بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (4)
-
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (4)
ۋاقتى: 2016-07-23 ئاۋاتلىقى: 3563 قېتىميانفوندا كۆرۈش
مەن ھالسىز ياتقان دوستۇمنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىگە قارىدىم . ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ھاياتنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى سۇس پىلدىرلاپ ، يۈرەكلىرىمگە جۇدالىقتىن بىشارەت بېرىۋاتاتتى . شۇ تاپتا ھايات بىلەن خوشلىشىۋاتقان بىر بەختسىز دوستۇم ، ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەلىپىنى مەندىن كۈتىۋاتاتتى . مۇشۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە بۇ بىچارە << ئويلىنىپ باقاي >> ، << مەسلىھەتلىشەي >> دىگەندەك مۈجىمەل جاۋاپتىن كۆرە ، ئۇنىڭ بەختسىزلىكى ئۈچۈن تۆكىلىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى ، ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسى بەدىلى ئۈچۈنلا ، ۋىژدانىم ، ئىمانىم ھەم ئوتتەك يۈرىكىم بار بىر ئايال بولۇش سالاھىتىم بىلەن كەسكىن ، جاۋاپ بېرىشىمنى بۇيرىدى .— چىمەن ، بىر بالىنىڭ تۇغۇلۇشى ئاللاھنىڭ ئانا ۋە مىللەتتىن ئۇمىد ئۈزمىگەنلىكىنىڭ ھەم ئۇلارغا بولغان قىزغىن سۆيگۈسىنىڭ يارقىن بەلگىسى . بالا يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ۋەتەن ، مىللەتنىڭ ئاتا – ئانىلار قولىدىكى ئامانىتى ، ئاللاھ خۇشتار ئىككىڭلارنىڭ قولىدىكى بۇ ئامانەتنى بىردىنلا ماڭا نېسىپ قىلسا ، سەن قولۇڭدىكى بۇ بىباھا ئامانەتنى . ئۆز قولۇڭ بىلەن ماڭا تاپشۇرماقچى بولۇۋاتساڭ ، مەن بۇ گۈزەل ، سۆيۈملۈك ھەم قىممەتلىك ئامانىتىڭنى ، تەڭرىنىڭ ماڭا قىلغان چەكسىز شاپائىتى ، سېنىڭدىن ماڭا قالغان تەۋەررۈك دەپ خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن .ئاللاھ يىتىمنىڭ ئىگىسى مەن دەپتىكەم ، ئاللاھ نېسىپ قىلسا مەن قىزىڭنى << قاناتلققا قاقتۇرماي ، تۇمشۇقلۇققا چوقتۇرماي >> قاتارغا قوشۇشقا ۋەدە بېرەي ، — مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ ئورۇق قوللىرىنى يەنە ئالقىنىمغا ئالدىم .ئۇنىڭ چىرايى خۇددى تاش ھەيكەللەرنىڭكىدەك ئاپپاق ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى . نۇرسىز كۆزلىرىدە رازىمەنلىك ئارلاش سۇس تەبەسسۈم جىلۋىلەندى ، ئۇ ناھايىتى زورۇقۇپ تۇرۇپ :— مەن ساڭا ئىشىنەتتىم ، چۈنكى سېنىڭ باغرىڭ يۇمشاق ، سەن بەك مېھرىبان … مەن شۇڭا ئاخىرقى ئۈمىدىمنى ساڭا باغلىغان … ساڭا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن … ئاداش سەندىنيەنە بىر ئۆتۈنىدىغىنىم مەن ئىمان ئېتىقادلىق بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەمما ئاتا-ئانامدىن كىچىك ئايرىلىپ قالغاچقا ،كېيىن مەكتەپنىڭلا تەربىيىسىدە قېلىپ ھەممىنى ئۇنتۇپ كېيىپتىمەن . ئاللاھ ماڭا ياخشى كۈنلەرنى نىسىپ قىلسا ئاللاھقا شۈكۇر قىلماي ، ئاللاھنى سېغىنماي مۇشۇ دۇنيا ئۈچۈن ئۈچۈنلا ئىشلەپتىمەن ،ئالدىراپتىمەن ،غەم يەپتىمەن ، ئۇ دۇنيانىڭ تەييارلىقىنى قىلماپتىمەن ، ئۆزۈمنى بۇ دۇنيادىن بۇنچە بالدۇر كەتمەسمەن ، پىنسىيىگە چىققاندا ، بېشىمغا ياغلىق چىگىپ ،جاينامازغا چىقىمەن دەپ ئويلاپتىمەن .ئاللاھ ماڭا شۇڭقىچە ئۆمۈر بېرەمۇ دەپ ئويلىماپتىمەن !مانا ئەمدى ئۆلۈمدىن شۇنداق قورقىۋاتىمەنكى … ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداقمۇ بارارمەن ؟پەقەت… پەقەت تەييارلىقىم يوق ، چولپان قىزىمنى ئىمانلىق … تەربىيلىگىن بولمىسا ئاللاھقا قاۋاپ بېرەلمەيمىز . چوڭ بولغاندا چوقۇم ئىمانى بار بىر مۇسۇلمانغا بەرگىن…دوستلۇرۇم سىلەرمۇ تەييارلىنىڭلار ، مەندەك تۇيۇقسىز كەلسە … قانداق قىلىسىلەر ؟…ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانچە پەسلەپ كەتتى .— چىمەن ، گەپ قىلماي ئارام ئال … — دىدىم ئۇنىڭ بارغانچە ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن تەشۋىشلىنىپ .— مەن ئەمدى خاتىرجەم … مېنى تۈز ياتقۇزۇپ قويۇڭلار … بەك چارچاپ كەتتىم — ئۇ شىۋىرلاپ سۆزلەۋېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى .خەدىچە ئىككىمىز چىمەنگە قاراپ قېتىپ ئولتۇراتتۇق . ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ دىلشات بىلەن سۇبات مىۋە – چىۋە كۆتۈرۈپ كىردى . مەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم . كۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەندەك ، بىر ھازا خىيالىي تۇيغۇنىڭ ئالدىشى بولسا كېرەك ، دىگەن ئويدا بولغاندەك ، خەدىچەنىڭ يولدىشى ھەم ساۋاقدىشىم دىلشاتقىمۇ سالام قىلماي داڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن .— چولپان سەن قاچان كەلدىڭ ؟ — دىلشاتنىڭ بوش ئاۋازدا سورىغان سۇئالىدىن كېيىن ، ئۆزۈمگە كېلىپ بوشقىنا :— ئىككى سائەتتەك بولدى — دىدىم .— سۇباتتىن ئەھۋال سورىمايسەنغۇ ؟ — دىلشاتنىڭ قەستەن چىشىمغا تېگىۋاتقىنىغا خەدىچەنىڭ ئاچچىقى كەلدى بولغاي :— ھېلى تالاغا چىققاندا سورىۋالە — دىدى تېرىككەن ئاھاڭ بىلەن .— چولپان يۈرە ، بىزنى خۇشتارنىڭ ھەدىسى ئىزدەپ قالمىسۇن چىقىپ باقايلى ، چىمەن بىردەم ئۇخلىسۇن ماۋۇ يىگىتلەر بولغاندىكىن — دىدى .خەدىچەنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن ئالەمچە خوش بولۇپ كەتتىم ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئالدىراپ سىرتقا ماڭدىم .— ھېلى سۇباتنىڭ كەلگەنلىكىنى دىيىشنى ئۇنتۇپتىمەن ئاداش بۇ تۇيۇقسىز بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ئېلىشىپ قالايلا دىدىم . چىمەنگە ئىچكىردە ئۇچرىغان ھېلىقى يارى دىگەن بالا سۇباتنىڭ ھەدىسىنىڭ ئوغلى ئىكەن ، ھەدىسى ئوغلىنىڭ دەردىدە ئاغرىپ قاپتۇ ، شۇڭا سۇبات يېزنىسى بىلەن بىرگە كەپتۇ ، ئۇ بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن يېزنىسىنى بالىسى بىلەن يولغا سېلىۋېتىپ ، تۈنۈگۈندىن بىز بىلەن بىللە — دىدى خەدىچە چۈشەندۈرۈپ .— خەدىچە ، ئاۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرايلى ، بېشىم قېيىۋاتىدۇ ، — دىدىم خەدىچەنىڭ بېلىكىنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ .ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، ئۆزۈمچە شۇنداق بىر يىغا كەلدىكى ، ئۆزۈمنى تۇتالماستىن ، ئالقانلىرىم بىلەن يۈزۈمنى توسۇپ يىغلاپ كەتتىم . خەدىچە مېنىڭ يىغلىۋېتىشىمنى ئالدىن بىلگەندەك ، چاچلىرىمنى سىلاپ ئولتۇردى . شۇ تاپتا ماڭا ھاياتنىڭ ھىچقانداق مەنىسى قالمىغاندەك ، ھەممە خوشاللىقلار ، ئارمانلار چىمەن بىلەن تەڭ تۈگىگەندەك تۇيۇلدى . توۋا ، شۇنچە باتۇر ، شۇنچە خۇش ئاۋاز ، مەرد ، ۋاپادار ، ناھايىتى تاتلىق شېئىرلارنى يازغان چىمەن بىردەمدە ، ئۇ دۇنيانىڭ تەييارلىقىغا چۈشۈپتۇ دىسە … ئارلىقتا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ بىلمىدىم ، تىزلىرىمغا تەككەن كىچىككىنە قولنىڭ غىدىقلىشىدىن ئالقانلىرىمنى يۈزۈمدىن ئاجراتتىم . ئالدىمدا بۈدۈر چاچلىق دىلنىگار ماڭا قاراپ غەمسىز كۈلۈپ تۇراتتى .— ئاپاش … — دىلنىگارنىڭ بۇ چاقىرىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم زىلزىلىگە كەلدى ، سۇسىز ، قۇرۇپ قالاي دىگەن قەلبىمگە ، شىپالىق يامغۇر ياغقاندەك ، چەكسىز مۇھەببەتكە تولۇپ ، ئازاپلىق ياشلار تۆكۈلىۋاتقان كۆزلىرىمدە ئۈمىدنىڭ شولىسى ئۇچقۇندىدى .— خەدىچە ئاڭلىدىڭمۇ ؟ ئۇ مېنى ئاپا دەۋاتىدۇ …— كېلىڭ قىزىم ، مەن سىزنىڭ ئاپىڭىز … بىز بۈگۈندىن باشلاپ بىر – بىرىمىزگە يار – يۆلەك بولىمىز ، قەلبىمىزدىكى مۇھەببەتسىز قۇرۇپ قاغجىراپ كەتكەن ئېتىزلىرىمىزغا ئانا – بالىلىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ ئۈندۈرىمىز ، پورەك – پورەك گۈللەرنى ئېچىلدۈرىمىز … مېنىڭ قاقشال بولۇپ كەتكەن قەلبىم سىز بالامنىڭ مۇھەببىتىدىن سۇ ئىچىدۇ … مەن سىزگە ئەڭ لاياقەتلىك ئانا ھەم ئاتا بولۇشقا تىرىشىمەن . يۈرەكلىرىم شۇنداق شىۋىرلايتتى ، قوللىرىم تىترەيتتى ، بەخىتسىز دوستۇمنىڭ يالدامىسى ، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بولغان دىلنىگارنى كۆتۈرۈپ ، باغرىمغا مەھكەم باستىم . قىزچاقمۇ مەندىن قىلچە يېتىرقىماستىنلا بوينۇمغا ئېسىلىپ مۈرەمگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالدى .— چولپان ، بۈگۈن سەن ئاجايىپ بىر ئالىجاناپلىق ھەم بەك باتۇرلىق بىلەن چىمەننىڭ بۇ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلدىڭ ، يولدىشىڭ نىمە دەر ؟ تۇرمۇشىڭغا تەسىر يېتەرمۇ ؟ بولسىغۇ بۇ قىزنىڭ بېشىنى سىلىغىنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمى كېلىپ ، ساڭا يەنە بىر بالا بېرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، — دىدى خەدىچە تەشۋىشلىك ئاھاڭدا .— خەدىچە ، سەن بۇ ئەندىشىلىرىڭنى دىمىگەن بولساڭ مەنمۇ ھازىرقى روھىي ھالىتىمنى ساڭا دەپ سېنىڭ كۆڭلۈڭنى غەش قىلماقچى ئەمەستىم . ئاداش مەن كۆپ تىرىشتىم ، ئاياللارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاپادارلىقىم بىلەن ياخشى ئايال بولۇشقا تىرىشتىم ، ئەمما قاملاشتۇرالمىدىم . جېنىم خەدىچە ، مەن مۇشۇ يەتتە يىللىق تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ، مۇھەببەت ئەسلى يۈكسەكلىك ، قۇدرەتلىك ، يېقىملىق ۋە يارقىن پەزىلەتلەرنىڭ ئىجاتچىسى ئىكەن . مۇھەببەتسىز ئائىلە قۇم ئۈستىگە سېلىنغان ئۆيدەك ئۆمرى قىسقا بولىدىكەن .— نىمە دىمەكچى سەن ؟— ئاجرىشىمەن .— ئۇ ئاخىرقى قارارىڭمۇ ؟— شۇنداق ئاداش ، يەتتە يىلدىن بېرى قەلبىمنى ئۆرتەۋاتقان قاڭسىق ئازاپلىرىمنى ، ساختا كۈلكىلىرىم ، سۈكۈتلىرىم بىلەن يوشۇردۇم . ئاددىسى ئۆزۈمنى روھىم بىلەن جىسمىم ، ۋىژدان بىلەن ئەخلاق يەنە سۇبات بىلەن مۇراد ئوتتۇرىسىدا تەڭ قىسلىقتا يۈرۈپ بەك چارچاپ كەتتىم . يۈرەكلىرىم مۇھەببەتسىز تۇرمۇشتا تىتىلىپ كېتىۋاتسىمۇ ، مەن ئابروي قوغلىشىپ ، ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانىدا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن ، يالغان كۈلۈپ ياشىدىم . ئويلىسام ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئون يىلدىن بۇيان مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى ئاز ئويلاپتىمەن . ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى مېنىڭ تەغدىرىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى . دادامنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ يېتىپ قېلىشى ، تېخى ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سىڭلىم ، تەڭلا يىگىت بولۇپ قالغان ئىككى ئىنىمنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى مېنىڭ زىممەمگە چۈشتى . ئانامنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى << قىزىم سەن ئەمدى ئۇكىلىرىڭغا مېنىڭ ئورنۇمدا ئانا بول >> دىگەن ۋەسىيىتى مېنى ئۆزۈمنى ئۇنتۇشقا ، سۇباتنىڭ ئانىسىنىڭ قارشىلىقلىرىغا بويۇن ئېگىشكە ، رەھىمەنىڭ ئارقا – ئارقىدىن يازغان خەتلىرىگە مەردلەرچە جاۋاپ يېزىپ سۇباتنى يېتىم قالدۇرۇپ ، گۈزەل ئارمانلار چىن ئەقىدە بىلەن ئۆتكەن تۆت يىللىق مۇھەببىتىمنى ھالقىلىق پەيتتە ئۆز قولۇم ، ئۆز مەيلىم بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم . يۈرۈگۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئاجايىپ ئىشتىياقىم بىلەن سۆيگەن ھەم سۆيۈلگەن يىگىتىمنى ، رەھىمەگە يىغلاپ تۇرۇپ ئۆتۈنۈپ بەردىم . ئاز كۈندىن كېيىن داداممۇ ئۆلۈپ كەتتى . مەن ئۇكىلىرىمغا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇش ئۈچۈن مېنى ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ ئەرگە تەگدىم . مەن ناھايىتى نادان ئىكەنمەن . مەن چوڭلارنىڭ << نىكاھ ئىسسىقلىق بېرىدۇ >> دىگەن سۆزىگە ئىشىنىپ قاپتىمەن . ئۇ ئوقۇمىغان ھەم مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان ئەر بولسىلا ھىساپ قىلىدىغان ئاياللارغا قارىتا ئېيتىلغان سۆز بولسا كېرەك . مەن تويدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ھاياتىمدا ئورنىغا كەلمەيدىغان چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلگىنىمدە ، جاھان قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ كەتتى . ئەمما مەن يەنە لېۋىمنى چىشلەپ تەغدىرىمگە تەن بېرىپ ، ۋاپادار ئايال ھەم ياخشى كېلىن بولۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم . ئەمما ، مۇراد مېنىڭ دىگەن يېرىمدىن چىقالمىدى . قېرىشقاندەك ھەر بىر قەدىمىدە مېنى يىراقلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلدى . ئۇنىڭدىن ھەر قېتىم كۆڭلۈم ئاغرىنغاندا سۇباتنى ئېسىمگە ئالدىم . بۇ يىل 5 – ئايدا سىڭلىمنىڭ تويىنى قىلىپ زىممەمدىكى يۈكلەرمۇ ئورۇندىلىپ بولدى . ئەگەر مۇشۇ جەرياندا مۇراد ماڭا ھەمدەمدە بولۇپ ، ئىنىلىرىمغا ئاتامنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلغان بولسا ئىدى ، مەنمۇ يۈرىكى گۆش ئادەم بولغاندىكىن ئۇنىڭغا ۋىژدانىم بىلەن مۇئامىلە قىلار ئىدىم . بىز ئاياللار << ئۆشكە يېغى >> تۇرساق ، بىر ئۆمۈر مۇرادنىڭ ۋاپادارلىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە رازى ئىدىم . ئەپسۇس ، ئۇنىڭ ئۇنداق قىلغۇچىلىكى يوق ، شەخسىيەتچى ، ئابرويپەرەس ، كۆڭلى قارا ئەبلەخ چىقتى . ئۇ ئەركەك بولسا مېنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىنى ئۆزى ئىگىلىشى كېرەك ئىدى . ئەمما ، ھەر قەدەمدە شۇنچە يىراقتىكى سۇباتنى تىلغا ئېلىپ ، قەلبىمدىكى جاراھېتىمنى قاناتتى . بارغانسېرى نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى . مەن قانداقمۇ ئۆز نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتكەن ئۆزۈم كۆزگە ئىلمايدىغان ئەرگە ئايال بولالايمەن ؟ مەن ئادەتتىكى يەپ – ئىچىپ ، كىيىنىشنىلا ئويلايدىغان ساپاسى تۆۋەن ئاياللاردىن بولمىسام ، قەلبىمدە ئوتتەك ئارمانلىرىم ، كەلگۈسىگە بولغان نۇرغۇن ئۈمىدلىرىم قەلبىمدە يېلىنجىۋاتقان بىر ئۇقۇمۇشلۇق ئايال تۇرۇپ ، ماڭا يول باشلايدىغان يەرلەردە ماڭا ئىتائەت قىلىدىغان ، مېنى ھۆرمەتلەيدىغان چاغلاردا ماڭا ئازار بېرىدىغان ئۇنداق ئەرگە قانداقمۇ ئايال بولارمەن ؟ بۇ ئۆزۈمنى دەپسەندە قىلغىنىم ، ئۆز قىممىتىمنى يەرگە ئۇرغۇنۇم ئەمەسمۇ ؟ مەن ئۇنىڭ باشقىلار تەلپۈنىدىغان ، دوستلىرىم ھەۋەس قىلىدىغان ھوقۇقى ئۈچۈن ، يۇقۇرى مائاش ، ئاجايىپ بېزەلگەن داچىسى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ قىمار ئوينىمايدىغان ، نېشە چەكمەيدىغان ، مېنى ئۇرمايدىغان ، ئاشنا ئوينىمايدىغان ئېسىل پەزىلەتلىرى ئۈچۈن ، جىمجىت ئائىلەم بىر – بىرىمىزنى سىز دەپ ھۆرمەتلىشىدىغان ، مېنىڭ نەدە تۇرۇشۇمنى نىمە قىلىشىمنى باشقۇرمايدىغان ، << كەيفاڭ >> مىجەزلىرى ئۈچۈن لېۋىمنى چىشلەپ باشلىق ئېرى بار ئېسىل سۈپەت ئاياللار قاتارىدىن چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ، نومۇسسىزلارچە ئۆزۈمنى ئالداپ ئۆزۈم ياخشى كۆرمىگەن ئەرنىڭ قوينىدا يېتىپ ، روھىي چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك خورلىنىۋېرەمدىمەن ؟ ! ئۇرۇق – تۇققالىرىمنىڭ قارشىلىقى ، يۈز – ئابروينى دەپ سۈكۈت قىلىۋېرەمدىمەن ؟ ئويلىسام ھەممە ئادەمنىڭ چىرىقى ئۆزىگە يانىدىكەن ، قازىنى ئۆز ئۆيىدە قاينايدىكەن . مېنىڭچە ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشمۇ ئەخلاقسىزلىق …دىگەنلىرىڭ ھەق ئاداش ، << كېچە قانچە ئۇزۇن بولسا ، چۈشمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ >> دىگەن گەپ بار ، بىر قارارغا كېلىپ بولغان ئىكەنسەن ، تېزراق بىر تەرەپ بولۇپ كەت ، بۈگۈن چىمەنگە قاراپ ھاياتنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ھەم چەكلىكلىگىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم . ئادەم ئاۋال ئۆزىنى ئۆزى سۆيۈشى ، ئۆزىنى ئۆزى قەدىرلىشى كېرەككەن ، شۇندىلا باشقىلارمۇ سېنى سۆيىدىكەن ، ھەم قەدرىڭگە يېتىدىكەن . نەچچە يىلدىن بېرى سەن كۆپ پۇچۇلاندىڭ ، قېرىنداشلىرىىڭ ئۈچۈن ياشىدىڭ ، ئەمدى ھەممىسىنىڭ چىرىقى ئۆزىگە يورۇيدۇ . سېنىڭ تۇرمۇش جەھەتتىكى ئازاپلىرىڭغا ھىچكىم ئورتاقلىشىپ بېرەلمەيدۇ . كېيىنچە سېنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىۋالارمىز ، — دىدى خەدىچە ماڭا تەسەللى بېرىپ .— ئاداش كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى بەخت تۇرمۇشتىكى خاتىرجەم ئائىلىسىگە ، ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكىلا قارىتىلىپ قېلىۋاتىدۇ . ھەتتا ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنى ئاساسەن << بەختسىز >> بولۇپ قالدى دەپ ئاتاۋاتىدۇ . مېنىڭچە بۇ تۇرمۇشتىكى مەغلۇبىيەت، ھەرگىزمۇ بەختسىزلىك ئەمەس ، مانا مەن ھازىرقى ئەرنىڭ قولىدىكى ھالىمدىن ئاجرىشىپ كەتسەم يالغۇز ياشاشنى ئۆزۈم ئۈچۈن بەخت دەپ قارايمەن . مېنىڭچە بەخت دىگەن ئادەمنىڭ كۆڭلى خوش بولغان ، كۆڭلى سۇ ئىچكەن ئىشلارنى قىلىپ ئۆزىگە خوشاللىق تېپىش . نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مەن كۆڭۈلسىز تۇرمۇشىمدىن قۇتۇلسام ، خىيالىمدا سۇبات بىلەن رىياللىقىمدا قەلىمىم ماڭا ھەمرا بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم . چۈنكى مەن يالغۇز ئەمەس قەلبىمدە ئۆزۈم تاللاپ ، چۈشۈنۈپ سۆيگەن ئادىمىم بار . مېنىڭچە ئەڭ چوڭ ئازاپ ، كۆڭلىدە چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادىمى بولماسلىق ، ئۆزىنىمۇ سۆيدۈرەلمەسلىك ، تەڭرىنىڭ شاپائىتى بىلەن ماڭا يەنە بىر مەسئۇلىيەت ئارتىلدى . ئاياللار ئۈچۈن ئانا بولۇشمۇ كىچىك بەخت ئەمەس ، مەن ھەيرانمەن باشقىلار ھىچقانداق قۇربان بەرمەيلا ئېرىشىدىغان نېسىۋىلەرگە مەن ناھايىتى تەستە ، كۆپ ئەجىرلەردىن كېيىن ئېرىشىمەن . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىنمۇ بىرىنچى قېتىملىق نەتىجەمنى باشقىلارغا ئالماشتۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ، مېنىڭ نەتىجەمگە باشقا بىرسى ئالىي مەكتەپكە كېتىپ ، مەن مايتاغ تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق قايتا ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئۇقۇغۇچى بولۇپ قالغان ئىدىم . شۇ چاغلاردا خىزمەتكە ئورۇنلىشىشمۇ ناھايىتى ئاسان ئىدى ، شۇڭا مېنىڭ قايتا ئىمتىھان بېرىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ مېنى << نىمانچە ئەخمەق >> دەپ كۈلۈشكەنلەرمۇ بولغان . ئەمما مەن چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشۇم كېرەك دەپ ئالدىمغا قاراپ كېتىۋەرگەن ئىدىم . ئاخىرى ئاللاھ مېنىڭ ئەقىدەمدىن تەسىرلەندىمۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم ، ھەتتا ئۆزۈم سۆيىدىغان ئەدەببىيات كەسپىدە ئوقۇدۇم . مۇھەببەت تارىخىمدىمۇ ماڭا شۇنداق ياخشى ئەقىللىق يىگىتلەر ئۇچراشتى . ئەمما ھامان ئۇلارنى مەندىنمۇ بەك سۆيىدىغان پىداكار قىز پەيدا بولۇپ قالدى . سۇباتنى مەن شۇنداق ئىشلاردىن مۇستەسنا دەپ يۈرسەم ، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزدا ئازراق ئوڭۇشسىزلىق بولىشىغىلا ، مېنىڭ بەش يىل بىر سىنىپتا ئوقۇپ ، بىر ياتاقتا بىر ناننى تالىشىپ يىگەن ، رەھىمە بىر يۇرتلۇق بولغىنى ئۈچۈنلا سۇباتنى بەختلىك قىلالايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى . تەغدىر دىگەن سەن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدىغان رىئاللىق ئىكەن . ئانا بولۇشقا كەلسەك ، مەن بەش – ئالتە ئاي قوساق كۆتۈرۈپ ، ئاش – نان يىيەلمەي سېزىك تارتىپ ، ئاچچىق تولغاقلارنى يەپمۇ ئېرىشەلمىگەن بالىغا ، جان – جىگەر دوستۇمنىڭ پاجىئەلىك تەغدىرى نەتىجىسىدىن كېيىن مۇنۇ سۆيۈملۈك پەرىشتەمگە ئانا بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتىم . مانا بۇ مەن ئۈچۈن تەستە قولغا كەلگەن بەخت ! مەن ئەمدى مۇشۇ بەختىمگە شۈكرى قىلىپ مېھرىبان ھەم مەسئۇلىيەتچان ئانا بولۇشقا تىرىشىمەن ، — دىدىم قۇچىقىمدىكى دىلنىگارغا مېھرىم بىلەن تەلمۈرۈپ قاراپ . چولپان مېنى بەك تەسىرلەندۈردىڭ ، مەن سېنى ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى ئوقۇغۇچى چاغلىرىمىزدىكى ئاق كۆڭۈل ، كۆڭلى – كۆكسى كەڭ ،ئەمما كۆڭلى بەك نازۇك چولپان دەپلا يۈرۈپتىمەن . << بەختسىزلىك ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپ >> دىگەنگە ئىشەندىم . سېنى بۇ ئون يىل ئالاھىدە تاۋلاپتۇ . سەن شۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا باشقا بىر ئايالنىڭ ( دوستۇڭ بولسىمۇ ) باغرىنى يېرىپ چىققان بالىسىنى باغرىڭغا قىزىم دەپ باسالىغىنىڭنىڭ ئۆزىلا سېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭنى چوقۇم خوشال ھەم بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزەلەيدىغىنىڭنى چۈشەندۈرىدۇ . چۈنكى كۆڭلى – كۆكسى كەڭ ، مېھرىبان ئادەم ئۆزىگە كەلگەن خوشاللىقنىمۇ ، ئازاپلارنىمۇ قوبۇل قىلالايدۇ ، شۈكرى قانائەتچان كېلىدۇ — دىدى خەدىچە كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ .— مېنى سەندەك چۈشىنىدىغان يەنە بىرسى يوق ، — دىدىم مەنمۇ كۆزلىرىمدىكى ياشنى سۈرتكەچ .— ياق خاتالاشتىڭ ، سېنى يەنىلا سۇبات بەك چۈشىنىدىكەن — دىدى خەدىچە سەل تىترىگەن ئاۋازدا .— نىمە دىمەكچى سەن ؟— ئاخشام چىمەننىڭ قىزىنى ساڭا بەرگۈسى بارلىقىنى بىلىپ بىز ھەممىمىز ئارىسالدا قالدۇق ، سېنى ئۇنىماي قالارمۇ دەپ ئەنسىرىدۇق . ئەمما سۇبات شۇ يەردىلا چىمەنگە << چىمەن سەن بەك توغرا ئويلاپسەن ، ئۇ شۇنداق كەڭ قورساق ، شۇنداق مېھرىبانكى ، چولپاننىڭ ھېلىغۇ بالىسى يوقكەن ، بالىسى بولغان ھالەتتىمۇ سېنىڭ قىزىڭنى يەنە ئۆز قىزىدەك باغرىغا باسىدۇ >> دىگەن ئىدى .خەدىچەنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان شۇ دەقىقىدە ئىسسىق بىر ئېقىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تارىدى . يۈرىكىم ئېيتقۇسىز بىر بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى . ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە ماڭا شۇنچە گۈزەل ، شۇنچە سۆيۈملىك كۆرۈندى . ئىچىمدە مېنى شۇ دەرىجىدە چۈشەنگەن سۇباتىم بىلەن بىر ئۆمۈر خىيالىمدا روھىمىز بىلەن بىرگە ياشاشنى قەسەم قىلدىم .دوختۇرنىڭ << ئەمدى كېسەلنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ئاخىرەتلىك تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈڭلار >> دىگەن سۆزىدىن كېيىن چىمەننى خەدىچەنىڭ ئۆيىگە ئەپچىقىۋالدۇق . ئۈرۈمچىدىكى ئون نەچچە ساۋاقداشنىڭ ھەممىسى خەدىچەنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئوغۇللارنىڭ سىرتتىكى ئىشلارنىڭ تەييارلىقىغا چۈشتى . بىز قىزلار تەييارلىقنى نىمىدىن باشلاشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ ، خەدىچە بىرەر چوڭراق قوشنىسىدىن سوراي دەپ تۇراتتى . ئىشىك چېكىلىپ ، خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ، بىز بەش يىل بىر سىنىپتا ئوقۇپ ، بىر ياتاقتا ياتقان جانجىگەر دوستىمىز زۇمرەت يىغلىغىنىچە كىرىپ كەلدى ، بىز ئۈنسىز يىغلىشىپ دىدارلاشتۇق . ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئوقۇپ ، شۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتاتتى .— سېنى ئالاھ يەتكۈزدىغۇ بىزگە ، قاچان كەلگەن ئىدىڭ — دىدى خەدىچە يىغلاپ تۇرۇپ .— بايىلا ئايرۇپىلاندىن چۈشىشىم ، ئاپام تېلىفۇندا چىمەننىڭ ئەھۋالىنى دىگەن ئىدى ،ئاللاھ كەچۈرسۇن مېنى قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمىدىم . تەقدىرگە تەن بەرگۈم كەلمىگەندەك ، شۇ كۈنىلا ماڭماقچى بولغان ئىدىم ، بىراق ئۇ كۈنى ئايرۇپىلان بولمىغاچقا بىر كېچە كۆزۈم ئوچۇق تاڭ ئاتقۇزدۇم …— سېنى كېلىپ قالدىمىكىن دەپ چوڭ ئۆيۈڭگە تېلىفۇن قىلسام ، سەن كەلمەپسەن ، شۇڭا ئاپاڭغا بىرەر قۇر ئەھۋالنى دەپ قويغان ئىدىم ، ئۆزۈممۇ ساڭا تېلىفۇن قىلارمەن دەپ ئويلىغان ئەمما بۇ ئارقا – ئارقىدىن كەلگەن تۇيۇقسىز ئىشلار بىلەن ھودۇقۇپلا قالدىم — دىدى ىەدىچە .— ئاپامغا دەپ بولسىمۇ ياخشى قىلىپسەن ، بولمىسا سىلەردىن رەنجىپ قالاتتىم . بۇ ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار ئىش ئەمەسمۇ ؟— باللىرىڭنىمۇ ئېلىپ كەلدىڭمۇ ؟ مەردانىمۇ كەلدىمۇ ؟ — بىز تەرەپ – تەرەپتىن سۇئال سورايتتۇق .— كەلدى ، بالىلارمۇ تەتىل بولغان ، ئېلىپلا كەلدۇق . مەن ئاۋال چىمەننى كۆرۈپ چىقايمۇ ؟ زۇمرەت چىمەننىڭ يېنىغا كىرگەندە ، چىمەن كۆزلىرىنى غۇۋا ئېچىپ ياتاتتى .— چىمەن ، قانداقراق تۇرىسەن ؟ قارا مەن سېنى سېغىنىپ كەلدىم ، — دىدى زۇمرەتمۇ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا چىمەننىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ .— رەھمەت ئاداش ، ئازراقلا كېچىككەن بولساڭ مېنىمۇ كۆرەلمەيتتىڭ ، رەھمەت ، سەن دىليار بىلەن تېلىفۇندا سۆزلەشكەن بىلەن كۆزۈڭ بىبلەن كۆرمىگەنتىڭ ، ئۇ بەك ئەقىللىق ، بەك چىرايلىق خۇددى دادىسىدەكلا چىرايلىق چوڭ بولغان ئىدى … مەن چىدىماي قالدىم … چىمەننىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلار كۆزلىرىنىڭ جىيەكلىرىدىن ساقىپ قۇلاقلىرىغا قۇيۇلاتتى .— چىمەن ، مەن ساڭا ئەرەب خەلىپىلىكىدە بولغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي ئاڭلىغۇڭ بارمۇ ؟ — دىدى زۇمرەت چىمەننىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ .— مېنى يۆلەڭلار ، مەن سېنى بەك سېغىنغانتىم ، گەپلىرىڭنى بەك ئاڭلىغۇم بار ، ھېلىقى 324-ياتاقتىكى چاغلىرىمىزنى بەك ئەسلەيمەن . قېنى سۆزلە پاراڭلىرىڭنى ئاڭلىۋالاي ! …— زۇمرەت ، چىمەن سېنى كۆرۈپ خېلىلا جانلىنىپ قالدى ، قېنى پاراڭ سېلىپ بەرگىنە ؟ — دىدىم مەنمۇ ئاخشامنىڭياقى خىرە كۆزىنى ئېچىپ ھېچنىمە خوشياقمىغاندەك ياتقان چىمەننىڭ چىرايلىرىدىكى سۇس تەبەسسۈمنى كۆرۈپ .— مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بارغان بىرىنچى يىلىم مېنىڭ بىر قوشنامغا شۇنداق قوش مۇسىبەت كەلدى . ئۇنىڭ دۇنيالىقتا بىر قىزى بىلەن بىر ئوغلى بولۇپ ، قىزىنى سۈرىيەگە ياتلىق قىلغان ئىكەن . مەن قوشنا بولۇپ بارغاندا شۇ قىزى تۇغۇتلىق ئىكەندۇق . قىزىنىڭ قىرىقى توشۇپ سۈرىيەگە يولغا سېلىپ قويماقچى بولۇپ ئوغلى ھەدىسىنى ، بوۋاقنى ماشىنىدا ئايروپورتقا ئېلىپ كېتىۋېتىپ ، ماشىنا ھادىسىسىدە بىراقلا قازا قىپتۇ . مەكتەپتىن كەلسەم قوشنىلار شۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى . مەن قوشنامنى كۆرگىچە قوشنامنى قانداق ھالەتتە كۆرۈشۈمنى تەسەۋۋۇر قىلالماستىن يامغۇردەك تۆكۈلۈپ كىرسەم ، قوشنام ئۈنسىز ياش تۆكۈپ ، كىرگەن پەتىچىلەرنىڭ تەسەللىسىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتۇ . قوشنامنىڭ كۆزلىرىدىن يامغۇردەك تۆكۈلىۋاتقان ياشلارغا قاراپ ، ئىچىمدە ۋارقىراپ بىر يىغلىۋەتسىچۇ ؟ دەپ كەتتىم . ئەمما قوشنام كۆزلىرىدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلارغىمۇ خىجالەت بولىۋاتقاندەك لىچىكىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ << ئەلھۆكمۇلىللا ، ئاللاھ ئۆزى بېرىپ ، ئۆزى ئەكەتتى ، شۈكۈر بالىلىرىمنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى بەرسۇن >> دىدى .ئۆيگە قايتىپ چىققاندىن كېيىنمۇ بۇ ئىش ماڭا بەك تەسىر قىلدى . مېنىڭ شۇ چاغدىكى خىيالىمدا بولسا ئۇ ئانا ئاللا – كاللا دەپ قوشاق قېتىپ ، ھازا ئېچىپ نەچچە ھۇشىدىن كېتىشى كېرەك ئىدى . ئەتىسى مەكتەپكە بارغاندا پارتىداش ساۋاقدىشىم ئەرەب چوكاندىن سورىدىم ، ھەمدە بىزنىڭ ۋەتەندە بولىدىغان ھازىلارنى چۈشەندۈردۈم . ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ : ماڭا مۇنداق بىر ھەدىسىنى سۆزلەپ بەردى ، << بىزنىڭ ئىسلام تارىخىمىزدا بىر دانىشمەن ئايال ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇ ئۆلۈمدەك سالمىقى ئېغىر بۇ تېمىغا ناھايىتى ئىخچام قىلىپ مۇنداق جاۋاپ بەرگەچكە تارىخ بەتلىرىدە تەكرار – تەكرار پۈتۈلگەنكەن . بۇ دانىشمەن ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خادىمى ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ ئانىسى رۇمەيسە بولۇپ ، ئۇ ئىككىنچى قېتىم ئەنسارلاردىن بولغان ئەبۇ تەلھەگە ياتلىق بولغان . بىر قېتىم ئەبۇ تەلھەنىڭ كىچىك ئوغلى ئاغرىپ ياتقاندا ئەبۇ تەلھە سەپەرگە چىقىپ كېتىپتۇ . ئوغلىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ كېتىپ دادىسى كەلگىچە ئۆلۈپ كېتىپتۇ . رۇمەيسە ئۆيدىكىلەرگە ئەبۇ تەلھەگە بۇ خەۋەرنى ئۆزى ئېيتىدىغانلىقىنى ھەممىسىنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى تاپىلاپتۇ . رۇمەيسە ياسىنىپ – تارىنىپ ئەبۇ تەلھەنى كۈتۈۋاپتۇ ھەم ئالدىغا تاماق كەلتۈرۈپتۇ . ئەبۇ تەلھە ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا ، رۇمەيسە : << ئۇ ئەڭ تېنچ ھەم ياخشى ھالەتتە >> دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . ئەبۇ تەلھە بۇنى ئوغلۇم ھازىر ياخشىلىنىپ قاپتۇ دەپ چۈشۈنۈپتۇ . ئۇ كېچە ئىككىسى بىللە بوپتۇ ، ئەتىسى رۇمەيسە ئېرىگە : پۇكۇنى ئادەم پۇستانى قەبىلىدىكى ئادەملەرگە مەلۇم ۋاقىت مېلىنى ئىشلىتىپ تۇرۇشقا ئامانەت قويۇپتىكەن ، ئۇلار مالنى ئىشلىتىپتۇ ؛ بەھرىمان بولۇپتۇ ، مۆھلەت توشقاندا مال ئىگىسى مالنى قايتۇرۇشنى سوراپتىكەن ئۇلار بەرگىلى ئۇنىماپتۇ >> دەپتۇ . ئەبۇ تەلھە : << دۇنيادا شۇنداقمۇ يولسىزلىق بارمىكەن ، ئارىيەت ئالغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ئەقەللى قائىدى تۇرسا >> دەپتىكەن ، رۇمەيسە : << ئوغلىمىزمۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتى ئىدى ، جان ئىگىسى بولغان ئاللاھ ئامانىتىنى ئالدى >> دەپتۇ . بۇ شۇم خەۋەردىن ئەبۇ تەلھە قاتتىق قايغۇرۇپتۇ ۋە : << ئىنسان دىگەن شۇنداق بىرەر مۇسىبەت يەتكەندە ، سەن ئېيتقان ھەقىققەتنى ئۇنتۇپ قېلىپ ، ئاللا – توۋا كۆتۈرىدۇ . سېنىڭ سۆزۈڭ ماڭا سەۋرى ئاتا قىلدى ، شۇڭا مەن پەقەتلا ئاللاھ قۇرئاندا ئېيتقان : << بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز ، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز دەيمەن >> دەپتۇ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنڭ ھوزۇرىغا بېرىپ ئەھۋالنى بايان قىپتۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇمەيسەنىڭ ئاقىلانىلىقىدىن ، ئەبۇ تەلھەنىڭ سەۋرىدىن خۇرسەن بولۇپ ، ئىككىسىنىڭ شۇ كېچىسىگە بەركەت تىلەپ دۇئا قىلىپتۇ .پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتى بىلەن رۇمەيسە ھامىلدار بولۇپ ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ ئىسمىنى ئابدۇللا قويۇپتۇ . ئابدۇللاھ تەقۋادارلىقى ۋە باتۇرلىقى بىلەن زور شەرەپكە ئىگە بولۇپ ، ئون ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇپتۇ . >> مەن بۇ ھەدىستىن شۇنى چۈشەندىمكى ، ئاللاھ بىز بەندىلىرىنىڭ شۈكۈر قانائەتچان ، بەردەم بولىشىمىزنى خالايدىكەن . ئاللاھ : << شۈكۈر قىلساڭ ماڭا ، يەنە بېرەي ساڭا >> دىگەنكەن . شۇڭا دوستۇم شۈكۈر قىلغىن ، ھېلىمۇ ياخشى ئوغلۇڭ سېنىڭ قولۇڭدا جان ئۈزۈپتۇ ، ئاخىرەتلىكلىرىنى ئۆز قولۇڭدا ئورۇنداپسەن ، سەن كۆرمەستە خەقنىڭ يۇرتىدا كوچىلاردا جەسىتى قالسا قانداق قىلاتتىڭ ؟ سەن ئاق كۆڭۈل ۋاپادار ئانا بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بالاڭنى ئاخىرقى تىنىقىدا بولسىمۇ سەن بىلەن دىدارلاشتۇرۇپتۇ ، ئوغلۇڭنى تۇققان چېغىڭدا تازا خوش بولغان بولغىيتىڭ ؟ ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتقىن . زۇمرەتنىڭ ناھايىت يۇمشاق ئاھاڭدا بەرگەن تەسەللىلىرى چىمەننىلا ئەمەس ھەممىمىزنى تەسىرلەندۈردى ھەم تەسەللى بولدى .زۇمرەت ، مېنىڭ ئاتا – بوۋام ئىمانى بار ، ئېتىقادى كزچلۈك مۇسۇلمان ئىدى . ئەمما مەن مۇسۇلمانلىق بۇرچىلىرىمنى ئادا قىلىپ بولالمىدىم ، ئىشىك تۈۋىمگە ئەزرائىل كەلگەندە بولسىمۇ توۋا قىلاي ، بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن ، ماڭا كىچىكىمدە ئانام ناماز ئوقۇشنى ئۈگەتكەن بولسىمۇ ئوقۇشقا كېلىپ ناماز ئوقۇيالمىدىم … شۇ تاپتا بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن . ماڭا شاھادەت ئوقۇپ بەرگىن ، ئىمان ئېيتىپ …— چىمەننىڭ ئاۋازلىرى پەسلەپ كېتىۋاتاتتى .زۇمرەت تەرەتلىرىنى ئېلىپ كېرىپ چىمەننىڭ باش تەرىپىدە ئولتۇرۇپ بوز ئاۋازدا :— چىمەن ، ئاللاھ رەھمەت قىلغۇچى ، تۆۋە قىلغانلارنىڭ تۆۋىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئىشىكلىرىنى ئاچىدۇ ، بىز ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز ، ئەمما قاچان ، قەيەردە كېتىدىغانلىقىمىزنى ئاللاھ ئۆزىلا بىلىدۇ ، ماڭا ئەگەشكىن ، ئىمان يېڭىلايمىز . << بىسمىللاھىر – رەھمانىر – رەھىم … >> چىمەن زۇمرەتكە ئەگىشىپ ئاغزىنى مىدىرلىتىۋاتقىنى بىلەن ئايەتلەرنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالمايۋاتاتتى .— ئۇسساپ كەتتىم ، ئۇسساپ … چىمەن بوش ئاۋازدا ئېڭىرىدى.— ئاغزىڭنى ئاچقىن ، مانا ياسىن دېمىدىسى سېنىڭ تەشنالىقىڭنى قاندۇرسۇن ، بىسمىللاھىر رەھمانىر – رەھىم !چىمەن تەكلىماكاننىڭ چۆللىكىدە ئۇسسىز قالغان ئادەمدەك ياسىننى دىمىدىسىنى چاكىلداپ تۇرۇپ بەش – ئالتە يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن سەل ئارام ئالغاندەك بولۇپ زۇمرەتكە لەپپىدى قاراپ :— سېنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، ئەمدى ياسىننى ئوقىغىن ، ياسىننى ئاڭلاي — دىدى بوشلا .— خەدىچە ، ئۆيدە قۇرئام بارمۇ ؟ — دەپ سورىدى زۇمرەت .— بار ئاچىقايمۇ ؟— ئۆيۈڭدە قۇرئان ساقلىغىنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، تېز ئەپچىققىن ، — دىدى زۇمرەت .
ئەگەر داۋامىغا قىزىقسىڭىز ئاياللار دۇنياسى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: ayal888) غا z4 نى قايتۇرۇپ كۆرۈڭ!تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قىزلار نېمە ئۈچۈن تۇنجى يىگىتىنى ئۇنتۇيالمايدۇ؟
2015-12-08 12:10:535838نېمە ئۈچۈن جىنسىي يول ياللۇغى بولسا تاشقى جىنسىي
2015-12-11 20:54:032096ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەردىن مۇھىم ئۇزۇ
2015-08-06 01:45:563781بېلىق مېيىنىڭ خاسىيەتلىك رولى
2015-12-07 16:19:073817ئېرىڭىزنىڭ مۇنداق سەۋەنلىكلىرنى ئەپۇ قىلىڭ
2016-02-03 19:09:573437ئەرلەر نەزىرىدىكى ياخشى ئايال
2015-12-21 16:38:002190قىزلارغا 100 نەسىھەت: بىرىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:52:165179ھۆرمەتلىنىش دەسمايىڭىزنى ئۆلچەپ بىقىڭ
2015-12-15 18:32:302964
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-