بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ھامىلدار بولالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كىچىك قىزلاردىن باشلاش
-
ھامىلدار بولالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كىچىك قىزلاردىن باشلاش
ۋاقتى: 2016-07-08 ئاۋاتلىقى: 1835 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھامىلدار بولالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كىچىك قىزلاردىن باشلاش
ھامىلدار بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، كۆپىنچىسى كېيىنكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ.
تۈرۈلۈك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق مەنبە ياشلىق مەزگىلى بولىدۇ. شۇڭا ھامىلدار بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كىچىك قىزلاردىن تارتىپ چىڭ تۇتۇش كېرەك.
قىزلاردىكى تۇنجى ھەيز:
ئادەتتە قىزلارنىڭ 14 ياش ئەتراپىدا ھەيز كېلىش بىر خىل نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ، ئۇ كۆپىيىش سېستىمىسىنىڭ تەدرىجى يېتىلىپ پىشقانلىقىنىڭ سىمۋولى. ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق فىزىئولوگىيىلىك بىلمى كەمچىل قىزلار بۇنىڭدىن خىجىل بولىدۇ ھەم بۇنى ئۆزىگە ئىدىيىۋى يۈك قىلىۋېلىپ، ھەرقېتىم ھەيز مەزگىلىدە ئەندىشە قىلىپ، ھەتتا تاماق گېلىدىن ئۆتمەي ئۇخلىيالمايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت شۇنداق بولىۋەرسە قان ئۇيىۋېلىش كېلىپ چىقىدۇ. قان ئۇيىۋېلىش ھۈجەيرە سېستىمىسىنى زەخمىلەندۈرىدۇ. ھۈجەيرە سېستىمىسى زەخمىلەنسە، تويدىن كېيىن ھامىلدار بولمايدۇ. شۇڭا كىچىك قىزلاردا تۇنجى ھەيز كەلگەندىن باشلاپ، بۇ جەھەتتىكى فىزىئولوگىيىلىك بىلىملەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا كۆڭۈلدىكى ئەندىشە تۈگەپ تويدىن كېيىن ئاسانلا ھامىلدار بولىدۇ.
ھەيز مەزگىلىدىكى تازلىققا دىققەت قىلىش:
ھەيز مەزگىلىدە تازلىققا دىققەت قىلمىسا، ئاسانلا تۈرلۈك ئاياللار كېسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: ھەيز نورمالسىزلىشىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، جىنسى يول ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، قوشۇمچە ئەزا ياللۇغى قاتارلىق بۇ كېسەللەر تويدىن كېيىن ھامىلدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداقتا ھەيز مەزگىلىدە تازلىققا قانداق دىققەت قىلىش كېرەك؟;
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، روھىي كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، بەك چارچاپ كەتمەسلىك، ئىسسىق تاماقلارنى يېيىش، سوغۇق تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇش، يېتىپ-قوپۇشى تەرتىپلىك بولۇش، نەم يەردە ئولتۇرماسلىق، بەدىنىنى ئىسسىق تۇتۇش، ئۇنىڭدىن باشقا ھەيز كۇسىرىنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، قەغەزنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك
ھەيز نورمالسىزلىشىشنى بالدۇر داۋالاش:
ھەيز نورمالسىزلىشىش-ھەيز مەزگىلىدىكى ھەيز توسۇلۇش، ھەيز مىقتارىدا ئۆزگىرىش بولۇش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش،ھەيز توختىماسلىق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلدار بولمىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇخىل ھادىسىلەر بار. شۇڭا ھەيز نورمالسىزلىشىش ھامىلدار بولماسلىقنىڭ سېگنالى بولۇشى مۇمكىن. كىچىك قىزلاردىكى ھەيز نورمالسىزلىشىش ھامىلدار بولماسلىقنىڭ سېگنالى بولۇشى مۇمكىن. كىچىك قىزلاردىكى ھەيز نورمالسىزلىشىشنىڭ سەۋەبى بىر قەدەر ئاددى بولۇپ، داۋالاش ئاسان، شۇڭا قىزلاردا ھەيز نورمالسىزلىشىش كۆرۈلسە، بالدۇر داۋالاپ بىرلا قېتىمدا داۋالاپ ساقايتىش كېرەك. ئادەتتە جۇڭيى تىبابىتى بىلەن داۋالىسا، ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.
ھەيز كېچىكىپ كەلسە، كېچىكىپ توي قىلىش:
بەزى كىچىك قىزلاردا تۇنجى ھەيز كېلىش ۋاقتى كېچىكىپ، 18-20 ياشقا بارغاندا ئاندىن ھەيز كېلىدۇ ھەمدە مىقتارى ئاز، رەڭگى سۇس بولىدۇ. بۇ كۆپىيىش ئەزاسى سېستىمسى ئىقتىدارىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، تويدىن كېيىن ھامىلدار بولالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا ھەيز كېچىكىپ كەلگەن، يېتىلىشى بىر قەدەر كېچىككەن قىزلار چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق دورا بىلەن بەدىنىنى تەڭشەش كېرەك.
تېلىفۇن:6598750-0991
ئالاقىلىشىش ئۈندىدارى:parixta05
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بەخىتلىك نىكاھنىڭ بەش ئاساسى
2015-12-29 16:53:071795ئېسىل كۆز گىرىمى قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ
2016-02-02 16:52:207612ئوغۇللار قىز دوستلىرىنىڭ قايسى ئىشلىرىنى ئەڭ ياق
2016-01-04 17:23:012289[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 13:21:4210448جىنسىي ئالاقىدە ئاياللارنىڭ ئىڭرىشى بۇزۇقلىقىدىن
2016-01-25 16:27:339590ئاياللارغا ماس كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى
2015-08-18 12:21:202191ئاياللار ئۆلۈپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ مۇشۇ ئىشلار
2015-12-15 17:10:375227ئەرلەر نىمىشقا ئاشنىسى بىلەن توي قىلمايدۇ؟
2015-11-22 01:57:302417
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-