بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئەرلەرنى ئاشىق بىقارار قىلىدىغان 9 خىل ئاياللار
-
ئەرلەرنى ئاشىق بىقارار قىلىدىغان 9 خىل ئاياللار
ۋاقتى: 2016-06-18 ئاۋاتلىقى: 5416 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەرلەرنى ئاشىق بىقارار قىلىدىغان 9 خىل ئاياللار
ئەرلەر ئەزەلدىنلا ئۆزگىچە خاراكتېرى بار ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار ئاياللارنى بىر قۇتا زەھەرلىك دورىغا ئوخشايدۇ، ئەرلەرنى ئاستا خاراكتېردە زەھەرلەيدۇ، ئەگەر ئەرلەر بەك ئېغىر زەھەرلەنگەندە ئاياللار بەلكىم ئۆزىنىڭ ئەقىللىك ۋە ئۆزگىچىلىكىدىن پەخىرلىنىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا زادى قانداق ئاياللار ئەرلەرنى بىھوش قىلىپ زەھەرلىيەلەيدۇ ؟
1- خىل ئاياللار: سىرلىق تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان ئاياللار
تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن سەمىيمىيلىكنىڭ پەرقى بولىدۇ، ئايال كىشىنىڭ تۈزلىكى ئۇنىڭ ھەممىنى سىزگە سەمىمىي ھالدا ئىقرار قىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ ھەرگىز ئۆزىنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى سىزگە ئېچىپ كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئارىلىقنىڭ گۈزەللىك ھاسىل قىلىدىغىننى بىلىدۇ، بۇنداقلار سىزگە بەك يېقىنلىشىپ كەتسە ئۆزىنىڭ ھۆرمەتسىز مۇئامىلىگە ھەتتا باشقىلارنىڭ بىزارلىق تۇيغۇسىغا ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
2- خىل ئاياللار: قارشى تەرەپكە چاپلىشىۋالمايدىغان ئاياللار
يۇلتۇز، ئاي، قۇياش ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە لايىق بولغان ھەرىكەت ئوربىتى بار، شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ خىل ئاياللارمۇ ھەرگىز ئەرلەرنى مەركىزى نۇقتا قىلىپ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئەرلەرنىڭ ئۆزىدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ھامان ھەرگىز ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ يۈرمەيدۇ، چۈنكى بۇنداق ئاياللارنىڭ نەزىرىدە ئەرلەر دۇنيانىڭ مەركىزى ئەمەس. ئۇلارنى مەركەز قىلىپ قوغلىشىش بىر ئەخمىقانىلىق.
3 ـ خىل ئاياللار: مۇستەقىللىقنى ساقلايدىغان ئاياللار
مەيلى ئۇ قايسى ئالىي بىر ئورۇندا ئىشلىسۇن ياكى بىرەر ئاشخانىدا كۈتكىچىلىك قىلسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەسىلە ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ رېئال بولغان بىر تۇرمۇشى بار، ئۆزىگە چۈشلۈك شەرىپى بار، باشقىلارغا يېلىنىپ ـ يالۋۇرۇپ تۇرمۇش كەچۈرمەيدۇ.
4- خىل ئاياللار: ئۆزىنىڭ سەت ھالىتىنى باشقىلارغا كۆرسەتمەيدىغان ئاياللار
بۇ خىل ئاياللار ئامال ئۆزىنىڭ كاللىسى قالايمىقان ۋاقىتتا باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمايدىغان، ئامال بار ئۆزىنىڭ كۆڭلى بىئارام ۋاقىتتا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن پىكىرلەشمەيدىغان بولۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ كاللىسى سەگەك ۋاقىتتا ئاندىن باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىدۇ.
5 ـ خىل ئاياللار: ۋاقتىنى ئۆزى خالىغان ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرالايدىغان ئاياللار
بۇ خىل ئاياللار قەستەن ئۆزىنىڭ قەدىمىنى ئاستىلىتىدۇ، بولۇپمۇ ئوغۇل دوستى ياكى يولدىشى ئىنتايىن ئالدىرىغان ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش كۆرىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدۇ.
6 ـ خىل ئاياللار: يۇمۇرىستىك تۇيغۇنى ساقلايدىغان ئاياللار
بۇ خىل ئاياللارنىڭ يۇمۇرىستىكلىقى قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. لېكىن بۇ يۇمۇرىستىكلىق ئۇنى مازاق قىلغانلىق ياكى ئۇنى ھۆرمەتلىمىگەنلىك ئەمەس.
7 ـ خىل ئاياللار: ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاياللار
ئەر تەرەپ ئۇنى ھۆرمەتلىگەندە بۇ خىل ئاياللار رەھمەت دېيىشنى بىلىدۇ، ھەم قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى مەدھيلىنىشىنى توسۇمايدۇ، بۇ خىل ئاياللار يېنىدىكى ئەردىن ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستىنىڭ چىراي تۇرقى ۋە باشقا ئىشلىرىنى سورىمايدۇ. ھەم باشقا ئاياللاردىن كۈنلەپ بۇ ئەرنى تالىشىپمۇ ئولتۇرمايدۇ.
8 ـ خىل ئاياللار: ئۆزىنىڭ بەدىنىنى قەدىرلەشنى بىلىدىغان ئاياللار
بۇ خىل ئاياللار ئۆزىنىڭ سىرتقى قىياپىتى ۋە ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ،. بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلاپ قالالىغانلىقى ئۆزىنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆيۈنۈش، ھۆرمەتلەش، ئاسراش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەگەر يېنىدىكى ئەر بۇ خىل تىپتىكى ئايالغا ئۇ سۈرگەن لەۋ ـ سۇرۇخنى ياقتۇرمىدىم دېسە لېكىن بۇ ئايال ياقتۇرسىلا ئۇ يەنىلا داۋاملىق ئىشلىتىۋىرىدۇ، ھەم ئەرنىڭ دېگىنى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ.
9 ـ خىل ئاياللار: بەزى ئىشلارغا بولغان قىزغىنلىقى يېنىدىكى ئەرگە بولغان موھتاجلىقىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئاياللار
ئەرلەر بۇ خىل ئاياللارنىڭ باشقا نەرسىگە بولغان قىزغىنلىقى ئەرلەرگە بولغان ئىھتىياجىنىمۇ بېسىپ چۈشكەن ھالىتىنى ئىنتايىن جەلپ قىلارلىق دەپ ھېسابلايدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئاياللارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان ئالدىراش ۋاقتى بولىدۇ، ھەم بۇ ئەرنى كۆرەلمىگىنى ئۈچۈن خاپا بولۇپ غەلۋە قىلىپ يۈرمەيدۇ، ئۇنىڭ قەلبىدە بۇ ئەرنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى بولمايدۇ، بۇ خىل ئاياللارنىڭ قەلبىدىكى ئەرلەرنىڭ ئورنى پەقەت ۋاقىتلىق ماشىنا توختىتىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: ئاياللار سالونى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھامىلىدار ئاياللار چىشى ئاغرىغاندا
8756سائەت ئىلگىرى1495ئېرىڭىز ياكى يىگىتىڭىزگە بۇ گەپنى قىلىپ سالماڭ،
2015-12-11 13:01:032979بىر ئايال ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى نېمە
2016-01-06 19:20:331545ئاياللار ئەڭ كۆپ دەيدىغان 15 يالغان سۆز
2015-12-08 13:20:022208زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (2)
2014-11-16 14:14:593310خوتۇننى نېمە قىلغىلى ئالىدۇ؟
2016-01-09 17:01:024840ئەرلەرنىڭ كۆڭلى نەدە بولسا، پۇلنى شۇ يەرگە خەجلە
2016-01-27 11:53:373729ئەرلەر تۆۋەندىكىدەك ئاياللارغا بەك كۆيۈنىدىكەن
2015-12-06 23:31:451943
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-