بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
قىزچاق 2.14 كېچىسى سىزنىڭ توي كېچىڭىز ئەمەس! دىققەت قىلىڭ
-
قىزچاق 2.14 كېچىسى سىزنىڭ توي كېچىڭىز ئەمەس! دىققەت قىلىڭ
ۋاقتى: 2016-09-24 ئاۋاتلىقى: 7164 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قىزچاق 2.14 كېچىسى سىزنىڭ توي كېچىڭز ئەمەس! دىققەت قىلىڭ
ئاتالمىش ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى قانداق بايرام؟
بۇ بايرام بۇ كۈن ئۆز ئەرلىكىنى ئۇنتۇپ خوتۇن قىزلىرىغا ئىگە بولماي توغرا چۈشەندۇق دەيدىغان، ئەخلاقنى ئۇنۇتقان ئادىمىي شەيتانلارنىڭ بايرىمى. بۇ كۈندە نۇرغۇن ئەقىلسىز قىزلار ئۆز ئىپپىتىنى بىر تال گۈلگە، شاكىلاتقا، يالغان ۋەدىلەرگە، بىر جوزا تاماققا، باش ئاخىر چىقمايدىغان شېرىن گەپلەرگە تىگىشىدىغان كۈن. بۇ كۈندە نۇرغۇن ئەرلەر ئازغىنا سېسىق پۇلىغا كىچىك ئەقىلسىز قىزلارنى ئازدۇرۇپ دەپسەندە قىلىدۇ. ئەمما شۇنى ئويلىمايدۇكى بۇ ئۆتنە ئالەمدە ئۆز ئاچا-سىڭلىسىنىڭ شۇ كۈنلەردە باشقا نومۇسسىزلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ قايسى ئايرىمخانىلاردا، ياكى مېھمانخانىلاردا ئاياغ ئاستى قىلىنغىنىنى بىلمەيدۇ.
قىزلارنىڭ ئۆيدىكى گۆش باشلارنى ئالداش ئۇسۇلى: بىر دوستۇمنىڭ تويى ئىدى، ئاغرىپ قاپتىكەن، ئۆگىنىش قىلاتتۇق، ياكى سودىمىز بەك ئالدىراش ئىش ئورنىدا قونۇپ ئىشلەيمىز دېگەندەك ئاقماس باھانىلەر. بەزى قىزلار شۇ كۈنى سىرتقا چىقسام بىلىپ قالمىسۇن دەپ بىر كۈن ئىلگىرى ياكى بىر كۈن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇۋالىدۇ. ھەتتا بەزى قىزلار ئاچقان دۇكانلىرى ياكى دوختۇرخانا دېگەندەكلەرنى باھانە قىلىپ يېزا-ناھىيەلەردىن چوڭ شەھەرلەرگە ئىككى كۈن بۇرۇنلا كېلىۋالىدۇ. ئۆزىنى ۋىجدانلىق دېگەن دادا، ئاكا ئىنى دېگەنلەر بۇنداق باھانىلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ، پەقەت دەيۈزلەرلا ئىشىنىپ يول قويىدۇ.
چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بۇنداق توزاقنى باشقىلارغا قۇرۇپ بولغان. شەيتان بۇ كۈندە بەك ئالدىراش ساھىبخان بولىدۇ. بۇ كۈندە ئەخمەق، جاھان كۆرمىگەن قىزلار ئالدىنىدۇ. تويماس ئەقىلسىز پەسلەر نەپسىنى قاندۇرىدۇ. نومۇسىنى ئۇنۇتقانلار يوللاردا گۈل شاكىلاتلارنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. ئەرلىك ھوقۇقىنى ئۇنۇتقان ئىمانسىز ئەرلەر ئاچا-سىڭىل خوتۇن قىزلىرىنى باشقىلارغا ۋاستىلىك سوۋغا قىلىدۇ. ۋىجدانى، ئەخلاقى، ئىمانى بار ئەرلەر چوقۇم شۇ كۈنلەردە ئاياللىرى قىزلىرى قېرىنداشلىرى نەدە بولسا ئۆيدە ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. قىنى كىم قايسى تۈردە 12-، 13-، 14-، 15-چىسلا كۈنلەردە سىرتتا يۈرگەن ئادەملەر نەدە قانداق ئىشتا ھەممىمىز دىققەت قىلىپ قويايلى.
قىزچاق بايرام كېچىسى سىزنىڭ توي كىچىڭىز ئەمەس!تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
مايۈننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تۇرمۇش
2016-01-04 13:05:494357ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى جەلپ قىلىدىغان 12 خىل چارىس
2016-01-26 14:50:375437يىگىتلەر ئاسانلا ۋاز كېچىدىغان قىزلار
2015-12-28 13:56:551825ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
2014-11-07 01:03:1137524ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئۇچلۇق نەم مېڭى دېگە
2015-11-22 01:19:185078تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىكى ئاساسل
2015-10-23 12:29:444045قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 1-سان
2016-03-19 20:22:031842[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 14:13:162868
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-