بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بەخىتلىك نىكاھنىڭ بەش ئاساسى
-
بەخىتلىك نىكاھنىڭ بەش ئاساسى
ۋاقتى: 2016-10-06 ئاۋاتلىقى: 2010 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بەخىتلىك نىكاھنىڭ بەش ئاساسى
دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مۇھەببەت ۋە نىكاھقا بېرىلىدىغان ئېنىقلىمىمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مەلۇم تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، يېڭىدىن يەكۈنلەنگەن تۆۋەندىكى بەش مىزان بەخىتلىك ئائىلە ۋە نىكاھنى قوغداشنىڭ قالقىنى بولالايدۇ.
قۇسۇر ئىزدەش
گەرچە ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىدىن قۇسۇر ئىزدىشى قارشى تەرەپكە بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قۇسۇر ئىزدىگۈچىلەر ئاسانلا يات جىنىسلىقلارنىڭ دېققىتىنى تارتىدىكەن. شۇڭا مۇۋاپىق يوسۇندا ئۆز-ئارا نازارەت قىلىش نىكاھنى پۇختىلايدىكەن.
رىقابەتكە تولغان مۇھەببەت
كۆپىنچە كىشلەر ياخشى كۆرۈش مۇھەببەتنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتىكى ئۆز-ئارا ماسلىشىش ھەقىقىي بەخىتنىڭ ئۇلىدۇر. ئەر-خوتۇنلارنىڭ تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ماسلىشىپ ھەل قىلىشى مۇھەببەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىكەن.
ماختاش بىلەن سوغۇق سۇ سىپىش
جورىسى يەتكۈزگەن خۇش-خەۋەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ناھايىتى مۇھىم. بۇنداق ۋاقىتتا ئانچە-مۇنچە يۇمۇرسىتىك سۆزلەر بىلەن سوغۇق سۇ سېپىپ تۇرۇش ئەر-خوتۇننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
بىر مىنۇتتا ۋەزىيەتنى ئوڭشاش
تېز تۇرمۇش رېتىمى ۋە خىزمەت بېسىمىدىن چارچىغان، مۇڭدىشىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئەر-خوتۇنلار بىر مىنۇتتا كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدىكەن. مەسىلەن، يۇمۇر ئېيتىش قاتارلىقلار.
نىكاھنى «قەرەللىك تەكشۈرۈش»
ھەر يىلدا ئەر-خوتۇنلار ئۆز-ئۆزىدىن «ئۇ ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقنى ماڭا ئېيتىپ بەردىمۇ؟ مەن ئۇنى قوللىدىممۇ؟ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىدىممۇ؟» دېگەن سوئالنى سوراپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن. ئەگەر بۇ سوئاللارنىڭ بىرەرسىگە «ياق» دەپ جاۋاب بەرسىڭىز نىكاھىڭىزغا دېققەت قىلىشىڭىز كېرەك ئىكەن.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ يەڭگىشنىڭ ئانا بىلەن بالىغا
2016-01-07 01:55:564100[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 14:36:333355ئاياللارنىڭ يولدىن چىققانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
2015-12-04 13:15:023906ئېرىڭىز ئەتراپىدىكى ئايال
2015-12-21 17:05:562165ساددا قىزلىرمىز يولدىن چىقمىسۇن، يىگىتلىرمىز ئال
2016-02-02 14:29:564295بەدەن يۇيۇش سۇپۇنى ۋە بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ پ
2015-11-27 23:27:582909يىگىتلەرنىڭ سىز بىلەن توي قىلغۇسى بار-يوقلۇقىنى
2015-11-22 16:17:563771قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 6-سان
2016-03-19 20:25:375916
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-