بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
نېمىشقا كۆپ يىگىتلەر تۇنجى لايىقى بىلەن توي قىلمايدۇ
-
نېمىشقا كۆپ يىگىتلەر تۇنجى لايىقى بىلەن توي قىلمايدۇ
ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 2653 قېتىميانفوندا كۆرۈش
نىمىشقا كوپ يىگتلەر تۇنجى لايىقى بىلەن توي قىلمايدۇ
تۇرمۇشى قانۇنىيەتلىك بولماسلىق. بەزى يىگىتلەر لايىقلىرىنىڭ قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىمۇ ئورنىدىن تۇرمايدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ خىل يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتكىسىمۇ يوقلۇقىنى، بالىلىق بولغاندىمۇ يەنىلا شۇنداق ئادىتىنى تاشلىيالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا لايىقى بىلەن توي قىلالمايدىغانلىقىنى دىيىشىدۇ. ئاياللار تۇرمۇشتا زىيادە بوشاڭ بولسا، ئەرلەر ئۇلارنى پەرزەنتلىك بولۇشقا ماس كەلمەيدىغان ئاياللار دەپ قارايدۇ، شۇڭا سىز يىگىتىڭىز بىلەن توي قىلىپ مەڭگۈ بىللە ياشاشنى ئويلىسىڭىز بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.
2. تاماق ئەتمەسلىك. كۆپىنچە يىگىت توي قىلغاندىن كېيىن لايىقىنىڭ تۈرلۈك تاماقلارنى ئېتەلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ،ئەمما لايىقى تاماق ئېتىشنىمۇ بىلمىسە، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ، تويدىن كېيىن پەرزەنتلىك بولۇپ،پەرزەنتىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان يىگىت تاماققا ئۇستا قىزلارنى جورىلىققا تاللايدۇ.
3. مال سېتىۋېلىشقا ئامراق بولۇش. مۇئاشنى قانداق خەجلەش قىزلارنىڭ ئەركىنلىكى، بىراق، ئۆزىنىڭ مال سېتىۋېلىش ھەۋىسىنى كونترول قىلالماسلىقى ناچار ئىش. كۆرگەن، ئالغۇسى كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىشقا بولمايدۇ، شۇڭا لاياقەتلىك ئايال بولۇش ئۈچۈن،قىزلار پۇل خەجلىگەندە تېجەشلىكرەك بولۇشى كېرەك.
4. تاماق تاللاش. ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنىلا يېيىش. تاماق تاللايدىغان ئانىنىڭ بالىسىنى تاماق تاللىمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشى ئىنتايىن تەس.
5. گەپ قىلغاندا قوپال سۆز جۈملىلەرنى ئىشلىتىش. بەزى قىزلار دائىم ئەخمەق تازىمۇ سۆرەلمە ئىكەنسەن دېگەندەك قوپال سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئەرلەر كەلگۈسىدە بالىسىنىڭ ئاشۇنداق ناچار گەپلەرنى ئۆگىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. قىزلار سىپايىرەك بولۇشى كېرەك، قوپال گەپ سۆزلەر يىگىتلەرنى ئۇ مەڭگۈ ياخشى ئانا بولالمايدۇ دېگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
6. تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئۆيلىرى دائىم قالايمىقان تۇرۇش. ئەرلەر بالىسىنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئويلىغىنىدا، خوتۇنىنىڭ چوقۇم تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
7. بالىلارغا قاتتىق قول بولۇش، كەپسىز بالىلارنى كۆرسە بىزار بولۇش. ناۋادا قىزلار كىچىك بالىلارغا قوپال مۇئامىلە قىلسا، يىگىتلەر ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بالىسىنى ياخشى تەربىيەلىيەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ،شۇڭا قىزلار يىگىتلەر ئالدىدا كىچىك بالىلارغا سىپايىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەردىن مۇھىم ئۇزۇ
2015-08-06 01:45:563760بىر ئەركەك نىڭ ئاجراشقاندىن كىيىنكى ھەسرىتى
2015-12-10 17:51:212320ئاياللارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش
2016-02-05 19:18:1713972ئەرلەر مەڭگۈ ئەسلەيدىغان ئاياللار مۇنداق بولىدۇ
2016-01-01 15:59:585425زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (9)
2014-11-16 14:25:581498[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 14:36:332933كارىۋاتقا چىقىپ ئاخىرى چىقمىسا ياشلىق، ئاخىرى چى
2016-02-09 18:29:137046ئاياللارمۇ ئەرلىك ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرامدۇ؟
2015-12-06 14:01:041580
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-