بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يېرىم كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللار
-
يېرىم كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللار
ۋاقتى: 2016-07-12 ئاۋاتلىقى: 2162 قېتىميانفوندا كۆرۈش
يېرىم كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللار
تورغا چىقىدىغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە خىزمەت ئېھتىياجى ياكى پەقەت قىززىق بىلىنىپ چىقىدىغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپ قىسمىنىڭ ئازدۇر- كۆپتۇر يۈرەك سىرلىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ دائىم يېرىم كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللارنىڭ ھېچكىمگە تىنمىغان غېرىپ سىرلىرى تېخىمۇ كۆپتۇر.
بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ بەكمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىشى ناتايىن... بەلكىم ئۆزى تەسەللىي تاپقۇدەك، ئىشەنگۈدەك چىرايى بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلار نازۇك ھېسسىياتلارغا باي كېلىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا ئۇلار بەلكىم ئازدۇر - كۆپتۇر نەتىجە قازانغان بولۇشى، تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا شەرەندازلاردىن بولۇشى، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە قابىل ئايال سانالغانلار بولۇشى مۈمكىن. دوستلىرى ئارىسىدا ئۇلار قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان، يۈز- ئابرويلۇق ئاياللاردىن بولۇشى مۈمكىن. قارىماققا ئۇلار تۇرمۇشتا قەيسەر ئاياللار قاتارىدا سانىلىپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان ئاياللار بولۇشى مۈمكىن.
پەقەت يېرىم كېچە بولۇپ، جاھان تىمتاسلىققا چۆككەندىلا.... ئۇلار ھارغىن ھالدا، ئەينەكتىكى خىرە چىرايىغا ئۇھسىنىپ قاراپ، ئۈستىدىكى «قەيسەر » لىك كىيىملىرىنى يېشىپ، ئېكران ئالدىدا، كۇنۇبكا تاختىسىغا قاراپ، تورغا... توردىكى ئىرماش- چىرماش ناتونۇش ئىسىملارغا ئۆزىنىڭ يۈرەك سىرلىرىنى... غېرىپ تۇيغۇلىرىنى تۆكۈشكە باشلايدۇ.
ئۇلار شۇنداق نازۇككىن... نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىنىپ بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ تۆككەن ياشلارنى بەلكىم ھېچكىم كۆرمىگەن بولۇشى مۈمكىن. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولسىمۇ بەلكىم باشقىلار ھېس قىلمىغان بولۇشى مۈمكىن.
ئەمما.... ئۇلار قەلب دەرۋازىسىنى ئىشىكلىرىنى ساڭا ئاچقان چېغىدا، سەن شۇنچىۋالا قەيسەرلىكنىڭ تېگىدە شۇنچىۋالا ئاجىز، دەرتلىك يۈرەكلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە بايقايسەن... سەن ئۆزەڭنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا.. ئۇلارغا كۆيۈنىسەن... ئىللىق مېھرىڭنى بېرىسەن... ئۇنى ئۆزەڭمۇ ھېس قىلمىغان ھالدا ھىمايا قىلغۇڭ كېلىدىغان بولۇپ قالىسەن....
شۇنىڭ بىلەن سەن... ئېھتىيات بىلەن، ئۇلار بىخەتەر ھېس قىلغۇدەك مەلۇم ئارىلىقنى ساقلاپ، ئۇلارغا خوشاللىق ئاتا قىلىشقا ... ئۇزۇن كېچىلەردە ئۇلارنى غېرىپلىق ھېس قىلدۇرماسلىققا تىرىشىسەن...
يېرىم كېچىدە تورغا چىققان ئاياللار يىگانە ھېس- تۇيغۇلارنىڭ، نۇرغۇن ھېكايىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇلار رېستۇران، قاۋاقخانىلارغا بېرىپمۇ كەتمەيدۇ... ئالا-يېشىل چىراقلار، ئەسەبىي مۇزىكىلار بىلەن ئىچىنى بوشىتىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار سۈنئىي ئىچ ئاغرىتىشلارغا ئەمەس ھەقىقىي دوستلۇققا مۇھتاج. شۇڭلاشقا ئۇلار بېكىنىۋېلىشنى تاللىغان. ئۇلار پۈتۈن قەلب سىرلىرىنى تورغا.... ئىرماش- چىرماش قۇرلار ئارىسىغا تۆكۈۋېتىپ، ئاندىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ھايات مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلاردۇر
مەنبە: جىنسىيەت سالونىتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بوۋاقلارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى ۋە ماتكىسىنىڭ ق
2015-10-07 12:53:262644ئەرلەرنى 7 تىپقا بۆلۈنىدۇ دەيدۇ، ئېرىڭىز قايسى ت
2015-12-02 05:19:241636ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆزىڭىزگە مايىل قىلىشقا سەل قارىما
2015-12-10 19:35:253141ئاياللار شىپالىق دورا
8766سائەت ئىلگىرى2561قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 6-سان
2016-03-19 20:25:374177ئاياللار بەك ئاقكۆڭۈل بولۇپ كەتمەڭ ، باشقىلار بو
2016-01-12 17:14:323612ئاياللاردىكى بەش چوڭ ئەڭگۈشتەر
2015-08-19 12:04:217084ئەرلەرنى ھەقىقىي مەھلىيا قىلىدىغىنى بۇ 8 خىل ئاي
2015-12-29 18:11:512617
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-