ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنىڭ 10 چوڭ سىرى

ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنىڭ 10 چوڭ سىرى

ۋاقتى: 2016-03-03 ئاۋاتلىقى: 6580 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇنى كۆپرەك ھۆرمەت قىلىڭقەدىمدىن ھازىرغىچە، ئەنئەنىۋى ئائىلىلەردە ئەرلەر ھامان سىرتنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ، ئاياللار ئائىلىدىكى ئىشلارغا، پەرزەنت تەربىيەلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ كەلگەن، بىر ئەر بىر ئائىلىدە ھامان تۈۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەيدۇ، بۇ ئورۇننى ئاياللار ئېلىپ بولالمايدۇ. شۇڭا ئاياللارنىڭ ئائىلىدە ئەرلەر بىلەن «ھوقۇق كۈرۈشى» ئېلىپ بارمىغىنى ياخشى. ئائىلىدە، پەرزەنت ۋە چوڭلار، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلەر ئالدىدا يولدىشىڭىزنى كۆپرەك ھۆرمەت قىلسىڭىز، ئۇنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ئىناۋىتى ئاشىدۇ، شۇنداقلا يولدىشىڭىزمۇ ئۆزىنىڭ بىر «ئەركەك» ئىكەنلىكىنى بارغانچە ھېس قىلىپ يېتىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئەرلىرىنى كۆپرەك ھۆرمەت قىلىشى كېرەك

2. ئۇنىڭغا ئىشىنىڭ.

نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كەسپى بولىدۇ، ھېچ بولمىغاندا بىر ئەر ئۇششاق تىجارەت قىلىپ بولسىمۇ، ئائىلىسىنى باقىدۇ. ئائىلىسى ئۈچۈن، ئۇلار سىرتلاردا خىزمەت قىلىشى، ئۇيان-بۇيان چېپىپ يۈرۈشى، ئوخشاشمىغان جىنستىكى، ئوخشاشمىغان ياشتىكى، سالاھىيىتى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئايالى بولۇش سۈپىتىڭىزبىلەن يولدىشىڭىزغا ئىشىنىڭ، يولدىشىڭىزنىڭ قايسى چوكان، قايسى قىزچاقلار بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىپ كەتكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ دائىم ئۆيدە تۇرمىغانلىقىدىن غەممۇ قىلماڭ. ئۇ ئالدىراشلىقىنى ئېيتسا، ئۇنىڭ راستلا ئالدىراشلىقىغا ئىشىنىڭ، ھەرگىزمۇ ئۇنى يالغان گەپ قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەڭ. سىز ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغاندا، قارشى تەرەپتىن ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئاۋازى كېلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك، ھازىرقى جەمئىيەتتە، بۇمۇ نورمال ئىش، ھەرگىزمۇ ئۇنىبىرەر ئايال بىلەن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا ئىكەن دەپ كېسىپ ئېيتالمايسىز. «گۇمان ئىماننى قاچۇرار» دىگەندەك، يولدىشىڭىزغا قەتئىي ئىشىنىڭ، سىز ھامان ئۇنىڭ مەڭگۈ سۆيىدىغان ئايالى.

3. ئۇنىڭغا كەڭ قورساق بولۇڭ.

سىزنى كەڭ قورساق بولۇڭ دېيىشتىكى سەۋەب، ئۇنىڭ كەمچىلىكى ۋە خاتالىقى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ كەڭ قورساق بولۇش دېيىش ئاسان، قىلماق تەس ئىش. چۈنكى كەڭ قورساق بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئېغىر-بېسىق ۋە ئاقىلانە بولۇش كېرەك. ئاياللار ھېسسىياتچان، يەنە كېلىپ كۆزى كىچىكرەك بولغاچقا، ئازراقلا ئىش بولسا ئۆزىنى كونترول قىلالماي چېچىلىپ، خاپا بولۇپ كېتىدۇ. ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز ئايال، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى،زور ئازابلارغا دۇچار بولغۇچى دەپ قارايدۇ. ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىدىم، دەپ قارىغاچقا، ئادىللىقنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ، ھەتتا ئەشەددىيلىشىپ جىدەل تېرىيدۇ. بۇنداق قىلىش پەقەت ئەرلەرنى بارسا كەلمەس يولغا باشلايدۇ. يولدىشىڭىز ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلمىگۈدەك ئىش قىلغان ھالەتتىمۇ، چوقۇم ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى دەڭسەپ، ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدا بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىڭىز كېرەك. ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن كەڭ قورساق بولۇپ، يولدىشىڭىزنى كۆپرەڭ ئەپۇ قىلىڭ، سىزدىكى كەڭ قورساقلىق ئۇنى پۇشايمان قىلغۇزۇپ، سىزگە نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.

4. ئۇنىڭغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ

يولدىشىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ دېگەنلىك، ئۇنىڭ قورسىقىنى ئاچ قويماي، ياقىسىنى كىر قىلماسلىق بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى، ئىچكى دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. يولدىشىڭىزنىڭ زادى نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىڭ، زادى نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىڭ. رايىغا بېقىش پەقەت ھەرۋاقىت ئۇنىڭغا يول قويۇشلا ئەمەس، بەلكى يولدىشىڭىزنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش دېگەنلىك. ئەگەر بىر ئايال ھاياتىدا يولدىشىنى چۈشەنمەيلا ئۆتۈپ كەتسە، ھەقىقەتەن بىر بىچارە ئايالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر بىر ئايال يولدىشىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنسە، يولدىشى ئارزۇ قىلغان ئىشنى قىلسا، يولدىشى ئېھتىياجلىق نەرسىنى بېرەلىسە، ئەرلەر كۆڭلىنى سىرتتىن خوش قىلىپ يۈرمەيدۇ. چۈنكى ئادەملەر ئارىسىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى، قەلبنى چۈشىنىش، ئەر-ئاياللار ئارىسىدا تېخىمۇ شۇنداق. قەلبلەرنى چۈشىنىش ئىككەيلەن ئارىسىدىكى يۈزەكى چۈشىنىش بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئايالنىڭ يولدىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىشىدۇر. بۇ ئاياللارنىڭ ئەقىللىق، كۆزىتىشكە ماھىر، ئىنچىكە، مۇۋاپىق پەيتتە ئاقىلانە قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

5. ئۇنى كۆپرەك چۈشىنىڭ

ئەرلەرنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قىيىنچىلىقى ۋە ئازابى بولىدۇ، بولۇپ ئەرلەر ئائىلىدە پەۋقۇلئاددە «ۋەزىپە» نى ئۈستىگە ئالغاچقا، مەسئۇلىيىتى ئاياللارنىڭكىدىن ئېغىر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئايالى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ يولدىشىنى چۈشىنىشنى ئۆگىنىڭ. بىر ئايال بىر ئەرگە ياتلىق بولغاندا، شۇنى يادىدا چىڭ تۇتۇشى كېرەككى، ياتلىق بولغىنى پەقەت شۇ ئەرلا ئەمەس، شۇ ئەرنىڭ بارلىق ئارقا كۆرۈنۈشى. يولدىشىنى چۈشىنىش، يولدىشىغاھايات مۇساپىسىدىكى بارلىق توسالغۇلارنى يېڭىپ، يۇقىرى ئۆرلىشى ئۈچۈن شوتا بەرگەنلىك؛ يولدىشىنى چۈشىنىش، ئۇنىڭغا بوران-چاپقۇن، يامغۇر-يېشىنلاردىن دالدىلىنىدىغان كۈنلۈك بەرگەنلىك؛ يولدىشىنى چۈشىنىش، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغانلىق، شۇڭا ئۇنى كۆپرەك چۈشىنىشكە تىرىشىپ، ئۇنى كۆپرەك قوللاڭ.

6. ئۇنى كۆپرەك ئاسراڭ

ئەمەلىيەتتە ئەرلەرمۇ ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، ھەرخىل ئارزۇسى، كۆڭۈل سىرلىرى بولىدۇ، ھېسسىياتچان كېلىدۇ. ئاياللار ئەرلىرىنىڭ قەيسەر تەرەپلىرىنى كۆرۈپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئاسرىشى كېرەك. يولدىشى سىرتلاردا قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، پەقەت ئائىلىلا ئۇنىڭغا تەسەللىي بولالايدۇ، ئايالى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى مەسخىرە قىلماڭ، چۈنكى بۇنداق ۋاقىتتا ئۇ سىزنىڭ تەسەللىي بېرىشىڭىزگە ۋە ئىلھاملاندۇرىشىڭىزغا ئېھتىياجلىق. يولدىشىڭىزنىڭ كۆڭلى يېرىم ۋاقىتلاردا، قىزغىنلىقىڭىز بىلەن ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم قىلىڭ؛ مېھرىبانلىقىڭىز بىلەن كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىڭ؛ قايناق ھېسسىياتىڭىز بىلەن ئىشەنچ ئاتا قىلىڭ. ئەرلەرنىڭ ياشلىق باھارى ئاياللار بىلەن ئۇرغۇيدۇ، ئاياللار ئەرلەرگە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلمىسا، ئەرلەرمۇ گۈللەپ-ياشنىيالمايدۇ.

7. ئۇنىڭغا كۆپرەك ياردەم بېرىڭ

بۇ ياردەم ئۇنىڭ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشىغا ياردەم بېرىش كۆزدە تۇتۇلغان ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ئەندىشىسىنى ھەل قىلىشىڭىز كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىشىغا، پەرزەنتلىرى ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىشىغا ياردەم قىلىڭ.ئائىلىدىكى غەمدىن خالىي ھالدا، پۈتۈن زېھنى بىلەن كەسىپكە ئاتلىنىشىغا يار-يۆلەك بولۇپ، مانا بىر ئايالنىڭ يولدىشىغا قىلىدىغان ھەقىقىي ياردىمى. جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولۇش، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلىش، بېسىمىنى يەڭگىللىتىش، مۇۋەپىقىيەت قازانغاندا، مەغرۇرلىنىپ كېتىشىنى توسۇش، ھالقىلىق پەيتلەردە مەيدىنى كېرىپ مەيدانغا چۈشۈش، ئۇنىڭغا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىش، بىر ئايالنىڭ ۋەزىپىسى. كەسىپتىكى مۇۋەپىقىيەت بىر ئەرنىڭ ھەقىقىي مۇۋەپىقىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ مۇۋەپىقىيىتى ئايالىنىڭ قوللىشى ۋە شەخسىيەتسىزلىك بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

8. ئۇنىڭغا كۆپرەك بوشلۇق ئاتا قىلىڭ

ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنياسى، قىزىقىش، ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بولىدۇ، بىر ئايال ئۆزى ئۈچۈن يولدىشىنىڭ ئەسلىنى يوقىتىپ، ئۆزگىرىشىنى تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرىنى يوق قىلماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭغا ئەركىن بوشلۇق، ئازادە پەرۋاز قىلىدىغان بوشلۇق ئاتا قىلىشى كېرەك. سىرتقى دۇنيا ھەر قانچە رەڭدار بولسىمۇ، يەنىلا بىر كىچىك ئۆتەڭ خالاس، ھەرقانداق بىر ئەر ھېرىپ-چارچىغاندا، ئائىلىسىگە قايتىشنى تاللايدۇ. ئائىلىنى ياخشى ساقلاش، يولدىشىنىڭ ھايات يولىغا چىراغ ياققانلىق، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىشىكنى كەڭ ئاچقانلىق. بۇ چىراغ بىلەن ئاياللار يولدىشىغا يول باشلايدۇ،شۇندىلا ئەرلەر نىشانىدىن ئازمايدۇ. ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈ ئوچۇق تۇرىدىغان ئىشىك بولغاندا، ئۇنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولىدۇ. لەگلەك ھەرقانچە ئېگىز ئۇچسىمۇ، غەم قىلماڭ، چۈنكى لەگلەكنىڭ يىپى ھامان سىزنىڭ قولىڭىزدا.

9. ئۇنى كۆپرەك ماختاپ بېرىڭ

شۆھرەتپەرەسلىك، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىش ئادەمنىڭ تەبىئىيىتى، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ماختاش ئۇسۇلى بىلەن ئەگىتىپ تۇرۇپ باھا بېرىش، ئۇدۇللا تەنقىدلىگەنگە قارىغاندا كۆپ ئەۋزەل. شۇڭا ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن يولدىشىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆپرەك كۆرۈپ، كەمچىلىككە كەلگەندە، تۆگىدەك ئىشنى تۈگمىدەك قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولۇڭ. «ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى يارار»، يولدىشىڭىز ھەر قېتىم مۇۋەپىقىيەت قازانغاندا، ئۇنى ئەڭ گۈزەل تىللار بىلەن ماختاپ رىغبەتلەندۈرۈڭ. گەرچە ئۇنىڭدا كىچىككىنە ئۆزگىرىش بولسىمۇ، ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ، ئۇنىڭ ماختاشلار ئىچىدە پىشىپ-يېتىلدۈرۈڭ.

10. ئۇنىڭغا قاراپ كۆپرەك كۈلۈمسىرەڭ

سىزنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشىڭىز، ئۇنىڭغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ، كۈلۈمسىرىشىڭىز ئاراڭلاردىكى بارلىق ئاچچىقلارنى يۇيالايدۇ، كۈلۈمسىرىشىڭىز ئۇنى كۆڭۈل ئازادىلىككە باشلايدۇ، كۈلۈمسىرىشڭىز ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. كۈلكىڭىز ئارقىلىق ئۇ مۇھەببىتىڭىزنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ، كۈلكىڭىز ئارقىلىق ئانىلارغا خاس مېھرىبانلىقنى ھېس قىلالايدۇ، شۇڭا كۈلكىڭىز ئارقىلىق بارلىق ئىشلارغا يۈزلىنىڭ

بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى