ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (2)

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (2)

ۋاقتى: 2016-07-18 ئاۋاتلىقى: 3348 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

رومكىلار ئۈچ رەت ئايلانغاندىن كېيىن ئايشەم سۆز باشلىدى :
_ ئاداشلار سىلەر بىلمەيسىلەر مەن ئەرگە تەگمىگەن خوتۇن ئالغان ، تالانىڭمۇ ئۆينىڭمۇ ئىشىغا ئۆزۈم چاپىمەن ،ئۇ قاچانلا قارىساڭلار مەست يۈرگەن ، يەنە تېخى گەپ يۇغان …بۇ ھاراقكەشتىن خويمۇ تويدۇم . نېمانچە شور پىشانىدۇرمەن ؟!ھەممە گەپنى سىلەرگە دەپ بولالمايمەن … ئايشەم قولىدىكى رۇمكىنىئويناپ ئولتۇرۇپ يىغلامسىرىغاندەك سۆزلەيتتى .
_ ئاداش سەن يەنە شۈكۈر قىلغىن ، سېنىڭ ئېرىڭغۇ ھاراق ئىچسىمۇ ، يەنە دەتتىكام دەپ ئاتمايدىغاندۇ ؟مېنىڭ ئاتمايدىغۇ؟ مېنىڭ ئېرىم بىر قېتىمدىلا قىرىق مىڭنى ئۇتتۇرۇۋېتىپ، ئۈچ يىل بولدى، مائاش قەغىزى خەقتە، قەرزگە ئىشلەۋاتىدۇ. مەن بىر مائاشىم بىلەن ئۇنى ئىككى بالامغا قوشۇپ بېقىۋاتىمەن، – دېدى زېھنايمۇ خىيالغا پاتقان ھالدا. ئۇ ھاراق ئىچسە شۇنداق ئېغىر – بېسىق بولۇپ كېتەتتى.
_ سىلەرنىڭ دەردىڭلار ، مېنىڭ دەردىمگە ياماقمۇ بولالمىغۇدەك « دېسەم گەپ بولىدۇ، دېمىسەم دەرد » ، قۇيە ئاداش ھارىقىڭنى . . . گۈلناز كۈلكىگىمۇ، يىغىغىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر قىياپەتتە قۇرۇق رومكىسىنى مەرۋانغا تەڭلىدى.
_ سەن بولدى قىلامسەنكىن گۈلناز، چىرايىڭغا بەكلا چىقىپ كېتىپتۇ ، – دېدى مەرۋان گۈلنازنىڭ رومكىسىغا قىزىل سۇيۇقلۇقنى قۇيغاچ.
_ مېنىڭ ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ، مەرۋان دۇتىرىڭنى ئاچىقە ! – دېدى گۈلناز مەرۋانغا قاراپ.
_ مانا ئەمدى سورۇنىمىز قىزىيدىغان بولدى. چالە ئاداش، ماڭا سېنىڭ ناخشاڭدىن باشقىسى كېرەك ئەمەس، – دېدىم مەرۋاننىڭ ئېسىقلىق دۇتىرىنى ئۆزۈم گۈلنازغا سۇنغاچ.
گۈلناز قولۇمدىن دۇتارنى ئېلىپ، بىردەم تىرىڭشىتىپ تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، ئاپئاق لەغمەن جىزىسىدەك نازۇك بارماقلىرىنى دۇتارنىڭ تارىسىغا ئۇرۇۋېدى، ئۇنىڭ بارماقلىرى دۇتارنىڭ تارىسىغا ئەمەس، مېنىڭ يۈرەك تارلىرىمغا تەگكەندەك، يۈرەكلىرىم يېنىك تىتىرەشكە، ئارقىدىن ئېسەدەشكە باشلىدى. مېنىڭ يۈرۈكىمنىڭ ئېسەدەشلىرىنى مۇنۇ دۇتتارنىڭ ئېغىر دەردلىك ساداسى، گۈلنازنىڭ يىغلىغاندەك ئېيتىۋاتقان مۇڭلۇق نىداسى بېسىۋالدى.
ھاراق ئىچىدۇ دەيدۇ،
تاماكا چېكىدۇ دەيدۇ.
ھەركىم ھەر نېمە دەيدۇ،
دەرد كەلگەننى بىلمەيدۇ.
باغ ئارىلاپ شامال كەلدى،
تاغ ئارىلاپ بوران كەلدى.
ئاچ ئانا ئىشىكىڭنى،
دەردى بار قىزىڭ كەلدى.
شۇئان رەھمەتلىك ئانام ئېسىمگە كەلدى. ئاتا – ئانا دېگەن ئادەمگە مەقسەتسىز كۆيۈنىدىكەن، ئاتا – ئانىدىن كېيىن ھەرقانچە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭ بولسىمۇ، ئاتا – ئاناڭغا ئەركىلىگەندەك ئەركىلىيەلمەيدىكەنسەن، شۇتاپتا ئانام بولغان بولسا ئاشۇ دوزاخ ئۆيگە، ھېلىقى ئون يىل بىر قازاندا قايناتسىمۇ قېنىمىز قوشۇلمايدىغان ئاۋۇ ئەر بار ئۆيگە بارماي، ئۇدۇل ئانامنىڭ يېنىغا كېتىپ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ بىر يىغلىۋالغان بولسام . . . مەن دۇتار بىلەن ناخشا ئاڭلىساملا بالىلىق چاغلىرىمنى ئېسىمگە ئالىمەن. ھەيرانمەن، شۇ بالىلىق چاغلىرىمدا ئاپام ئېلىپ بارغان تويلاردا دۇتار ئاڭلىشاممۇ يىغلىغۇم كېلەتتى. ئۆزۈمچە مىسكىنلىشىپ كېتەتتىم. مانا ئەمدى يېشىم چوڭىيىپ، دەرد – ئەلەملەرنى يەتكىچە تارتىۋاتقان ھازىرمۇ دۇتارنى ئاڭلىسام خۇددى دەردى ئىچىمگە پاتمىغان ئادەم ئاۋازىنى چىقىرىپ ھازى ئېچىپ يىغلىۋالغاندەك، باشتا پىغانلىرىم ئۆرلەپ ئاخىرىدا يېنىكلىشىپ قالىمەن.
دۇتارنىڭ شىپپىدە توختىشى بىلەن مېنىڭ خىياللىرىممۇ ئۈزۈلدى. مەن گۈلنازغا قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياشلار ئاللىقاچان يۈزلىرىنى بويلاپ تامچىۋاتاتتى. دۇتارنى قۇچاغلاپ ئولتۇرۇپ مەرۋانغا سۆزلەۋاتاتتى.
_ سەن بىلمەيسەن مەرۋان، مېنىڭ يۈرىكىم مۇشۇ رومكىدىكى ھارىقىڭدەك قان – زەرداپقا تولدى . . . مەن بەك چىداملىق ئايال جۇمۇ . . . بىلەمسىلەر ، مەن باتۇر ئايال . . . سىلەر بىلىسىلەر . . . بىراق ماڭا دېمەپسىلەر . . . بۇ سىلەرنىڭ دوستلۇقىڭلارمۇ ياكى . . . بىلمىدىم . . .
_ گۈلناز قولىغا رومكىنى ئېلىپ ھاراقنى گۈپپىدە كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن يۈزلىرىنى توسىغىنىچە ئىسەدەشكە باشلىدى.
_ گۈلناز سەن مەست بولۇپ قالدىڭ، بىردەم يېتىۋالامسەن ؟
_ ياق، مەن ھازىر ھەقىقىي ئادەم بولدۇم. سىلەرگە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يۈرۈكىمنى يەپ كېلىۋاتقان دەردلىرىمنى نومۇسنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ دېيەلمىدىم . . . سىلەرچۇ؟ سىلەر ئادەم ئەمەس، دوستۇممۇ ئەمەس، تاماشالىرىمنى كۆرۈشتۈڭ! مېنى قانداق قىلاركىن دەپ سۈكۈت قىلىشتىڭ! ئۇ ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يىغىسى مېنىڭ يۈرۈكىمنى پارا- پارە قىلىۋەتتى. كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياش يۈزلىرىمنى يۇيۇشقا باشلىدى. مەنلا ئەمەس ، ئۇلارمۇ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى.
_ سەن بىزنى ئازابلانمىدى دەۋاتامسەن، ئاداش؟ بىز سەندىن بۇرۇنلا بۇ ئىشنى بىلگەندە ئازابلانغان، بىراق راستىنلا ساڭا دېيىشكە پېتىنالمىدۇق ھەم فۇرقەتنى تۈزۈلۈپ كېتەر، دەپ كۈتتۇق.
_ سەن ئېرىڭگە خۇداغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىدىغان تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ ئۇ گەپنى دېيەلەيمىز؟ ! جېنىم ئاداش، ئايشەم شۇنداق دەپ گۈلنازنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇلارغا قاراپ ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز ئاخشامقى قوشنامنىڭ قىلىقلىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. دەرھال مەرۋاننىڭ قۇيۇۋاتقان بوتۇلكىسىغا قارىدىم.
_ ئەجەپ قاراپ كەتتىڭغۇ؟
_ قۇيۇۋاتقىنىڭ نېمە ؟
_ ۋېيلۇڭ، . . ئاران ئون بىر گرادۇسلۇق. . .مەرۋان ئاستا قۇلىقىمغا پىچىرلىدى :
_ ئۇنىڭدىن كۈچلۈكرەكىنى ئىچكۈڭ بارمىدى يا ؟
_ خۇدايا توۋا دېگىن. . .
_ مەن ئۇلارغا بوزەك بولماي، ئۆچ ئالاي دەيمەن. چولپان سەن ماڭا بىر پارچە ئەرز يېزىپ بەرگىن- گۈلنازنىڭ مەستلىك ھە يىغىدىن قىزىرىپ خۇمارلىشىپ كەتكەن قاپقارا كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى كۆك كۆزلىرىگە قارىدىم.
_ گۈلناز سەن فۇرقەتتىن ئاجراشماقچىمۇ؟
_ ياق!
_ ئەمىسە نېمىشقا ئەرز يازىسەن؟!
_ مەن ئۇلارنى خەلقئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلماقچى . . .
ئاندىن ئۇ خوتۇندىن فۇرقەتنى تارتىۋالماقچى.
_ فۇرقەتتىن مېھرىڭنى ئۈزەلمەيدىغان، ئائىلەڭنى ساقلاپ قالىدىغان يېرىڭ بولسا، ئۇلارنى ئەرز قىلما! قۇلىقىڭنى گفز، كۆزۈڭنى قارىغۇ قىلىپ، ئەڭ ۋاپادارلىقىڭ، ئەپۇۋانلىقىڭ بىلەن تۇرمۇشۇڭنى داۋاملاشتۇر، شۇنداق قىلساڭ فۇرقەت ھامان سېنىڭ يېنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ.
_ غورورۇمنى مۇشۇنچىلىك دەپسەندە قىلغىنىممۇ يېتەر . . . مەن ئۇنداق گۆش باش ئەمەس.
_ ئېرىمنى باشقا بىر خوتۇن يەنە كېلىپ ئۆزىدىن ئون ياش چوڭ خوتۇن تارتىۋالماقچى دەپ سوتلاردا ئەرز قىلىپ يۈرۈش ساڭا نومۇس ئەمەسمۇ؟ . . . غورۇرۇڭ كۆتۈرەمدۇ؟ مېنىڭچە ئېرىڭنىڭ مۇشۇ يولغا مېڭىشىدا سېنىڭمۇ سەۋەنلىكىڭ بار ، – دېدىم .
— چولپان سەن دوستۇم ئەمەسكەنسەن ، خەپ سېنىڭ ئېرىڭنىڭ بۇزۇلمىغىنىنى كۆرەرمەن ، — دىدى گۈلناز قوللىرىنى پىشانەمگە نوقۇپ تۇرۇپ .
— گۈلناز سەن مەست بولۇپ قالدىڭ ، سەن ئەتىگىچە ياخشىراق ئويلان ، چولپاننىڭ گېپىنىڭ ئاساسى باردەك تۇرىدۇ ، — مەرۋان رۇمكىغا ھاراق قويۇۋېتىپ شۇنداق دىدى .
—مەرۋان ، سەن مېنىڭ ئالدىمدا ئاز سۆزلە ، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش كۆڭلۈمنى تالادا خوش قىلىپ يۈرسەم ياخشى بولامتى ؟ ! مەن سەندىن نەپرەتلىنىمەن ، سەن ئەڭ خەتەرلىك خوتۇن بولۇپ كەتتىڭ …
— شۇنداق ، سىلەر مەندىن نەپرەتلەنسەڭلار بولىدۇ . چۈنكى مەن ئۆيدە ئېرى ، تالادا ئاشنىسى بار خوتۇن ! بىراق نىمىشقا مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم ؟ قايسىڭ بىلىسەن ؟ سېنىڭغۇ ئېرىڭ ئۆزىدىن ئون ياش چوڭ پۇلى بار سودىگەر خوتۇن بىلەن تېپىشىۋاپتۇ ، بۇنى ئاڭلىغىنىڭىزغا ساراڭ بولاي دەپسەن ، مېنىڭ ئىرىم بەش يىلنىڭ ئالدىدا بىر خەنزۇ قىزدىن بالا تېپىپ قويۇپ ، ئۇ خەنزۇ قىزغا ئون مىڭ يۈئەن تۆلەم تۆلەپ ، بالىسىنى ئالغۇزۇپ ئېرىمنى قوتقۇزۇپ قالغىنىمنى بىلىشەمتىڭ ؟ ! نىمىشقا شۇنداق بولۇپ قالدىم ؟ ئاشۇ بىر تال قىزىمنىڭ كەلگۈسى بەختى … ئون يىللىق ئائىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش … قېرىپ قالغان ئاتا – ئانىمىزنى ئاياش … جەمىيەتتە سۆز – چۆچەك قىلىشتىن نومۇس قىلىپ … بىراق ، بۇ ئېتىقادى يوق ئەردىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمىدى ، بارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتتۇق . كۆرۈنۈشتە بىز ناھايىتى ئىناق ، ئەمىلىيەتتە بىز ياخشى ئۆتىۋاتقان قوشنىلار …
مەرۋان ناھايىتى ھوزۇرلىنىپ سۆزلەۋاتقاندەك بىخارامان ئولتۇراتتى .
— مېنىڭ ئېرىم ھاراق ئىچسىمۇ يەنە ياخشىكەن جۇمۇ ، شۈكۈر قىلاي ، — ئايشەم شۇنداق دەپ ھەممىمىزگە تەكشى قارىۋالدى .
— ئاداش مېنىڭ ئېرىممۇ قىماردا ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ بىراق تالادا ئادىمى يوق ، شۈكۈر دەي جۇمۇ ؟ دىدى — زېھنايمۇ سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ .
— مەنمۇ دىلشاتتىن بەزىدە تەسىرلىنىپ قالىمەن . كېچىلىرى مەھەللىگە مەست كېلىپ ، ئۆيگە تېلىفۇن قىلسام پەسكە چۈشۈپ مېنى يۆلەپ تۆتىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىدۇ . قۇسسام قۇسۇقلىرىمغا قاچا تۇتىدۇ ، كېچىلىرى ئۇسساپ كەتتىم ، دەپ توۋلىسام ناۋات سېلىپ تەييارلاپ قويغان سوغۇق چايلارنى ئەپكېلىپ ئىچكۈزىدۇ .
مەرۋانمۇ ناھايىتى مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىدا ماختىنىۋاتاتتى . سائىتىمگە قارىسام ئون بىردىن ئېشىپتۇ .
— ئاداشلار ئۆزىمىزنى ئاقلاپ ئېرىمىزنى ماختاپمۇ بولدۇق ، ئەمدى ئىچىمىزمۇ بوشىغاندۇ قايتامدۇق ؟ ! — دىدىم ئۇلارغا .
ئايدىڭ كېچە، ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئۆيۈمگە كېتىۋاتىمەن .
خىيالىمدا ئۇنىڭغا : << سەن بىر چاغدا ، سەن مېنىڭ كىملىكىمنى بىلمەيۋاتىسەن ، ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن نەچچە يىگىتنى يۇغۇرساڭمۇ ، مەندەك سۇباتتىن بىرسى چىقمايدۇ . دىگەندە سېنى تولا پو ئاتمىغىنە دىگىنىم ئېسىڭدىمۇ ؟ بۈگۈن مېنىڭ ساڭا شۇنداق پو ئاتقۇم كېلىۋاتىدۇ . بۈگۈنكى سورۇندىكى بۇ چوكانلارنى يۇغۇرسىمۇ مەندەك چولپاننىڭ يېرىمىمۇ چىقمىغۇدەك ... مۇھەببەت - نەپرەت ، ئېتىقات مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ئادەملەر شۇنداق بولامدۇ -يا ؟ >> مەن خىيالىمدا ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ كېلىۋاتىمەن ، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ، ئۆيگە قايتقۇم يوق ، ھەيرانمەن ، نەچچە سائەتتىن بېرى ئەرلىرى ئۈستىدىن يىغلاپ شىكايەت قىلغان دوستلىرىم ئۆيىگە ، ئەرلىرىنىڭ يېنىغا ئالدىراش تاكسى توسۇپ كېتىشتى . ئەمما ئۇلارنىڭ دەردىنى تىڭشاپ ئولتۇرغان خاتىرجەم ئائىلەم ، لاياقەتلىك ئېرىم بولغان مەن دوستلىرىمنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىمونت يولدا يالغۇز كېتىۋېتىپ ، ئۆيۈمنىڭ مەن ماڭغانسېرى يىراقلاپ كېتىشىنى تىلەۋاتىمەن . ئىشىككە ئاچقۇچۇمنى سېلىپ ئېچىپ ئۆيگە كىرگىنىمدە ، ئىشىكتىن كىرگەندىلا ، ئۇدۇل كۆرىنىدىغان خۇرۇم سافادا ئۇ ئوڭدىسىغا يېتىپ تېلىۋېزور كۆرۈۋېتىپتۇ .
— بىر يەردە تازا ئىچىشكەن ئوخشىمامسىلەر ؟
مەن ئۇدۇلۇمدىكى سافادا پوشكال خېمىرىدەك ساقىپ ياتقان مۇرادقا لەپپىدى قارىدىم . ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ماڭا ئىپادىسىز تىكىلىپ تۇراتتى .
— ئاچچىقىڭىز كەلدىمۇ ؟
— ياقەي ، سوراپ قويدۇم ، ھازىر ئىچىشنى بىلمىگەن ئاياللار ياشاشنى بىلمىگەن ھىساپلىنىدۇ .
ئۇنىڭ يېقىمسىز ئاھاڭدا سۆزلىگەن لاۋزا گەپلىرى كەيپىمنى ئۇچۇردى .
— سىزمۇ شۇنداق قارامسىز ؟
—سىز خەلقئارالىق ئاڭغا ئىگە مەندەك ئېرىڭىزنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلەنسىڭىز بولىدۇ .
مەن ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم .
— قانداق ، مەن پەخىرلىنىشىڭىزگە ئەرزىمدىكەنمەن ؟
ئۇنىڭ قايتىلاپ سورىغان سۇئاللىرىدىن خۇددى جوڭيى دورىسى ئىچكەندەك سەسكىنىپ كەتتىم .
— سىلەردەك ئەرلەرنىڭ قولىغا قالغان بىز ئاياللارنىڭ كېلەچەگى قانداق بولار ؟ — دىدىم ئەلەم بىلەن .
— بىزدەك ئەرلەرنىڭ قولىدا ئۆزىڭىز ئاسىيادا تۇرۇپ ياۋروپالىقتەك ياشاۋاتقانسىز ؟ ! — دىدى ئۇ ساپادىن لىككىدە تۇرۇپ مەغرۇرانە قىياپەتتە .
— بىردەم كۆزۈمگە كۆرۈنمىسڭىز بولۇپتىكەن ؟ ! — دەۋەتتىم ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالاشقىم كەلمەي .
— بولىدۇ ، مەن كۆزىڭىزدىن بىردەم يوقىلاي . ئەمما ھېلىلا ئۆز پۇتىڭىز بىلەن يېنىمغا كىرىسىز … ئۇ شۇنداق دىگەچ ساپما كەشىنى شىپىلداتقىنىچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
ئۇنىڭ ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن دىگەن ئاخىرقى سۆزلىرى مېنىڭ جاراھەتلىك قەلبىمنى تۇز سۈيى قۇيغاندەك ئېچىشتۇردى . ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . بالكونغا چىقىپ ئوچۇق دەرىزىلەردىن ئاسمانغا قارىدىم . ئاي ماڭا مۇلايىم جىلۋىلىنىپ قاراپ تۇراتتى . يۇلتۇزلار بولسا ئاينىڭ ئەتراپىدا خۇددى غەمسىز بالىلاردەك جىمىرلىشىپ تۇراتتى . شۇئان ئېسىمگە بىر ناخشا كەلدى
كىچىگىمدىن يۇلتۇزۇمنى ئىزدەيتتىم ،
ھەر ئاخشىمى تەلمۈرۈپ مەن ئاسمانغا .
تاپالمىدىم ، توۋا دەيمەن بەختىمنى ،
مېنىڭ بەختىم نىمە قىلسۇن ئاسماندا .
تۇيۇقسىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى . كېچە سائەت ئون بولىشى بىلەن ياتاقلارنىڭ توكى بىردەك ئۆچۈرۈلەتتى . ئۇيقۇمىز قاچقان كۈنلىرى بىز كارۋاتلىرىمىزدا ئوڭدا يېتىۋېلىپ ، ناخشا ئېيتىشاتتۇق . ناخشىنى زۇمرەت بىلەن چىمەنگۈل ياخشى ئېيتاتتى . بىز ئۇلارغا ئەگىشەتتۇق . شۇ تاپتا ئوقۇغۇچىلىق ھاياتنى ، سۆيۈملىك ياتاقنى ھەم دوستلىرىمنى شۇنداق سېغىندىمكى …
— بۈگۈن ئۇيقۇڭىز كەلمىگۈدەك بىرەر ئىش بولغانمىدى ؟ — ئۇنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى خىياللىرىمنى بۆلىۋەتتى . كەينىمگە قايرىلىپ قارىماستىنلا ، ئۇيقۇم كەلسە نەچچە ئۆي بىكار تۇرمامدۇ ، غەم قىلماي ئۇخلاۋېرىڭ ! — دىدىم قوپاللا …
— سىرتتا بىرەرسى باردەكلا كۆزىڭىزنى سىرتتىن ئۈزەلمەيلا قاپسىزغۇ ؟ — سۈكۈت قىلدىم .
— ھەقاچان بۈگۈن دوستلىرىڭىز بىلەن جەم بولۇپ ، ئىچىشكەچ كونا يىگىتلىرىڭلارنىڭ گېپىنى قىلىشقانسىلەر ؟ شۇڭا كونا ئوتلار تۇتىشىپ ئۆچۈرەلمەيۋاتامسىزكىن دەيمىنا ؟ !
ئارقامغا ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم . ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . ئۇنىڭ زەھەردەك ئاچچىق سۆزلىرى يۈرىگىمگە يىڭنىدەك سانجىلىپ ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ كەتتى . شۇ تاپتا مەن ئۇنىڭ ئورۇنسىز سېسىق گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا سىرتتىن يۈزلىرىمنى قىزارتىپ كېچىدە لەلەڭشىپ كىرگەن چېغىمدىلا : << ئايال كىشى تۇرۇپ ، يېرىم كېچىگىچە نەگە باردىڭ ؟ ھاراق ئىچكۈچە ئېشەكنىڭ سۈدۈكىنى ئىچسەڭ بولمامدۇ ؟ >> دەپ تەستىكىمگە نەچچىنى ئۇرغان بولسىمۇ ، يېنىكلەپ قالغان ھەم ئۇنىڭ ئەرلىكىدىن مەمننۇن بولغان ، يىغلاپ تۇرۇپ گۇناھىمنى تۇنۇغان بولار ئىدىم . ئەمما ، ئۇنىڭدا ئۇنچىلىك ئاڭ ، ئۇنچىلىك ئېتىقاد نىمە قىلسۇن ؟ مەن قەلبىمدىكى بارلىق غەزىپىمنى كۆزلىرىمگە يىغىپ ، ئۇنىڭغا مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ :
—شۇنداق قەلبىمدىكى ئوت لاۋۇلداپ كۈيىۋاتىدۇ ، ئەركەك بولسىڭىز ئۇ ئوتنى ئۆزىڭىز ئۆچۈرمەمسىز ؟ — دىدىم .
ئۇنىڭ چىرايلىرى قارىداپ ، كۆزلىرىدىن ھىچىنىمىگە ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ بىر ئۇچقۇن چاقنىدى . مەن ئۇنىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ ، رەھمەتلىك ئانامنىڭ << قىز بالا دىگەن ئەركىشىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىمايدىغان ، گەپ ياندۇرمايدىغان ، بولمىسا يامان بولىدۇ >> دىگەن سۆزىنى ئېسىمگە ئالدىم . ئىچىمدىلا ئاللاھقا : << ئېھ ! قۇدرىتى ئۇلۇغ ، ئادەمنى ، ئالەمنى ياراتقان ئاللاھ ، ئالدىمدىكى مۇنۇ بەندەڭنى ئەرلا قىلىپ ياراتماي ، ئەركەك قىلغان بولساڭچۇ ئۇنىڭغا ۋىژدان ، ئېتىقاد ، ئەقىل ، مۇھەببەت ۋە نەپرەت دىگەندەك ئوغۇل بالا ئۈچۈن مۇھىم نەرسىلەرنى تولۇق بەرگەن بولساڭ ، مەنمۇ ھۆرمىتىم بىلەن لەپپىدە بىر قاراپ ، يەرگە قارىۋالماسمىدىم ؟ ئۇنىڭغا بۇنچە تىكىلىپ قاراشقا قۇربىتىم يېتەمتى ؟ ! مەيلىم بولامتى ؟ ! ... >> دەپ نىدا قىلدىم .
ھاياتنىڭ ئۆزگەرمەس رېتىمى بويىچە ، بۈگۈن شۇنچە روھسىز ئورنۇمدىن تۇرغان بولساممۇ ، تېزراق بۇ " دوزاق " تىن چىقىپ كېتىشكە ئالدىردىم . نەچچە يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ مۇشۇ نەچچە ئايدىن بۇيان پۈتۈن ئەقلىم بىلەن ئويلاۋاتقان تەقدىرىمگە بۈگۈن بىر كېچە كىرپىك قاقماي ئولتۇرۇپ ، ئۆز تەغدىرىم ئۈستىدە ئەڭ ئاخىرقى قارارىمنى چىقىرىپ ، مۇراتتىن ئاجرىشىش ئەرزىمنى سوتقا تاپشۇردۇم ، ئەركىنلىك نىمە دىگەن ياخشى – ھە ! ياش چاغلىرىمدا باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىنى " دوزاق " قا ئوخشاتسا ھەيران قاپتىكەنمەن . توۋا كۆڭۈلسىز تۇرمۇش دىگەن ھەقىقەتەن قېنىڭنى چىقارماي جېنىڭنى ئالىدىغان ، قاڭسىق ، ئازاپلىق ، " دوزاق " كەن ئەمەسمۇ ؟ شۇنداق خىياللار بىلەن كېتىۋاتسام ، يانفۇنۇم سايرىدى .
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، چولپان تېنچلىقمۇ سەن ، مەن خەدىچە .
— خۇداغا شۈكۈر ، ئاداش ئۆزۈڭچۇ ؟ بالىلىرىڭ تېنچلىقمۇ ؟
— تېنچلىق ئاداش ، مەن ساڭا بىر گەپ قىلىمەن ، قورقۇپ كەتمىگىن جۇمۇ ؟
— ئادەمنى ئەنسىرەتمەي تېزراق دىگىنە نىمە بولدى ؟
— چىمەن كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى ، سەن بۈگۈندىن قالماي ، بولسا ھازىرلا يولغا چىقمىساڭ بولمايدۇ .
— شۇنچە جىددىمۇ ؟
— شۇنداق ئاداش ، ئەھۋالى ئېغىر ، ئۇ سېنى نەچچە قېتىم سورىدى ، بەلكىم ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈڭ بولۇپ قالارمىكىن ؟
بېشىمدىن بىر چىلەك سۇنى قۇيۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم .
— نىمە دەيسەن ، مەن ھازىرلا ئىشخانامغا بېرىپ رۇخسەت سوراپ ماڭاي .
يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولدا مەن ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ئۇچقاندەك كېتىپ بارىدۇ . شوپۇرنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگىلا ئورنىتىلغان تېلىۋېزوردا كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرغىدەك گۇمپا – گۇمپاڭ مۇشلىشىدىغان فىلىم قويۇلىۋاتىدۇ . مەن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ چىمەن توغرىسىدا ئويلاۋاتىمەن .
— سىزمۇ مۇشۇ سىنىپتىمۇ ؟
مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ يېقىملىق ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم . تەبىئى بۈدرە بولسا كېرەك ، ئىككى تال ئۆرۈۋالغان چاچلىرى تولغىشىپ دولىسىغا چۈشۈپ تۇرغان ، بېشىغا ھال رەڭ گاز ياغلىق چېگىپ ، ئۇچىسىغا تەنتەربىيە كىيىمى كىيىپ ، مەيدىسىدە شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى دىگەن ئىزنەك تاقىۋالغان ، غۇنچە بوي چىرايلىق بولغاندىمۇ ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىز ماڭا تاتلىق تەبەسسۈم قىلىپ تۇراتتى .
— ھەئە ، مەنمۇ مۇشۇ سىنىپتا .
— سىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمە ؟ نەلىك ؟
— مەن مايتاغلىق ، ئىسمىم چولپان .
— مەن خوتەن شەھەر ئىچىدىن ، ئىسمىم چىمەنگۈل .
— مەن سىزنىڭ تەلەپپۇزىڭىزدىنلا خوتەنلىك ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەنتىم .
— مەن سىزنى ئۈرۈمچىلىكمىكىن دەپ قاپتىمەن .
بىز ئالى مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىدىلا شۇنداق تونۇشقان ئىدۇق . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر زېھنى ، تىرىشچانلىقى ھەم خۇش ئاۋازى ، چىقىشقاقلىقى بىلەن سىنىپتىلا ئەمەس فاكۇلتېتلاردىمۇ تېزلا تونۇلۇپ كەتكەن ئىدى . ئۇ دۇتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىدىغان بولسا ئوغۇللارنىلا ئەمەس بىز قىزلارنىمۇ نادامەت چەكتۈرۈپ قوياتتى .
— يائاللا چىمەنگۈل ، ئوغۇل بالا بولغان بولسام چوقۇم سېنى ئالاتتىم ! — دەپ چاقچاق قىلاتتى خەدىچە .
— خەپ چىمەن مەن سېنى ئىنىمغا ئېلىپ بېرىپ كېلىن قىلىۋالمايدىغان بولسام ، — دەيتتىم مەنمۇ ئۇنىڭغا ھەۋىسىم كېلىپ …
— ئاداش ئىنىڭ كىچىك تۇرسا مەيلىما ؟ مايتاغلىقنىڭغۇ پۇلى جىق كەتسەم كەتتىم ! — دەيتتى ئۇمۇ چاقچاق قىلىپ .
— ھەي سىلەر ئاڭلىمىغانمۇ ، << سەتنىڭ قىلىقى سەت >> دەپ ، ئاجايىپ ۋاپادار ئايال بولىمەن جۇمۇ ؟ … رەھىمە بىلەن چىمەننىڭ چاقچاقلىرى ئاخىرى كارۋاتتا پومداقلىشىپ ، بىر – بىرىنى قىچىقلاشلارغا ئۆزگىرىپ كېتەتتى .
ئالى مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىغىچە ، ئەتراپىدا پەرۋانە بولغان نۇرغۇن يىگىتلەرنى رەت قىلغان چىمەن ئاخىرى ، خوشنا سىنىپتىكى تۇرپانلىق يىگىت بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالدى .
— قىز بالا دىگەن << ئوقتا توختامسەن پوقتا ؟ دىسە پوقتا >> دىگەن شۇدە ، شۇنچە ياخشى بالىلارنى رەت قىلسا بىرەر دۆلەتنىڭ شاھزادىسىگە تېگەمدىكىن دەپتىكەنمەن ئۇنى ، ھىلىقى تۇرپانلىق بىلەن يۈرىۋاپتۇ مۇنۇ بەغەرەز ، — دەپ غۇدۇرىدى رەھىمە بىر كۈنى سىرتتىن كىرىپلا .
— كىمنى دەيسەن ؟ دىدىم رەھىمەگە قاراپ .
— مۇنۇ سېنىڭ كېلىن ئاغىچاڭ ، رەھىمە مېنىڭ ئاستىمدىكى چىمەننىڭ كارۋېتىنى شەرەتلىدى .
— قايسى تۇرپانلىق بىلەن ؟ — سورىدى خەدىچە قىزىقىپ .
— ۋاي قايسى بولاتتى ، سادىغاڭ كېتەيلەر ، ئاخپارات سىنىپىدىكى ھېلىقى بۇرۇتلۇق خۇشتار دىگەن شالۋاقچۇ ؟ !
<< قىز بالىنىڭ ئەرگە تەگكىسى كەلسە ، كۆزى كۆرمەپتۇ >> دەپ ،چىمەن بىزنىڭ ھەر خىل ئۇسۇلدا خۇشتارنىڭ ئۆزىگە لايىق ئەمەسلىكىنى دېگىنىمىز بىلەن ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىپ ، مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپلا كەتتى . ئاخىرى ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خۇشتار بىلەن تۇرپانغا بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى . ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﻰ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بەش يىلدىن كېيىن مەن خىزمەت بىلەن تۇرپانغا بارغىنىمدا ئۇنى ئىزلىدىم . شۇ چاغدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى تۆت ياشقا كىرىپتۇ ، چىرايلىرى ناھايىتى سۇلغۇن ، مېنى كۆرۈپلا بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى . ئۇنىڭ ھىلىقى كۈلكىلەر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىنن ياش توختىماي ئاقاتتى . ئۇ كۈنلەردە ، مەنمۇ ئاپام تۈگەپ كېتىپ دادام ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ، توي قىلىپ بولۇپ دەردىمنى ئۆزۈم بىلىدىغان مەزگىللىرىم بولغاچقا ، تازا يىغلاڭغۇ بولۇپ قالغان ئىدىم . ئۇنىڭ ئۈششۈك تەككەن گۈلدەك ۋاقىتسىز سولاشقان چىرايىدىكى سۇلغۇنلىققا قاراپلا يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى . ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم ، ئەمدى نىمە دىسەممۇ ئورنىغا كەلمەيتتى .
مەن بارغان كۈنىمۇ خۇشتار بىر كېچە ئۆيىگە كىرمىدى .
— كېچىلىرى مۇشۇنداق ئۆيگە كىرمىسە قانداق بولىدۇ ؟ كۆرۈشكەن بولسام بىرگەپ قىلىپ قوياركەنمەن — دىدىم ئۇنىڭغا .
— ئاداش ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلىرىغا كۆنۈپ كەتتىم ، ھىچقىسى يوق ! — دىدى ماڭا سۇس تەبەسسۈم بىلەن .
— قىزلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەرگە تەگسە شۇنداق چىداملىق بولامدۇ – يا ؟ دىدىم ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ .
— بەلكىم ، دىگىنىڭ ئورۇنلىقتۇر ، ئەمما مەنمۇ قانچىلىك چىدارمەنكى ، مېنىڭچە سەن توغرا قىلىپسەن ، << ياخشى كۆرگەننىڭ قۇلى بولغىچە ، ياخشى كۆرمىگەننىڭ گۈلى بول >> دەپتىكەن ، ئۇ تۇرمۇشلارغىمۇ كۆنۈپ كېتىسەن ، — دىدى .
—كۆنۈپ كەتكەن بولسام ياخشى بولاتتى ، — دىدىم ئېغىر ئۇھ تارتىپ .
— نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا رەھىمە تېلېفۇن قىلىپتىكەن ، ئۇ … ئۇ …
چىمەن گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەستىن ماڭا مەنىلىك قارىدى .
— رەھىمە سۇبات بىلەن توي قىلىدىغان بوپتۇ ! — دىدىم چىمەنگە قاراپ .
— سەن ئاخىرى ئاڭلاپسەندە ؟ ! — چىمەن ھودۇققىنىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى .
— مەن ئۆزۈم سۇباتقا رەھىمە بىلەن توي قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ خەت يازغان ئىدىم .
— نىمىشقا ؟
— رەھىمە ماڭا خەت يېزىپتۇ ، ئۇ ناھايىتى سەمىمىلىك بىلەن كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دەپتۇ . مەن ئۇنىڭ سۇباتنى ياقتۇردىغانلىقىنى بىلەتتىم ، ئەمما ، بۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن . شۇنىڭ بىلەن ئىككىسىگە تەڭلا خەت يېزىۋەتتىم .
— مەن ئامال بولسا ئۇنىڭ تويىغا بېرىشقا تىرىشىمەن ، سەنمۇ بارالامسەن ؟ — چىمەن ماڭا سىنچى كۆزلىرىنى تىكتى .
— سەن نىمانچە نادان چىمەن ؟ سۇبات ئىككىمىز شارائىت تۈپەيلى ئامالسىز ئايرىلدۇق . مەن رەھىمەگە سۇباتنىڭ جىسمىنى بەردىم. ئۇنىڭ روھىنى بېرىش مېنىڭ ياكى سۇباتنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەسكەن ، بىزنىڭ جىسمىمىز گەرچە باشقا ئادەملەرگە تەۋە بولۇپ كەتسىمۇ روھىمىزنى ھىچكىم ئايرىيالمىغۇدەك ، بۇ ئاللا سالغان ئوتنى بەندىنىڭ ئۆچۈرەلىشى مۈمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ . ئىش ئۇنداق تۇرسا ، ئۇنىڭ تويىغا بارالارمەنمۇ ؟ بولسا ، ئۇنىڭ تويىنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەي قالسام دەيمەن . ھەي چىمەن ساڭا ھەرقانچە دىسىممۇ چۈشەنمەيسەن ، چۈنكى سەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭدىن ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىدىڭ ، — دىدىم مەن.
—چولپان ، مەن شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىپ قېلىشىدىن قورقىمەن ، — ئۇنىڭ شۇ گەپنى دىگەندىكى ئاۋازى ناھايىتى زەئىپ ئىدى .

ئەگەر داۋامىغا قىزىقسىڭىز ئاياللار دۇنياسى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: ayal888) غا z2 نى قايتۇرۇپ كۆرۈڭ!
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى