بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللاردىكى سەككىز خىل ساغلام بولمىغان بەدەن بېشارەتلىرى
-
ئاياللاردىكى سەككىز خىل ساغلام بولمىغان بەدەن بېشارەتلىرى
ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 1315 قېتىمبەل ئاغرىش:يانفوندا كۆرۈش
بۇ بەلكىم دوۋساق ياللۇغى ياكى قوشۇمچە ئەزا ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ قان ۋە سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈش، زۆرۈر بولغاندا دوۋساق ئەينىكىدە تەكشۈرتۈش لازىم. بۇ مەزگىلدە سۇنى كۆپرەك ئىچىش، ئاچچىق، تەركىبىدە خۇشپۇراق ماددا بولغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم. كاۋا يىغى ياكى ساندال ياغىچى يىغىدا يۇيۇنۇپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
ئاسان ئاچچىقلىنىش:
ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغىمۇ يىغلىسىڭىز، ئەگەر بۇ ئەھۋال خاراكتېرىڭىز بىلەن ماس كەلمىسە، ئۇنداقتا قالقانسىمان بەزنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ، مەركىزى نېرۋا سىستېمىسى قالقانسىمان بەز ھۇرمۇنىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئەڭ سەزگۈر بولىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى ئاسان ھاياجانلىنىش، تېرىككەك بولۇش، ئاسان يىغلاش، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسى ياخشى بولسىمۇ بىراق كۈندىن – كۈنگە جۈدەيدۇ، ئاياللاردا يەنە ھەيز قالايمىقانلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
بۇ ئۇزاق مۇددەت چارچىغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر دائىم سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولسا، بۆرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.
كەچتە پۇت ئىششىپ قېلىش:
بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك ۋېنا (كۆك قان تومۇر) زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇنداق كىشىلەر خام كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئارتېرىيە دىۋارىنى مۇستەھكەملەيدىغان تالا ماددىلىرى مول.
دائىم قول-پۇتلىرىنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش:
بۇ كالتسىي بىلەن ۋىتامىن D كەملىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق كىشىلەر سۈت مەھسۇلاتلىرى، جىگەر، يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك يېيىشى لازىم.
كۆپ تەرلەش:
بۇ قان تومۇر ۋېگېتاتىپ نېرۋىلىرىنىڭ تېيىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئادەتتىكى تىنچلاندۇرۇش ئوكۇلى مەنپەئەت قىلمىسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.
بەدەن ئېغىرلىقى ئۆزگىرىش، دائىم ئۇسساش:
بۇ ئالامەتلەر دىئابېت (قەنت سىيىش) كېسىلىنىڭ ئالامىتىگە ئازراق ئوخشايدۇ، زۆرۈر بولغاندا قان شېكىرىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك. ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنىلا نورمال بولسا، تاتلىق ۋە مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم.
كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈش:
ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تارقاق چاچ چۈشۈش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ (چاچ باش قىسمىدىن باشلاپ چۈشىدۇ). كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى روھىي بېسىم، ساقايمىغان جاراھەت ياكى توغرا بولمىغان يېمەك – ئىچمەك ئادىتى قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزى كېسەللىك ياكى تۇغما كېسەللىكلەرمۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئابلەت ئابلىز تەرجىمىسى.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئەر بىلەن ئايالنىڭ پەرقى
2016-01-06 18:26:111067كۆك چاينىڭ ئاياللارغا بولغان شىپالىق رولى
2016-01-07 01:48:491990ئىلمىي ئۇسۇلدا كىر يۇيۇش
2016-07-02 19:16:411728خانىم-قىزلار ئۈچۈن 13 خىل مودا شارپا ئوراش ئۇسۇل
2015-12-13 18:21:048903قىزلار نېمىشقا بالدۇر يېتىلىپ قالىدۇ؟
2016-01-26 19:55:433041ئاياللارنىڭ سەتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋە
2015-12-29 17:42:261892نېمىشقا كۆپ يىگىتلەر تۇنجى لايىقى بىلەن توي قىلم
2015-12-10 18:11:332644بىر ئەركەك نىڭ ئاجراشقاندىن كىيىنكى ھەسرىتى
2015-12-10 17:51:212309
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-