ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىنكى يەتتە يىل ئىچىدە قانداق ئۆزگىرىدۇ؟
-
ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىنكى يەتتە يىل ئىچىدە قانداق ئۆزگىرىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-04-06 ئاۋاتلىقى: 2447 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىنكى يەتتە يىل ئىچىدە قانداق ئۆزگىرىدۇ؟
بىرىنچى يىلى، بىر - بىرىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ، ياريېلىمىدەك چاپلىشىپ كېتىدۇ، باشقا ئەر - خوتۇنلارنىڭ جېدەللىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنداق كۈنلەرنى ئۆزلىرىدىن خېلىلا يىراق ھېس قىلىشىدۇ.
ئىككىنچى يىلى، جېدەل باشلىنىدۇ. جېدەل جەريانىدا ئايال ئېرىنىڭ قىممەت باھالىق ئائىلە سايمانلىرىنى چېقىۋەتكىنىنى كۆرۈپ، بىرەر سائەت يىغلاپ ئولتۇرىدۇ، كېيىن بوغچىسىنى كۆتۈرۈپ ئانىسىنىڭكىگە يامانلاپ ماڭىدۇ. كۆڭلىدە ئاجرىشىشنى ئويلايدۇ، ئۆزى بىلەن سوقۇشىدىغان ئۇنداق ئەربىلەن مەڭگۈ بىللە ياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەركىشى ئىشتىن چۈشۈپلا خوتۇنىنى ئالغىلى بارىدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتالىقىنى تونۇپ، خوتۇنىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
ئۈچىنچى يىلى ، خوتۇنى ئېرى بىلەن جېدەللىشىش جەريانىدا ئاچچىقىدا ئەرزان باھالىق بىر نەچچە ئىستاكاننى چېقىپ قويسىمۇ، يېرىم سائەت يىغلاپ ئولتۇرىدۇ، ئارقىدىن دوستلىرىنىڭ ياكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئېرى تېلېفۇن بېرىپ ياخشى گەپ قىلغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ. خوتۇنى قايتىپ كېلىپ ھۇجرىغا بېكىنۋېلىپ، ئېرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قىلماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بېرىشىنى ساقلايدۇ.
تۆتىنچى يىلى، بىر مەيدان جېدەل ماجرادىن كېيىن خوتۇنى ئۆينىڭ ئالدىدىكى خالىي جايدا ئولتۇرۇپ يىغلاپ ئىچىنى بوشىتىۋېلىپ قايتىپ كىرىدۇ، بۇ چاغدا ئېرى خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ. خوتۇنى يەنىلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيلەرنى يىغىشتۇرىدۇ، تاماق پىشقاندىن كېيىن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرسىمۇ خۇددى ناتۇنۇش كىشلەردەك قاپاق تۈرۈشۈپ، گەپ - سۆزسىز تاماق يېشىدۇ.
بەشىنچى يىلى، سوقۇشۇپ قالغاندا، خوتۇنى 10 مىنۇت يىغلىۋالغاندىن كېيىن ھۇجرىسغا كىرىپ بىلىنىۋالىدۇ. ھۇجرىسىدا تاماقمۇ ئېتىلمەيدۇ. ئەر بالكوندا تۇرۇپ خىيال سۈرىدۇ. خوتۇنى ئاخىرچىقىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تاماقنى ئېتىپ يەپ بولغاندىن كېيىن بالدۇرلا ئۇخلىۋالىدۇ. ئەر سىرتلاردا تاماق يەپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خوتۇنىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن گەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭغا قائىدە سۆزلەيدۇ، كەسكىن ھالدا: مەندە خاتالىق يوق دەپ ۋارقىرايدۇ.
ئالتىنچى يىلى، ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئۆزئارا بىرنەرىسىلەرنى ئېتىشمايدۇ. خوتۇنى پەقەت بەش مىنۇتلا يىغلىۋالغاندىن كېيىن مېھمانخانىدا دومسىيىپ ئولتۇرىدۇ. ئېرى دوستلىرىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ. خوتۇنى ئېرىگە تېلېفون بېرىپ، قايتىپ كېلىش توغرىسىدا ئۆتۈنىدۇ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېرى ياخشى كۆرىدىغان تاماقنى ئېتىپ، ئۇنىڭغا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تۈزىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تۈزىتىدىغانلىقىنى. ئېيتىدۇ ھەمدە كەچۈرۈم سورايدۇ. ئېرى بولسا لام - جىم دېمەي ئولتۇرۇۋالىدۇ.
يەتتىنچى يىلى، ئۇرۇشۇپ قالغاندا خوتۇنى يىغلاپ ئولتۇرمايدۇ، چۈشتىن كېيىن خاتالىقىنى تونۇپ، ئېرى بىلەن ئەپلىشىپ قالىدۇ. ئېرى خوتۇنىنىڭ خاتالىقلىرىنى بىر-بىرلەپ ساناپ، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇنداق خاتالاشسا، ھەرگىز كەچۈرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. خوتۇنى سۈكۈت قىلىپ، قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دىققەت! ئەرئاياللارنىڭ ئاسانلا سىرتقا قاراپ قېلى
2016-01-29 18:14:384058قانداق ئەرلەر ئاياللارغا ئەڭ بەك كۆيۈنىدۇ؟
2015-12-06 23:29:241700ئايالىڭىزنىڭ (قىزلارنىڭ) بۇ يىرىدە مېڭى بولسا...
2016-01-04 11:42:255517ئاياللارغا ماس كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى
2015-08-18 12:21:202228[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 13:21:4210601ئاياللار ساغلاملىق گۆھىرى فىرانسىيە خانزادىلەر گ
2015-12-10 13:40:452284نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى يىلتىز، كۆكسى
2015-12-11 20:13:413651ھامىلدار بولالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كىچىك قى
2016-01-05 17:05:581864
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-