ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (3)

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (3)

ۋاقتى: 2016-08-13 ئاۋاتلىقى: 3119 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شۇنىڭدىن بۇيان مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىدىم . چىمەن ئىككىنچى بالىسىنى تۇغۇپ ، ئالتە ئايلىق بولغاندا ، خۇشتار بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ، خۇشتار كېيىن ئىدارىسىدىكى بىر قىزغا ئۆيلەنگەنلىكىنى ، چىمەنننىڭ ئاخىرى ئىككى بالىسى بىلەن يالغۇز ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم . مەن ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى ئويلىدىم ، ئەمما نىمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلەلمىدىم . تېلېفۇن قىلاي دىدىم ، ئەمما تېلېفۇندا ئۇنىڭ يىغىسىى ئاڭلاشتىن قورقتۇم . بۇلتۇر تېلىۋېزوردا چىمەننىڭ بالىسىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىك ئېلانىنى ئاڭلاپ خەدىچەگە تېلېفۇن قىلغاندا چىمەن بالىسىنى ئىزلەپ ئىچكىرگە كىرىپ كەتكەن ئىكەن .
خەدىچە مېنى بىرىنچى دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا ساقلىماقچى ئىدى . بىز شۇ يەردە كۆرۈشتۇق .
— چولپان ، ئاۋال ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەۋالغىن ، — دىدى خەدىچە .
— ياق ، ئاۋال چىمەننى كۆرۈپ چىقاي ، ئاندىن …
— يۈر ، ئاۋال تاماق يەۋالايلى ، بولمىسا ھىلى تاماق يىيەلمەيسەن .
مەن خەدىچەنىڭ جىددى تەلەپپۇزىنى رەت قىلالماي ئۇنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىر ئاشپۇزۇلغا كىردۇق .
— ئاداش مەن ھىچنىمىنى بىلەلمىدىم ، چىمەن زادى نىمە كېسەل بولۇپتۇ ؟ — دەپ سورىدىم جىددىلىشىپ .
— ئۇنىڭ ئوغلى دىليارنى ئىزدەپ ئىچكىرىگە كەتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بارتىغۇ ئاداش ، ئۇ بېرىپ بالىسىنى ئىزدەش جەريانىدا ، ئاپارغان پۇللىرىنى بالاڭنى تېپىپ بېرىمىز دىگەنلەرگە بېرىپ تاپالماي ئالدىنىپ ، تۈگىتىپ ئامالسىز بىر ئاشخانىدا ئىشلەپتۇ . كېيىن بىر ئاق ساتىدىغان گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشى چىمەنگە كۆزى چۈشۈپ : << ماڭا تەگسىڭىز ئوغلىڭىزنى تېپىپ بېرىمەن >> دەپتۇ ، بىچارە دوستىمىز بالىسى ئۈچۈن ئۇخلاپ چۈشىدە كۆرمىگەن ئەرگە تېگىپتۇ . .ئارلىقتا يەنە ئىككى ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ . بىر كۈنى ئېرى مال يۆتكىگىلى چىقىپ كەتكەندە ئوغلىنى ئىزلەپ ھېلىقى ئۆزى بىر مەزگىل ئىشلىگەن ئاشخانىغا بېرىپتۇ . ئۇ تاماق ئۈستىلىدە ئالدىغا كەلگەن تاماقنى يىمەي ، ئوغلىنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئولتۇرغاندا ئون ئىككى ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا چىمەندىن :
— ھەدە سىز دىليارنىڭ ئاپىسىمۇ ؟ — دەپ سوراپتۇ
– ھەئە ، جېنىم بالام ، سەن دىليارنى تۇنۇمسەن ، نەدە كۆردۈڭ ؟ — دەپتۇ چىمەن جىددىيلىشىپ .
— ئۇنى خەمىت لوبەن بىر ئاينىڭ ئالدىدا بېيجىڭدىكى مەمەت لوبەنگە سېتىۋەتتى ، سىز بېيجىڭغا بارسىڭىز دىليارنى تاپالايسىز — دەپتۇ .
— جېنىم بالام سەنچۇ ؟ سەن كىمنىڭ بالىسى ، سېنىڭمۇ ئاناڭ ماڭا ئوخشاش سەرسان بولۇپ يۈرگەندۇ ، يۈر سەن مەن بىلەن دىليارنى تېپىپ بىرگە كېتەيلى ، — دەپتۇ چىمەن يىغلاپ .
— ھەدە ، مېنىڭ ئۆيۈم غۇلجىدا ، مىنىمۇ خەمىت دىگەن ئەبلەخ ھازىرقى مەريەم دىگەن لوبەنگە سېتىۋەتكەن . بېيجىڭغا بېرىش ئۈچۈن جىق پۇل كېتىدۇ . سىز تەييارلىنىپ مۇشۇ ئاشخانىغا كېلىڭ ، مەن پۇرسەت تېپىپ سىز بىلەن بىللە قاچاي …
— يارى ! …
شۇ ئەسنادا بىر سەت سېمىز خوتۇن ھېلىقى بالىنىڭ قۇلۇقىدىن سوزغىنىچە چىمەننىڭ يېنىدىن ئېلىپ كېتىپتۇ . چىمەن يىغلىغان پېتى ئۆيگە قايتىپ ئوغلىنى تېپىپ بېرىمەن دەپ ئۆزىنى خوتۇن قىلىۋالغان ھېلىقى خەمىت دىگەن ئەبلەخكە قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ .
— سەن مېنىڭ ئوغلۇمنى نىمىشقا بېيجىڭغا ئاپىرىپ سېتىۋەتتىڭ ؟
— مەن سېنى تونۇماستا سېتىۋېتىپتىكەنمەن ، مەن نۇرغۇن پۇل خەجلىدىم بالاڭنى چوقۇم ئەكىلىپ بېرىمەن ، — دەپتۇ ھېلىقى خەمىت دىگەن ئەبلەخ ، چىمەن ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىنى ئېلىپ قېچىپ سېتىۋەتكەن ئەبلەخكە ئىككى ئايچە خوتۇن بولغىنى ئۈچۈن ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەپتۇ ، ئورنىغا كەلمەيدىغان پۇشايماننى يەپ ئولتۇرماي ، ھەركەت قىلىش كېرەك بولغاچقا چىمەن ھېلىقى ئەبلەخنىڭ يەنە جىددى ئىش بىلەن چىقىپ كەتكەن ۋاختىدىن پايدىلىنىپ ، ئۆيىدە بار پۇلنى ئېلىپ ھېلىقى ئاشخانىغا بېرىپ يارى دىگەن بالىنى ساقلاپتۇ . شۇ كۈنى چۈشلۈك تاماققا ھېلىقى سېمىز خوتۇن بىر توپ باللارنى يەنە ئاشخانىغا ئېلىپ كەپتۇ . چىمەن يارى بىلەن كۆز ئىشارىسى قىلىشىۋېلىپ پۇرسەت تېپىپ قېچىپتۇ . پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ بېيجىڭغا بارىدىغان كەچلىك پويىزغا چىقىپ بېيجىڭغا كېلىۋاپتۇ . ئۇ بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ، ھەر يىلى ئاتكرىتكا ئەۋەتىدىغان مەتتۇرسۇن ئېسىڭدە باردۇ ؟
— ھە ، چىمەنگە ئاشىق ھىلىقى يۇرتلىقىمۇ ؟ بىر قىشلىق تەتىلدە كەلگەنتىغۇ ؟
— شۇ ، ھازىر بېيجىڭدا ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ بىر نەشرىياتتا قالغان ئىكەن ، ئۇ شۇ مەتتۇرسۇننى ئىزدەپتۇ . مەتتۇرسۇن بېيجىڭدىكى ساقچىلار ئارقىلىق يارىنىڭ يىپ ئۇچى بىلەن دىليارنى ئىشلىتىۋاتقان مەمەت دىگەننىڭ ئۇۋىسىنى تېپىپتۇ . چىمەن مەتتۇرسۇن بىلەن يول ئېغىزىدا بالىلارنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن . ساقچىلارنىڭ ياللىشى بىلەن بەش – ئالتە بالا ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپتۇ .
— ئەنە مەتتۇرسۇن ، مېنىڭ يۈرەك باغرىم ، قاراڭ بەك ئورۇلاپ كېتىپتۇ ، كىيىملىرى نىمانچە ئەسكىرەپ كەتكەندۇ ؟ — دىليار …
— چىمەنگۈل ئۆزىڭزىنى تۇتۇۋېلىڭ ، ئوغلىڭىزنى ئەمدى ھىچكىم ئېلىپ كېتەلمەيدۇ . توختاڭ قىزىل چىراق يانسۇن … مەتتۇرسۇن ھاياجانلىنىۋاتقان چىمەننى تۇتۇپ تۇرغان ئىكەن .
— ئەمدى بولدى قىزىل چىراق ياندى .
— دىليار !
دىليار تۇيۇقسىز ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چىمەن تەرەپكە ئۆزىنى ئېتىپتۇ .
— ئانا …
دەل شۇ چاغدا ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا بىر قارا پىكاپ ئۇچقاندەك چىقىپ دىليارنى سوقۇپ كېتىپ قاپتۇ — جېنىم بالام دىليار …
— ئانا مەن سىزنى بەكمۇ سېغىندىم …
دىليار شۇنداق دەپلا چىمەننىڭ قۇچىغىدا قانغا مىلەنگەن ھالدا جان ئۈزۈپتۇ . مەتتۇرسۇن ۋە ساقچىلار دىليارنىڭ بۇنداق ئۆلۈپ كېتىشىگە ئىشەنمەي ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ .
— ماشىنىنى تۇتۇپتىمۇ ؟ — گەپنى بۆلدۈم جىددىيلىشىپ .
— ھېلىقى خەمىت دىگەن ئەبلەخنىڭ قەستى ئىكەن ، شۇ كۈنىلا ئۇلارنىمۇ قولغا ئاپتۇ .
— دوختۇرلار بالىنىڭ جىگىرى ئېزىلىپ كېتىپتۇ ، بالا ئاللىقاچان كېتىپ قاپتۇ ، دىگەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا كەلگىچە سەل ئۇمىد بىلەن تۇرغان چىمەن مەتتۇرسۇننىڭ دىليارنىڭ ئېڭىگىنى تېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپلا << دىليار سەن ئۆلگۈچە مەن ئۆلەي >> دەپلا يەرگە يىقىلىپتۇ ، چىمەن شۇ ياتقىنىچە نەچچە كۈن ھۇشسىز يېتىپتۇ . مەتتۇرسۇننىڭ ئايالى چىمەنگە قاراپتۇ . مەتتۇرسۇن ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئۇقۇشۇپ دىليارنىڭ مېيىتىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېتىشنىڭ يولىنى مېڭىپتۇ . چىمەننىڭ ھۇشسىز ياتقىنىدا دوختۇرلار تەكشۈرۈش جەريانىدا ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كېلىپ ، راكنىڭ ھەتتا ئۈچەيلەرگىمۇ تاراپ بولغانلىقى ئېنىقلىنىپتۇ . مەتتۇرسۇن بىلەن ئىككى ساقچى چىمەننى دىليارنىڭ مېيىتى بىلەن بىللە بىرگە ئېلىپ كەپتۇ . مەتتۇرسۇن بېيجىڭدا يولغا چىقىشتىن ئىلگىرىلا بىزگە تېلىفۇن قىلىپتىكەن ، بىز ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلار ، يېقىن ئوقۇتقۇچىلار چىمەننىڭ يۇرتلۇقلىرى ئايرۇدۇرۇمغا چىمەننىڭ ئالدىغا چىقتۇق .
— خۇشتار دىگەن ئىپلاسقا خەۋەر قىلدىڭلارمۇ ؟ — سورىدىم يىغلاپ تۇرۇپ .
— ۋاي ئاداش << ئاپەت كەلسە تەڭ كەپتۇ >> دەپ ئۇ ئايالى بىلەن جەنۇپقا ساياھەتكە كېتىۋېتىپ ، يولدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ تۈگەپ كەتكىلى تېخى بىر ئايمۇ بولماپتۇ .
— نىمە دەيسەن ، ھەي ، كېلىشمەسلىكلەر شۇنداقمۇ تەڭ كەلگەن بارمۇ ؟ چىمەن ئايرۇپىلاندىن قانداق چۈشتى ؟
— ئۇنىڭ ئايرۇپىلاندىن چۈشكەندىكى ھالىتىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن . چاچلىرى چۇۋۇلغان ، چىرايلىرى سارغايغان ، ئورۇقلاپ قورايدەك بولۇپ قالغان بىر بىچارە ئايال مەتتۇرسۇنغا يۆلىنىپ ھازا ئېچىپ چۈشۈۋاتمامدۇ … راست گەپنى قىلسام مەتتۇرسۇننى كۆرمىسەم چىمەننى تونۇمايتىمكەن …
— جىگىرىم بالام ، تىرىكى كېتىپ ، ئۆلۈكى كەلگەن بالام … ئانىسىنى سېغىنىپ كەتكەن بالام ! … خەدىچە ، مەن تۈگەشتىم دەپ ئۆزىنى ماڭا ئاتتى … — خەدىچە گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلالمىدى . بىز بىر ھازا ئۈنسىز يىغلاشتۇق .
— ئۇ خۇشتارنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى بىلدىمۇ ؟
بىلدۈرمەيلى دىسەك ئامال بولمىدى ، دىليارنى يەرلىكىگە قويۇشتىن ئىلگىرى چىمەن : << خۇشتارغا ىەۋەر قىلايلى >> دىدى . شۇنىڭ بىلەن چىمەننىڭ مەكتىپىنىڭ باشلىقى چىمەنگە ھەممە ئىشلارنى دىدى . چىمەن گەپ – سۆز قىلماستىن بىرەر سائەتكىچە يالغۇز ئۆيگە كىرىۋېلىپ ، ئۈنسىز ياش تۆكتى . مەن ئۇنىڭ روھى جەھەتتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ يېنىغا كىرىپ ئۇنى مۈرىسىدىن تۇتۇپ سىلكىپ :
— چىمەن ، يىغلىغۇڭ بولسا ئاۋازىڭنى چىقىرىپ يىغلاۋەرگىن ، چۈنكى ، ئۇ سېنىڭ تۇنجى سۆيگەن يىگىتىڭ ، قىز تەگكەن ئېرىڭ ، دىليار بىلەن دىلنىگارنىڭ دادىسى ئەمەسمۇ ؟ — دىدىم .
ئۇ بىر ھازادىن كېيىن باغرىمغا ئۆزىنى ئېتىپ ، ئاداش ئۇ نىمانچە ۋاپاسىز ، دىليارغۇ كەتتى ، دىلنىگارنى بولسىمۇ باقامدىكىن دىسەم مېنىڭ ئالدىمدا كېتىۋاپتۇ ، قىزىمنى قانداق قىلارمەن ئاداش ، قارا يېتىم بولۇپ قالارمۇ ئاداش … — دەپ ھازا ئاچتى .
— دىليارنى ئۈرۈمچىدە يەرلىكىگە قويدۇڭلارمۇ ؟
— ھەئە ، چىمەن بالىسىنى تۇرپانغا ئەكىتەي دىگەن ئىدى ، بىز خۇشتارمۇ بولمىسا يا تۇرپان چىمەننىڭ يۇرتى بولمىسا ، ئىسسىقتا بالىنى تېزرەك قويۇۋەتمىسەك بولمايتتى ، شۇنىڭ بىلەن مېيىتنى بىزنىڭ ئۆيدىن چىقاردۇق . بالىنى يەرلىكىگە قويۇپ بولغاندىن كېيىن چىمەننىڭ مەكتەپ باشلىقى ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇشقا بىر خىزمەتدىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ، داۋالىنىش راسخودىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
— چىمەن ئۆزى كېسىلىنى بىلەمدىكەن ؟
— بىلىدىكەن ، بۇلتۇر كېسىلىنى بىلىپ داۋالانغۇچە ئوغلى يۈتۈپ كېتىپتۇ ، ئۇ بالىنىڭ دەردىدە كېسىلىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ . بۇ كۆتۈرگۈسىز خاپىلىقلار ئارقىسىدا راك ئاشقازاندىن ئۈچەيلەرگە تاراپ بوپتۇ …
— ئۇنىڭ قىزىچۇ ؟
— ئۇنى خۇشتارنىڭ نەۋرە ھەدىسىگە قاراشقا بېرىپ كېتىپتىكەن . تۈنۈگۈن ئۇ چوكانمۇ بالىنى ئېلىپ كەلدى يېنىدا بار .
— ئەتىگەندىن بېرى سېنى نەچچە قېتىم سورىدى … ساڭا دەيدىغان گېپى باردەك قىلىدۇ ، ئەمما ئۇنى كۆرگەندە ئۆزۈڭنى بەك تۇتۇۋال ، يىغلىما — خەدىچە ماڭا شۇنداق دەۋاتقان بىلەن ئۆزى بۇ گەپلەرنى دىگۈچە يىغلاۋاتاتتى . ئىچىم ئاچچىق ، كۆزلىرىمدىن تۆكۈلىۋاتقان ياش ئالدىمدىكى ، سوۋۇپ قالغان سۇيۇقئاشقا تامچىلىۋاتاتتى .
چىمەن گۈلنى بەك ياخشى كۆرەتتى . بىر دەستە ئەتىرگۈل ئېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كىردۇق . ئەگەر كېسەلخانىغا خەدىچە ئۆزى باشلاپ كىرمىگەن بولسا ، مەن چىمەننى تونۇيالماي قالاركەنمەن . ياتاقتا قىرىق ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بىلەن ئىككى ياشلاردىكى قىزچاق چىمەننىڭ يېنىدا ئويناپ تۇرۇپتۇ . كارۋاتتا بىر تېرە بىر ئۇستىخان ، ئورا كۆز ، قاڭشارلىق ، تاتىراڭغۇ چىراي چىمەن كۆزىنى يېرىم يۇمۇپ يېتىپتۇ . قولۇمدىكى گۈلنى خەدىچەگە تۇتققۇزۇپ ، چىمەننىڭ كارۋىتىنىڭ بېشىغا ئاستا كېلىپ ، مەڭزىمنى ئۇنىڭ مەڭزىگە ياقتىم – يۇ ، ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلىۋەتتىم . ئۇنىڭمۇ كۆز ياشلىرى توختاۋسىز ئېقىۋاتاتتى . ئۇنىڭ ئورۇقلاپ قوشۇقتەك بولۇپ قالغان يۈزلىرىنى سىلىدىم ، پىشانىسىگە چۈشۈپ قالغان بۈدۈر چاچلىرىنى قولۇم بىلەن تارىدىم . كۆزلىرىمدىكى ياشلار ئۇنىڭ يۈزلىرىگە تامچىلاۋاتاتتى . يىغلىماسلىققا شۇنداق تىرىشقان بولساممۇ ، بەرداشلىق بېرەلمىدىم ، ئاخىر ، چىمەننىڭ يۈزلىرىگە يۈزۈمنى يېقىپ تۇرۇپ :
— دەردلىرىڭنى تارتىشىپ بېرەلمىدىمغۇ دوستۇم ، يىقىلغاندا يۆلەلمىدىمغۇ دوستۇم ، بىز شۇنداق شور پىشانىمۇ دوستۇم ! … دىگىنىمچە ئىسەدەپ يىغلىغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى سەل بېسىۋالالىدىم .
— چىمەنلەر قاقاسلىققا ئايلاندى ، دوستۇم ، يۈرەك پارەم تۇپراققا ئايلاندى دوستۇم ، مەن بالىسىغا قارىيالمىغان ئەسكى ئانا ، كۆز ئالدىمدىلا بالامنى ماشىنا بېسىۋەتتى … ! يۈرەكلىرىم تۈگىدى … چىدىمىدىم ، يۈرەكلىرىم لەختە بولۇپ كەتتى … ئۇنىڭ ئاۋازلىرى پۈتۈپ كەتكەن بولۇپ ، ناھايىتى زەئىپ ئىدى . يىغىدىن كېيىن كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ بىر پەس ئارام ئالغاندىن كېيىن كۆزلىرىنى لەپپىدە ئېچىپ ماڭا قارىدى . مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىيالمىدىم . قارىساملا يەنە ياش تۆكەتتىم . ئۇنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەن قوللىرىنى ئالقانلىرىمغا ئېلىپ سىلىدىم . ئۇ بېشىنى ئاستا خەدىچە تەرەپكە بۇرىدى ھەم بوش ئاۋازدا :
— خەدىچە ، سەن سائادەت ئايلام بىلەن بالىنى ئاشخانىغا ئەپچىقىپ قويۇپ كىرە … تېزراق كىرگىن — دىدى .
مەن شۇندىلا ئۇنىڭ قىزىغا قارىدىم . بۈدۈر چاچ ، يۇمۇلاق يۈز ، ئاق سۈزۈك بوتا كۆز كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان … يائاللا چىمەننىڭ تېرىسىنى چاپلااپ قويغاندەكلا تاتلىق بىر قىز … يۈزلىرى شالتاق ، كىيىملىرى كىرلىشىپ قالغان قىزچاقنىڭ ، ھەممە يېرىدىن مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇراتتى . قىزچاققا قاراپ يۈرۈگۈم ۋىژژىدە ئېچىشتى . ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ مەڭزىگە يېنىڭ سۆيدۈم .
— جېنىم قىزىم ، ئاپىڭىز بىلەن بولۇپ كېتىپ ، سىزگە قارىماپتىمەن — دىدىم يىغلاپ .
— ئەكەل بالىنى ، سەن چىمەن بىلەن بىردەم مۇڭدىشىپ تۇرغىن ، مەن بۇلارنى ئاشخانىغا ئەپچىقىپ قويۇپلا كىرەي ، — دىدى خەدىچە دىلنىگارنى قولۇمدىن ئېلىپ .
— چولپان ، مېنى يۆلىگىنە ، بىردەم ئولتۇرۇپ سەن بىلەن مۇڭدىشاي ، — دىدى چىمەن ماڭا ئورۇق قوللىرىنى سوزۇپ ، مەن ئۇنى يۆلىمەكچى بولۇپ ، قولتۇقىدىن قۇچاقلاپ كۆتۈردۈم ، توۋا ، ئۇ پاختىدەك يەڭگىل ئىدى . ئۇنىڭ ئارقىسىغا مامۇق ياستۇقنى يۆلەپ قويدۇم .
— چولپان ، سەن بالىلىق بولمىغىنىڭ بىلەن ، بالىغا ئامراققۇ ؟ ئۇ تۇيۇقسىز شۇنداق سوراپ قالدى ھەم مېنىڭ كۆزۈمگە ئاجايىپ بىر تەڭقىسلىق بىلەن قارىدى . شۇ دەمدە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يەنە بىر خىل ئۈمىد ۋە ئۆتۈنۈش جىلۋىلەندى .
— شۇنداق ، بەلكىم مەن بالىغا بەك ئامراقلىقىمدىن بالىلىق بولالمايۋاتامدىمەنكى … خۇددى << ئاشىق بولماڭ جۇدا بولارسىز ، ئۆچلۈك قىلماڭ گىرىپتار بولارسىز >> دىگەندەك ، مەن بالىغا ئامراقلىقىمدىن كىچىكىمدىن مەھەللىمىزدىكى قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنى قولۇمدىن چۈشۈرمەي بېقىپ بېرەتتىم . نىمە ئۈچۈنكى مەن نىمىگە ئامراق بولسام شۇ نەرسىلىرىمدىن مەھرۇم بولۇپ ، نىمىگە ئۆچ بولسام شۇ نەرسىلەر ماڭا ماڭدامدا پۇتلىشىپ قوغلىشىپلا يۈرىيدىغۇ … تۇنجى بالام بولسىمۇ ، ھازىر تۆت ياشقا كىرەتتى ، — دىدىم ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىگە قاراپ .
ئۇ يەنە بىردەم جىمىپ كەتتى .
— چىمەن ھەجەپ بۇنداق سۇئال سوراپ قالدىڭغۇ ؟ — دىدىم ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزىنى دىيەلمەيۋاتقانلىقىنى سېزىپ ، ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۈزۈپ – ئۈزۈپ تۇرۇپ :
— چولپان ، مەن ساقىيالمايدىغان ئوخشايمەن ! … مېنىڭ يىتىملىكىم قىزىمغا مىراس قالىدىغان بولدى . مېنىڭمۇ بۇ دۇنياغا تارتىشقۇدەك يېرىم قالمىدى . پەقەت ئاشۇ قىزىمغا پەقەت قىيالمايۋاتىمەن . ئەمما ئاللاھدىن كەلسە ئامال يوقكەن ، ماڭا ئەزرائىلدىن ئاللىقاچان خەۋەر كېلىپ بولدى . شۇڭا ، مەن مۇشۇ قىزىمنى ئاۋال ئاللاھقا ، ئاندىن قالسا ساڭا تاپشۇرسام خاتىرجەم بولاتتىم . ئەمما سەن نىمە دەيسەن ، بۇنى بىلمەيمەن — چىمەن قوللىرىمنى چىڭ قىسىپ مېنىڭ كۆزلىرىمگە ئىلتىجا بىلەن قارىدى . مەن ئۆزۈمنى تۇتالماستىن ئۇنىڭ قۇچىغىغا بېشىمنى قويۇپ يىغلىۋەتتىم .
— ئۇنداق دېمە ئاداش ،ئاللاھتىن كېسىلىڭگە شىپالىق تىلەيلى ئاداش ، مەن سېنى قىزىڭ بىلەن بىللە قوشۇپ ، بىر مەزگىل باقاي ، ياخشى بولۇپ كېتىسەن ، قىزىڭنى ئۆزۈڭ بېقىپ قاتارغا قوشىسەن …
ئۇ جانسىز قوللىرى بىلەن چاچلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ :
— ساڭا خەدىچە دىمىدىمۇ ؟ مېنىڭ ۋاختىم ئاز قالدى ، سەن كۆڭلۈمنى ياسىما ، ئەمدى بۇ رىياللىقنى قوبۇل قىلايلى . ماڭا قارا ، سەن يىغلىماي ماڭا راست گېپىڭنى دىگىن ، مەن قىزىمنى بالدۇرراق بىرسىگە تاپشۇرىۋالمىسام ئۈلگۈرەلمەي كۆزۈم ئوچۇق كېتىدۇ ، — دىدى .
مەن ئۇنىڭ بۇ ئازاپلىق مۇڭلىرىغا نىمە دەرمەن … مەن بەك ئاجىز ئىكەنمەن . ئۆلۈم ئالدىدىكى دوستۇم شۇنداق باتۇرلۇق بىلەن سۆزلەۋاتسا ….
— چولپان ، سەن بۇنداق يىغلىساڭ قانداق بولىدۇ ، غەيرەتلىكرەك بولۇپ چىمەنگە تەسەللى بەرگىن ، — خەدىچەنىڭ يىغا ئارلاش ئاۋازى مېنى يىغىدىن توختاتتى .
— چولپان ، چىمەننىڭ بۇ تەكلىپىگە ئوبدانراق ئويلىنىپ جاۋاپ بەرگىن ، يولدىشىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن قارار چىقارساڭمۇ بولىدۇ ، ئەمما دىلنىگارغا سەنلا ئانا بولالىساڭ چىمەنلا ئەمەس ، بىز ھەمىمىز خاتىرجەم بولاتتۇق ، — دىدى خەدىچە . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىمۇ رەت قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئۆتۈنۈش بار ئىدى .
— ئاداش ، دىلنىگارنىڭ ئىككىنچى تەغدىرى ، خۇشتارنىڭ ھىلى سەن كۆرگەن نەۋرە ئاچىسىغا بېرىش ، ئۇ ئايلىمىزنىڭمۇ ئۈچ قىزى بار دىگىنە ؟ — چىمەننىڭ بۇ سۆزلەرنى دىگەن ئاھاڭىدىن قىزىنى ئۇ ھەدىسىگە قالدۇرغۇسى يوقلىقى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى .

ئەگەر داۋامىغا قىزىقسىڭىز ئاياللار دۇنياسى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: ayal888) غا z3 نى قايتۇرۇپ كۆرۈڭ!
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى