ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

    خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەر ئايال ئىككىلىسى تالاغا قاراپ قاپتۇ، ئۈچىنچى شەخس كىمدۇ

ئەر ئايال ئىككىلىسى تالاغا قاراپ قاپتۇ، ئۈچىنچى شەخس كىمدۇ

ۋاقتى: 2016-09-04 ئاۋاتلىقى: 3191 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەر ئايال ئىككىلىسى تالاغا قاراپ قاپتۇ، ئۈچىنچى شەخس كىمدۇ

«مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا، لېكىن سىز مېنىڭ مەۋجۇدلىقىمنى ئۇنتىغان ھالدا تېلېفون ئويناۋاتىسىز»--- دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق يىراق ئارىلىق مەۋجۇتمۇ؟
ئاشخانا-تاماقخانىلارغا كىرگەندە سىمسىز تورنىڭ مەخپىي نومۇرىنى سوراپ يۈرمەڭ. دوستىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىڭ، تېلېفوننى ئازراق ئويناڭ. ئاران بىر پۇرسەتتە يىغىلىپ بىر يەرگە كەلگەندە ۋاقتىڭىزنى شۇ ئېتىبارىڭىزنى قىلغان ئەزىزلەرگە چىقىرىڭ.
ئەر-ئاياللار، مۇھەببەتلىشىۋاتقان بىر جۈپلەرنىڭ كۆپىنچىسى"تېلېفون" دىن ئىبارەت ئۈچىنچى شەخس تەرىپىدىن ئايرىلىش باسقۇچىغا بېرىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئويلىنايلى قېرىنداشلار!
ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى، قېرىنداشلار يىغىلىشى، توي-تۆكۈنلەرنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقى زامانلاردىكىدەك قىزىمايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن؟ يەنىلائۆزىمىز ئويلىنايلى!
ئۆيگە قايتقاندا ئاتا-ئانىلىرىمىز بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشايلى.ئەر-ئاياللار ئۆيگە قايتقاندا تېلېفوننى تاشلاپ بىرگە پىكىر ئالماشتۇرايلى. پەرزەنتلىرىمىزگە كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتايلى. ئارىلىقىمىز يىراقلىشىپ كەتمىسۇن.
ئىككى مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ ئاتا-ئانىڭىزغا تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال سورايدىغانغا ۋاقىت يوق. ئەكسىچە خىزمەتتە ياكى ئۆيدە بىر مىنۇت ۋاقىت چىقسىلا تېلېفوننى قولغا ئېلىپ ئەرزىمەس پاراڭلار، ئەرزىمەس دوستلار چەمبىرىكى، ئەرزىمەس ئويۇنلار ئۈستىدە مەشغۇل بولۇپ، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي بىھۇدە ئىسراپ قىلىسىز. ئەجىبا تېلېفون سىزگە باقىۋەندىمۇ؟
بۇنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ، چۈنكى ھازىرقى جەمئىيەتتە كۈندىلىك خىزمەت ۋە باشقا ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق يەنى تېلېفون ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئەمما ھەممە ئىشنىڭ ئۆز يولىدا بولغىنى ياخشى.تېلېفوننى قولىدىن چۈشۈرمەيدىغان كىشىلەرگە قاراپ ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى. بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلىرىمىز تېلېفوننىڭ نېمە نەرسە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەي ئۆتۈپتىكەنغۇ!؟
بۇ بىر خىل قورقۇنچلۇق ئادەت. ئەگەردە مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىمىز ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن تېلېفون ئويناپلا چۈشمىسۇن!!! كەلگۈسى پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولايلى. تېلېفون-ئۇ بىر ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسى خالاس! ئۇنى تۇرمۇشىمىزنىڭ》 ئۈچىنچى شەخس《 ىگەئايلاندۇرىۋالمايلى! ئۇ بىزنى ئاتا-ئانىدىن، پەرزەنت مېھرىدىن ۋە ئەر-ئاياللىرىمىزدىن ئايرىمىسۇن!

بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 18699161170 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئالاقىلىشىش ئۈندىدارى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى