بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولامدۇ؟
-
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 5942 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولامدۇ؟
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇئەييەن چەك ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپتە فىزىئولوگىيەلىك ۋە پسىخولوگىيەلىك ئېھتىياج تۈپەيلى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە جىنسىي ھەۋەس پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ تەبىئىيىتى ۋە ئېھتىياجىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئىناق جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە قايناق مېھرى-مۇھەببەت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببەت، ھېسىياتنى زىيادە قىلىدۇ.
ئەمما، ئادەتتە ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاياللاردا بىرقاتار فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈپ، يېڭى تۆرەلگەن پەرزەنتىگە زىيادە مېھرى- مۇھەببەت بېغىشلايدىغانلىقى ئۈچۈن، جىنسىي ھەۋىسىدە سۇسلاش كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئەر تەرەپتە بولسا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئەر-ئاياللار ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، بىر-بىرىگە غەمخورلۇق قىلىشى، بولۇپمۇ ئەر بولغۇچى ئايالىنى بەكمۇ ئاياپ ئاسرىشى لازىم. ئەر-خوتۇنلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بەزى جىنسىي تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئانا-بالىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ئاساسىدا، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى گۈزەل مەنالارغا تويۇندۇرىشى كېرەك.
1. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيى ۋە ئاخىرقى 1 ئېيى ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى بۇ مەزگىلدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، زەكەرنىڭ بالىياتقۇ بوينىنى غىدىقلىشى بىلەن مەنى سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى پروستاگلاندىن ماددىسىنىڭ ئايالنىڭ تېنىگە كىرىشى بالىياتقۇنىڭ قورۇلۇپ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، تۆرەلمە قېپى يېرىلىپ كېتىشنى ھەمدە باكتېرىيىلىك يۇقۇنلىنىش، تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئېغىر يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
2. ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ئېيىدىن تاكى 9-ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ قېتىم سانى بىلەن ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە ئايدا 2-1 قېتىم، ھەرىكەت سىلىق بولۇشى، بەك كۈچەپ كەتمەسلىك لازىم. ئەر تەرەپ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىلگىرى ئايالىنى كۆپرەك پەپىلەپ، ئەيۋاشقا كەلتۈرۈپ، جىنسىي ھەۋىسىنى ئويغاتقاندىن كېيىن ئاندىن بىرگە بولۇش ياخشىراق.
3. جىنىسي مۇناسىۋەت ئالدى-كەينىدە تازىلىققا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بولۇپمۇ ئەركىشى جىنسىي ئەزايىنىڭ تازلىقىغا بەك دىققەت قىلىشى، ئىمكانىيەت بولسا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىپ، باكتېرىيەلەرنىڭ ئايالىنىڭ تېنىگە كىرىپ كېتىپ، بىھۇدە ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
4. ھامىلىدارلىق ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، بالىياتقۇ يوغىناپ، ئاياللارنىڭ قورسقى چىقىشقا باشلايدۇ. بولۇپمۇ 6 ئايلىقتىن كېيىن تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. بۇ چاغلاردىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئايال كىشىنىڭ قورسىقى بېسىمغا ئۇچرىماسلىقى شەرت. شۇڭا، ئايال كىشى ئۈستىدە ئەركىشى ئاستىدا بولغان تەرىزدە بىرگە بولسا ياخشىراق.
5. ئىككى قات ئاياللاردا ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ باشقا كېسەللىكلەر بولسا ( مەسىلەن قان بېسىمى، يۈرەك كېسەللىكى دېگەنگە ئوخشاش )، بۇ خىل ئەھۋالدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس. جىنسىي مۇناسىۋەت بۇ خىل ئاياللارنىڭ يۈرەك سوقۇشى ۋە نەپىسىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمىنى شىددەت بىلەن ئۆرلىتىپ، كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن
مەنبە: دورىخانا سالونى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالماڭ
2016-02-05 18:18:493472زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (5)
2014-11-16 14:18:033609ئاياللار ئەقىللىق ، ئەمما ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇ
2015-10-25 11:49:321937ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆزىڭىزگە مايىل قىلىشقا سەل قارىما
2015-12-10 19:35:253163قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 1-سان
2016-03-19 20:22:031275كۆك چاينىڭ ئاياللارغا ۋە تېرىگە بولغان شىپالىق ر
2016-01-18 17:14:221708ئاياللار چىرايلىق بولغاندىن كۆرە چىرايلىق ياشىغا
2015-08-18 12:23:542159ئاياللار بۆلۈمىدە كۆپ كۆرىلىدىغان ياللۇغلىنىشلىق
2015-11-12 18:46:001903
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-