ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (9)

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (9)

ۋاقتى: 2016-08-02 ئاۋاتلىقى: 1514 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

(20)
تېلفۇننىڭ جىرىڭلىشى مېنى خيالدىن سۈزىۋالدى .
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
_ۋەلەكسالام ، ئاداش مەن ،
_ مۇشۇ يېشىڭدىمۇ سالامنىمۇ توغرا دىيەلمەمسەن ،ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دېمەمسەن ، مەن تېلفۇندىلا مەرۋانغا كايىدىم .
_ئاداش بىز ئەمدى سەندەك ئەدەبىيات ئوقۇمىغان بولغاندىكىن …ھى …كۈلدى
_ بۇنىڭغا ئەدەبىيات ئوقۇش كەتمەيدۇ … دىت كېتىدۇ
_ بولدى ئاداش ، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي ،قارا بىز نەچچىمىز بىردەم مۇڭدىشايلى دېگەنتۇق .
_ نېمە بوپتىكەنسىلەر ؟بىرەر سەۋەپ بارمۇ يە؟!
_ شۇ روشەن يېقىندا ئۇنۋان ئالماقچىكەنتۇق شۇنىڭ مەسلەھەت چېيى …
_زاۋۇتتا نېمە ئۇنۋانكەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان ؟_دېدىم ھەيران بولۇپ
_زاۋۇتتىن ئەمەس ،سوتتىن ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ ئالماقچىكەن ! قالغان گەپنى كۆرۈشكەندە دېيىشەيلى ئاداش
_ ھە نەگە بارماقچى !
_<ئاتۇش ساماۋەر شورپىخانىسى >نىڭ 5-ئايرىمخانىسىغا ، بىز كەپ بولدۇق !
_ مەن گۈلنىگار نى ئورۇنلاشتۇرالىسام باراي .
_ سەن باش مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلەندىڭ كەلمىسەڭ بولمايدۇ ، بولمىسا قىزىڭنى بىزنىڭ ئۆيگە تاكسىدىلا ئەكىلىۋەت قىزىم بار قاراپ تۇرىدۇ .
_ قېنى قاراپ باقاي ،
مەن تېلفۇننى قويىۋېتىپقانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئويلاپ ئولتۇرغىنىمدا ، ئۇدۇل قوشنام ئىشىكىمنى چېكىپ كىرىپ كەلدى .
_نېمە خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز ؟_دېدى قوشنام .
_قىزلار تېلاۇن قىپتىكەن بىريەردە ئولتۇرايلى دەپ قىزىمنى سىڭلىمغا ئاپىرىپ بېرەي دېسەن كېچىلىك سىمىنىغا چىقىپ كەتتى ، نەگە ئاپىرىشىمنى بىلەلمەي ئولتۇرىشىم ئىدى بارماي دېسەم پەقەت ئۇنىمايۋاتىدۇ ،_دېدىم .
_ مەن ئۆيدە بار تۇرسام ، بىزنىڭ ئۆيدە ئۇخلاپ تۇرسۇن كەلگەندە ئېچىقىپ كەتمەمسىز ؟_دېدى
مەن چوكانلار ئولتۇرغان ئايرىمخانىغا كىرگىنىمدە دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بەش-ئالتە دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى تويغا كەلگەندەك ياسىنىپ لەۋسۇرۇخ سۈرىۋالغان لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈشۈپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشىپتىكەن .مەن ئولتۇرغاندىن كېيىم شورپىغا گۆش ۋە كۆكتاتلارنى سېلىشتى .بىز بىر باشتىن تاماقلانغان پاراڭغا چۈشتۇق .
_توۋا دەيمەن ئاداشلار ،بىز ھاراقكەش قىماۋاز ئەرلىرىمىزنىڭ زۇلىمىغا چىداپ ئۆي تۇتىۋاتساق ،ماۋۇ بېشى ئىششىپ قالغان روشەن ئېرىنى ناماز ئوقۇپ مەسچىتتىن كەلمەيدىغان بولىۋالدى دەپ ئاجرىشىمەن دەيدۇ _دېدى ئايشەم بىزگە نارازىلىك بىلەن شىكايەت قىلىپ .
_ سەنمۇ ئىشلارنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ گۇنانى روشەنگە قويما ئايشەم ، بۇنىڭمۇ ئاساسى بولمىسا بىكاردىن ئاجرىشامدۇ ؟!_دېدى مەرۋان روشەنگە ھېسداشلىق قىلغاندەك قىياپەتتە .
_ بولدى بۇ يەردە روشەن بولغاندىكىن ئۆزى سۆزلىسۇنا ! _دېدى گۈلناز روشەننى ئىڭىكى بىلەن ئىما قىلىپ .
_روشەن گىرىمنى بەك قېنىق قىلىۋالغاچقا ،خۇددى رەڭگى قېنىق بېرىلىپ كەتكەن تېلۋېزور ئېكرانىدىكى سەھنە ئارتىسىنى كۆرۈۋاتقاندەك خىيالدا بولۇپ قالدىم .ئۇ لەۋسۇرۇخلىرى تېشىغا ياراپ كەتكەن لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ھال ئېيتىۋاتاتتى
_ مەنمۇ ياخشى كۆرۈپ تەككەن ئېرىمدىن ،ئاجرىشىپ ئوننەچچە يىلللىق ئائىلەمنى بۇزۇپ 12ياشقا كىرىپ قالغان قىزىمنى ىيىتىم قىلىشنى خالىمايتتىم .ئەمما ، ئۇ بارغانسىرى ماڭا بولغان بېسىمنى بەك ئېغىرلىتىۋەتتى ، ھە دىسە ياغلىق چىگ ،ناماز ئوقى ،پۈتۈن كىيىپ يۈر دېگەن … تېخى نەچچە قېتىم گىرىم بۇيۇملىرىمنىمۇ دېرىزىدىن تاشلىۋەتتى … روشەن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئۆمچەيگەن ئىدى كۆزلىرىدىكى سۈرمە كىرپىكلىرىدىكى لاكلار كۆز ئەتراپىنى قارا قىلىشقا ئۆلگۈردى .
(22)
ئىنسان دېگەن ئەجەپ چىدىماس نەرسىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم روشەننىڭ ئۈمچەيگەن بىچارە ھالىغا قاراپ ، بىر چاغلاردا ئېرىنى تويلاردا ھاراڭ ئىچىۋالسا مېنى تونۇمايدۇ ، باشقا قىز -ئاياللارنى تانسىغا تارتىپ ئويناۋېرىدۇ ،ھەتتا بەزىدە تويدا مېنى تاشلاپ قويۇپ باشقا ئولتۇرۇشلارغا كېتىپ قېلىپ تويدىن ئېرى يوق تۇل خوتۇندەك يالغۇز قايتىمەن ،مەن بىلەن پەقەت كارى يوق ،چوقۇم بىرەر ئاشنىسى بار دەپ ئېرىدىن گۇمانلىنىپ يۈرەتتى ،شۇڭا تاپقان پۇلىنى ئۆزىنى گۈزەل ھەم ياش كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتەتتى .
_باش مەسلىھەتچى خېنىم ئۆزىڭىز بۇ يەردە بولغان بىلەن كۆڭلىڭىز باشقا يەردىمۇ قانداق ؟ چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ كەتتىڭىزغۇ ؟_دېدى مەرۋان مېنى مۈرىسى بىلەن بوش ئىتتىرىپ .
_ بۇ ھەقاچان تۇل خوتۇنلار جەمىيىتىمىزگە يەنە بىر ئەزا قوشۇلىدىغان بولدى ،بۇنى قايسى ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرسام بولار دەپ غەم قىلىۋاتامدىكىن ؟ _دېدى ئايشەم گەپتانلىق قىلىپ ،چوكانلار پارەققىدە كۈلۈشتى .
_راستىنلا غەم قىلىۋاتىمەن دوستەكلە ،روشەن ئەسلى ئېرىنىڭ بۇرۇنقىدەك ھېلىقى ھالەتتىكى ۋاقتىدا ئېرىدىن زىرىككەن بولسا بولاتتى . ئەمدى ئېرى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن توغرا يولنى تېپىپ ، بۇنى ئىككى دۇنيالىق بەختكە ئېرىشتۈرەي دېسە ،بۇ ئېرىدىن ئاجرىشىمەن دەۋاتىدۇ ، بىز راستىنلا ئۆزۈمىزگە ئۆزۈمىز زۇلۇم قىلغۇچىلاركەنمىز جۇمۇ ؟!_دېدىم ئۆز-ۆزۈمگە سۆزلىگەندەك .
_چولپان سەن نېمىنداق بېشىڭغا ئىش كەپ باقمىغاندەك گەپ قىلىسەن ؟ ئېرىم مېنى بەختلىك قىلسا ئاجرىشىدىغان بېشىم ئىششىپ قالمىدى مېنىڭ ،ئۇ ماڭا زۇلۇم قېلىۋاتىدۇ ،زۇلۇم !_روشەن ئېرىنىڭ ئاچچىقىنى مەندىن ئالماقچىدەك زەردە بىلەن سۆزلىدى .
_ئاداش كامىل ئايال _ئائىلىنىڭ زىننىتى ،ئەرنىڭ بەختى ئۇنىڭ پەزىلىتى بىلەن ئائىلىسى بەختكە گۈلزارلىقىغا ئايلىنىدۇ .سەن ئۇنداق نادانلىق قىلماي ، يولدىشىڭنى يەنىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشىپباق ، ئۇ نېمە ئۈچۈن سېنى شۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا زورلاپ زۇلۇم قىلىۋېتىپتۇ ؟ سەن ئېنىق سورىدىڭمۇ ؟_دېدىم روشەنگە
_چۈشەندىم ،بۇ دۇنيا ۋاقىتلىق دۇنيامىش ، ئۆلگەندىن كېيىن مەڭگۈلىك ئۆلمەيدىغان دۇنياغا بارامىش ، مېنىڭ شۇ دۇنيادا دوزاققا كىرىپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ، ماڭا كۆيۈنىپ ، مېنىڭ مۇشۇنداق مەدەنىي كىيىپ ،گىرىم قىلىپ يۈرىشىمنى خالىمايدىكەن ،بۇنداق يۈرسەم ئۇنىڭغىمۇ گۇناھ يېزىلىدىكەن ،ئەمما مەن ياسانماي ،گىرىم قىلماي قانداق ياشايمەن ،مەن ئۆلىدىغان چاغدا سەكراتتا ياتقاندىمۇ گىرىم قىلىۋېلىپ ياتامدىمەنكى دەيمەن ،گۈزەللىكنى سۆيۈشمۇ ئايال كىشى ئۈچۈن ياخشى ئالاھىدىلىكقۇ ؟ ئۇ دوزاققا چۈشۈشتىن بەك قورقىۋاتقان چېغى …؟!روشەن مەسخىرىلىك كۈلدى .
_ئۇنىڭ شۇ گەپلىرىگە سەن نېمە دەپ جاۋاپ بەردىڭ ؟_
_ كۈلۈپ كەتتىم ،ماڭا كۆيەنگىنىڭمۇ ؟ كۈنلەمچىلىكىڭ تۇتۇپ چىرايلىق يۈرىشىمگە چىدىمايۋاتقانسەن ھەقاچان ،قانداق يۈرسەم بۇ ئۆزۈمنىڭ ئەركىنلىكى ،بۇ ئاياللار ئازان زامان ، ئۆتمۈشۈڭ ئەمەس بۇ ئاياللارنى خارلايدىغان دېدىم ،ئەگەر شۇنداق قىلىۋەرسەڭ ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئەرز قىلىمەن دېدىم تازا !
_ ئۇ نېمە دېدى؟
- ئەگەر مېنىڭ دېگەنلىرىمگە كۆنمىسەڭ ،سەن ئويلىشىپ بولغىچەبىر ئاي ۋاقىت بېرەي ئۆي ئايرىپ تۇرايلى دەپ قىزىمنى يېنىمغا ئەكىرىپ قويۇپ ياتاق ئايرىپ چىقىپ كەتتى …
_يەنە كۆنمىسەڭ قانداق قىلىدىكەن ؟_دېدى مەرۋان ئاغزىنى قىيسىق قىلىپ كۈلۈپ .
_بەش كۈن ۋاقىت قالدى شۇڭغىچە يەنە كۆنمىسەم مەن بىلەن ئاجرىشىدىكەن ،چۈنكى مۇسۇلمان مۇشرىك بىلەن ئۆي تۇتسا يەنە دوزاققا كىرىدىغان ئوخشايدۇ ،ھى…ھى… روشەن كۈلىۋالغاندىن كېيىن خۇددى ئەزرائىلدىن خەت كەلگەندەكلا ، ئۇنىڭ ئاغزىدا ،ئۆلۈم .جەننەت .دوزاقتىن باشقا گەپ يوق ،ئىچىمنى سىقىپ …
_ بۇنداق قىلسا مەنمۇ چىدىماسمەن ، دوزاققا كىرەمدۇ جەننەتكە كىرەمدۇ ئۆلگەندە بىر گەپ بولمامدۇ ، ئۇ دۇنيانى كىم كۆرەپتۇ ئاداش ،نېسىدىن تەلىيىمىز يوق مۇشۇ نەقنىڭ غېمىنى يەپ تۇرايلى … ئاداش بولدى ئاجراشساڭ ئاجرىشە مەن قوشۇلدۇم ! مەرۋان قولىدىكى چەينەككە دەملىۋالغان قىزىل ھارىقىنى روشەننىڭ ئىستاكىنىغا قۇيغاچ شۇنداق دېدى .
_ مەن دەيمەن بىز دوزاققا كىرسەكمۇ ئادەتتىكى دوزاققا كىرمەيمىز ،ئەڭ زامانىۋىسىغا كىرەمىزمىكىن دەيمەن ! ئاداش قۇيە ،ھارىقىڭنى ھامان دوزاققا كىرگەندىكىن ئىچىۋالايلى ! دېگىنىچە ئىستاكاندىكى قىزىل سۇيۇقلۇقنى ئاغزىغا ئاپاردى .
_ ھەي ، ئاغزىڭلارغا بېقىپ سۆزلەڭلار جۇمۇ ، ئاغزىڭلاردىن سائەت چىقىپ كەتمىسۇن يەنە !_ئايشەم غەزەپ بىلەن شۇنداق دېدى .
مەن بۇ سورۇنغا كەلگىنىم ئۈچۈن ناھايىتىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا ، ئورنۇمدىن تۇردۇم ،« ئۆلگەن قەلپلەردە ئېتىقاد ۋە ئىمان بولمايدۇ »قايسىبىر كىتاپتىن ئوقۇغان بۇ دانە سۆز خۇددى ئاغرىق توختۇتىش دورىسىدەك ، بۇ سورۇندىكى كىچىكىمدىن بىرگە تال -چىۋىقنى ئات ئېتىپ بىللە ئوينىغان دوستلىرىمگە بولغان رىشتىمنى ئۈزەلمەسلىكتەك ئاجىزلىقىمغا شىپا بېرىپ ، ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ كەتتىم .
_ نەگە ئالدىرايسەن ؟ ئۆيدە ئېرىڭ بولمىسا يە ،قورقىدىغان … -دېدى گۇلناز پېشىمدىن تارتىپ .
_ بۇ ئېرى بار چاغدىمۇ قورقمايتىغۇ ؟-مەرۋان تەڭشىلىپ ئېغىزلىرىدىن شۆلگەيلىرى ئاقىدىغاندەكلا ھىجىيىپ قارىدى .
_ شۇنداق مەن ئىنساندىن قورقۇپ باقمىغانتىم ،ئەمما ياراتقان ئىگەم ئاللاھتىن قورقىۋاتىمەن ،ئەمدى سىلەرنىڭ شالتاقلىرىڭلارنى ئۆزۈمگە چاچراتقىم يوق ، بۇ مېنىڭ سىلەر بىلەن ئولتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى سورۇنۇم بوپ قالسۇن !_دېدىم كېسىملا .
_ۋاي-ۋۇي بىزنىڭ چولپانمۇ مېنىڭ ئېرىمدەكلا گەپ قىلىدىغان بولۇپ قاپتىغۇ ،قاچاندىن بۇيان سەنمۇ ئۆلۈمنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىڭ ئاداش… ماڭا قارا بىز تېخى ئۆلمەيمىز ،ئوينايمىز ،قېرىپ چىشلىرىمىز چۈشۈپ موماي بولغاندا ،ئاپىلىرىمىزدەك ھەرەمگە بېرىپلا گۇناھلىرىمىزنى يۇيىۋالىمىز ،ھا…ھا…ھا… سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بىز جەننەتكە كىرىپ كېتەمدۇق تېخى ،ئاللاغا ئارقا ئىشىك قىلىپ ،ھا…ھا…
_ئاغزىڭنى يۇم ،سەن قاچان ئۆلىدىغىنىڭنى بىلەمتىڭ ؟_دېدىم غەزەپتىن تىترەپ
- شۇنداق مېنىڭ بەك ئۇزۇن ياشىغۇم بار … ئۆلگۈم يوق …!
جىمجىت يۇلتۇزلۇق كېچە ، ئۇدۇلدىكى بىنادىكى ئۆيلەرنىڭ چىرىغى ئۆچكىلى نەۋاق ، قىزىمنى ئۇخلىتىپ قويۇپ بالكونغا چىقىپ ، يۆلەنچۈكلىك ئورۇندۇققا ئۆزۈمنى تاشلاپ ئاسماندىكى جمىرلىشىپ كۆز قىسىشىۋاتقان يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمچە ئۈنسىز ئولتۇردۇم .پەستە دەرەخلەرگە قۇيىلىۋاتقان سۇنىڭ يېقىملىق شىلدىرلىشىدىن باشقا سادا يوق ئىدى .
نېمە ئۈچۈن ؟ قانداق قىلىشىم كېرەك ؟دېگەندەك سۇئاللار ماڭا ئارام بەرمەي ئۇيقۇمنى قاچۇرغان ئىدى .ئەتتىگەندىكى سۇباتتىن كەلگەن خەتنىڭ خوشاللىقى خۇددى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىنكى كەچكى شەپەقتەك بارغانسېرى سۇسلاپ ،كۆڭلۈمدە چوڭقۇر ، چارىسىز قاراڭغۇلۇق پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن . دوستۇم چىمەننىڭ ۋاپاتى ،ئۇنىڭ قىزىغا ئانا بولۇش ،مۇراتتىن ئاجرىشىش بۇ ئىشلارنىڭ ھەاممىسى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە يۈز بېرىپتۇ .بۇ يىلنىڭ گاھ قاراڭغۇ گاھ ئايدىڭ كېچىلىرى بىر-بىرلەپ خىيالىمدىن ئۆتتى .ئاجرىشىش بۇ مېنىڭ قارىشىمدا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كۆڭۈلسىز تۇرمۇشۇمغا خاتىمە بېرىش بولسڭمۇ ئەمما بۇ يەنىلا بىر ھايات سەپىرىمدىكى مەغلۇبىيات ئىدى .شۇڭا بۇ مەغلۇبىيىتىم سەۋەبىدىن، تۇققانلىرىمدىن ياكى جەمىيەتتىكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىدىغان زۇۋاندارلارنىڭ نۇرغۇن ئاچچىق-چۈچىك گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىدىم .دوستۇم چىمەننىڭ قىزىنى بالا قىلىۋېلىشىممۇ باشقىلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ، مەقسىدىمنى بىلگىسى كېلىدىغان قىززىق تېمىغا ئايلاندى . قىزىمنى يېتىلەپ كېتىۋاتسام تەپ تارتماي كىمنىڭ قىزىسىز ؟ئانىڭىز سىزنى نەدىن تېپىۋالدى ؟ مەن بېقىۋالسام بوپتىكەن بۇ ئۇماق قىزنى دەپ يۈرۈكىمگە تىغ ئۇرىدىغان ئىشلار غا يولۇققاندا ،بەزىدە يۈزۈمچىلا < تۇغۇۋالمىغىچە بالا بولماس ،سېتىۋالمىغىچە مال بولماس > دەپتىكەن دېگەن تەمسىللەرنى كەلتۈرۈلگەندە ، يۈرىكىم ۋىژىلداپ ئىچىشىپ گۈلنىگارنى باغرىمغا مەھكەم باسقان ، بارغانچە مېھرىم چۈشۈپ كېتىۋاتقان قىزىمنى بىرسى مەندىن تارتىۋالىدىغاندەك قەلبىمنى ئەنسىزلىك بىسىۋېلىپ ، ئاللاھ مۇشۇ قىزنى مەن ئۆزۈم تۇققان بولسامچۇ ؟! دەپ ئۆكسىگەن ۋاقىتلىرىم بولدى .بىر ئويلىسام بۇ بىر يىل دېگەن نېمە دېگەن ئۇزۇن !؟ يائاللاھ ، ئادەم بىر قارىساڭ ناھايىتى چىدامسىز ،بىر ئويلىساڭ ناھايىتى چىداملىق مەخلۇقكەن ! مەن مۇراتتىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆز-ئۆزۈمگە ئىگە بولىدىغان قانۇنلۇق يالغۇزلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن ، ئۆزۈمنى بەك غېرپ ھېس قىلىدىغان سۇباتنى دائىم ئەلەيدىغان بولۇپ قالدىم .بۇ چەكسىز يالغۇزلۇق مېنىڭ روھىمنى قورشاپ يۈرىكىم كەچ كۈزدىكى غازاڭ بولغان يوپۇرماقتەك تىترىگەندە ،بىر چاغلاردا قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرىغا كۆمۈۋەتكەن چوغنىڭ ئۇچقۇنداپ قېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ،يېنىمدا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان قىزىمنى باغرىمغا چىڭ باستىم . ۋۇجۇدۇمدا شۇئان يەنە بىر يېڭى ھارارەت پەيدا بولدى .بۇ ھەممە -ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئانىلىق مۇھەببەت ، مېنى يەنە بىر شىرىن ھۇشسىزلاندۇرغۇچى لەززەتكە چۈمۈلدۈردى .ئاللاھقا مىڭلارچە شۈكرى ! ئاللاھ سەن مەندەك بىر بەختسىز ئايالغا مۇشۇ قىزنى بەرمىگەن بولساڭ ،يالغۇزلۇقتا قانچىلىك قاغجىراپ كېتەر بولغۇيتىم ؟قىزىم ئىككىمىزگە بىر-بىرىمىزگە بولغان ئانا بالىلىق مۇھەببەتنى بەرمىگەن بولساڭ يەنە قانچىلىك ئازابلارغا قالار ئىدىم ؟ چۈنكى بۇ دۇنيا سەن بەرگەن مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ئەمەسمۇ ؟! ئاللاھقا شۇنداق شۈكۈرلەرنى ئېيتىۋاتقاندا چىمەننىڭ قىزىنى ماڭا تاپشۇرغان چاغدىكى ئۇلۇغ ئارمانلىرى يادىمغا كەلدى . مەن شۇ مىنۇتتا چىمەننىڭ سەكراتتىكى بىچارە ھالىتىنى كۆرەۋېتىپ ، قىزىنى چوقۇم ئاللاغا يارىغىدەك تەربىيەلەشنى چىن دىلىمدىن ماقۇللاپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم .ئەمما ئۆزۈم تېخى نەدىن كەلدىم نەگەە بارىمەن؟ دېگەن سۇئاللارنى يېشىپ بولالماي ، مۇسۇلمان بولۇشنىڭ قەدىمىنى چوڭراق باسالماي ، چالا-پۇلا ئۆگۈنىۋالغان 3-4ئايەت بىلەن بىر ۋاق نامازنى ئوقۇپ كاتتا ئىش قىلغاندەك باشقىلارغا تەنبىھ بېرىپ يۈرگىنىم قىززىق …!خىيالىمغا بۇ ئىشلار كەلگەندە يۈزلىرىم خجىللىقتىن چىمىلدىغاندەك بولۇپ ھۆپپىدە قىزاردى …توۋا روشەننىڭ ساراڭلىقىنى كۆرمەمدىغان ، مەرۋانمۇ يولدىن چىقىپ كەتكەندەك قىلىدۇ ، بىر چاغدا گۈلنازنىڭ ئۇنى يولدىن چىققان ئەسكى خوتۇن دېگىنى بىكار ئەمەس ئوخشايدۇ «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار » دەپ ئۇلار بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ يەنە … ھەي ئاخشام شۇ سورۇنغا بارمىسام بوپتىكەن ،بىكار ئۇلار بىلەنمۇ رەنجىشتىم ھەم ئۆزۈممۇ ئاچچىق يۇتۇپ قالدىم .ئەڭ يامىنى ئۇلارنىڭ شۇ گۇناھلىرىغا شىرىك بوپ قالدىم ….ھە راست سۇباتنىڭ خېتىگە جاۋاپ يېزىشىم كېرەكقۇ؟ نېمە دەپ يازسام بولاركىن ؟قېنى قولۇمغا قەلەپ ئېلىپ باقمايمۇ ؟مەن شۇ مەقسەت بىلەن ئورنىمدىن تۇرۇپ ، ئۆيگە كىرىپ يېزىق ئۈستىلىمنىڭ چىرىغىنى يېقىپ ئۈستەلگە مۈكچەيدىم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۇبات ! يازغان خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئالدىم . سۇبات ساڭا خەت يازمىغىلى 8 يىل بوپتۇ .ھېلىمۇ ئېسىمدە مەن ساڭا شۇ ئاخىرقى خەتنى كەچ كۈزنىڭ بىر يامغۇرلۇق كۈنى يىغلاپ ئولتۇرۇپ يېزىپ ،شۇ يامغۇردا ۋېلسىپىتلىك پوچتىخانىغا بېرىپ سېلىۋەتكەن ئىدىم .مەن شۇ خەتنى شۇ كۈنى سېلىۋەتمىسەم ،ئەتىسى نىيىتىمدىن يېنىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم .چۈنكى كۆز ئالدىمدا ناھايىتى بىچارە سۆيگۈ تىلەمچىسى بولغان رەھىمە تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى ماڭا ئۇزۇتۇپ تۇراتتى .« ئاداش سىلەر بەرىبىر بىرگە بولالمايسىلەر ،ئۆزۈڭنىڭمۇ ،سۇباتنىڭمۇ ،مېنىڭمۇ بەختىمگە ئولتۇرما ، ساڭا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇڭدىن سۇباتچىلىك بىرسى چىقماسمۇ ؟!سۇباتنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ قېرىپ قالدى .ئۇلار بىر تال ئوغلىنى سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىپ بەرسە ئۆزلىرى قانداق قىلىدۇ ؟سۇباتنىڭ سېنى دەپ ۋاپاسىز ئوغۇل بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدىغانسەن ؟…»
سۇبات شۇ چاغدا رەھىمەنىڭ ئاتا-ئاناڭ توغرىسىدا دېگەن سۆزلىرى ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغان ئىدى .چۈنكى ئاتا-ئانىمىزنى رازى قىلماي ئېرىشكەن بەختىمىزنىڭ ئۆمرى قانچىلىك بولار؟ دەپ ئويلاپ قالدىم .شۇ كۈنلەردىكى ئازابلىرىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن سۇبات ! سېنىڭمۇ ماڭا ئوخشاشلا قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىڭنى ئويلاپ ساڭا مەسلىھەتمۇ سالماستىنلا ئايرىلىش خېتىنى يېزىپ سېلىۋەتتىم .يىغلاپ ئولتۇرۇپ 12 بەت خەت يازغان ئىدىم . . سەندىن 15 ۋاراق خەت كەلدى ، ئىشخانىدىكىلەر شۇ چاغدا سىزگە بىرسى پوۋېست يېزىپ ئەۋەتتىمۇ نېمە ؟ دىيىشىپ قالغان ئىدى .خەتلىرىڭنى ئوقۇپ توختىماي مىشىلداپ يىغلايتتىم ..ئەمما ئەمما سېنىڭ ۋاپاسىز ئوغۇل بولۇپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن يىغلاپ يۈرۈپ توي قىلىۋېتىش ئۈچۈنلا توي قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم . ..ئويلىسام مەنۇ شۇ چاغلاردا بەكلا نادان ئىكەنمەن .ئوقۇش بىلەنلا يۈرۈپ سەن بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىمۇ بەك ھايا پەردىشەپ بىلەن يۈرگەچكە ، توي دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۇنچىۋالا ئىنچىكە ھۈجەيرىلەردىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ ئاتالغۇلىغىنى بىلمىگەچكە شۇ توينىڭ ئەتىسىلا مەن توي قىلغانلىقىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ ، پۈتۈن ئالەم قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاپ-قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ كەتكەنتى .
مەن شۇندىلا ئاتا-ئانامنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بەختىمدىن ۋاز كەچكەنلىكىمنى تونۇپ يەتتىم . بۇ كۆڭۈلسىز تۇرمۇش ماڭا تۇزى يوق ئاشتەك شۇنچىلىك لاۋزا بىلىندىكى مەن «ئىچىمدە روزا تۇتۇپ ،تېشىمدا ھېيت ئويناپ »7 يىل بولغاندا غايەت زور باتۇرلۇق بىلەن بۇ قورغاندىن نۇرغۇن ئىقتىسادى زىيان بەدىلىگە يېنىپ چىقتىم ..
سۇبات مۇھاببەت بىر خىل شىرىن ئازاب دېمەكتۇر . ھەقىقى مۇھاببەت مەڭگۈ تۈپ-تۈز يولدا ماڭالمايدىكەن
ئۇ قانچە ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققانسېرى شۇنچە كۈچىيىدىكەن ھەم مۇكەممەللىشىدىكەن .. ئەمما سۇبات شۇنىمۇ نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەككى ، بىز ھاياتىمىزنىڭ مەڭگۈ قايتىلانمايدىغان ئەڭ گۈزەل پەسلى ياشلىق دەۋرىمىزدە .ھەم غەمسىز ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى ۋاقتىمىزدا بىر-بىرىمىزنى سۆيگەن ،مۇھەببەتلەشكەن ، ئەمما ئارلىقتا بىز 9 يىل بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىپ باشقا ئادەملەر بىلەن بىرگە ياشاشقا مەجبۇر بولدۇق .تەغدىر يەنە چۆگىلەپ ئىككىمىزنىڭ رىسقىنى قوشماقچى بولىۋاتىدۇ .. بىرىنچى تۇرمۇشتىغۇ ياخشى كۆرمىگەن ،چۈشەنمىگەن ئادەم بىلەن چىقىشالماي مەغلۇپ بولدۇق دەيلى ،ئىككىنچى تۇرمۇشتا بىر-بىرىمىزگە شۇنچەزارىقىپ ئېرىشىپ ،بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن كېلىشەلمىسەكچۇ ؟ بىز بىرىمىزنى ياخشى كۆرگەن بىلەن ئالدىمىزدىكى سېنىڭ ئوغلۇڭ بىلەن مېنىڭ قىزىمچۇ ؟ ئۇلار بىزنى ياخشى كۆرەلەرمۇ ؟بىر-بىرى بىلەن چىقىشالارمۇ ؟« ياتنىڭ ياندىن ،تۇققاننىڭ جاندىن ئۆتەر » دېگەندەك بىز ئىككىمىز بۇ تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولساق، ھەر ئىككىلىمىزگە نىسبەتەن ھاياتنىڭ مەنىسى قالمايدۇ ،باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىمىز .ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشىمىزمۇ چوڭىيىپ قالدى ، سەن غۇلجىدا ئەرلىك ئورنىڭنى پەش قىلىدىغان ،قولۇڭنى ئۆي ئىشىغا ئەگمەيدىغان خارەكتىرگە ئىگە ھەم كۈنۈك ، مەن غۇلجا ئاياللىرىدەك ئۇنچە چىۋەر چەبدەس ئەمەىس ئەركە ئۆگۈنىپ قالغان …
مەن ئويلايمەن ئارزۇ بىر ئېرىشەلمىگىنىمىز ئۈچۈن شۇنچە سۆيۈملۈك ھەم شۇنچە قەدىرلىك …شۇڭا بىز خىياللىرىمىزدىلا بىر-بىرىمىزنى ئەسلەپ ئۆتسەك ،مەن دەيمان مەن ئەقلىمنى بىلسەم بىزنىڭ جۇڭگو كومۇنىزىمغا يېتىمىز دەپ كۈرەش قىلىۋاتقان تا ھازىرغىچە كومۇنىزىمغا يېتىپ بولالمىدۇق بىر-بىرىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈدىغانلارنىڭ ۋىسالغا ئېرىشىپ بەخىتلىك بولالىشى شۇ كومۇنىزىمغا يېتىشتەك مەۋھۇم نەرسىمىكىن دەپ ئويلايمەن .مېنىڭچە مۇھەببەت روھقا مەنسۇپ بولغاندا تېخىمۇ قەدىرلىك بولىدۇ . سۇبات سەنمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلاپ باق ،بەلكىم رەھىمە قايتىپ كېلىپ قالسا ئوغلۇڭلارنى بىرگە باقارسىلەر .سېنىڭ ساپ مۇھەببىتىڭ ماڭا تېگىل بولدى . مەن خىيالىمدا مەڭگۈ سەن بىلەن بەختلىك ،ساڭا ئاللاھتىن خاتىرجەملىك تىلەپ ساۋاغدىشىڭ چولپان
2001-يىل 18-مارت مايتاغ
مەن خەتنى يېزىپ بولۇپ ئورۇندۇقۇمنىڭ يۆلەنچىكىگە يۆلىنىپ بىر ھازا ئولتۇردۇم .ئادەم بەزىدە شۇنداق بىر يالغۇزلۇقنى خالاپ قالىدىكەنكى ،بۇنداق چاغدا پاشىنىڭ گىڭىلدىشىنىمۇ تېتىمايدۇ .شۇ تاپ مەن شۇنداق تىمتاسلىق ئىچىدە سۈكۈتكە چۆمگەن ئىدىم ..سۇباتنىڭ بۇ خېتى بىلەن كۆڭلۈمنىڭ پىنھان جايلىرىغا كۈمۈلۈپ قالغان خاتىرلىرىمنى قايتا ۋاراقلاپ ،يۈرۈكىمدىكى ئەمدىلا ئېغىز ئېلىپ ساقىياي دېگەن يارام قايتا قانىغاندەك قىلاتتى .كۆزلىرىمنىڭ ئەتراپى ھەسرەتلىك ئىچىشىپ يۈرىكىم پىغانلىق ئېسەدەشكە باشلىدى .مۇشۇ مىنۇتتا ماڭا تەسەللى بولغىدەك ھېچنەرسە يوقتەك شۇنچىلىك كۆڭلۈم يېرىم بولدىكى …بىر ھازاغىچە ئۈنسىز ياش تۆكتۈم ..بىر چاغدا يۈرىكىمنىڭ ئېسەدەشلىرى توختاپ .ئېغىر ئۇھ تارتقان ھالدا مەقسەتسىزلا يېزىق ئۈستىلىمنىڭ تارتمىسىنى ئاچتىم ..كۆزۈم يېشىل رەڭلىك قېلىم خاتىرىگە چۈشتى ،مەن خاتىرىنى قولۇمغا ئالدىم بۇ مېنىڭ كۈندىلىك خاتىرەم ئىدى. ئۇنى ئىشخانىدا ساقلايتتىم قانداق بولۇپ بۇ ئۆيگە ئەكەلگەندىمەن ؟ ھە ئۆتكەندە ئىشخانىمىزدىكى تارتمىلىك ئۈتەللىرىمىزنى كومپىيوتېرنىڭ ئۈستىلىگە ئالماشتۇرغاندا خاتىرەمنى ئۆيگە ياندۇرۇپ كەپتىكەنمەندە ، شۇ خىياللار بىلەن خاتىرەمنى ئېچىپ ، سۇباتقا ئاتاپ يازغان بەتلەرگە كۆز تاشلىدىم .
سالام سۇبات !ياخشىمۇ سەن ؟!ساڭا بولغان چەكسىز سېغىنىشىمنى ،تۈگىمەس مۇڭلىرىمنى ،مۇشۇ خاتىرەمگە تۈكۈش ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالدىم .
شۇ تاپتا سىرتتا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتىدۇ .مەن يامغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن خياللارنى سۈردۈم . يېزىق ئۈستۈلىمدىكى قېلىن ئەينەكنىڭ ئاستىدا ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمىزدە چۈشكەن سۈرەتلەر ماڭا سەن بىلەن بىرگە ئۆتكەن ئەڭ گۈزەل دەقىقىلەرنى ھامان يادىمغا سېلىپ تۇرىدۇ .پات-پات شۇ چاغدىكى كۈلكىلەرنى چىمەننىڭ شىئېرلىرىنى ،دىلشاتنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ،سېنىڭ زەي سالماي ئاتىدىغان پولىرىڭنى يادىمغا كېلىپ ، تاتلىق ئازابلار ئىچىدە پۇچىلىنىمەن .بەزىدە كۈنۈم-كۈنۈم خىيال بىلەن ياشايمان .يولدا كېتىۋېتىپ ،تاماق ئېتىۋېتىپ ، ئىشخانىدا كومپىيوتېر ئېكرانىغا قاراپ ئولتۇرۇپ خيالغا پېتىپ قالىمەن ..مۇشۇ كۈنلەردە خىياللا ماڭا ئەڭ ياخشى ، ئەڭ زور تەسەللى ، ئەڭ ئىشەنچىلىك سىرداش بولۇپ قالدى … 1998-يىل سېنتەبىر مايتاغ
سۇبات ياخشىمۇ سەن ؟ كۈنلىرىم يەنە شۇنداق تۇز سالمىغان ئاشتەك تەمسىز ،ناھيىتىمۇ مەنىسىز كېتىپ بارىدۇ .بۈگۈن يەنە ئىشخانامغا كېلىپ بۇ باغرى كەڭرى خاتىرەمنى ئېچىپ سەن بىلەن مۇڭداشقۇم كەلدى . ئاخشام ھىندىستاننىڭ بىر فىلىمىنى كۆرۈپ ماڭا بەك تەسىر قىلدى ئۇ « 1942-يىلدىكى مۇھەببەت » فىلىم ئىكەن . مەن ھىندىستان پاكىستان دېگەن يەرلەرنىڭ كىنولىرىنى ئانچە كۇرۇپ كەتمەيتتىم . ئەمما بۇ فىلىمى ماڭا تەسىر قىلىپ قالدى كىنو ھىندىستاننى ئەنگىلىيە مۇستەملىكە قىلىۋالغان چاغنى ئارقا كۆرۈنىش قىلغان بولۇپ فىلىمدا قاملاشقان بىر يىگىت قولى باغلانغان ھالدا دارغا ئاسقىنى ئېلىپ ماڭغاندا ئانىسى ئوغلى بىلەن خوشلاشقىلى ئوغلىنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ .شۇ چاغدا ئوغۇل ئانىسىغا قىيالمىغان ھالدا قاراپ «-ئانا مەن سىزگە ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم !»دېدى ئانا بولسا كۆزىگە ياش ئالماستىن « ئوغلۇم دۇنيادا ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشتەك چوڭ ئىش يوق ، مەن سەندىن رازى -»دېدى شۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تىترەك ئولۇشۇپ كۆزلىرىمگە يىغا ياماشتى .ئوغۇل ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئىككى ئۈچ قەدەم مېڭىشىغا خائىن دادىسى ئوغلىغا «_ئوغلۇم سەن ئۆزۈڭ بىلىدىغان مىللى مۇناپىقلارنى دەپ بەرسەڭ جېنىڭ ئامان قالاتتى _دېگەندە ئوغۇل دادىسىغا نەپرەت بىلەن تىكىلىپ _دادا مەن پەقەت بىرلا مىللىي مۇناپىقنى تونۇيمەن ئۇ بولسىمۇ سىز !_»دېدى . شۇ مىنۇتتا مەن ئۆزۈمنىڭ قايسى دەرىجىدە ھاياجانلانغىنىمنى بىلمەيمەن .كۆزۈمدىن تۆكۈلگەن ياشلار يۈزلىرىمنى يۇياتتى … ئاھ خۇدا بۇ ياشلار قاچانغىچە تۆكۈلەر ، بۇ يۈرەكلەر قاچانغىچە ئېسەدەر ؟…يېنىمدا بولغان بولساڭ مۇشۇ فىلىمنى كۆرگەندىكى ھاياجىنىمىزمۇ چوقۇم ئوخشاش بولاتتى . ئەمما مەن بۇ جەھەتلەردە ئۆزۈم بىلەن قارىمۇ قارشى بىر مۇناپىق بىلەن بىر ئۆيدە ياشاۋاتىمەن ئەمەسمۇ ؟!
چۈشلىرىمدە پات-پات سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالىمەن . بەزىدە كۆزۈمنى يۇمساملا ماڭا قاراپ كۈلىسەن ،ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تەمشىلىپلا ئويغۇنىپ كېتىمەن ، توۋا بۇ چۈشۈممىدۇ ،خيالىممىدۇ ؟
1998-يىل نويابىر مايتاغ
سالام سۇبات سەن بىلەن ھال-مۇڭ بولمىغىلى خېلى كۈنلەر بوپتۇ .بۈگۈن مايتاغدا قار يېغىۋاتىدۇ . مەن كومپىيوتېردىن ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرىمەن
.ياشىماق مۈشكۈل سەپەر بۇ ،
يوللاردا ھەمرايىڭ بولاي .
ئەسلى زاتىم چىن ۋاپادار ،
ئىشقىڭدا پەرھادىڭ بولاي ….
ياشىماق مۈشكۈل سەپەر بۇ ، يوللاردا ھەمرايىڭ بولاي …دېگەن مىسرالار مېنى يىغلاتتى .مۇشۇ مىسرالارنى ئاڭلىساملا غۇلجىسا بىر تەتىلدە بىرگە ئۆتكەن كۆڭۈللۈك كۈنلەرنى ئەسكە ئالىمەن .جىلىليۈزىگە مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دوستۇمنى ئىزدەپ چىققان ۋاقتىمىز ئېسىمگە كېلىدۇ .بىز دوستۇمنىڭ ئۆيىنى ئاران تېپىپ بارساق ئۇقا بىر يېزىغا ئىشلىگىلى كېتىپتۇ .مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ لەسسىدە بولدۇم .سەن مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ :
_ئۇ دوستۇڭ بىلەن زادى بەك كۆرۈشكىڭ بارمىتى ؟_دەپ سورىدىڭ
_ئاتايىن كۆرۈشكىنى كەلگەندىكىن كۆرۈشۈپ كەتسەم ياخشى بولاتتى- دېدىم مەن ساڭا دومسۇيۇپ .
بىز يەنە ئۈچ چاقلىق موتۇغا كىرا قىلىپ ئۇ دوستۇم ئىشلەۋاتقان يەرگە ماڭدۇق .بىز موتودىن چۈشۈپ قېلىپ بارىدىغان يەرنى سورىداق . بىز بارىدىغان مەنزىلىمىزگە كەلمەستىن خېلى بالدۇرلا چۈشۈپ قاپتۇق .
_ ۋاي-ۋۇي مۇشۇ ئىسسىقتا بۇ سەھرايى قىيامەتنىڭ يوللىرىنى قاچان تۈگىتەرمىز ؟-دېدىم چىرايلىرىمنى پۈرۈشتۈرۈپ
_ ماڭا قارىغىنا چولپان ، دېدىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا .مەن ساڭا قارىدىم سەن ناھايىتى تەمكىن قىياپەتتە تۇرۇپ :
_يېنىڭدا مەن سۇباتلا بولىدىكەنمەن قانچىلىك ئۈزۈن يول بولسىمۇ ، سەن ھارمايسەن جۇمۇ !_دېدىڭدە قولۇمدىكى سومكامنى قول ئۇزۇتۇپ ئەكەل سومكاڭنى مەن كۆتۈرىۋالاي ئۇششۇق ھېرىپ قالمىغىن _دېدىڭ مەغرۇر كۈلۈپ .
- ۋۇي غۇلجۇلۇقلارانىڭ خارەكتىرىگە قارشى بىر ئىشنى قىلىپ سومكامنى كۆتۈرىۋالدىڭغۇ ؟_دېدىم مەن سېنى گەپكە سالماقچى بولۇپ .
_ئۆزۈممۇ ھەيران سېنىڭ ئالدىڭغا كەلسەملا ئىرادەمگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ سالىمەن . بۇ قورقۇش ئەمەس كۆيۈنىش ھەم ھۆرمەت ،قانداقلا بولمىسۇن سەن دېگەن مېھماندە !-دېدىڭ . شۇنداق پاراڭلار بىلەن شاھىدە ئىشلەيدىغان جايغىمۇ بېرىپ قاپتۇق . سۇبات سەن ھەقىقەتەن راس دەپتىكەنسەن ئادەم ئۆزى چۈشەنگەن ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن قانچىلىك ئۇزۇن يوللاربولسىمۇ ۋايسىماي باسالايدىكەن ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا باغۇ-بوستانلاردا يۈرسىمۇ قاغجىراپ كېتىدىكەن !مۇشۇنداق چاغلاردا قانغىدەك بىر يىغلىۋېلىشمۇ ئادەمگە كۆپ ئارام بولىدىكەن …
1998-يىل 30-دېكابىر مايتاغ
سۇبات ! بىلەمسەن بۈگۈن مەن ئېرىدىن ئاجراشقان تۇل ئايال بولۇپ قالدىم .توۋا مەن بۇرۇن ئەخلاقلىق ياخشى قىزلار پەقەت بىر يىگىت بىلەنلا مۇھەببەتلىشىپ ،شۇنىڭ بىلەن توي قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايتتىم ..شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن مەن سېنىڭ تەكلىۋىڭنى قۇبۇل قىلغاندا بەك ئويلاشقان ھەم ئۆزۈمگە ھاياتنىڭ بۇ ئۇزۇن مۇساپىسىدە سۇباتقا چوققۇم ۋاپادار كۆيۈمچان ئايال بولىمەن دەپ ۋەدە قىلغان ئىدىم .سېنىڭ بىلەن ھەر قانداق ئېغىر كۈنلەردىمۇ يېنىڭدا بولۇشنى مەقسەت قىلغانتىم .ئەپسۇس رىسقىمىز قوشۇلمىدى .«قورققان يەردە جىىن بار »دېگەندەك تەغدىر مېنى يۈرگەن يىگىتىدىن ئايرىلغانلا ئەمەس ،1-ئېرىدىن ئاجراشقان تۇل ئايال قىلىپ قويدى .مەن شۇلارنى ئويلىسام تەغدىرىمگە ئېچىنىمەن .ئەمما 7 يىل ئۆزۈم ياخشى كۆرمىگەن ئەر بىلەن بىر ئۆيدە ياشاپ تارتقان ئازابلىرىمنى ئويلىسام ئاللاھنىڭ ئوڭۇشلۇق يول بېرىپ ئاجرىشىۋالغانلىقىمدىن راھەتلىنىپ قىز دەۋرىمگە قايتىپ قالغاندەك ئۆزۈمنى بەختىيار ھېس قىلىمەن .تەغدىرىمەە تەن بېرىپ ، مۇھەببەت روھقا تەئەللۇق ،مېنىڭ روھىم ئەڭ پاك ،ئەڭ چەكسىز مۇھەببىتى بىلەن ھەقىقىي ئەركەك سۇباتنى سۆيۈدۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىمەن .
1999-يىل 27-ئاپرىل مايتاغ

ئەگەر داۋامىغا قىزىقسىڭىز ئاياللار دۇنياسى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: ayal888) غا z10 نى قايتۇرۇپ كۆرۈڭ!
Tags:
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى