بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا كۆڭلى بار بولسا بۇنداق قىلىدۇ بىلىۋېلىڭ
-
قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا كۆڭلى بار بولسا بۇنداق قىلىدۇ بىلىۋېلىڭ
ۋاقتى: 2016-08-19 ئاۋاتلىقى: 4026 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا كۆڭلى بار بولسا بۇنداق قىلىدۇ بىلىۋېلىڭ
يىگىت بىلەن قىز ئارلىشىش جەريانىدا، قىزنىڭ ئۆزىگە كۆڭلى بار-يوقلۇقىنى بىلىۋېلىشقا ئالدىرايدۇ. تۆۋەندىكىلەر قىزنىڭ يىگىتكە كۆڭلى بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئۇچۇرلار ھېسابلىنىدۇ.
1. قىز دائىم ھەرخىل باھانە سەۋەبلەر بىلەن يىگىتنى ئىزدەپ تۇرىدۇ.
2. قىز ھەمىشە يىگىتنىڭ ھالىتىگە سەپ سېلىپ يۈرىدۇ، ئۇنىڭ خىزمەت ياكى ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىدۇ.
3. قىز يىگىتنى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە، دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا تونۇشتۇرۇشقا ئالدىرايدۇ.
4. يىگىت نەتىجىگە ئېرىشكەندە قىز، يىگىتتىنمۇ بەكرەك خۇشال بولىدۇ. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بەكرەك خۇشال بولىدۇ. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭدىن بەكرەك قايغۇرىدۇ.
5. يىگىت بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلەردە يىگىتنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى ۋە ئىشلىرىنى ئېنىق ئىسىدە ساقلايدۇ.
6. يىگىتنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، شۇنداقلا يىگىتنىڭ نېمىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى سوراپ تۇرىدۇ.
7. يىگىتنىڭ سىرتقى قىياپىتى ۋە كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشكە قارىتا ئىنتايىن تېز ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
8. قىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن يىگىتكە ئېھتىياجلىق بولغان ۋە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىدۇ. ئەگەر، يىگىت ئۇنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلمىسا ئىنتايىن بىئارام بولىدۇ.
9. قىزنىڭ ھەۋەس قىلىدىغىنى، قىزىقىدىغان نەرسىلىرى تەدرىجىي ھالدا يىگىتنىڭكى بىلەن بىردەكلىشىدۇ، پەرق بولغاندىمۇ چاندۇرمايدۇ.
10. قىز يىگىتتىن خەت تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۆز ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرىدۇ. خەتنىڭ جاۋابىنى ھەرگىز ئىككى، ئۈچ كۈن كەينىگە سۈرمەيدۇ (ئالاھىدە ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا).
ئەگەر قىزدا يۇقىرىقى ئۇچۇر كۆرۈلسە، ئۇنىڭ يىگىتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق بۇ پەقەتلا ياخشى كۆرۈشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: چالىقۇشى سالونىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بىر ئەركەك نىڭ ئاجراشقاندىن كىيىنكى ھەسرىتى
2015-12-10 17:51:212339سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى
2015-10-22 18:32:211728نېمە ئۈچۈن خانزادىلەر گۆھىرىنى ئىشلىتىمىز؟
2015-10-07 12:46:113048كۆك چاينىڭ ئاياللارغا ۋە تېرىگە بولغان شىپالىق ر
2016-01-18 17:14:221743ئاياللار كېسەللىكىنىڭ تېخىمۇ كەسپىي ھەم ئۈنۈملۈك
2015-10-04 23:17:042923ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەردىن مۇھىم ئۇزۇ
2015-08-06 01:45:563800ئەقىللىق ئاياللارنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى ئالتە خىل ئ
2016-01-06 19:25:261508ئەر-ئاياللار ئاسان تالاغا قاراپ قالىدىغان مەزگىل
2015-08-10 00:43:583861
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-