللاھ رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەر باشقا دىنلارنى تاشلاپ ،ئىسلامدىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولىۋاتىدۇ .ياۋرۇپادىكى بىر ئىستاتىستىكقا ئاساسلانغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا ئىسلامىيەتنى تاشلاپ باشقا دىنلارغا كىرگەنلەرنىڭ دېگۈدەك ھەممىسى، ساڭا ئوخشاش ئىسلامىيەتنى بىلمەيدىغان، جاھىل مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئەكسىچە باشقا دىنلاردىن چىقىپ ئىسلامىيەتكە كىرگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ تەتقىقاتچى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى دېگەندەك ئالى مەلۇماتلىق كىشىلەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. ئەتراپىڭغا قاراپ باقساڭ ئەمەلىيەتمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ ، دىيارىمىزدىمۇ ئىسلام دىنىنى ھەقىقى تۈردە چۈشەنگەن زىيالى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىز ئىمان ئېيتىپ مۇكەممەل مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئىلىم ئېلىۋاتىدۇ . ئىزدىنىۋاتىدۇ ، دوستلىرىنى بۇ دىنغا تولۇق كىرىپ ، ئىككى دۇنيالىق بەختكە ئېرىشىشكە چاقىرىۋاتىدۇ .«رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن، شۇبھىسىزكى، سەن بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن.» (ئال ئىمران، 8-ئايەت) ئامىين! زۇمرەت كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا بۇ ئايەتنى ئۇقۇغانتى يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك ئاجايىپ بىر سېزىمدە كۆزلىرىم نەمدەلدى .نەچچە مىنۇتلۇق سۈكۈتنى يەنە رابىيە بۇزدى .
— مەنغۇ ساڭا ئوخشاش مەخسۇس دىن ئوقۇمىغەن ئەمما ئەمىلىيەتچۇ ؟، ؟ غەرپ ئەللىرىگە قارا ، ئاياللار شۇنداق ئەركىن … ئىسلام دۆلەتلىرىگە قارا ، ئاياللار چۈمبەل ئىچىدە ئۆيدىن تالاغا چىقالمىغان ، ئۇنىڭغا نىمە دەيسەنكى ؟ — دىدى رابىيە يېڭىلگۈسى كەلمەي ئورنىدىن تۇرۇپ زۇمرەتنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىپ سافاغا جەينىگىنى قويۇپ تۇرۇپ . — ئىسلام دىنىدا ئاياللارغا ئېرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ، بالا تۇغۇش ، ئېمىتىش ۋە تەربىيىلەش ، سىرتلارغا ھىجاپ بىلەن چىقىش ، ئۆزىگە مۇناسىپ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشتەك خاس مەجبۇرىيەتلەر ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ، نام – شەرىپىنى قوغداشنى، ئاياللارنى جىسمانى جەھەتتىن ئاسراشنى مەقسەت قىلغان . ئۇنىڭ نىمىسى يامان ؟ سەن تەرغىپ قىلىۋاتقان ئاياللار ئەركىنلىكى سىلەرنىڭ ھازىرقى بەزى ئاياللىرىمىزدەك تۈگىمەس چاي ، ئولتۇرۇشلاردا ئالدىغا بوتۇلكىلارنى تىكلىشىۋېلىپ ، ھاراق ئىچىۋاتقان يېرىم يالىڭاچ ئاياللاردىن ئېتىقاد ۋە غايە ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت سوراش مۈمكىنمۇ ؟ ئەۋلاتلىرىمىز ھازىر ھاراق شىشىلىرى بىلەن يالىڭاچ بەدەنلەردىن قانداقمۇ شەرمى – ھايا ، نومۇس ئۈگىنەر ؟ ئاياللارنىڭ ۋاقتى تۈگىسە ، مىللەتنىڭ ۋاقتى تۈگەيدۇ . ئاياللاردىكى ئالامەتتىن كىشىلەر زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرەۋاتىدۇ ، ھازىر ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى جىنس ئۆزىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتەك قەدىمىي مۇقەددەس تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتتى . ساڭا ئوخشاش ئەركىنلىكنى خۇدا بىلىدىغان ئاياللار بەس – بەستە كوچىغا چىقىۋالغاچقا ، بالىلار ئانا مېھرىگە ، ئەرلەر ئاياللارنىڭ سۆيگۈ مېھرىگە ئېرىشەلمەي ، بالىلار كوچىلاردا يامان ئىللەتلەرنى يۇقتۇرىۋاتىدۇ ، ئاققا ئۈگىنىپ قېلىۋاتىدۇ ، ئەيدىز كېسىلى يامراۋاتىدۇ . ئەرلەر باشقا بىرلىرىدىن سۆيگۈ ئىزدەۋاتىدۇ ياكى قاۋاھخانىلاردا ھاراق ئىچىپ زەئىپلىشىۋاتىدۇ ، قىزلىرىمىز كېچىلىك بەزمىخانىلاردا ئىپپىتىنى يوقۇتىۋاتىدۇ ، باشقىلارنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ . بۇنداق ئەركىنلىكنىڭ نىمىسىنى ئارزۇلايمىز ؟ ئەرلىرىڭلار سىلەردىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي ، سىرتلاردىن ئۆزىگە ھەمرا تېپىۋالسا ، يەنە ئۇيقۇڭلارنى ئاچماي ، دەردىڭلارنى ھاراقتىن ئېلىپ مەست بولۇپ بىر – بىرىڭلارغا تۆكۈسىلەر ، سىلەردە ئېتىقاد ۋە ئىمان بولمىغاچقا ، ئىنساپمۇ قالمايۋاتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر – بىرىڭلارغا دەردلىرىڭلار ئىچىڭلارغا پاتمايۋاتسىمۇ ، بەختلىك كۆرىنىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەپ ئاۋارە بولىۋاتىسىلەر . بۇنىڭ ئورنىغا پاكىز يۇيۇنۇپ ، جەينامازغا كېلىپ ، ئاللاھقا ھەمدۇ – سانا ئوقۇشنى ، ئەرلىرىڭلارغا ، بالىلىرىڭلارغا ئىنساپ ، ئۆيۈڭلارغا بەرىكەت تىلەشنى بىلمەيسىلەر ، ھاراقتىن سىلەرگە نىمە پايدا چىقتى ؟ زۇمرەت ھەممىمىزگە سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدۇ .

ئەگەر داۋامىغا قىزىقسىڭىز ئاياللار دۇنياسى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: ayal888) غا z5 نى قايتۇرۇپ كۆرۈڭ!
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى